ئەرقال كاپىتالى

ئورنى Wikipedia

شىركەت نامى: ئەرقال كاپىتالى

شىركەت توربىتى: http://www.erqal.cn

قۇرۇغۇچى: قۇدىرەت ياقۇپ (خارۋارد ئەركىسى)

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئەرقال كاپىتالى شىنجاڭ بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك VC/PE  پاي )ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش)تۈرلىرى ئاساسىدا، ئۆي - مۈلۈك، ئېنېرگىيە، يېمەكلىك، داۋالاش، ئۇچۇر تېخنىكىسى، مائارىپ، تاراتقۇ، مەدەنىيەت (خوتەنقاشتېشى) كەسىپلىرىگە نۇقتىلىق مەبلەغ سالىدۇ.

ئەرقال كاپىتالىدىكى خادىملار جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئالىي مائارىپ تارىخىغا، كەسىپ ئارقا كۆرۈنىشىگە، مول كارخاناباشقۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، تىجارەت يۈرگۈزۈش ۋە كاپىتال بازىرى تەجرىبىسىگە ئىگە.

ئەرقال كاپىتالى دۇنيادىكى داڭلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى، مەبلەغچىلىك شىركەتلىرى ۋە كانسىلتىڭ (Consulting )كارخانا مەسلىھەتچىلىكى شىركەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەردىن ۋە ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلاردىنتەشكىللەنگەن «مەبلەغچىلىك مەسلىھەتچىلىك گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىققان. بۇ گۇرۇپپا ئۆزىدە خەلقئارا سەۋىيەدىكىمەبلەغ سېلىش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.

ئەرقال كاپىتالى ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى مەبلەغكە ئېھتىياجلىق ھەرخىل تۈر ۋە كارخانىلارنى ئوبيېكت قىلغان بولۇپ، بۇ ئوبيېكتلارغامەبلەغ سېلىشتىن باشقا يەنە تۈرنى ئەلالاشتۇرۇش، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئوربېتىسىنى بېكىتىش، سودا ئەندىزىسىنى تاللاش،كارخانا ئىستىراتېگىيەسىنى بېكىتىش، بازار ئېچىش، داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە تەسىر يېيىش، سېتىش يوللىرىنى ئېچىش ۋە كېڭەيتىش،يادرولۇق خادىملار قوشۇنى قۇرۇش ۋە ھازىرقى زامان كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش،مالىيە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كارخانا بايلىقلىرىنى قايتىدىن تەشكىللەش، پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش شۇنداقلا كارخاناپېيىنى بازارغا سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەسپىي ياردەم، تەجرىبە ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.