ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن سۆھبەت

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر كاشىغەرى

سوئال: مۆھتەرەم ئەركىن ئاكا، گەرچە تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇرغان بولساقمۇ، ھال سوراپ يېنىڭىزغا زىيارەتكە بارالمىدۇق. يېشىڭىز 80 دىن ھالقىغان بولغاچ سىزمۇ ئايلاپ بىز تەرەپلەرگە كېلىپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز. شۇڭا خەت ئارقىلىق بولسىمۇ ھال سورايلى، بەزى سوئاللىرىمىزغا سىزدىن جاۋاپ تاپايلى دەپ ئويلىدۇق. قانداقراق ئەھۋالىڭىز، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟

جاۋاب: ئاللاھغا شۈكرى، يامان ئەمەسمەن. 82 ياشقا كىرگەن بىر بوۋاي قانداق ھالدا بولسا، مەنمۇ شۇنداقراق تۇرۇۋاتىمەن. پات پات دوختۇرلارغا كۆرۈنۈپ، دورا- دەرمانلىرىمنى ۋاقتىدا ئېلىپ، كۆپىنچە ۋاقتىمنى ئۆيدە ئىستىراھەت بىلەن ئۆتكۈزىۋاتىمەن.

سوئال: بىلگىنىڭىزدەك، كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قىزىقىش بارغانسىرى ئۇلغىيىۋاتىدۇ. كۆپلىگەن دۆلەتلەر ب د ت نىڭ كېڭەشلىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان غەيرى ئىنسانىي سىياسەتلىرىنى ئاشكارە تەنقىت قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا 25 دۆلەت خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەنقىت قىلىپ ب د ت گە بىرلەشمە ئەرزنامە تەقدىم قىلدى. چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشقان چەتئەللىك سۆزچىلەر بۇنىڭدىن كېيىن مەن «شىنجاڭ» ئىسمىنىڭ ئورنىغا «ئىست تۇركىستان» يەنى شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىمەن، «ئازسانلىق مىللەت» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار ئىبارىسىنى ئىشلىتىمەن دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا پىرىزدىنتى دونالد چامپ ۋاشىڭگتوندا ئىلھام توختىنىڭ قىزىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭدىن دادىسىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق مەلۇمات ئالدى. رەھمەتلىك ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ قىزى ئەلنىگار ئىلتەبىر ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى رۈشەن ئابباس خانىمغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىدا جازا لاگىرلىرىغا قارشى پائالىيەتلەر ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردىكى ھەرىكەتلىرىنى ئامېرىكا باشتا بولۇپ غەرب دۆلەتلىرى قوللاۋاتىدۇ. سىز ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئىگە پىشقەدەم بىر لوبىيىست بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ھادىسىلەرگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ھازىر قولغا كەلتۈرۈۋاتقان بۇ ئۇتۇقلارنىڭ ھەممىسى بولۇپمۇ 1970 – يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە ھەر تۈرلۈك ئىنسانىي، ماددى ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كىرىپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، ئۇلارنىڭ يار – يۆلىكىگە ئىگە بولۇش ۋە كېرەكلىك تەدبىر – چارىلەرنى ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۇجادىلىلەرنىڭ بىر نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئۇتۇقلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە ئەلۋەتتە ئانا ۋەتەندە جېنىنى تىكىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مۇجادىلە قىلغان، تۇتقۇنغا ئېلىنغان، قىيىن- قىستاقلارغا دۇچار بولۇۋاتقان ۋە شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوينىغان رولى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ پىداكارلىقلىرى بولمىغان بولسىيتى، بىزنىڭ چەتئەللەردە ئۆز كۈچىمىز بىلەن بۇ دەۋانى خەلقئارالاشتۇرۇشىمىزمۇ ئاسان بولماييتى.

تۈركىيەدە بىر سۆز بار: «بايرام دەيىل سەيران دەيىل، يەنگەم بەنى نىيە ئۆپتۈ»، يەنى «بايرام ئەمەس سەيران ئەمەس، يەڭگەم مېنى نىمىشقا سۆيدى؟» دەيدىغان. 260 يىلدىن بېرى ئەنگىلىيە، چار رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ خىيانەتلىرىگە كۆپ ئۇچرىغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنداق ئەھۋاللاردا، بولۇپمۇ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان يۇرتداشلىرىمىز ئالدىراپ خوش بولۇپ «ھۇررا» توۋلاپ كەتمەي، ئۆز ئۆزىدىن «بۇلارنىڭ بىزگە بۇنداق قىزىقىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نىمىدۇر ئەجىبا؟ ئامېرىكا بىزنى خىتايغا قارشى بىر كوزىر قىلىپ ئىشلەتمەكچىمىدۇ؟ بۇ ئۇزۇن ۋاقىتلىق بىر سىياسەتمۇ ياكى مەقسەتكە يېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىسقا ۋاقىتلىق بىر تاكتىكىمۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ سىياسىتى بىزنىڭ دەۋايىمىزغا پايدا كەلتۈرەمدۇ ياكى زىيانمۇ؟ ئەگەر پايدا كەلتۈرۈدىغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىن قانداق نەپكە ئېرىشەلەيمىز؟» دىگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سوراپ، مىللىي مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن ئورتاق بىر سىياسەت بەلگۈلەپ چىقىشقا تىرىشىشى كېرەك. ئورتاق بىر سىياسەت بەلگىلەش ئۈچۈن چەتئەللەردە رەسمىي رەۋىشتە قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرى، ئالىملار ۋە ئاقساقاللار ئۆزئارا ئاداۋەت، كېلىشىمسىزلىك ۋە رىقابەتلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، بىر يەردە باش قوشۇپ دەرھال يېڭى بىر ئىستراتېگىيە بەلگۈلەپ چىقىشى كېرەك. ئەكسى تەقدىردە، بەلكىم خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەيدىغان مۇھىم بىر پۇرسەتنى قولدىن قاچۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر مۇھىم نوقتا ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەي. بەزى بىر ئىلىم ئادەملىرىمىز خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشى سىياسەتىنى چەتئەللەردىكى يۇرتداشلارىمىزغا تۇيغۇزۇش ئۈچۈن كۆپ پىداكارلىقلار كۆرسەتمەكتە. بۇ ئەلبەتتىكى ناھايىتى مۇھىم بىر خىزمەت. ئەمما، ئەگەر بۇ ئالىملىرىمىز ۋاقىت چىقىرىپ ئانا ۋەتەندىن كەلگەن بۇ خەۋەرلەرنى ئانالىز قىلىپ بۇلارغا قارشى قانداق بىر يول ئىزدەش، تاقابىل تۇرۇش ياكى تەدبىر- چارە ئېلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا سىياسىيونلارىمىزغا يوليورۇق كۆرسىتەلىسە تېخىمۇ پايدىلىق بىر ئىش قىلغان بولىدۇ.

سوئال: ئەركىن ئاكا، ئېكولوگىيە باشتا بولۇپ دۇنيادا جىددىي ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستانغا سىزچە قانداق تەسىرى بولار؟

جاۋاب: دېگىنىڭىزدەك، تەتقىقاتچىلار ئەگەر جىددىي تەدبىر-چارىلەر ئېلىنمىغان تەقدىردە ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارغانسىرى ئىنسانلىقنىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان بىر دەرىجىگە يېتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئېكولوگىيە دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانلارنى، ھۆكۈمەتلەرنى، دۆلەتلەرنى ئالاقىدار قىلىدىغان بىر تېما. ئىنشائاللاھ ب د ت نازارىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ئۈنۈملۈك بىر نەتىجە بىرەر. ئەمما بۇ ئارىدا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن يېڭى ياسالغان ئورتا مەنزىللىك ئاتوم راكىتالىرىغا قارشى تۇرۇپ 1987- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالانغان ۋە قىسقىچە INF دەپ ئاتالغان ئورتا مەنزىللىك ئاتوم راكىتالىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى بىر تەرەپلىمە بىكار قىلىشى، ھەمدە ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى تالاش – تارتىشلارنىڭ بارغانسىرى ئۇلغىيىشى، كەشمىر مەسىلىسى تۈپەيلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى، بۇ جىدەلدە خىتاينىڭ پاكىستاننى ئۇچۇقچە قوللاپ چىقىشى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ بارغانسىرى ئۇلغىيىشى؛ ئامېرىكىنىڭ پاسىفىك ئوكياننىڭ ئۆپچۆرىسىگە ئوتتۇرا مەنزىللىك ئاتوم راكىتالىرىنى جايلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەر دۇنيادا جىددى بىر ئۇرۇشنىڭ پارتلاپ چىقىش ئېھتىماللىقىدىن دالالەت بەرمەكتە. بەزى بىر تارىخچىلار دۇنيانىڭ كىيىنكى 500 يىللىق تارىخى جەرىيانىدا، مەۋجۇت بىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بىلەن بىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش ئۈچۈن يۈكسىلىۋاتقان باشقا بىر دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ دائىما ئۇرۇش بىلەن نەتىجەلەنگەنلىكىنى ئىپادە قىلىشىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە، بۈگۈن دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلىتى بولغان ئامېرىكا بىلەن قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولۇش ئۈچۈن چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا بېسىۋاتقان خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىددى بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىشارە قىلماقتا. ئەگەر بۇنداق بىر ئۇرۇش چىقىپ قالغان تەقدىردە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ، رۇسىيىنىڭ، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ تۇتىدىغان پوزىتسىيەلىرى قانداق بولىدۇ؟ بىلمەيمىز. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتا بولۇپ تىبەتلىكلەرنىڭ، ئىچكى موڭغۇللارنىڭ، خوڭكوڭلىقلارنىڭ، تەيۋەنلىكلەرنىڭ ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئوينايدىغان رولى قانداق بولىدۇ؟ بۇنى ئېنىقلاشقا تىرىشىشتا پايدا بار.

سوئال: ئەركىن ئاكا، بولۇپمۇ ياشلار «بىز ئەركىن ئالپتېكىننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان، ئەمما ئۆزىنى كۆرمىگەن. ئەركىن ئالىپتېكىن قانداق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ھەمدە بۇ تەشكىلاتلاردا قانداق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان؟» دىگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سورايدۇ. بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات بىرەلەمسىز؟

جاۋاب: گەرچە بۇ توغرۇلۇق كۆپ يېزىلىپ، سىزىلىپ سۆزلەنگەن بولسىمۇ، مەن يەنە بىر قېتىم قىسقىچە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشاي.

مەن قۇرغان ۋە قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان تەشكىلاتلار، مېنىڭ 1971 – يىلى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھرىدىكى ئازاتلىق رادىئوسىغا كېلىپ ئىشلەشكە باشلىغاندىن كېيىنكى ھاياتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ يىللاردا مىيۇنخىن شەھرىدە پەقەت 6-7 ئۇيغۇر ياشايتتى. ئۇلار بىلەن رەسمىي بىر تەشكىلات قۇرۇش مۇمكىن بولمىغاچ، 1973 – يىلىدىن كېيىن بوش ۋاقىتلاردا دالاي لاما، ئۇنىڭ مۇھاجرەتتىكى ھۆكۈمىتى، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى تەشكىلاتلىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى بىر نەبىزە بولسىمۇ خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش، قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە تەدبىر – چارە ئالدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشتىم. يەنە ئۇلارنىڭ يار-يۆلىكى بىلەن كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىنلىرىغا قاتنىشىش، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا، ياۋرۇپا پارلامىنتىدە، ئامېرىكا كوڭگىرەسىدە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان غەيرى ئىنسانىي سىياسىتىنى تىلغا كەلتۈرۈش ۋە خىتايغا قارشى بەزى بىر قارارلارنى ئالدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.

بۇ پائالىيەتلەرنى تەشكىلىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 1985 – يىلى شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىچ شەھرىدە «شەرقى تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ بىرلىكى» دېگەن تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىدىم. شۇ چاغدا مەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرا ھەيئىتى رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىدىم.

1976 – يىلى ئەنۋەرجان ئازاتلىق رادىئوسىغا كېلىپ ئۇيغۇر شۆبىسىدە ئىشلەشكە باشلىدى. ئۆمەر قانات 1986 – يىلىدا ئازاتلىق رادىئوسىنىڭ تاجىك شۆبىسىدە ئىشلەشكە باشلىدى. كېيىنچە ئەسقەرجان ئوقۇشىنى تاماملاپ مىيۇنخىن شەھرىگە كېلىپ جايلاشتى. بالا – چاقىلىرىمىز بىلەن 1990 – يىلىدا «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نى قۇرۇپ چىقتۇق. مەن ئىككى يىل بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلدىم. «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» غەرب دۆلەتلىرىدە قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتىدۇر.

1991- يىلىدا گوللاندىيەنىڭ پايتەختى گاگا شەھرىدە UNPO دەپ ئاتالغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا چوڭ رول ئوينىغان 4 كىشىدىن بىرى بولدۇم. بۇ تەشكىلات پەقەت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىلا ئەمەس، بەلكىم بىزگە ئوخشاش ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان 75 مىللەتنىڭ دەۋاسىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە تۇيغۇزۇشتىمۇ چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ. 1991- ۋە 2002 – يىللىرى ئارىسىدا مەن بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىس ئورۇنباسارى، رەئىسى ۋە كېيىنچە باش كاتىبى بولۇپ خىزمەت قىلدىم.

2000 – يىلى فرانسىيەنىڭ بۇرۇنقى پىرىزدىنتى فرانكوئىس مىتتەرراندنىڭ ئايالى دانىئەلا مىتتەرراند ۋە ئىسپانىيەنىڭ بۇرۇنقى مەدەنىيەت مىنىستىرى فەدەرىكو مايورنىڭ تەكلىپلىرى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ بارسەلونا شەھرىدە «UBUNTU» دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدا رول ئالدىم. 2004 – يىلىغىچە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرا ھەيئىتى ئەزالىقىنى قىلدىم. جەنۇبىي ئافرىقا تىلىدا «تىنچلىق» مەناسىغا كەلگەن UBUNTU بولسا 15 تىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ بىرلىكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

سوئال: سىز د ئۇ ق نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى رەئىسى. د ئۇ ق نىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز…

جاۋاب: ئەگەر توغرا ئېسىمدە قالغان بولسا، ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا، ئابلىكىم ئىدرىس ۋە سەپداشلىرى 1996 – يىلى مىيۇنخىن شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەنۋەرجان، ئەسقەرجان ۋە رىزا بېكىن پاشا باشچىلىقىدىكى يۇرتداشلار يەنە 1999 – يىلى مىيۇنخىن شەھرىدە شەرقىي تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ ھەر ئىككى قۇرۇلتاينىڭ يول باشچىلىرى 2002 – يىلىدىن ئىتىبارەن ياشلار قۇرۇلتىيى بىلەن مىللىي قۇرۇلتاينى بىرلەشتۈرۈپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىنى قۇرۇشقا قارار بېرىشىدۇ.

د ئۇ ق نى قۇرۇشقا قارار بەرگەن گىرمانىيە، تۈركىيە ۋە ئورتا ئاسىيادىكى بەزى بىر قېرىنداشلىرىمىز «ئەركىن ئالپتېكىن مىللىي دەۋادىن قېچىۋاتىدۇ، قۇرۇلتاينىڭ قۇرۇلۇشىغا يار يۆلەكتە بولمايۋاتىدۇ، يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايدۇ.» دىگەندەك گەپلەر بىلەن مېنى ئوچۇق تەنقىت قىلىشقا باشلىدى.

مەن «شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك ۋىجدانى قەرزىمنى ئادا قىلىمەن.» دەپ يولغا چىققان بولغاچ، 1990 – يىلىدىن كېيىن چەتئەللەردە قۇرۇلغان ھېچبىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدا يەر ئالمىغان ئىدىم. يۇرتداشلارنىڭ تەنقىد، تەۋسىيە ۋە تەكلىپلىرى بىلەن ئاخىرى د ئۇ ق دا ۋەزىپە ئېلىشنى قۇبۇل قىلدىم.

2004 – يىلى ئاپىرىدا 15 دۆلەتتە ياشايدىغان يۇرتداشلىرىمىز تەرىپىدىن سايلاپ ئەۋەتىلگەن ھەيئەتلەرنىڭ ئىشتىراكىدا مىيۇنخىن شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىنى قۇرۇپ چىقتۇق. ۋەكىللەرنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن مەن بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندىم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا بىز بەزىبىر خەلقئارا قانۇنچىلارنىڭ مەسلىھەتلىرى بىلەن تاييارلانغان نىزامنامىنى ماددا-ماددا كۆزدىن كۆچۈرۈپ قوبۇل قىلدۇق. كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلىدىغان مۇستەقىل دۆلەتنىڭ شەكلى توغرۇلۇق UNPO نىڭ خەلقئارا قانۇن ئەربابلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان پروگراممىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ ۋە ماقۇللاپ، ئۇنى «مىيۇنخىن خىتاپنامىسى» ئىسمى بىلەن ئاشكارا ئېلان قىلدۇق. يەنە شۇنداقلا، دوكتور ئەركىن ئەكرەم تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى توغرىسىدىكى «ئۈچ باسقۇچلۇق ئىستىراتېگىيە پىلانى» نى كۆزدىن كۆچۈرۈپ قوبۇل قىلدۇق. مەمەت توختى ئەپەندىم تەرىپىدىن ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئۈچ باسقۇچلۇق ئىستىراتېگىيە پىلانىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۆز ۋاقتىدا «مۈكەممەل بىر پىلان بوپتۇ» دەپ بىزنى تەبرىك قىلغان ئىدى.

مېنىڭ مەقسىدىم، ئۇزۇن يىللىق تەجرىبەمگە ئاساسلىنىپ كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بولالايدىغان، دېموكراتىك پېرىنسىپلەرگە تولۇق رىئايە قىلىدىغان، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، مەدەنىي، زامانىۋىي ۋە ئىنساننىڭ بەدىنىگە ئوخشاش مۈكەممەل بىر ئىرادە بىلەن ئىشلەيدىغان كەسپىي بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشتا يۇرتداشلارغا يار يۆلەكتە بولىشتىن ئىبارەت ئىدى.

مادەمكى، بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىۋاتىمىز، ئۇ ھالدا بىزنىڭ بۇ مۇستەقىل دۆلەتنى ساقلاپ قالالايدىغان، ياشىتىدىغان ۋە راۋاجلاندۇرۇدىغان تەدبىر – چارىلەرنىمۇ ھازىردىن باشلاپ كۆزدىن كۆرۈشىمىز كېرەك بولىدۇ. ئەكسى تەقدىردە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەدرىجى رەۋىشتە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەپ مۇستەقىللىقلىرىگە ئېرىشكەن ئوتتۇرا شەرق، ئورتا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىدىكى بەزى بىر دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالىمىز. بۇ دۆلەتلەردە تېخىچە ئىچكى قانلىق ئۇرۇشلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتىدۇ. ياكى خەلقى ئاچ، يالاڭاچ، بىئىلاج ياكى بۇرۇنقى مۈستەملىكىچىلىرى بولغان غەرب دۆلەتلىرىگە قېچىپ بېرىپ جان بېقىشقا مەجبۇر ۋە ياكى خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىسى. بىز كېلەچەكتە قۇرۇلىدىغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىردىن كېرەكلىك پىلان ۋە پروگراممىلارنى تەييارلاپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئەمما مېنىڭ ۋەزىيىتىم بۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يار بەرمىدى. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى: د ئۇ ق قۇرۇلۇپ 3 ئايدىن كېيىن يۈرەك ئوپېراتسىيەسى بولۇپ ئۇزۇن ۋاقىت ياتاقتا يېتىپ قالدىم. نەتىجىدە، شەخسەن مېنىڭ د ئۇ ق نىڭ ئايلىق چىقىملىرىنى تۆلەشتىن باشقا زور پايدام بولمىدى. د ئۇ ق غا ئۇ چاغلاردا NED دىن تېخى ماددى ياردەم باغلانمىغان ئىدى. د ئۇ ق نىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۆز يانچۇقىمىزدىن تۆلەييتۇق. يەنە بىر سەۋەبى بولسا، مىيۇنخىن شەھرىدىن د ئۇ ق ئىدارە ھەيئىىتىگە سايلانغان ئۈچ قېرىندىشىمىز د ئۇ ق نىڭ ئىشلىرىگە ۋاقىت چىقىرالماي ۋەزىپىلىرىدىن ئىستىپا قىلىپ كەتتى. د ئۇ ق نىڭ پۈتۈن ئىشى دولقۇن ئەيسا، ئابلىمىت تۇرسۇن ۋە ئابلىكىم ئىدرىسلەرنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىپ قالدى. ھىچبىر كىرىمى بولمىغان دولقۇن ئەيسا ئۇ چاغدا كەچلىرى پىزا توشۇپ، كۈندۈزلىرى دەۋا خىزمەتلىرىنى ئىشلەييتى. ئەسلىدە د ئۇ ق مانا بۇ ئۈچ كىشىنىڭ غەيرىتى بىلەن ساقلىنىپ قالغان ئىدى. د ئۇ ق ئىدارە ھەيئىتىگە سايلانغان يۇرتداشلارنىڭ كۆپۈنچىسى باشقا دۆلەتلەردە ياشايتتى. ئۇلارنىڭ د ئۇ ق نىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا ياردىمى تەگمەيتتى.

سوئال: بۈگۈنكى د ئۇ ق نىڭ كېلەچىكىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق، مەن ۋە رابىيە خانىم رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى تەلەيلىك دەپ قارايمەن.

1973 – 2004 – يىللىرى ئارىسىدا ناھايىتى قېيىن شارائىتلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان لوبى پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى غەرب دۆلەتلىرىدە خېلى تونۇلۇپ قالغان، ب د ت، ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكا كوڭگىرەسىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ بولغان ۋە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى غەيرى ئىنسانىي سىياسىتىنى تەنقىت قىلىپ بەزى بىر قارارلارمۇ ئېلىنىپ بولغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسلەسى بۈگۈنكىدەك خەلقئارالاشقان دەرىجىگە يەتمىگەن ئىدى.

دەرۋەقە، بىر سىنىزاسيۇن كىشىلىكىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن رابىيە خانىم رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ۋە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان غەيرى ئىنسانىي سىياسىتىنىڭ دۇنيا جەمائەتچىلىكىگە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تونۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

گەرچە رابىيە خانىم بىر سۆھبىتىدە ماڭا ئىلتىپات قىلىپ «ھازىر بىز ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېچىپ قويغان ئىشىكلىرىدىن كىرىپ چىقىۋاتىمىز» دىگەن بولسىمۇ، ئەسلىدە رابىيە خانىم رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق، ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج دابىليۇ بۇشنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ئىدى. مېنىڭ «سەزارنىڭ ھەققىنى دائىما سەزارغا بېرىش كېرەك» دىيىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. دۇنيادا خاتاسىز ئىنسان بولمايدۇ. بىر ئىنسان بولۇپ مېنىڭ مىڭلەرچە خاتايىم بار. شۇنداقلا رابىيە خانىمنىڭمۇ ئۆزىگە كۆرە خاتالىقلىرى بولىشى مۇمكىن. ئەمما خاتا ئىزدەيمەن دەپ، رابىيە خانىمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى ئىنكار قىلىش توغرا بولمايدۇ.

دولقۇن ئەيسانىڭ بولۇپمۇ مېنىڭ رەھبەرلىكىمدىكى د ئۇ ق غا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى تەلەيلىك بولىشىنىڭ باشقا مۇھىم بىر سەۋەبى: د ئۇ ق نىڭ NED نىڭ ماددىي يار – يۆلىكىگە ئىگە بولىشىدۇر. گەرچە NED دىن ماددىي ياردەم سوراپ ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر مېنىڭ دەۋرىمدە باشلانغان بولسىمۇ، بۇ ماددىي ياردەم مەن د ئۇ ق دىن ئايرىلغاندىن كىيىن قولغا كەلدى. شۇنداقلا، رابىيە خانىم رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق نى ماددىي جەھەتتىن ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن يۇرتداشلار ھازىر دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق نىمۇ تەمىنلەشكە تېرىشىۋاتىدۇ.

دولقۇن ئەيسانىڭ د ئۇ ق غا بولغان رەھبەرلىكى مانا مۇشۇنداق تەلەيلىك بىر زامانغا توغرا كەلدى. ئەگەر دولقۇن ئەيسا مۇشۇ پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ د ئۇ ق نى مەزمۇت بىر سېستىما ئۈستىگە ئولتۇرغۇزالىسا، د ئۇ ق نى بىر كەسپىي تەشكىلاتقا ئايلاندۇرالىسا، د ئۇ ق ئىدارە ھەيئىتىنى بىر پۇتبول كوماندىسىغا ئوخشاش بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ماڭالايدىغان تەرتىپلىك بىر كۇماندا ھالىغا كەلتۈرەلىسە، بىر پىلان، پروگرامما ۋە يول خەرىتىسى ئاساسىدا ھەرىكەت قىلدۇرالىسا، تەشكىلات ئىچىدە سۆز، فىكىر ۋە تەنقىتلەرگە يول قويالىسا، تۈرلىك سەۋەبلەر بىلەن چېچىلىپ كەتكەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئالىملار، زىيالىيلار ۋە سىياسىيونلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلالىسا، «ھەممىمىز بىرىمىز ئۈچۈن، بىرىمىز ھەممىمىز ئۈچۈن» دەيدىغان شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقالىسا، بولۇپمۇ چەتەللەردىكى يۇرتداشلارىمىزنى بىر «مىللىي مەپكۇرە» ئەتراپىغا يىغالىسا، دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق نىڭ كېلەچىكى ناھايىتى پارلاق بولىدۇ.

ئەپسۇسكى، مىللىي مەپكۇرە بىر ياقتا تۇرسۇن، ھازىر چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا مىللىي نوپۇسىمىز توغرىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل ئەمەس. بىز تېخىچە «سان مۈھىممۇ، سۈپەتمۇ؟” دىگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ئېنىقلىيالمايۋاتىمىز. بۈگۈن ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىل دەپ ئاتالغان بىر دۆلەت بار. بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى نوپۇسىنىڭ 7 مىلىيون ئەتراپىدا بولغانلىقى ئىپادە قىلىنماقتا. بۈگۈن نوپۇسى 500 مىليوندىن ئاشقان ئەرەب دۆلەتلىرى «ئىسرائىلنى يوق قىلىمىز» دەپ 1948 – يىلىدىن تارتىپ بۇ دۆلەتكە قارشى ئۈچ چوڭ ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئەمما ئەرەب دۆلەتلىرى بۇ ھەر ئۈچ ئۇرۇشتا ئىسرائىلغا مەغلۇپ بولۇپ چىقتى. ناھايىتى كۆپ تۇپراقلىرىنىمۇ تارتقۇزۇپ قويدى. بىزدە «ئاز بولسۇن ساز بولسۇن» دەيدىغان بىر سۆز بار. تۈركىيەدە «نەرەدە چوكلۇك، ئورادا بوكلۇك» دەيدىغان بىر ماقالمۇ بار.

سوئال: خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى سىياسىتىگە كۆز قارىشىڭىز قانداق؟

جاۋاب: خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى تەدرىجى رەۋىشتە بىر تۇرمىغا ئايلاندۇرۇپ بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تارمار قىلىپ بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقىنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىۋاتىدۇ. پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئاتىنى ئانىغا، ئانىنى دادىغا، ئاتا-ئانىنى بالىلىرىغا، بالىلارنى ئاتا-ئانىلارغا دۈشمەن قىلىپ بولدى. ئۇلارنى بىر بىرىگە ئىشەنمەيدىغان بىر ھالەتكە چۈشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جەمائەتچىلىكىگە «تېرورىست، قالاق، بىر-بىرى بىلەن پېتىشمايدىغان، ئۇرۇشقاق بىر مىللەت» دەپ تونۇتۇپ بولدى. بىر-بىرىنى چېقىش ئارقىلىق ھايات كۆچۈرۈشكە كۆندۈرۈپ قويىدى. قىلچىلىك نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، سولاۋاتىدۇ ۋە قىيىن-قىستاققا تارتىۋاتىدۇ.

ئەمدى بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تەدرىجى رەۋىشتە بىر ماڭقۇرتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جازا لاگىرلەرىنى قۇرۇپ چىقتى. ماڭقۇرتنىڭ نىمە بولغانلىقىنى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغانلار ياخشى بىلىدۇ. «ماڭقۇرت – تىلىنى، دىنىنى، مەدەنىيىتىنى، ئىنسانىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ھۆر ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويغان بىر مەخلۇقات» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بەلكىم تېخىمۇ ئەپچىل تەرجىمىسى باردۇر. كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ماڭقۇرتقا ئايلاندۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تېخىچە بۇنى بىر «Cultural Genocide» يەنى «مەدەنىي-ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ خىتاينى قارىلاپ بىر قارار ئالالمىدى.

سوئال: خەلقىمىزگە، ياش نەسىلگە قانداق تەۋسىيە – تەكلىپلىرىڭىز بار؟

جاۋاب: مەن بولۇپمۇ چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ، ئوقۇپ يېتىشكەن ياشلارغا تەۋسىيە-تەكلىپلەردە بولۇشنى خالىمايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن گىرمانىيەدە تۇغۇلۇپ، ئوقۇپ يېتىشكەن ئۆزەمنىڭ ئوغلىغىمۇ تەۋسىيە – تەكلىپلەردە بولغان ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار مېنىڭ دەۋرىمدە تۇغۇلغان ئەمەس. مەن ئۆزەمنىڭ ئوغلىغا پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقىمنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈركىي خەلق بولغانلىقىنى، ئانا ۋەتەنىمنىڭ ئىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمى يۇرتى بولغانلىقىنى، 12 يېشىمدا ئانا ۋەتەنىمدىن قېچىپ چىقىشىمنىڭ سەۋەبىنى، تىرىكچىلىك قىلىمەن دەپ تارتقان جەۋرۇ – جەفالىرىمنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك ۋىجدانى قەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىمنىلا ئاڭلاتتىم، خالاس.

ئوغلۇمغا «ئۇنداق قىلىسەن، مۇنداق قىلىسەن، مانى دەيسەن، مانى دېمەيسەن، مانى قىلىسەن، مانى قىلمايسەن» دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى ھەرگىز قىلمىدىم. ئەگەر قىلغان بولسام بەلكى ئوغلۇمنى ئۆزۈمگە ئوخشاش روھىي ھالەتتىكى بىر كىشىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بولاتتىم.

ئەمما، ئۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزىنىڭ يولىنى تېپىۋالدى. گىمنازىيۇمنى تاماملاش ئۈچۈن بىزنىڭ ئانا ۋەتەندىن قېچىپ چىقىش تارىخىمىز ۋە جەريانلارنى تېما قىلىپ يازدى. باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن 4 ئاغىنەم بىلەن قۇرغان UNPO نى تېما قىلىپ يازدى. ماگېستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىيەتچىلىك ھەرىكەتلىرى» نى تېما قىلىپ تاماملىدى.

ئوغلۇمنىڭ ئانىسى گىرمان. شەرقىي تۈركىستاننى ھىچ كۆرمىگەن، ئۇيغۇرچە بىلمەيدۇ. ئەمما 26 يېشىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۇگۈنكى ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. گىرمانچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە ۋە تۈركچە سۆزلەپ، ئوقۇپ يازالايدۇ. ھازىر ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ئۈچۈن قازاقىستانغا بېرىش پىلانلىرىنى تۈزۈۋاتىدۇ.

ئەگەر ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق مېنىڭ ئوغلۇمغا ئوخشاش ناھايىتى كۆپ ياشلار يېتىشىپ چىقتى. بۇلار ھازىر ئۆزى ياشاپ تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، تېخنىك ۋە تېخنولوگىيە ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئويناۋاتىدۇ. بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىمىز ئۇلارنىڭ قىلىدىغان، قىلماقچى بولغان ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىگە پۇتلاشماي، ئۇلارغا قولدىن كەلگەن ياردەمنى بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

2019-يىلى سىنتەبىر، گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى