Jump to content

ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

ئورنى Wikipedia

ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئورنى)

ئەدەبىيات—تىل سەنئىتى، تىلدىن مۇستەسنا ئەدەبىيات مەۋجۇد بولمايدۇ، ئەدەبىي تىل تەتقىق قىلىنمىسا، مۇكەممەل ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىقمۇ مەۋجۇد بولمايدۇ. شۇڭا ئەدەبىياتشۇناسلىق تىل تەتقىقاتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەدەبىي تىل ئىلىم ساھەسىدە كەڭ ۋە تار مەنىدە قوللىنىلىپ، كەڭ مەنىدە قېلىپلاشقان يازما تىلنى كۆرسەتسە، تار مەنىدە شېئىر، نەسىر، پروزا، تىياتر ئەدەبىياتى قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر (ئېغىز ئەدەبىياتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ تىلىنى كۆرسىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، كەڭ مەنىدىكى ئەدەبىي تىل تار مەنىدىكى ئەدەبىي تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر بۇنداق ئىككى خىل ئەدەبىي تىلنى ئېنىق پەرقلەندۈرمەستىن، ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ مۇلاھىزە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئوخشاش بىر نەرسە دەپ قارايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب تارىختا دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئىلمىي ئەسەرلەر كەسكىن پەرقلەندۈرۈلمىگەنىدى، كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەدەبىيات شەكلىدە (ئەدەبىي ئەسەر شەكلىدە) يېزىلىپ ئەدەبىيات تېخى باشقا بىلىملەردىن تولۇق ئايرىلىپ چىقمىغانىدى، ھىچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە شۇنداق ئىدى. دۇنيا ئەدەبىياتشۇناسلىق تارىخىدا نۇرغۇنلىغان ئەدەبىياتشۇناسلار، تىلشۇناسلار ۋە ئالىملار تىلنىڭ ئېپىستىمولوگىيىلىك، ئېستېتىكىلىق، پسىخولوگىيىلىك قىممىتى ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، كەڭ مەنىدىكى ئەدەبىي تىل بىلەن تار مەنىدىكى ئەدەبىي تىلنى پەرقلەندۈردى، تار مەنىدىكى ئەدەبىي تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى كەڭ مەنىدىكى ئەدەبىي تىل نۇقتىسىدىن شەرھلىدى. قىممەتلىك نەزەرىيە ۋە ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىققا زور تۆھپە قوشتى. شۇڭا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتىنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ، ئەدەبىياتشۇناسلىقنى مەنىنىڭ ۋاسىتىسى بولغان تىل قاتلىمىغا جەلپ قىلدى، ئەدەبىياتنى تىلشۇناسلىق ئەندىزىسى بويىچە تەتقىق قىلىدىغان ئەدەبىيات تىلشۇناسلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەمدىكى ئىچكى كەچۈرمىشلەر ۋە ھاياتىي تۇيغۇلارنى تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق كونكرېت مەنزىرىلەر ۋە پېرسوناژلارغا مۇقىملاشتۇردى، ئەدەبىياتنى ھەقىقىي تىل سەئىتىگە ئايلاندۇردى. مەشھۇر تىلشۇناس رومان ياكوبسون: «ھازىرقى زاماندا تىلشۇناسلىقتىن خەۋەرسىز ئەدىبلەر ۋە ئەدەبىياتتىن خەۋەرسىز تىلشۇناسلار ئوخشاشلا دەۋر تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەدەبىيات تىلشۇناسلىقى ئەدەبىياتتىكى تىل مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش، ئەدەبىياتنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇ- رۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەدەبىيات تىلشۇناسلىقى ھازىرقى زامان گۇمانىتار پەنلەر ئىچىدىكى كېسىشمە پەن بولۇپ، ئەدەبىياتشۇناسلىق بىلەن تىلشۇناسلىقنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ.

ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئەدەبىياتنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلار بويىچە تەتقىق قىلىپ، نۇرغۇن تارماق پەنلەرنى شەكىللەندۈردى. ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى پەلسەپە نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ، ئەدەبىيات پەلسەپىسىنى ئاپىرىدە قىلدى، ئەدەبىي پائالىيەتلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ، ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى (ئەدەبىيات سوتسولوگىيىسى)نى شەكىللەندۈردى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ھۇزۇرلىنىش جەريانىدىكى پسىخىك پائالىيەتلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەدەبىيات پسىخولوگىيىسى مەيدانغا كەلدى، ئەدەبىياتتىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن (يەنى ئەدەبىيات بىرخىل تىل قۇرۇلمىسى دېگەن قاراش بويىچە) تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەدەبىيات تىلشۇناسلىقىنى روياپقا چىقاردى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەدەبىيات تىلشۇناسلىقى ئەدەبىياتنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئەدەبىيات پەلسەپىسى، ئەدەبىيات پسىخولوگىيىسى، ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى بىلەن بىر قاتاردا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىن ھەقىقىي گۈللەپ ياشناش دەۋرىگە كىردى، 20 نەچچە يىل مابەينىدە 100 دىن ئارتۇق رومان، 500 دىن ئارتۇق پوۋېست، ھېكايىلەر توپلاملىرى ۋە شېئىر، نەسىرلەر توپلاملىرى نەشر قىلىنىپ، سان جەھەتتىن بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى. گەرچە بۇ ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ھەر جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن، نوپۇسىمىزغا سېلىشتۇرغاندا سانىنى جىق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ھەرھالدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ دەماللىققا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئەمما، كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياج يازغۇچى- شائىرلاردىن سۈپەتلىك، نادىر ئەسەرلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقان، بازار ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت قاينىمى «ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاش»قا مەجبۇر قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يازغۇچى- شائىرلار ھەقىقەتەنمۇ بېشىنى سىلكىۋەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ھازىرقى يازغۇچى- شائىرلار ئەسەر تىلىغا قانچىلىك ئىشلەۋاتىدۇ؟ دېگەن مەسىلىمۇ تەتقىق قىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

ئىلگىرى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى ھەققىدە يېزىلغان ئوبزور، ماقالىلەردە ئاساسەن دېگۈدەك مەلۇم ئاپتورنىڭ مەلۇم ئەسىرىنىڭ تىلىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار بايان قىلىنىش بىلەن بىللە، كەتكۈزۈپ قويغان بەزى يېتەرسىزلىكلەر ھادىسە (تەھرىرلىك، كوررېكرورلۇق جەھەتتىكى سەۋەنلكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، ماقالىنىڭ ئاخىرىسىغا تىركىلىپ قويۇلۇپ كەلگەچكە، ئوقۇرمەنلەر بولسۇن ياكى يازغۇچى- شائىرلار بولسۇن، بۇ مەسىلىلەرگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەتتا ئازراق بولسىمۇ تىلىغا دىققەت قىلىدىغان ئوبزورچى- تەنقىدچىلەر قالمىغانمۇ قانداق، بۇ ھەقتىكى تالاش- تارتىشلارمۇ پەسىيىپ قالدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ تىلى مۇكەممەللىشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

بۇ ماقالەمدە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلىدا زادى ئومۇميۈزلۈك قانداق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ دېگەن تېما ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەسىپداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئەدەبىي ئەسەرلەر تىلىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.


1. يەككە سۆزلەرنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى مەسىلىلەر

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاخبارات- نەشرىيات ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا ۋە تاكاممۇلاشماقتا. شەكلى ھەرخىل، تېماتىك مەزمۇنى ئۆزگىچە، ئوقۇرمەنلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدىغان تۈرلۈك ژانېرلاردىكى نادىر ئەسەرلەر، گېزىت- ژۇرناللار تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ تېز كۆپەيدى. مەتبۇئات، نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ ئاساسى بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە نىسبەتەن بىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا ئۆزىنىڭ ئالاقە قورالىلىق رولىنى مىسلىسىز يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، تىل- ئالاقە، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشىغا پۇختا ئاساس يارىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز. لېكىن شۇنداقتىمۇ جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، پەن- تېخنىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىشى يېڭى دەۋر ئەدەبىي تىلىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە يېڭى- يېڭى تەلەپلەرنى قويماقتا. شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەدەبىي تىلىمىزنى، بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۇنىڭ فۇنسىيىلىك، لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق ئۆلچەملىرىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇش ئاخبارات- نەشرىيات ئورۇنلىرى، رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، جۈملىدىن ئەدىبلەر، تىلشۇناسلار، تەرجىمانلار ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق تەقەززاسى ۋە جىددىي تەلىپى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بەزى خېلىى نوپۇزلۇق يازغۇچىلارنىڭ نەشر قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان ئەسەرلىرىدە بىر قىسىم ساغلام بولمىغان تىل ھادىسىلىرى ۋە جىددىي تۈزىتىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بۇ مەسىلىلەر لېكسىكا ئەمەلىيىتىدىمۇ كۆرۈلمەكتە. ئايرىم ئاپتور، تەرجىمان ۋە مۇھەررىرلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز- ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتە تىلنىڭ ئىلمىيلىكىگە، لېكسىكىلىق مەنىسىگە دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. بۇ ھادىسە شۇنداق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇكى، ئەزەلدىن يازغۇچى- شائىرلار ۋە مەتبۇئات تىلىنى نۇقسانسىز ساناپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىمىز، بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلىرىمىز كىتاب- ژۇرناللاردا يۈز بەرگەن خاتالىقلارنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ قوللىنىپ، تىلىمىزنىڭ يېزىق ۋە جانلىق تىل نورمىسىنىڭ خاتالىق بىلەن تولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. لېكسىكا ياكى يەككە سۆزلەرنى قوللىنىش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

بىرىنچى، سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمەي، قارىغۇلارچە ئىشلىتىش.

لېكسىكىلىق تەركىبنىڭ خاتا قوللىنىلىشى ئەدەبىي ئەسەر تىلىدا ئاساسلىق كۆزگە چېلىقىدىغان نۇقتا. بەزى كىتاب- ژۇرنال، ھەتتا كىتاب- ژۇرنالنىڭ جەۋھىرىدىن مىسال ئالغان لۇغەتلەردە سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمەي، قارىغۇلارچە ئىشلىتىش ھادىسىسى ساقلانغان. مەسىلەن:

⑴ ... بىرىنچى قېتىم مېنى ئادەمگە ۋەھىي ئەكىلىدىغان نەرسە قورقىتىپ قويدى. («ئىلى دەرياسى» 2004- يىللىق 1- سان، 70- بەت)

⑵ موماي ساغلىق ئۆچكىسىنى ساغقىچە...  («تارىم»ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1- سان، 54- بەت)

⑶ سافانىڭ يۈزى لەسسىدە بېسىلىپ بۇ غايەت زور گەۋدىنى كۆتۈرەلمەي ۋايسىرىغاندەك پۇرژۇنىلىرى غىچىرلاپ كەتتى. («يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1-سان، 36- بەت)

⑷ يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئېشەك كاكىراپ قالدى. («ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە لۇغەت» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982- يىلى نەشرى، 180- بەت)

⑸  داس تاكىراڭشىپ كەتتى. (يۇقىرىقى لۇغەت، 448- بەت)

⑹ ... ۋىژىلداپ يېغىۋاتقان قار سوغۇقى... (باياۋاننىڭ سىرى» 108- بەت)

⑺ ... پىلدىرلاپ كىچىككىنە ئوت كۆرۈندى... (يۇقىرىقى كىتاب، 242- بەت)

⑻  سۆيۈملۈكۈم ئوخشايدۇ ئايغا،

ئۇ قەلبىمدە تۇرىدۇ زىنھار.    («يېڭى قاشتېشى» 2002- يىللىق 6- سان)

يۇقىرىقى مىساللارنى تەھلىل قىلىپ باقساق، مىسال  ⑴ دىكى «ۋەھىي» سۆزى خاتا قوللىنىلغان. چۈنكى ۋەھىي – دىنىي چۈشەنچىدە خۇدا تەرىپىدىن جەبرائىل ئەلەيھىسالام ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن خەۋەر («ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»گە قاراڭ). كونتېكستكە قارىغاندا ئاپتورنىڭ دېمەكچى بولغىنى «ۋەھىمە» بولسا كېرەك. ئاپتور (مۇھەررىرمۇ بار) «ۋەھىي» بىلەن «ۋەھىمە» نىڭ پەرقىنى ئايرىماي، «ئوڭ قولۇڭ ئىشلىمىسە سول قولۇڭنى ئىشلەت» دەپلا ئىشنى تۈگەتكەن. مىسال ⑵ دىكى «ساغلىق» سۆزى ئارتۇقچە بولۇپ قالغان. ئېھتىمال ئاپتور «قوي» بىلەن «ئۆچكە» نىڭ پەرقىنى بىلمىسە كېرەك. «ساغلىق – ئىككى ياشتىن ئاشقان قوي»، ئادەتتە ئۇيغۇرلار چىشى ئۆچكىنى ساغلىق دېمەي، «ئۆچكە»لا دەيدۇ. ئەركىكىنى «تېكە»، بالىسى چىشى بولسا «چىۋىش»، ئەركەك بولسا «سەركەش» دەيدۇ. مىسال ⑶ تىكى «ۋايسىرىماق» سۆزى خاتا. تىلىمىزدا ئادەتتە «ۋايساش» دېگەن سۆز بار، «ۋايسىماق – قاقشىماق، زارلانماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئېھتىمال «ۋايسىرىماق» دېگەن سۆزنى تېخى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. مىسال ⑷ تىكى «كاكىراش» دېگەن سۆز توغرا ئىشلىتىلمىگەن. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئېشەك كاكىرىدى» دېگەن سۆز ئەزەلدىن مەۋجۇد ئەمەس. «كاكىراش» سۆزى ھايۋانلارغا ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا  مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. بەلكىم بۇ يەردىكى ئېشەك «خاقىراپ» قالغان بولۇشى مۇمكىن. مىسال ⑸ تىكى «تاكىراڭشىپ» دېگەن سۆز توغرا ئىشلىتىلمىگەن. چۈنكى بۇ سۆز جانلىق نەرسىلەرگە ئىشلىتىلىپ ھەرىكەت تاۋۇشىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جۈملە «تاراڭشىپ» دېگەن مېتال ياكى مېتال تۈرىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزئارا ياكى باشقا جىسىمغا تەگكەن چاغدىكى ئاۋازىنى بىلدۈرىدىغان ئىملىق سۆز بىلەن ئېلىنغان بولسا توغرا بولاتتى. مىسال ⑹ دىكى «ۋىژىلداپ» دېگەن سۆز توغرا ئەمەس. «ۋىژىلدىماق» ئاۋاز ئىملىقى بولۇپ، قارنىڭ ئاۋاز چىقارماي ياغىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇيغۇرلاردا «لەپىلدەپ» ياغقان قارنى كۆرگەنلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما «ۋىژىلداپ» ياغقان قارنى كۆرگەنلەر يوق. مىسال ⑺ دىكى «پىلدىرلاپ» سۆزىمۇ جايىغا چۈشمىگەن. «پىلدىرلىماق» پىرقىراش خاراكتېرىدىكى جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنى بىلدۈرىدىغان ھەرىكەت پېئىلى بولۇپ، كىچىككىنە ئوتنىڭ پىلدىرلىمايدىغانلىقى، بەلكى پىلىلدايدىغانلىقى ئاپتوردىن باشقا ئادەمگە مەلۇم ئەمەس. مىسال ⑻ دىكى «زىنھار» سۆزى خاتا قوللىنىلغان. ئاپتورنىڭ بۇ سۆزنىڭ لۇغەت ۋە ئىستېمال مەنىسىگە بولغان چۈشەنچىسى توغرا بولمىغاچقا، خاتا ئىشلىتىپ، شېئىرىي مەقسەتنى توغرا ئىپادىلىيەلمىگەن. مەلۇمكى، «زىنھار» پارس تىلىدىن تىلىمىزغا كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆز بولۇپ، «بولۇشسىز پېئىللار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ‹ئەسلا، پەقەت، ھېچقانداق، قىلچە، مۇتلەق› دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ (قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 589- بەت). دېمەك، «زىنھار» ئىنكار مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، ئۇ بولۇشلۇق پېئىل «تۇرىدۇ» بىلەن بىرىكمەيدۇ، زورلاپ بىرىكتۈرۈش ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ.

دېمەك، سۆز مەنىسىنى ئېنىق بىلمەي، ئۆز خاھىشى بويىچە قوللانغاندا، ئوقۇرمەننى خاتا يولغا باشلاپلا قالماي، بەلكى ئەدەبىي ئەسىرىمىزنىڭ، تىل- يېزىقىمىزنىڭ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.


ئىككىنچى، سۆزلەرنىڭ بۇزۇلغان ياكى ئاغزاكى ئادەتكە ئايلانغان شەكلىنى ئىشلىتىش

ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئاساسلىقى ئاپتور تىلى ۋە پېرسۇناژ تىلىدىن تەركىب تاپىدۇ. پېرسۇناژ تىلىدا بەزى پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقىنى يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە قىسمەن يەرلىك شېۋىلەر ياكى ئادەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلسىمۇ، ئەمما ئاپتور تىلىدا بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئاپتور تىلى چوقۇم تاۋلانغان، تاللانغان بولۇشى، ئەدەبىي تىلنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى بىلەن ئەدەبىي ئەسەر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇشى كېرەك. بەزى ئاپتورلار ئۆز ئەسىرىدە ئاپتور تىلىدا بايان قىلىۋاتقاندىمۇ خەلق ئارىسىدىكى بۇزۇلغان تىل ۋارىيانتلىرىنى، دىيالېكىت- شېۋىلەردىكى چۈشىنىكسىز، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە نائېنىق بولغان سۆز فورمىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ قالغان. ئاپتورلار ھەرگىزمۇ ئۆز مەھەللىسىدىكى ياكى تىلى كەمتۈك ئادەملەرنى نىشان قىلىپ ئەسەر يازماسلىقى، بەلكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن:

⑴  كوچىدىن ئاتلار توپۇرلاپ ئۆتۈپ كەتتى. («ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە لۇغەت» 488- بەت)

⑵ بۇ خىل بالا- قازالاردىن يالداما بولۇپ قالغان بىرمۇنچە خەلق قوشاقلىرى شۇئانغا قەدەر  يادلىناتتى. («باياۋاندىكى گۈلخان» Ⅰ. 117- بەت)

⑶  ئادەملەر توپىنى ئەسكەرلەرنىڭ ھەيۋىسى سەل پەسكارىغا چۈشۈرۈپ يول ئېچىپ كېتىۋاتاتتى. (يۇقىرىدىكى ئەسەر ، Ⅰ. 366- بەت)

⑷  بىر ھۆپۈپۈپ «ھۆپۈپۈپ، ھۆپۈپۈپ!» دەپ سايرىغىنىچە تۆپىمىزدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى. («ئىلى دەرياسى» 2004- يىللىق 1- سان، 38- بەت)

⑸  ئويناۋېتىپ مەلىدە ئادىل بىلەن دىلمۇرات... («تارىم» 2004- يىللىق 1- سان، 124- بەت)

يۇقىرىدىكى مىسال ⑴ دە «توپۇرلاپ» سۆزى تازا مۇۋاپىق ئەمەس. «توپۇرلاپ» دېگەن سۆز بەلكىم يەرلىك دىيالېكىتتا شۇنداق ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئەدەبىي تىلدا ئۇنداق ئىشلىتىلمەيدۇ. چۈنكى ئاتنىڭ تۇياق تىۋىشىدىن «توپۇرلاپ ئەمەس، بەلكى «دۈپۈرلەپ» ئاۋاز چىقىدۇ. مىسال ⑵ دىكى «يالدامە» سۆزى بۇزۇپ قوللىنىلغان (بۇ سۆزدىكى خاتالىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا خېلى ئۇزۇن بولدى، بىرلا ئاپتور بىلەنمۇ چەكلەنمەسلىكى مۇمكىن). بۇ سۆزنىڭ توغرىسى ئەسلى «يادنامە» بولۇپ، پارسچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئۇنىڭغا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن: «يادنامە – ئىسىم.  ‹1› ئۆلگۈچىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى خاتىرىلەپ قەبرە ئالدىغا قويۇلغان تاش ئابىدە ۋە ئۇنىڭغا ئويۇلغان خەت، يېزىق؛ ‹2› خاتىرە، ئەسلەتمە». مىسال  ⑶ تىكى «پەسكارىغا» دېگەن سۆزمۇ بۇزۇپ قوللىنىغان. ئۇنىڭ توغرىسى «پەسكوي» بولۇشى كېرەك. مىسال ⑷ تىكى «ھۆپۈپۈپ» يەرلىك دىيالېكىتتا بەلكىم شۇنداق دېيىلەر، ئەمما ئەدەبىي تىلدا «ھۆپۈپ» بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئەدەبىي ئەسەردە ئاپتور تىلىدا ئەدەبىي تىلدىكى بويىچە ئېلىنىشى كېرەك ئەلۋەتتە. مىسال ⑸ تىكى «مەلىدە» سۆزى «مەھەللىدە» بولۇشى كېرەك ئىدى. گەرچە «مەھەللە» جانلىق تىلدا «مەلە» دەپ ئېيتىلسىمۇ، ئەمما يېزىق تىلىدا، بولۇپمۇ بالىلارنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان بالىلار ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەردە يەنىلا قېلىپلاشقىنى بويىچە ئېلىنسا، ئەۋلادلارنىڭ ساپ، ساغلام تىل قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى تېگىدۇ. يازغۇچى- شائىرلارمۇ «توغرىنى ئۆگىتىش» تەك باش تېمىدىن باش تارتماسلىقى لازىم.

دېمەك، ئەدەبىي ئەسەرلەرگە سۆز تاللىغاندا ئۇنىڭ توغرا شەكلىنى قوللىنىشىمىز، پەقەت توغرىسىنى بىلەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا لۇغەتلەرگە  مۇراجىئەت قىلىشىمىز ياكى مەنىداش سۆزلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشىمىز، ھەرگىزمۇ سۆزلەرنىڭ ئېغىزچە شەكلىنى، ياكى ئادەتتە ئۆزىمىز قوللىنىدىغان ئادەت سۆزىمىزنى يېزىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىغا مۇھەررىرلەرمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، مەنىداش سۆزلەرنىڭ تۈس مەنىسىنى پەرقلەندۈرمەستىن ئىشلىتىش

ئۇيغۇر تىلى مەنىداش سۆزلەرگە تولىمۇ باي بىر تىل. ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرى شۈكۈر يالقىن «جاۋاب» ناملىق شېئىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا بايلىقى توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:

                           .....................

بىرلا «ئاز ئەمەس» لىكنى ئىپادىلەشتە،

ئون بىر سۆز سەپ تارتىدۇ، تۈزۈپ بەسمۇ- بەس:

«كۆپ، جىق، نۇرغۇن، ئاۋۇن، مول، ئارتۇق، زىيادە،

خېلى، كەڭرى، غول، تولا» زادى ئاز ئەمەس.

           .......................

ھايۋاناتتىن بىر ئاتقا قويسا يەتتە ئات،

ئات، ئايغىر، بىيە، بايتال، قۇلۇن، ئارغىماق.

تاي دېسەكمۇ يەنە شۇ مىنىدىغان ئات،

لېكسىكا بايلىقىدىن تاپمامسىز چاتاق؟

                      .............................

ئەمما، بەزى ئاپتورلار سۆز تاللىغاندا ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، ئۆزى ئىپادىلەۋاتقان كونتېكستنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن سۆز تاللاشقا ئېرىنەمدۇ ياكى ئۆزىنىڭ تىل بايلىقى ئەزەلدىن شۇنداق گادايمۇ، ئىشقىلىپ، ئىشلەتكەن سۆزلىرى «چىگىت چېقىپ»، ئوقۇغان كىشىنىڭ «ئاچقان يېرى» گە بارمايدۇ. مەسىلەن:

⑴  ئادىلنى ھازىردىن باشلاپ ئوقۇشقا، مەكتەپكە ھەۋەسلەندۈرۈش كېرەك. («گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر»)

⑵ ئېغىلدىكى قويلار ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا توختىماي يۈگۈرۈشۈپ، مە... مە... دەپ ۋارقىراپ كېتىۋاتاتتى...  («كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل» 53- بەت)

⑶  ... خەلچىخان ھويلىدىكى ئوچاقتا قوناق مەدىكىنى كۆيدۈرۈپ، بىر قازان گۈلە سېلىنغان سىقماقنى پىشۇرۇپ بولدى. (يۇقىرىقى كىتاب، 64- بەت)

⑷ ئاكا- سىڭىل خۇشال ھالدا چاقچاقلىشىپ، كۈلۈشۈپ، ئېغىلدىكى مەھەللىۋى ئوغۇتنى كەچ بولغىچە ئېتىزلىققا ئاپىرىپ بولدى.  (يۇقىرىقى كىتاب، 55- بەت)

مىسال ⑴ دە «ھەۋەسلەندۈرۈش» دېگەن سۆز جايىدا ئىشلىتىلمىگەن. چۈنكى، «ھەۋەس» دېگەن ئىسىمنى «لەندۈر» نى قوشۇپ بۇيرۇق پېئىلى، يەنە ئۇنىڭغا «-ۈش» نى قوشۇپ ئىسىمداش ياساش تىلىمىزنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدە- قانۇنىيەتلىرىگە دېگەندەك ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ھەۋەس» كىشىدە قوزغىلىدىغان تەبىئىي تۇيغۇ، ئۇنى بۇيرۇق شەكلىدە ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ. تىلىمىزدا ئەزەلدىن قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقان «قىزىقتۇرۇش» سۆزى بۇ جايغا تازا باب كېلىدۇ. مىسال ⑵ دىكى «ۋارقىراپ كېتىۋاتاتتى» دېگەن سۆز بىرىكمىسى خاتا ئىشلىتىلگەن. چۈنكى «ۋارقىراش» ئادەملەرگە خاس ئاۋاز ھەرىكىتى بولۇپ، قوينى «ۋارقىراش» بىلەن ئەمەس، بەلكى «مەرەش» بىلەن ئالغان بولسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى. مىسال ⑶ تە ئاپتور كونتېكستتا چۈشەنگىلى بولىدىغان جەريانلارنىمۇ ئارتۇقچە بايان قىلىپ، ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك زىيادە ئۇزارتىۋەتكەننىڭ ئۈستىگە، «كۆيدۈرۈپ» سۆزىنى خاتا قوللىنىپ، جۈملىنى تېخىمۇ كېلەڭسىزلەشتۈرۈۋەتكەن. تىلىمىزدا ئوتۇن- كۆمۈر قاتارلىق يېقىلغۇلارنى «كۆيدۈرۈپ» ئەمەس، بەلكى «قالاپ» پايدىلىنىمىز. مىسال ⑷ تە بىرىنچىدىن، «خۇشال ھالدا» سۆزى ئارتۇق ئىشلىتىلگەن. چۈنكى چاقچاقلىشىپ، كۈلۈشۈپ ئەمگەك قىلىۋاتقان ئاكا- سىڭىلنىڭ خۇشاللىقى ئۆزىدىن مەلۇم. ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ئېنىقلىما بېرىش بىھاجەت. ئىككىنچىدىن، «مەھەللىۋى ئوغۇت» بىر خىل ئۇقۇملاشقان كەسپىي ئاتالغۇ – ئاخبارات تىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي تىلدا «قىغ، ئوغۇت» دەيدىغان مەنىداشلىرى بار. ئادەتتە تىلىمىزدا كۆپىنچە مۇشۇ مەنىداشلىرى قوللىنىلىدۇ. ئەدەبىي ئەسەر بولغانىكەن، ئەلۋەتتە ئۆزىگە خاس سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش كېرەك.

دېمەك، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلىغا ئىشلىگەندە، مۇۋاپىق سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ھەر بىر يازغۇچى- شائىرنىڭ ئىجادىيەتتىكى بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى.

ئومۇملاشتۇرغاندا، تىلنى مەنە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دەل، توغرا، ئېنىق، چۈشىنىشلىك ئىشلىتىش ئوي- پىكىرنى ئاپتورنىڭ مۇددىئاسى بويىچە توغرا ئىپادىلەشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان ئەقەللىي تەلەپ. پېشىۋالار توغرا ئېيتىدۇ: «تىلنىڭ توغرىلىقى ئېسىل ئۇسلۇبنىڭ ئاساسى».

2. تۇراقلىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى مەسىلىلەر

تۇراقلىق ئىبارىلەر تىل تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، تىلدا كۆپ قوللىنىلىدىغان، ئاممىغا چۈشىنىشلىك، چوڭقۇر مەنىلىك تەييار لېكسىكىلىق ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ. تۇراقلىق ئىبارىلەر ئادەتتە ماقال- تەمسىل ۋە ئىدىئوملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىۋى مۇناسىۋىتى ۋە سىنتاكسىسلىق تۈزۈلۈشى جەھەتتىن تۇراقلىق خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ سانىنىڭ ئاز- كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىرلا ئومۇمىي مەنىنى ياكى مەنىۋى بىردەكلىكنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇ مەنىۋى بىردەكلىكنى تەشكىل قىلغۇچى سۆزلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئۆز مەنىلىرى تامامەن يىراقلاپ كەتكەن ياكى يوقالغان بولىدۇ. تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇشقا ياكى تەركىبىدىكى بىرەر سۆزنىڭ ئورنىغا باشقا بىر سۆزنى قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. لېكىن بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەردە تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، ئاپتورنىڭ خاھىشى ياكى ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان توپنىڭ ئادىتى بويىچە تۇراقلىق ئىبارىلەرنى بۇزۇپ قوللىنىش ھادىسىلىرى ساقلانماقتا. ئىستېمالىمىزدا، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئىلمىي ئەسەرلەردە مۇنداق ماقال- تەمسىللەرمۇ ئۇچرايدۇ. ⑴ «كالىنىڭ قۇيرۇقى بولغىچە، قۇچقاچنىڭ بېشى بول»، ⑵ «يامانغا يولۇقساڭ يارىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ  قارىسى»، ⑶ «ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق» بۇ مىساللارنى تەھلىل قىلىپ باقساق، مىسال ⑴ نىڭ توغرىسى: «كالىنىڭ قۇيرۇقى بولغىچە، خورازنىڭ تاجى بول» بولۇپ، «كالا» بىلەن «خوراز» چوڭ- كىچىكلىك جەھەتتە، «قۇيرۇق» بىلەن «تاج» مەرتىۋە جەھەتتە سېلىشتۇرما قىلىنىدۇ. مىسال ⑵ نىڭ توغرىسى: «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى»، «يامان» نىڭ ھەممىسىنىڭ يارىسى بولۇشى ناتايىن، ئەمما، «يالىسى» بولۇشى چوقۇم. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە «يالا» سۆزىگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن: «يالا – ئىسىم. باشقىلارنى قارىلاش، ئەيىبلەش، قارىلاش مەقسىتىدە ئويلاپ چىقىرىلغان ئاساسسىز گەپ- سۆز، تۆھمەت، بەتنام، بوھتان، قارا». مىسال ⑶ نىڭ توغرىسى: «ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق». ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە «كاسىپ» ۋە «ھېسىپ» سۆزلىرىگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن: «كاسىپ ─ ئىسىم. قول- ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇلانغۇچى، ھۈنەرۋەن. ھېسىپ ─ ئىسىم. قوينىڭ ياغلىق ئۈچىيىنىڭ ئىچىگە سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان گۈرۈچ، سەۋزە، جىگەر، قوينىڭ ئىچ يېغى قاتارلىقلارنى قۇيۇپ، پىشۇرۇلغان بىر خىل يېمەكلىك». دېمەك، بۇ يەردە گەپ كاسىپ ھەققىدە بولۇۋاتىدۇكى، ھەرگىزمۇ ھېسىپكە ئورۇن يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېسىپ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاڭسۇق تامىقى قارىلىپ كېلىنىۋاتقاچقا، ئۇنىڭ «قەدىرسىز» بولۇپ قېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم بۇ «ياندا ھېسىپ بولسا يېگىلى ياراپتۇ» دېگەن ماقالنىڭ مىسالدىكى ماقال بىلەن نائۇستىلار تەرىپىدىن يۇغۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىر «غودۇر» تۆرەلمە بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۇچرىغان تۆۋەندىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرنى كۆرۈپ باقايلى.مەسىلەن:

⑴ ... ئۇرۇش دېسە، مەن دەيدىغان ... («تارىم»ژۇرنىلى  2004- يىللىق 1- سان، 117- بەت)

⑵ مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھېساب ئەمەس... («تارىم» ژۇرنىلى 2004- يىلىق 2- سان، 28- بەت)

⑶ ... بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماقتىن ئەلا دەپتىكەن... («يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1- سان، 38- بەت)

⑷  ھارام نىيەتنىڭ قازىنى تۆشۈك.  («گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر»)

⑸  سەن ئۆل، مەن تىرىلسەم دەيدۇ ...  («تارىم» ژۇرنىلى، 2004- يىللىق 1- سان، 77- بەت)

يۇقىرىقى مىسال ⑴ دىكى ماقالنىڭ توغرىسى: «ئۇرۇش دېسە، تۇرۇش دەپتۇ» بولۇپ، قېنى قىزىق، جىدەلخور كىشىلەرنى سۈپەتلەشتە قوللىنىلىدۇ. مىسالدا سۆزلەر ئالماشتۇرۇۋېتىلگەچكە، ماقالنىڭ باش قاپىيىسى بۇزۇلۇپ، رېتىم ۋە مۇزىكىچانلىقىغا تەسىر يەتكەن. مىسال ⑵ دىكى ماقالنىڭ توغرىسى: «مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام» بولۇپ، بۇنىڭمۇ سۆزلىرى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن. ئېھتىمال ئاپتور «ھارام» دېگەن سۆزدىن سەسكىنىپ، «تۈزەپ» قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «مال» ھەرگىز «ھارام مال» ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى ئۆزىمىز گۆشىنى يەيدىغان قولغا كۆندۈرۈلگەن مال. گەرچە دېھقانلارنىڭ قوتىنىدىكى قوي، ئۆچكىلەر ھازىرقى ئاخبارات تىلىدا «چارۋا» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، خەلق ئاممىسى (دېھقانلار) ئۆزلىرى يەنىلا «مال» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ماقالنىڭ ئىجادكارلىرى دەل ئاشۇ خەلق ئاممىسى. مىسال ⑶ نى قانداقلا تەھلىل قىلساق ئەقلىمىزگە سىغدۇرالمايمىز. كىم شۇنداق دەپتىكەن؟! «بويسۇنماق» بىلەن «ئىتائەت قىلماق» دېگەن بۇ سۆزلەر مەنىداش تۇرسا، قانداق قىلىپ يەنە بىرىدىن بىرى ئەلا بولۇپ قالىدۇ؟! «بويسۇنماق ئەلا»، «ئىتائەت قىلماق ئەلا» دېگەن بولغىيتتى ھەقىچان بىزنىڭ مىسكىن خەلقىمىز. مىسال ⑷ تىكى ماقالنىڭ توغرىسى: «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» بولۇپ، ئاپتور بۇ ماقالدا سۆزلەرنىمۇ، سۆزلەرنىڭ ئورنىنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ماقالنىڭ قۇدرەت- كۈچىنى، قاراتمىلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن. مىسال ⑸ تىكى ماقالنىڭ توغرىسى: «سەن ئۆل، مەن تىرىلەي ~ سەن ئۆل مەن ياشاي» بولۇپ، ئاپتور ماقالدىكى پېئىلنىڭ راي شەكلىنىڭ تۈس مەنىسىگە دىققەت قىلمىغانلىقتىن، گرامماتىكىلىق قۇرۇلما بۇزۇلۇپ، مەنە ئەسلى ماقالدىكىدەك يارقىن گەۋدىلەنمىگەن.

دېمەك، تۇراقلىق ئىبارە بىر كۈندىلا شەككىلىنىپ قالغان بولماستىن، نۇرغۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى، تالاي قېتىملاپ پىششىقلىنىش، تاۋلىنىش ئارقىلىق «تۇراقلىق» لىققا ئىگە بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكىدارلىقى، قاپىيىلىكلىكى، ئىىچاملىقى، ئومۇمەن پەلسەپىۋى شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشىدەك ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق ئادەتتىكى سۆز بىرىكمىلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنى كەلسە- كەلمەس ئالماشتۇرۇشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە ھېچقايسىمىزنىڭ ھەققى يوق!


3. گرامماتىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتىكى مەسىلىلەر

بىزنىڭ بەزى ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى ساۋاتىدىن گۇمانلىنىپ، بۇ ئاپتور ئادەتتە قانداق گەپ قىلىدىغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ قالىدۇ. دېمەكچىمۇ، بەزى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدە گرامماتىكىلىق، لوگىكىلىق خاتالىقلار كۆپ، بەزى جۈملىلەرنى نەچچە رەت ئوقۇپمۇ، ئاپتورنىڭ زادى نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بەزى جۈملىلەر تىل ئادىتىگە زىت ھالدا ئورۇنسىز ئۇزارتىۋېتىلگەن، جانسىز، ھېسسىياتسىز. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىخچام، جانلىق، مەنىسى چوڭقۇر، ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئاز سۆز ئارقىلىق كۆپ مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىدەك يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى جارى قىلدۇرۇلمىغان. بۇ خىل مەسىلىلەر ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ.

بىرىنچى، گرامماتىكىلىق قوشۇمچىلارنى قوشۇشتىكى مەسىلىلەر

ئۇيغۇر تىلىدا گرامماتىكىلىق قوشۇمچىلار سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ قوشۇمچىلار ئىچىدە سۆز ئالدى قوشۇمچىلىرىمۇ، سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىمۇ بار. بىز كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن «بىگۇناھسىز»، «نائېنىقسىز»، «يەتتە ئەسكەرلەر»، «بىۋاپاسىز»، «ئورمانزارلىق»، «ئاشپەزچىلىك» ... دېگەندەك داڭقان پۇتى سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. گرامماتىكىلىق قوشۇمچىلار (بولۇپمۇ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار) سۆزنىڭ مەنىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئارتۇق ياكى كەم بولۇپ قالغان قوشۇمچىلار ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقى مۈجىمەللەشتۈرۈپ، جۈملىنىڭ راۋانلىقى ۋە مەزمۇننىڭ ئېنىقلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يازغۇچى- شائىرلار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر. بولمىسا كۈلكىلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن:

⑴  ئۇنتالمىدىم پەقەت سېنىلا،

  ئۇنتۇش ئۈچۈن ئىچسەممۇ قەسەم.

شېئىر يازماق بولساممۇ دائىم،

سېنىڭ ئۈچۈن تەۋرەيدۇ قەلەم. («يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى، 2002- يىللىق 6- سان)

⑵ بۇ ھەيۋەتلىك سەپ ئوڭۇرۇقلۇق دېھقانلارنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ ئۆي- ئۆيلەردىن ئەر- ئايال، قېرى- ياشنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كوچىغا چىقىپ، ھەۋەس، قىزىقىش، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىدىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ ھېسسىيات ئىلكىدە ئۇزىتىشاتتى.  («باياۋاندىكى گۈلخان» Ⅰ. 355- بەت)

⑶ شۇ قىسقا دەقىقىدە ئۇ بەگنىڭ ئۇزىتىشى بىلەن ھويلىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، كۆڭلىدە ئىنتىلىش، تەخىرسىز سېغىنىش، ئۆز- ئۆزىنى ئەيىبلەش ۋە بەزلەشكە ئوخشىغان بىر تالاي تۇيغۇلارنىڭ ئېلىشىشى بولۇپ ئۆتتى.  (يۇقىرىقى كىتاب، 341- بەت)

⑷ ئايىمگۈل ئېتىزلىقلارنى، جىگدىزارلىقلارنى ئاستا مېڭىپ ئارىلىدى... خىيالىدا ئۆزىنى قامغاقزارلىقتا كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ... («تارىم» ژۇرنىلى» 2004- يىللىق 1- سان، 56- بەت)

⑸ مانا بۇ ژۇرناللارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپكى يول. ... رىۋايەت ۋە ئىزدىنىش، ئەسلىمە ۋە راست ئىش، راست ۋەقە قاتارلىق رېئالنى ھادىسىلەرگە تويۇنغان ئەسەرلەرنى... («قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1- سان، 47-، 48- بەت)

⑹ دورىلانغان چاشقان يەپ مۈشۈك،

  كەتتىمىكىن نەسلىدىن قۇرۇپ.  («يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1- سان، 83- بەت)

يۇقىرىدىكى مىسال ⑴ دە مەسىلە ئۈچىنچى مىسرادىكى «بولساممۇ» دېگەن سۆزدىكى «مۇ» دا كۆرۈلىدۇ. «مۇ» ئۇلانمىسى خاتا ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، پىكىر مۈجىمەللىكى كېلىپ چىققان. بۇ مىسرادا «بولسام» دېگەن سۆزگە «مۇ» ئۇلانماي«لا» ئۇلانغان بولسا، شائىرنىڭ شېئىر يېزىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى (رايىنىڭ بارلىقىنى) بىلدۈرۈپ، شېئىرىي پىكىر دەل، توغرا ئىپادىلەنگەن بولاتتى. مىسال ⑵ دە جۈملىنى راۋانلاشتۇرىدىغان قوشۇمچىلار چۈشۈپ قالغانلىقتىن، جۈملە «كاتاڭ» غا چۈشۈپ قالغان. بۇ جۈملىنى «بۇ ھەيۋەتلىك سەپتىن خەۋەر تاپقان ئوڭۇرۇقلۇق دېھقانلارنىڭ زوقى قوزغىلىپ، ئۆي- ئۆيلەردىن ئەر- ئايال، قېرى- ياشنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كوچىغا چىقىپ، ھەۋەس، قىزىقىش، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىدىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ تۇيغۇ ئىلكىدە ئۇلارنى ئۇزىتىشاتتى.» دەپ ئېلىنغان بولسا، بەلكىم بىرقەدەر راۋان بولغان بولاتتى. مىسال ⑶ تە «ئۇ» ئالمىشىنىڭ ئورنى«كۆڭلىدە» نىڭ ئالدىغا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭغا بىر «نىڭ» قوشۇمچىسى قوشۇلغان بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. مىسال ⑷ تىكى «چاتاق» دەل «جىگدىزارلىق»، «قامغاقزارلىق»تا. «زار» قوشۇمچىسى پارسچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بولۇپ،  بىزدىكى «لىق، لىك، لۇق، لۈك» بىلەن باراۋەر. يەنى تۇرغۇن سۆزلەردىن تۇرغۇن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بولۇپ، ئىسىمغا قوشۇلۇپ شۇ ئىسىم كۆپ جاينى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: گۈلزار، چىمەنزار... ۋاھاكازا. تىلىمىزدىكى «لىق، لىك، لۇق، لۈك» قوشۇمچىسىمۇ «زار» غا ئوخشاشلا فۇنكسىيىگە ئىگە. ئەگەر بىز بۇ ئىككى قوشۇمچىنى ئۈستى- ئۈستىگە قاتلاپ ئىشلەتسەك، «جىگدىلىكلىك، گۈللۈكلۈك، چىمەنلىكلىك، قامغاقلىقلىق...» دېگەندەك كۈلكىلىك سۆز بولۇپ قالىدۇ. ھازىر تىلىمىزدا بۇ قوشۇمچىلارنىڭ رولىغا دىققەت قىلماي، قاتلاپ ئىشلىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقاندەك قىلىدۇ. مىسال ⑸ تە مەسىلە «رېئالنى» بىلەن «تۈپكى» دە كۆرۈلىدۇ. «رېئال» بىزگە رۇسچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۈپەت، «نى» (ئەسلىسى:نىي) رۇس تىلىدىكى سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە. ئەمما بىز بۇ قوشۇمچىنىڭ ياردىمىسىزمۇ «رېئال»نى سۈپەت دەپ چۈشىنىمىز. گەرچە «نىي» قوشۇمچىسى تىل- يېزىقىمىزدىن ئاللىقاچان چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى رۇس تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆرسەتكەن بۇ گرامماتىكىلىق تەسىرنى تۈگىتىش ئانچە ئاسان ئەمەس ئوخشايدۇ. «تۈپ» سۆزى گەرچە ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىكى سۆز بولسىمۇ، ئۇنىڭغىمۇ ئارتۇقچە «كى» دىن بىرنى قوشۇۋېلىش بەزىلەر ئۈچۈن «بىلىملىك» لىكنىڭ يول خېتى بولسا كېرەك. مىسال ⑹ دە ئىككىنچى مىسرادىكى «نەسلى» گە قوشۇلغان «دىن» قوشۇمچىسىمۇ ۋەزىن ئېھتىياجىدىن «بېقىۋېلىنغان» ئارتۇقچە «بالا» بولۇپ قالغان. شېئىردا ۋەزىنگە ئېتىبار بېرىش كېرەك، ئەلۋەتتە. ئەمما قولىڭىزدىن كەلمىسە جۈملىڭىزنى، تىلىڭىزنى بۇزۇش ھېسابىغا توغرىلانغان ۋەزنىڭىزنىڭ كېرىكى يوق. بۇ مىسرا «كەتتىمىكىن يا نەسلى قۇرۇپ» دەپ ئۆزگەرتىپ ئېلىنسا تامامەن بولاتتى. چۈنكى «نەسلىدىن قۇرۇپ كەتتى» دەيدىغان گەپ ئۇيغۇر تىلىغا يات، چۈشىنىكسىز.

دېمەك، ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، نازۇك، مەنە پەرقى زىل، قوشۇمچىلىق تىل بولۇپ، بىر فونېمىنىڭ توغرا ئىشلىتىلمەسلىكى بىلەن مەنە تۈپتىن ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كېتىپ، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ.

ئىككىنچى، تىلىمىزدا يات جۈملە شەكىللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى

تىلىمىزدىكى يات جۈملە شەكىللىرىنى تەھلىل قىلغاندا ئىلگىرى ئاساسلىقى ناباب تەرجىماننىڭ قولىدىن چىققان تەرجىمە ئەسەرلىرى نىشان قىلىنىپ، تەنقىد قىلىناتتى. ۋاھالەنكى، ئەمدى بۇ خىل جۈملە شەكىللىرى ئۆز ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەزەلدىن «رەھمەت»، «ھەشقاللا»، «تەشەككۇر» دېيىش بىلەنلا مەمنۇنلۇقىنى، «خۇش كەپسىلەر»، «قارشى ئالىمەن» دېيىش بىلەن ساھىبخانىلىقىنى، «قۇت بولسۇن»، «مۇبارەك بولسۇن» بىلەنلا تىلىكىنى ئىپادىلەپ كەلگەن كىشىلىرىمىز (ئاپتورلىرىمىز) ئەمدىلىكتە «رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش» ئارقىلىق مەمنۇنلىقىنى، «قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش» ئارقىلىق ساھىبخانىلىقىنى، «تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش» ئارقىلىق تىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇۋالدى. نەتىجىدە جۈملىلىرىمىز بارغانسېرى كېلەڭسىزلىشىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ «ئىخچام، راۋان، چۈشىنىشلىك» خۇسۇسىيىتى ئاجىزلاپ كەتتى. مەسىلەن:

⑴  ... ياكى ھەر كۈنى بىر چاڭگال بۇلتۇرقى جىگدە مېۋىسىنى يېگۈزىدۇ... («باياۋاننىڭ سىرى» 6- بەت)

⑵  تۆشۈكتەك ئورا كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە سۈزۈك ياش تامچىلاپ، گۆشلۈك مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ مۈرىسىدە غايىب بولدى...  (يۇقىرىقى كىتاب، 12- بەت)

⑶  ئۇ كىچىك ئۆيىدە توختىماي شوراپ، تۈتۈنىنى سەل ئېڭىشىپ، ئېشەكنىڭ بۇرنىغا پۈركۈيتتى....  (يۇقىرىقى كىتاب، 57- بەت)

⑷ بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ جەننەتكىمۇ ياكى دوزاخقا بارامدۇق؟ («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1- سان، 73- بەت)

⑸ دېمەك، بېلىنىسكى ئىلگىرى بۇ جايدا تۇرغان ئىدىكەن. («تارىم» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1- سان 155- بەت)

يۇقىرىقى مىساللاردىكى سۆزلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قالايمىقان بولۇپ، ئوقۇرمەندە بىر خىل زېرىكىش پەيدا قىلىدۇ. مىسال ⑴ دىكى «مېۋىسىنى» نى قىسقارتىۋېتىپ، «... ياكى ھەركۈنى بۇلتۇرقى جىگدىدىن بىر چاڭگال يېگۈزىدۇ» دەپلا ئېلىنغان بولسا، سەل يېقىشلىق بولاتتى بەلكىم. مىسال ⑵ دىكى مەڭزىنى بويلاپ چۈشكەن ياشنىڭ مۈرىسىدە «غايىب» بولۇشىنى ھېچكىم ئەقلىگە سىغدۇرالمايدۇ. مىسال ⑶ تىكى جۈملىمۇ «نان يېسە قورساق تويىدۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇزارتىۋېتىلگەن. مىسال ⑷ تىكى جۈملىنى ئوقۇغان كىشى يا كۈلۈشىنى يا يىغلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ئاپتور ياكى مۇھەررىر «جەننەتكىمۇ ياكى» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن «دوزاخقا بارامدۇق» نىڭ كەينىگە قويۇشنى بىلمىگەن. مىسال ⑸ تىكى «ئىدىكەن» سۆزى «ئىكەن» گە ئىخچاملىنىپ كېتىشى كېرەك ئىدى، بۇ خەقنى ئاخماق قىلىشتىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس، خالاس.

يىغىنچاقلىغاندا، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى دەل، توغرا بولۇشى كېرەك. بۇ ئوي- پىكىرنى (ئىدىيىنى) ئاپتورنىڭ مۇددىئاسى بويىچە توغرا ئىپادىلەشنىڭ ئاساسى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتور شەيئىي، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا توغرا ئىنكاس- چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنى، شۇنداقلا ئىستېمال مەنىسىنى توغرا ئىگىلىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ جۈملە تۈزۈش قانۇنىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى لازىم. ئاپتور ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان ئوبيېكتنىڭ تۈپ، ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى توغرا تونۇپ، ئۇنى مۇۋاپىق سۆز بىلەن دەل ۋە كونكرېت گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەندىلا، ئاندىن ئۇ ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە مۇئەييەن تۇيغۇ ۋە تەسىرات پەيدا قىلالايدۇ.