ئەركىنجان تۇراخۇن

ئورنى Wikipedia

ئەركىنجان تۇراخۇن، ئەر، ئۇيغۇر، 1964-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قەشقەردىن، 1985-يىلى 1-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1985-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. چاڭجياڭ سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى.

1981-يىلى 9-ئايدىن 1985-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتى پىلان-ستاتىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ پىلان-ستاتىستىكا كەسپىدە ئوقۇغان.  1985-يىلى 7-ئايدىن 1986-يىلى 5-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان. 1986-يىلى 5-ئايدىن 1988-يىلى 5-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 1988-يىلى 5-ئايدىن 1990-يىلى 1-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، قوشۇمچە شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1990-يىلى 1-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان (1990-يىلى 12-ئايدىن 1991-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيىسىدە سوتسىيالىستىك تەربىيىگە قاتناشقان). 1992-يىلى 7-ئايدىن 1994-يىلى 5-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان (1992-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1994-يىلى 5-ئايدىن 1999-يىلى 5-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان (1993-يىلى 7-ئايدىن 1995-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كونىشەھەر ناھىيىلىك پارتكومدا مۇئاۋىن سېكرېتارلىق ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان. 1997-يىلى 4-ئايدىن 1997-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت ئەترىتى» قاراقاش ناھىيەلىك خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان). 1999-يىلى 5-ئايدىن 2003-يىلى 7-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان (1998-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي-ئىقتىساد كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 2002-يىلى 12-ئايدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلانغان). 2003-يىلى 7-ئايدىن 2004-يىلى 5-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى بولغان (2003-يىلى 3-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان). 2004-يىلى 5-ئايدىن 2006- يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2006-يىلى 5-ئايدىن 2008-يىلى 5-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (2004-يىلى 5-ئايدىن 2006-يىلى 10-ئايغىچە چاڭجياڭ سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 2006-يىلى 8-ئايدىن 2006-يىلى 9-ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئامېرىكا ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاچقان 4-قارارلىق شەھەر پىلانلاش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇغان. 2007-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 11-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى بىلىم ئاشۇرۇش 1-سىنىپى 42-قارارلىق كۇرسىدا ئوقۇغان). 2008-يىلى 5-ئايدىن 2008-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2008-يىلى 6-ئايدىن 2008-يىلى 10 -ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

2008-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2016-يىلىدىن باشلاپ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۈلۈمىنىڭ باشلىقى بۇلۇپ ئىشلىمەكتە