ئەركىن سىدىق يازما سۆھبەت 8-بۆلۈم

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

15. ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ، ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺱ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ 2-ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ" ﺩﯦﻴﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ؟


ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺕﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺋﯘنى ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﮬﻪﻣﺪﻩﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ، ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ، ﺋﯜﻥ-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ.

1991-1992-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻥ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﯨﺲ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﻨﺠﯩﻨﯧﺮﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ 1-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ «ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﺘﻪ «Fortran» ﺑﯩﻠﻪﻥ «Unix»ﻧﻰﺋﯚﺗﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤدا، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﯩﻨﻰ «Mosaic» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰﺋﺎﻟﮕﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺩﻩﺭﺱﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ.

ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻣﯘﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺑﯩﻠﮕﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭغا ئىگە بۇلالمىغان ئىدىم. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﻪﻝ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺭﺍﻕﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻻﺗﯩﻨﭽﻪﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻝ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻴﺎﺭﻯ، ﻣﻪﻳﯩﻨﺸﺎﻣﺎﻝ، ﻣﯩﺴﺮﺍﻥ، ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ كومپىيۇتىر ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ نۇكە، ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ… ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭙﺘﯘ. (ﻣﻪﻥﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ). ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻻﺗﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰULYئۈچۈن ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚﺋﯩﺸﻼﺭﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ . ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى ياكى بىلىۋال تورى ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﻮﺭﺑﯧﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ-ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻗﻮﺵ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻠﯩﻚ ﻟﯘﻏﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭙﺘﯘ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﺪﺍ ئېيتىلغىنىدەك، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺱ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 2-ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﻪﻡﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ شارائىت ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ PHP-Nuke, POST-Nuke ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ، ULY ﯞﻩ UEYبۇ خىلدىكى ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭺ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئىدىت، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻮﺭ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ ﯞﻩ SKYPE ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﺘﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪﺧﺎﻟﯩﺲ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﺭﻭﮬﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.

ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ Biliwal.com دا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰﻳﯧﺰﯨﭗ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻝ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﻤﻨﻰﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﭖ، ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻝ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﻼ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ، ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ تىز ﯞﻩ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺩﯨﺪﯗﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 2003-ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻐﺎﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺸﻰ 18 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 58 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ئىنتىرنىتسىز ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﻣﻪﻥ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﯨﺲﺷﯚﺑﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ پىروجېكىتلار «SPICE» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﻻﮬﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻻﻳﯩﮭﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻤﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ 2000-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻤﻐﺎﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪﻡ، ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﻧﺒﻪ، ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ، ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯩﺸﯩﻢﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ، ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ مۇلازىمىتىر كومپىيۇتىرىغا ﺋﯘﻻﭖ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﺵ ﯞﻩ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻢ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﯩﺘﺎﺕ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ مۇلازىمىتىر كومپىيۇتىرىغا ﺋﯘﻻﭖ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺩﻩﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ. ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﻨﯔ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﻨﯩﯔﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺗﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ مۇلازىمىتىر كومپىيۇتىرىغا ﺋﯘﻻﭖ، ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﺎﺗﺎﻗﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺱ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﺟﺠﻪﺕﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻤﯩﺴﯩﻨﻰ، ZEMAX, Code V, BeamProp (RSoft), BBV (Kymata), TFCal, Film Wizard ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﺎ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﻨﻰ، LabView ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﻨﻰ، Ashlar CAD Drawing ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﻨﻰ، ﻣﺎﺗﻼﺏ، ﻓﻮﺭﺗﺮﺍﻥ، ﭺ، ﯞﯨﺴﯘﺋﺎﻝ ﭺ++، ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺱ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﺦ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ، SPICE ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﻨﻰﯞﻩ HTML ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻮﺭﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ «Code V» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱﻛﯘﺭﺳﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﭖ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ 3-4 ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﻰ، ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻻﻳﯩﮭﻪ، ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﯞﻩﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩﺋﻮﭘﺘﯩﻜﺎ، ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺋﯩﻨﺠﯩﻨﯧﺮﻟﯩﻘﻰ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﺋﺎﺳﺘﯩﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﮬﻪﺗﺘﺎﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ.

ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ.

1. ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺕ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﻪ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ (UEY) ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻻﺗﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ (ULY) ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ 2 ﺧﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﯩﻜﻰ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ، ﺯﯙﺭﯛﺭ ﯞﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ. ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 3 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 5 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ، ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ 10 ﻏﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ 1997~2000-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ «dot-com» (ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ) ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2000-2003-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭ ﺗﺎﻻ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. 2000-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭ ﺗﺎﻻ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪﺯﺍﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻤﺪﻩ، ﺋﯘ ﺯﺍﻟﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻰ، ﯞﻩ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺯ ﻳﻪﺗﻤﻪﺱ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 3000 ﺩﯨﻦ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 30 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ 3000 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻦﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﻗﺎﻻﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 100 ﮔﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ "Wave Splitter"ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻤﯘ 4 ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 120 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺠﯩﻨﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ 2001-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2003-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 2 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، «dot-com» ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺭ ﺗﺎﻻ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ 2.3 تىرللىيۇنﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺩﺍﺕ-ﭘﻪﺭﻳﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ. ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﺪﻯ.

ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﮬﺎﺭﻣﺎﻱ-ﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺧﺎﻟﯩﺲﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﻪﺭﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﯞﻩﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭﺩﯗﺭ.

2. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻻﺗﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ (ULY) ﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ «ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ چېچىلاڭغۇ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ»، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺸﻰﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯩﻞ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﺎﺷﻼﺭ 4-5 ﻳﯩﻞﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ، ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻟﻲ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ (ULY) ﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭘﺘﯘ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻨﻰ

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى ياكى بىلىۋال تورى

ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ULY ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ 2 ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ:

1) ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ (ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، «Qimen’gül» ﺑﯩﻠﻪﻥ «Cimen’gül» ﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ «Chimen’gül» ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻻﻳﺪﯗ)، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﯧﺰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯧﻜﯩﺘﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺯﻏﯩﻠﻰﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

2) ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﻟﯩﺲﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ULY ﯞﻩ UEY ﺩﯨﻜﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ (ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﻰ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻦﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ. ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰﻛﯧﺮﻩﻙ).

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﯞﻩﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ULY ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰﺑﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ULY ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻐﺎﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ULY ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ULY ﺗﯜﺯﯛﭖﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﻣﯩﺴﺎﻕﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﯩﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﻤﯩﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢﯞﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﯞﻩ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ULY ﻧﻰﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﯞﻩ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻳﯧﯖﻰﻳﯧﺰﯨﻘﺘﺎ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ULY ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.


ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ 1-ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﺘﯩﻼ UEY ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻼﯞﻳﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﺍ UEY ﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ [[1]] ﺗﻮﺭﺑﯧﺘﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، بىرلىككە كەلگەنULY ﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘﺭﯗﻥﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ULY ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ بىرلىككە كەلگەن ULY ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ. ﮬﺎﺯﯨﺮ Biliwal.com ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، [[2]] ﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ بىرلىككە كەلگەن ULY ﮔﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻢ ﺑﺎﺭ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥبىرلىككە كەلگەن ULY ﺩﻩﻙ 32 ﮬﻪﺭﭘﻠﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥﭼﻮﯓ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ، UEY ﯞﻩ ULY ﻧﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎﺑﯩﻠﯩﺶ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯗﺭ.


3) ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ 14-ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ» ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺗﯩﻠﻰ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ «ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ»ﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻳﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﻨﺎ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﺘﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻼﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1-ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 5 ﺩﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻨﻰ (ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ) ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻨﯩﻤﯘ ئېلخەت ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ 1993-ﻳﯩﻠﯩﻼ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯚﻳﺪﻩ 2 ﺩﺍﻧﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﮬﻪﻣﺪﻩ 2 ﺩﺍﻧﻪﻣﺎﺷﯩﻨﻜﺎ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻢ، ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯖﻤﯘ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ 3 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ. ﺑﯘ 5 ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﻘﺎ ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﯩﻤﺴﯩﺰﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻقلىق ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﭘﺮﻭﺟﻪﻛﺘﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﻘﺎﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺱ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯚﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﯘﻧﯘﭘﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، 10 ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﺋﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻛﯘﻧﯘﭘﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، 10 ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻤﭽﻪ ﺑﯘ ﭘﺎﺕ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ (ﮬﻪﺗﺘﺎﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ) ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 55 ﺩﺍﻧﻪ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ULY ﺩﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻤﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ مىھﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ "virus" ﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ CPU ﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «over clocked CPU» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ)، ﺗﯘﺭﯗﺑﺒﯩﻠﯩﻖ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯗﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ 3 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ 2 ﺷﻪﺭﺕ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ: 1) ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﭼﯘﯞﯗﭖ، ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ. 2) ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﺎﻧﯩﻜﻮﻟﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، 1500 ﺩﻭﻟﻼﺭﻧﻰﺋﯚﺯﻯ ﺗﯧﭙﯩﺶ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ 1500 ﺩﻭﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ.

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻳﯧﺸﻰ 16 ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩﮬﻪﭘﺘﯩﺴﯩﮕﻪ 40 ﺳﺎﺋﻪﺕ، ﻣﻪﻛﺘﻪپتە ئۇقۇشﺑ باشلانغاندىنﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﯩﮕﻪ 20 ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﯩﭽﻪﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻟﺪﺍ McDonaldﻏﺎﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯧﺰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭىستۇرانلار ﯞﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﻮﺩﺍ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯗﺭ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ NASA ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯩﺰ JPL ﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، 3 ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻖ ﺧﯧﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﺵ ﺷﻪﺭﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﺪﯗﻕ. ﻣﻪﻥ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ، ﭘﻪﻗﻪﺕ 10 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻐﺎ 170 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ (ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﻪ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺷﻪﺧﺴﯩﻤﯘ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﺯﺍﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.) ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﮬﻪﭘﺘﻪ (2005-ﻳﯩﻠﻰ 14-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﻛﯜﻧﻰ) ﺩﯨﻠﺸﺎﺗﻘﺎ ﺧﻪﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ «ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻣﻪﻛﺴﯩﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩ ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ.

ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭘﯘﻝ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﺭﺳﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ.

ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝﺋﯚﺳﯜﭖ-ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻗﯧﺘﯩﻤﻼﭖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻤﯘ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﯘﻝﻣﯘﻛﺎﭘﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯜﺯﯛﻡﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻨﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﺪﻩ «setting a discipline» ﻳﺎﻛﻰ «setting a boundary (ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗﺑﯧﺮﯨﺶ)» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻻ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺟﺮﺍﺩﯨﻦﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: ﺩﯛﻳﺸﻪﻧﺒﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺸﻪﻧﺒﯩﮕﯩﭽﻪ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰﺋﻮﻳﻨﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 3 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺗﻤﯘ ﺑﯘ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﯩﻠﻰﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺟﯩﻠﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮتتۇرا ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Golden Valley High School») ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﭘﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ، 2005-ﻳﯩﻠﻰ 14-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞﻛﯜﻧﻰ) ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﺎﻥ-ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «National Honor Society») ﻧﯩﯔﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺟﯩﻠﻐﺎ ﺷﯚﺑﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺑﯘ ﺷﯚﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎﺩﯨﻠﺸﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﺎﻧﺘﺎﭼﻼﺭﯨﺘﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ 22 ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ 28 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ 4 ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ. دىلشاتمۇ سۆزگە چىقتى. ﺩﯨﻠﺸﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻨﻰﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ: (ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﺎﻥ-ﺷﻪﺭﻩﭖﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﮬﯚﺟﺠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ): «ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯜﭼﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﭖ-ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﭖ ﻛﯩﺘﺎﺏﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻠﯩﻢﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚﻣﯘﯞﺍﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭ: ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ. ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﺍق ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﻨﻰﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻻﻳﻤﯩﺰ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥﻛﯜﭺ-ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪﺩﯗﺭ».‏