ئەركىن سىدىق ئانا تىل ھەققىدە

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئانا تىل ھەققىدە (1-قىسىم)[تەھرىرلەش]

بىلىمخۇمار

كىرىش سۆز ئورنىدا

مەن يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىكى ئانا تىل ھەققىدىكى يازمىلار ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈۋېتىپ، مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقىدىم: ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىل مائارىپ» تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يېسىل ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇشى ۋە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچراتقان بولسىمۇ، نېمىشقا ئاشۇنداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ئانچە چۈشىنىپ يېتەلمىگەن. غەرپ ئەللىرىدە «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات كەم دەگەندە بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن باشلانغان. ھازىرغىچە قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى كۆپرەك ئېلىپ بارغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن مىللەتلەرنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان ۋە ھازىرمۇ قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كىرىدۇ. بۇ دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن بىر ئورتاق مەسىلە كۆچمەن خەلقنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، بۇ يېڭى دۆلەتلەرگە كېلىپ نەچچە ئەۋلاد ياشاپ بولغان بولسىمۇ، بۇ كۆچمەن خەلقنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى يەنىلا ئۆي تازىلاش، كوچا سۈپۈرۈش، ئوت ئۇرۇش، زاۋۇتلاردا ئىشچى بولۇشتەك تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت ئورۇنلىرىدىن قۇتۇلالمىغان. شۇڭلاشقا يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئېلىپ بارغان تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، باشقا دۆلەتلەردىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا بىر ئىلمىي ئاساسقا ئېرىشىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان. مەن 2009-يىلىدىن باشلاپ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولغان، ياكى توغرا يوسۇندىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ، بىر قاتار ماقالىلارنى يېزىپ، توردا ئېلان قىلدىم. ئۇ ماقالىلار ھەجىم جەھەتتە بىر ئاز ئۇزۇن بولۇپ، تورلاردىمۇ سەل چېچىلىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن بۇرۇن يازغان مەزمۇنلارغا ئانا تىل ھەققىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئۇقۇملارنى قوشۇپ قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. تۆۋەندە مەن ئانا تىل ۋە «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى بۇرۇنقى ۋە يېڭى مەزمۇنلارنى قىسقا ماقالە شەكلىدە كۆپ قىسىمغا بۆلۈپ ئېلان قىلىمەن. ئۈمىدىم ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ھەقتە بىر قاتار مۇكەممەل ئىلمىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىش.

قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدىكى خەلقارالىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرى

1)بالىلارنىڭ يات تىل (ياكى ئىككىنچى تىل) ئىقتىدارى ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرسى سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. يەنە بىرسى ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. بالىلارنىڭ سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش بىلەن ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت پەرقى ئىنتايىن زور بولۇپ، بالىلار سۆزلىشىش جەھەتتە يەرلىك بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئىنتايىن تېزلا يېتىشۋالالايدۇ. لېكىن، ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىدە يەرلىك بالىلارغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

2) بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىلدىن باشقا كەسپىي دەرسلەردىكى بىلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئوخشاش.

3) بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بالىلارغا بىر يات تىل ئۆگەتكەندە، ئۇنى بىر ئايرىم چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگەتمەي، ئۇ يات تىلنىڭ ئانا تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئۆگىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكىلى بولىدۇ.

4) ئەگەر بالىلار باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقارماي تۇرۇپلا يەنە بىر يات تىلنى ئۆگىنىدىكەن، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئانا تىلدىمۇ ۋە ئۇلار ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلدىمۇ يېرىم ساۋاتلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار ئەھۋال خەلقئارادا «يېرىم ساۋاتلىق قوش تىللىق بالىلار» دەپ ئاتىلىدۇ.

5) خەلقارادا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپنى ئىككىنچى تىلدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مەكتەپنى ئانا تىلدا ئوقۇغان بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ناچار بولىدۇ. «بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، يۇقىرىقىدەك بالىلارنىڭ ئانا تىلى كۆپىنچە ئەھۋالدا يا مەكتەپتە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، يا پەقەت بىر ئانچە مۇھىم ئەمەس تىل دەرسى سۈپىتىدىلا ئۆتۈلگەن.» (بۇ سوز «سكۇتنابب-كاڭاسTove Skutnabb-Kangas» خانىم 1979-ئېلان قىلغان، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىپ يۈرۈۋاتقان بىر 22 بەتلىك دوكلاتتىن ئېلىندى).

باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى سىنىپىدىن باشلاپ بىر يات تىلدا ئوقۇغان بالىلار مۇنداق ئىككى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىدۇ. بىرسى، ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. يەنە بىرسى مەكتەپتە ئۆتۈلگەن تىلدىن باشقا كەسپىي دەرسلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش. بۇنداق بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى ئاساسەن يوق ياكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەسپىي دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالىشى ئىنتايىن تەسكە چۈشىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل ئۆگىتىلمەيدىكەن، ۋە بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئىزچىل تۈردە ئۆستۈرۈلمەيدىكەن، ھەمدە بالىلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن كەسپىي دەرسلەر بىر يات تىلدا ئۆتىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلدىكى تىل ئىقتىدارى بىلەن چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش (ياكى سەۋەبىنى تېپىش) ئىقتىدارلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېسىل ياكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدۇر. گرېتسىيىدە مۇنداق بىر ئەھۋال بايقالغان: گرېتسىيىدە تۇغۇلۇپ ياكى گرېتسىيىگە كىچىكىدىنلا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپ گرېتسىيىدە ئوقۇغان چەت ئەللىك بالىلارنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىكى ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆز دۆلىتىدە تۇغۇلۇپ ۋە ئۆز دۆلىتىدە بىر مەزگىل ئوقۇپ، گرېتسىيىگە كېيىنراق كۆچمەن بولۇپ كەلگەن چەت ئەللىك بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى كۆپ ياخشى بولغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال گېرمانىيىدىمۇ بايقالغان.


6) ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلدىكى تىل سەۋىيىسى تۆۋەن بالىلارنىڭ بىلىم ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.


7) بالىلارغا ئىككىنچى تىل باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن 6-سىنىپقىچە بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆگىتىلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشنى ئۇلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن، مەسىلەن، باشلانغۇچ 4-سىنىپقا كۆچكەندە، باشلىسا، ئۇلار ئاشۇ يات تىلدا شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەت بالىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ساۋاتلىق بولالايدۇ. بالىلارنىڭ بىر يات تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولۇشى ئۈچۈن 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.


8) بالىلارغا بىلىمنى ئۈنۈملۈك بېرىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا چوقۇم مۇنداق بىر مۇناسىۋەت بۆلىشى كېرەك: ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تولۇق يول قويۇش، بۇ ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن ئۆزلۈكىنىمۇ تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئەگەر بالىلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلىم ئېلىۋاتقان جەمئىيەتكە تەۋەدەك ھېس قىلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

(بۇ بىر كۆپ قىسىملىق ماقالىنىڭ 1-قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ داۋامى بار. بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ)

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Tove Skutnabb-Kangas, “Language in the process of cultural assimilation and structural incorporation of linguistic minorities”,

http://www.neiu.edu/7Eduo/skutnabb.htm


ئانا تىل توغرىسىدا (2-قىسىم)[تەھرىرلەش]

بالىلارغا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرلىگى


بىلىمخۇمار


بىر يات تىلنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تىلى قىلىپ ئۆگىنىشكە مەجبۇرى بولغانلار، چوقۇم ئۆزىنىڭ ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن يىراقلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق قىلىش بالىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ناھايىتى زور بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ نورمال ھالدا بىلىم ئېلىشىغا، ھەمدە پەرزەنت بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە زور دەرىجىدە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنيا ئەتراپ قىلغان مائارىپشۇناسلارنىڭ بىر ئورتاق كۆز-قارىشى شۇكى، بىر سىنىپتا ئۆتۈلگەن دەرسلەر شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى بىلەن تالانتىنى ئۆستۈرىدىغان بولۇشى كېرەك. مەيلى سىز مەقسەتلىك قىلىڭ ياكى چۈشەنمەسلىكتىن قىلىڭ، ئەگەر سىز بالىلارنىڭ تىلىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋا-مومىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەنسىز، سىز مائارىپنىڭ ئەسلى مەقسىتىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتكەن بولىسىز.


بىر بالىنىڭ ئانا تىلى ئاشۇ بالىنىڭ كىشىلىك تەرەققىياتى بىلەن ئوقۇشتىكى تەرەققىياتىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە شۇ ئارقىلىق بايقالغان ئىلمىي چۈشەنچىلەر مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىسىدا كۆرسىتىلگەن ئۈچ كىتابتا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. تۆۋەندە مەن ئاناتىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا ھازىرغىچە بايقالغان، يۇقىرىقى ئۈچكىتابتا بايان قىلىنغان باشقا پەننىي چۈشەنچىلەرنى قىسقىچە تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.


1)بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئانا تىلى بىلەن مەكتەپ تىلى ئوخشىمايدىغان بالىلارغانىسبەتەن ئېيتقاندا، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئانا تىلدا كۈچلۈك ئاساس ياراتقان بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىنى پۇختا ئىگىلەش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا-ئانىلاركىچىك بالىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بالىسى مەكتەپ يېشىغا توشۇشتىن بۇرۇن ئۇلاردا ئانا تىل سۆز ئىبارىلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئوبدان يېتىلدۈرسە، بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تىلىنى ئاسانراق ئۆگىنىپ، باشقا ئوقۇشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدۇ. بالىلار ئۆيدە ئانا تىل ئارقىلىق ئىگىلىگەن بىلىم بىلەن ئىقتىدار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تىلىدىكى بىلىم بىلەن ئىقتىدارغا ئۆزگىرىدۇ. بالىلارنىڭ ئۇقۇم ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانا تىل بىلەن مەكتەپ تىلى ئۆز-ئارا بېقىنىدىغان بولىدۇ. ئۇقۇم بىلەن تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا كۆچۈشى قوش-يۆنىلىشلىك بولىدۇ. يەنى، مەكتەپتە بىرەرقوش تىللىق پروگراممىسى ئارقىلىق ئانا تىل تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، بالىلار مەكتەپتىلى توغرىسىدا ئىگىلىگەن ئۇقۇم بىلەن تىل-ساۋات ئىقتىدارى ئانا تىلغا يۆتكىلىدۇ.قىسقىسى، ئەگەر مائارىپ مۇھىتى ھەر ئىككى تىلنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويسا، بۇ ئىككى تىل ئوقۇشتا بىر-بىرىگە ياردەم قىلىدۇ.


2) مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىش يالغۇز ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ھەر خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. يۇقىرىدىكى بايقاشلاردا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، قوش تىللىق بولۇش بالىلارنى تىل جەھەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئىككى خىل تىلدىكى ئىقتىدارلار بىر-بىرىگە ناھايىتى بېقىنىدىغان بولىدۇ. ئەگەر مەكتەپ ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويىدىكەن، ھەمدە شەرت-شارائىت يار بەرگەندە بالىلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىدىكەن، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئوقۇشىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بالىلار ئاناتىلىنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلدىكى تەرەققىياتى كەينىگە چېكىندۈرۈلىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى كىشىلىك ۋە ئىدىيىۋى ئاساسى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ.


نۇرغۇن تورداشلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ كۆپ مىقداردىكى دەرسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ياكى بولمىسا ئۇيغۇر تىلى زادىلا ئۆتۈلمىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىدا ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان دەرىجىدە چېكىنىش پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مېنىڭچە مۇشۇ ئابزاستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي بايقاشلار ئاشۇنداق بولۇشنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.


3) مەكتەپتىكى دەرسلەرنى بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈش ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ئاكادېمىك تەرەققىياتىغا ھەرگىزمۇ يامان تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئارقىلىق بايقىغان بىر كۈچلۈك ھۆكۈم شۇ بولدىكى، بىر ياخشى ئىجرا قىلىنغان قوش تىل پروگراممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى تەرەققىياتىغا ھېچ قانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتى بىلەن ئانا تىلىدىكى كەسپىي بىلىملىرىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. بېلگىيىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلغان ئانا تىل، گوللاندىيە تىلى ۋە فرانسۇزتىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تىلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش پروگراممىسى بۇنىڭ بىرمىسالى بولالايدۇ. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى مۇنداق. بالىلار ئانا تىلدا بىلىم ئالغاندا، ئۇلار بىر تار سېزىم دائىرىسىدىكى ئاشۇ بىر تىلنىلا ئۆگىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلى مۇھىتىدىمۇ جارى قىلدۇرىدىغان ئىقتىدارلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم ۋەئەقلىي ماھارەتلەرنىمۇ تەڭ ئۆگىنىدۇ. ئانا تىلىدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بالىلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئىككىنچى بىر تىلدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن ئۇلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى قايتا ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار پەقەتلا ئۆزلىرى ئاللىقاچان ئۆگىنىپ بولغان بىر ئەقلىي ئىقتىدارغا بىر يېڭى بەلگە تاپسىلا كۇپايە.بۇ خىل ئەھۋال بىلىم ئېلىش جەريانىنىڭ يۇقىرى باسقۇچلىرىدىمۇ ئوخشاشلا داۋام ئېتىدۇ.يەنى، بىر مەزمۇن ياكى ھېكايىدىكى ئاساسىي ئىدىيە بىلەن قوشۇمچە ئىدىيىلەرنى پەرقلەندۈرۈش، سەۋەب بىلەن نەتىجىنى ئايرىش، پاكىت بىلەن پىكىرنى پەرق ئېتىش، بىر ھېكايە ياكى تارىختىكى ۋەقە لەرنىڭ ۋاقىت تەرتىپىنى توغرا تىزىپ چىقىشقا ئوخشاش ئاكادېمىك ۋەتىل ساۋاتى ئىقتىدارى جەھەتتە ئوخشىمىغان تىللار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق ئالمىشىش يۈزبېرىپ تۇرىدۇ.


4) بالىلارنىڭ ئانا تىلى ئىنتايىن نازۇك بولۇپ، مەكتەپ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ. ئانا تىلىنى مەكتەپ تىلى قىلمىغان بالىلار مەكتەپ تىلى بىلەن ئاناتىلى ئوخشاش بالىلارغا قارىغاندا مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىشنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ.لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپ تىلى ئانا تىلى ئەمەس بالىلار ئانا تىلىنى ناھايىتى تېزلا يوقىتىپ قويىدۇ. يالغۇز مەكتەپتىلا ئەمەس، ئۆيىدىمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەرئانا تىل مەكتەپ سىرتىدىكى مۇھىتتا كۆپ ئىشلىتىلسە، كىچىك بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەمما، ئەگەر ئۆز مىللىتىدىن بولغان كىشىلەر مەكتەپ ئەتراپىدىكى رايوندا توپلىشىپ ياشىمىغان بولسا، بالىلار ئۆز ئاناتىلدا سۆزلىشىشنى مەكتەپكە كىرىپ 2-3 يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلار ئانا تىلىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالمىسىمۇ، ساۋاقداش ۋەقېرىنداشلىرى بىلەن مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئاتا-ئانىسىغا مەكتەپ تىلىدا جاۋاب قايتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا بولسا، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى تىل جەھەتتىكى پەرق بىر ھېسسىي ئازگالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا بالىلار ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.


بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بىر كۈچلۈك ئائىلە تىل پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىش پۇرسەتلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، ئۆي ئىچىدە پۈتۈنلەي ئانا تىلدا سۆزلىشىش، ئانا تىلدا كىتاب ئوقۇش، ئانا تىلداماقالە يېزىش، ۋە ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ تۇغقان يوقلاش قاتارلىقلار. بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا بىر تىلنى ئارتۇق بىلىشنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى، قوش تىللىق بولۇش تىل ۋە ئەقىل جەھەتتىكى بىر چوڭ نەتىجە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلسا بولىدۇ.


5) قوش تىللىق بولۇش بالىلارنىڭ تىل ۋە ئوقۇش جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ئەگەر بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدە ئۆزئىقتىدارلىرىنى 2-3 تىلدا تەرەققىي قىلدۇرسا، ئۇلار تىل ۋە ئۇنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەگەر ئىككى تىلدا ساۋادىنى چىقارسا، ئۇلار تىلنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ پراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاشۇ ئىككى تىلدا رېئاللىقنى قانداق ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ چۈشىنەلەيدۇ. ئالدىنقى 35 يىل مابەينىدە ئېلىپ بېرىلغان 150 تىن كۆپ تەتقىقات تېمىسى گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ گوئەتھە دېگەن مۇنداق بىر گەپنى ناھايىتى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى:پەقەت بىرلا تىلنى بىلىدىغان كىشى ئۇ تىلنى ھەقىقىي تۈردە بىلمەيدۇ. ھازىرغىچە بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىسپاتلىغان يەنە بىر نەرسە شۇكى، قوش تىللىق بالىلارئۇچۇرلارنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىلدا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ جانلىق بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق بولۇشنىڭ بىر ئىپادىسى، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانلاردا بىر تىللىق ئوقۇغۇچىلارغاقارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدۇ.


6) مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى تاشلىۋېتىش بالىلارنى تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر. ئەگەرمەكتەپ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا بالىلارغا "ئۆز تىلىڭ بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىڭنى مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمە" دېگەندەك سىگنالدىن بىرنى بېرىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنىڭ مەركىزىي قىسمىنىمۇ مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمەيدۇ. ئۇلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىش ھېسسىياتى پەيدا بولسا، ئۇلارنىڭ دەرس ئاڭلاشتىكى ئاكتىپلىقى بىلەن ئىشەنچىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىملىكىنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلسا يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلار چوقۇم تەشەببۇسكاربولۇپ، بالىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى كىملىكىنى ئەتراپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ ئەتراپىغا بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان تەشۋىقات قەغەزلىرىنى چاپلاش، ئۇلارنى بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئانا تىلىدا يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمدەئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سىنىپ مۇھىتىنى بەرپاقىلىش قاتارلىقلار.


قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئوي ئىچىدە توپلىغان ئانا تىل ۋەمىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بىلىم ئىگىلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، بىز ئۇ ئاساسلارنى ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشتۇرماسلىقىمىز، ئەكسىچەئۇلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ھەر بىر بالىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئۆزتالانتىنى تونۇتۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار بولۇپ، مەكتەپ ئىچىدە بۇنداق ھوقۇق چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.


(بۇ بىر كۆپ قىسىملىق ماقالىنىڭ 2-قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ داۋامى بار. بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەرقانداق تورغا چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ)


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


Baker, C.(2000). A parents' and teachers' guide to bilingualism. 2nd Edition. Clevedon,England: Multilingual Matters.


--Cummins,J. (2000). Language, power, and pedagogy. Bilingual children in the crossfire.Clevedon, England: Multilingual Matters.


--Skutnabb-Kangas,T. (2000). Linguistic genocide in education-or worldwide diversity and humanrights? Mahwah, NJ: Lawrence Erlbaum Associates.


--ToveSkutnabb-Kangas (1979), Languagein the process of cultural assimilation and structural incorporation oflinguistic minorities. Rosslyn, VA. National Clearinghouse for BilingualEducation.


Erkin Sidiq(2008), «Bashlan'ghuchta ana tilni aldida ögitish zörürligining ilmiy asasliri »


ئانا تىل توغرىسىدا (3-قىسىم)[تەھرىرلەش]

بالىلارغا ئىككىنچى تىلنى ئۆگىتىشنى قانچە ياشتىنباشلىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟


بىلىمخۇمار


مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قوش تىللىقمائارىپ توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى توپلىغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيىۋى ماتېرىياللارنىھەر بىر شەھەرنىڭ مائارىپنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن. بالىلارغاقايسى تىلنى ئىككىنچى تىل قىلىپ ئۆتۈش، ئىككىنچى تىلنى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆتۈش، ۋە ئۇنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈشنى ھەر بىر شەھەردىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىبىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ قارار قىلغان.

مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭبالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشتىكى ئەھۋالى مۇنداق ئىكەن:


1)كۆپىنچە ئەھۋالدا، بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىتىشنىباشلانغۇچ 4-سىنىپتىن باشلايدۇ. ئۇنى ئۆگىتىشنى 6-سىنىپتىن باشلىغان مەكتەپلەرمۇبار. ئامېرىكىدا مېكسىكىلۇقلارنىڭ نوپۇسى خېلە يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كالىفورنىيەدىكى نوپۇسى 50 پىرسەنتتىن يۇقىرى. ئۇلار ئىسپانىيە تىلىنى ئىشلىتىدۇ. بەزى مەكتەپلەرچەت ئەل تىلى، بولۇپمۇ ئىسپانىيە تىلى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 1-سىنىپتىن باشلىغانبولسىمۇ، دەرس مىقدارى ئىنتايىن ئاز، مەسىلەن، ھەر ھەپتىسى 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە.ئامېرىكىدا مېكسىكىلىقلارنىڭ نوپۇس سانى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنمەكتەپلەر ئىسپانىيە تىلىنى بىرىنچى چەت ئەل تىلى قىلىپ تاللايدۇ.


2) ئامېرىكىدا مېكسىكىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەنبالىلارغا ئاچقان مەخسۇس سىنىپلار بار بولۇپ، ئۇلار باشلانغۇچنىڭ 4-سىنىپىغاكىرگىچە ھەممە دەرسلەرنى ئىسپانىيە تىلىدا ئوقۇيدۇ.


3) ھازىرغىچە بايقالغان ئىلمىي نەزەرىيىلەرگەئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر بالا 10 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشنىباشلىسا، ئاشۇ چەت ئەل تىلىدا سۆزلەش ۋە يەزىش جەھەتتە شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغانمىللەت ئادەملىرى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىگە يېتەلەيدۇ.


4) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ بىر چەت ئەل تىلىدا تولۇق ساۋات چىقىرىشىغا 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.ئەگەر بالىلار باشلانغۇچنىڭ 4-سىنىپىدىن (يەنى 9 ياشقا كىرگەندىن) باشلاپ ئىككىنچىتىلنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگۈچە ئۇ تىلدىنتولۇق ساۋاتىنى چىقىرىپ بولالايدۇ.


دېمەك، ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئامېرىكىدىكى بىلەنئوخشاش ئىش تۇتسا، ئۇيغۇر بالىلىرى باشلانغۇچنىڭ 4-سىنىپىغا چىققىچە ئانا تىلدائوقۇپ، 4-سىنىپقا كۆچكەندە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلاپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپبولغۇچە خەنزۇچىدە ساۋاتلىق بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئىنگلىزتىلىدىكى ساۋاتىنىمۇ خېلى بىر يەرگە ئاپىرالىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.


ئانا تىل توغرىسىدا (4-قىسىم)[تەھرىرلەش]

ئىلمىيلىككەئاساسلانغان «قوش تىل مائارىپى» قانداق بولىدۇ؟


بىلىمخۇمار


ئامېرىكىنىڭ «باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل مائارىپى قانۇنى» تۇنجى قېتىم 1968-يىلى ماقۇللىنىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇقانۇن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، ئىنگلىز تىلىنى ئانا تىل قىلمىغان ئازسانلىق مىللەت بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ دۆلەت قوش تىللىق مائارىپ ئۈچۈن مەخسۇس خىراجەت ئاجىراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ قانۇنغا كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆپ خىل مىللەت ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپىغا قارىتىلغان پۇزىتسىيەئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھەمدە ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن:


--ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى باراۋەر ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشلاكۇپايە قىلمايدۇ. مائارىپ تۈزۈمى ھەممەمىللەتلەرنى مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ياخشى ئىستىقبالدا باراۋەرلەشتۈرىدىغان بولىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش بەزىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە ئوخشىمىغان ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.


--مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى ئېتىراپ ۋە ھۆرمەت قىلىنىدۇ.


--قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا تىل ۋە كەسپىي دەرسلەرنى ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم قوش تىللىق بولىدۇ.


--ئىنگلىز تىلىنى ئانا تىل قىلمىغان كۆچمەن مىللەت بالىلىرى قوش تىللىق سىنىپىدا ئوقۇش-ئوقۇماسلىقنى ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ.


--قوش تىل تەربىيىسى 3 ياشتىن 8 ياشقىچە بولغان بالىلارغا (يەنى، يېسىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ 4-سىنىپىغا چىققىچە) ئېلىپ بېرىلىدۇ.


--بۇ تۈزۈم كۆچمەن مىللەت بالىلىرىنىڭ ئىمكانقەدەر تېزراق نورمال سىنىپقا كۆچۈشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى بىلەن مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.


--ئىنگلىز تىلىنى ئانا تىل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇشىغىمۇ يول قويۇلىدۇ.


--كۆچمەن مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قوش تىل تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى پەقەت يەرلىك مائارىپچىلار ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ.


--ھەر بىر مەكتەپنىڭ قوش تىللىق تەربىيىسى ئارقىلىق قانداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ باھالىنىدۇ.


مەن تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تارمىقىدىكى «مائارىپ بايلىق مەنبەسى ئۇچۇر مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئورۇننىڭ تور بېتىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەييارلىدىم.


مەكتەپ بالىلارنى ئانا تىلدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن تەمىنلىگەندە، ئۇلار بالىلارغا مۇنداق ئىككى نەرسىنى بېرىدۇ: بىرى بىلىم، يەنەبىرى بولسا تىل ساۋاتى. بالىلار ئانا تىلى ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم ئۇلار ئاڭلىغان ۋە كىتابتا ئوقۇغان بىلىملەرنى يەنىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ بېرىدۇ. ئانا تىلدىكى يۈكسىلىش ئىككىنچى تىلغا يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بالىلار كىتاب ئوقۇشنى پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆگىنەلەيدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارئۆزلىرى چۈشىنىدىغان تىلدا كىتاب ئوقۇسا، كىتاب ئوقۇشنى ئاسانراق ۋە تېزراق ئۆگىنەلەيدۇ. بىر تىلدا كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالسا، بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىككىنچى تىلغا ئاسانلا يۆتكىيەلەيدۇ.


ئەڭ ياخشى قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى مۇنداق ئۈچ خىل خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ:


1) دەسلەپتە مەكتەپتىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ئانا تىلدا ئۆتىلىدۇ. بىر يات تىل «چەت ئەل تىلى دەرسى» سۈپىتىدە سىنىپتا ئايرىم ئۆتىلىدۇ.


2) ئوقۇغۇچىلار ئاشۇ يات تىلدا ياكى 2-تىلدا بىر ئوتتۇراھال سەۋىيىگە يەتكەندىن كېيىن، ماتېماتىكا ۋە باشقا بەزى تەبىئىي پەن دەرسلىرى بىۋاستە ئىككىنچى تىلدا، ھېچ قانداق رىقابىتى يوق تەرىقىدە ئۆتىلىدۇ. بۇ يەردىكى «ھېچقانداق رىقابىتى يوق تەرىقىدە» دېگەن سۆز ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى، ئەگەر بۇ ئىككىنچى تىل ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۆتىلىدىغان خەنزۇ تىلى، دەپ پەرەز قىلساق، يۇقىرىقى كەسپىي دەرسلەر پەقەت ئۇيغۇر بالىلاردىن تەركىب تاپقان سىنىپقىلا ئۆتۈلۈپ، ئۇيغۇرئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن سىنىپلارغا ئۆتۈلمەيدۇ، ئۇنداق دەرسلەردىن ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنداق دەرسلەرنى قانداق ئوقۇغانلىقى ئۇلارنىڭ سىنىپ كۆچۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇشۇ تەرىقىدە تەدرىجىي ھالدا ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىنىپلىرىغا قوشۇلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئىككىنچى تىلدا ئۆتۈلگەن رىقابەتسىز كەسپىي دەرسلەر ئانا تىلدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر بىلەن ئىككىنچى تىلدا ئۆتۈلىدىغان نورمال دەرسلەر ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ.


3) ئوقۇش بالدىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا بولسا، پەقەت ئانا تىلنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىلەن ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى قاتارلىق تىلنى ئابستراكت شەكىلدە قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان دەرسلەرلا ئانا تىلدا ئۆتۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى تىلدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا تولۇق كۆچۈپ بولغاندىمۇ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئانا تىل دەرسى «مەجبۇرى ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر» قاتارىدا ئەمەس، «ئىختىيارىي تاللاش دەرسى» قاتارىدا ئۆتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ ئانا تىل دەرسنى تاللاپ ئوقۇپ، ئۆز ئانا تىلىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرسا بولۇۋېرىدۇ. مۇشۇنداق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بالىلار ئانا تىلغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا ئۇلارنى ئانا تىلدا ئوقۇغىلى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن بەك بالدۇر، ئىككىنچى تىلدا دەرس ئاڭلاش سەۋىيىسىگە يەتمەي تۇرۇپلا ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ تۈزۈم بالىلارنى ئۆز ئانا تىلدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگىچە ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.


مانا بۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى» غا بەرگەن ئېنىقلىما بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا ھېچ قانداق شەخسىي كۆز-قاراشلىرىمنى ئارىلاشتۇرمىدىم. روشەنكى، يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن «قوش تىللىق مائارىپ» تۈزۈمى، بىر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز ئانا تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولغان ئاساستا، تىل، تەبىئىي-پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ساھەسىدە يەنە بىر يات تىلنى ناھايىتى يۇقىرى پەللىگىچە ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىلمىي ئۇسۇلىدۇر.


بۇ ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنىڭ تور ئادرەسلىرى:

1-ۋە 2-قىسىم:http://bbs.misranim.com/thread-97329-1-1.html

3-قىسىم:http://bbs.misranim.com/thread-97677-1-1.html



ئانا تىل ھەققىدە (5-قىسىم)[تەھرىرلەش]

«مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىكى باراۋەرلىكى» قانداقبولىدۇ؟


بىلىمخۇمار


ئىلاۋە: بۇ ماقالىنىڭ ئوخشىمىغان قىسىملىرىنىڭ چېچىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ 5-قىسمىدىن باشلاپ مەن ئۇنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىماي، ئۇنىڭ 1-قىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىماقچى. ئۇنىڭ 1-قىسمىنىڭ تور ئادرېسى:

http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=97329&page=1&extra=#pid1461047

. مەن ماقالىنىڭ ئارىلىقتىكى قىسىملىرى ۋە مەزكۇر قىسمىنىمۇ ئاشۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.


مېنىڭچە «مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىكى باراۋەرلىكى»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. يېشى چوڭراق قېرىنداشلار ئۇنىڭ جۇڭگودا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىمۇ ئۆز بېشىدىن بىۋاستە ئۆتكۈزۈپ باققان. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە «مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىكى باراۋەرلىكى» نى ئامېرىكا قانداق ئىجرا قىلغانلىقىغا ئائىت بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرمەكچى. مەقسىتىم ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئىش ئەڭ غايىۋى تەرىقىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغاندا قانداق بىر ئەھۋال ۋۇجۇتقا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ئاز چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش. مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەمدەئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن تىرىشىش نىشانىنى بىر ئاز يورۇتۇپ بېرىش. مەن بۇ يەردە ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلاردىن بىرسىنىڭ «مائارىپتىكى باراۋەرلىك» نىڭ جۇڭگو قانۇنلىرىدىكى بايانلىرىنى مەزكۇر يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە كۆچۈرۈپ يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


1974-يىلى، جۇڭگودىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان فرانشىسكو شەھىرىدە ياشايدىغان خەنسۇلارنىڭ بالىلىرىدىن1800 كىشى سان فرانشىسكو شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. ئەرزدارلار ئوتتۇرىغا قويغان گۇناھلارمۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بۇئوقۇغۇچىلار ئىنگلىز تىلىنى بىلمىسىمۇ، مەكتەپتىن ئۇلارغا ئايرىم ياردەم قىلمىغان. ئامېرىكىنىڭ 1964-يىلى تەستىقلانغان «كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» دا كىشىلەرنى مىللىتىگە قاراپ تۇرۇپ مائارىپتا كەمسىتىش چەكلەنگەن بولۇپ، مەكتەپنىڭ بۇ خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ياردەم قىلماسلىقى, ئۇلار ئىنگلىز تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولمىسىمۇ ئۇلارغا دەرسلەرنى يەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ھالدا ئىنگلىز تىلىدا ئۆتۈشى ئاشۇ قانۇنغا خىلاپ ئىكەن. يەرلىك سوت ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئالىي سوتى 1974-يىلى ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ھەقلىق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى بارلىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ياردەم قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا «مائارىپ پۇرسىتىدىكى باراۋەرلىك قانۇنى» دېگەن بىر يېڭى قانۇن ماقۇللىنىپ، ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ياردەم قىلىشنى پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن مەكتەپلەرگە كېڭەيتكەن. ئاشۇ يېڭى قانۇنغا ئاساسەن، ئامېرىكىدىكى «قوش تىل مائارىپى» غا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزۈلگەن:


--«قوش تىل مائارىپى» دا دەرسلەر دەسلەپتە ئىنگلىز تىلى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلار تەدرىجى ھالدا دەرسلەر ئىنگلىز تىلىدا ئۆتۈلىدىغان سىنىپلارغا يۆتكىلىدۇ.


--«قوش تىل مائارىپى» نىڭ نىشانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان ھالدا، ئۇلارنى ئىمكانقەدەر تېزراق دەرسلەر ئىنگلىزچىدە ئۆتۈلىدىغان نورمال سىنىپلارغا كۆچۈشكە تەييارلاش بولىدۇ.


--ھەر بىر جايدا ئىنگلىزچە سەۋىيىسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ياردەم قىلىدىغان مەركەزلەر قۇرۇلىدۇ.


--مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن يېڭى دەرستەسىس قىلىشى، يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى، ۋە قوش تىللىق مائارىپ ئۈستىدەئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن مەخسۇس خىراجەت تەمىن ئېتىلىدۇ.


بۇ دېلو ئامېرىكىدا «لاۋ نىڭ نىكول ئۈستىدىن ئەرزقىلىش دېلوسى» (Lau versus Nichols) دەپ ئاتىلىدىغان بىر داڭلىق دېلوغا ئايلانغان بولۇپ، ئەگەر سىز «قوش تىل مائارىپى» توغرىسىدا ئىنگلىزچە توردىن بىر نەرسەئىزدىسىڭىز، بۇ دىلوغا ئائىت ماتېرىياللارنى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتىسىز.‏