ئەركىن ھاشىم

ئورنى Wikipedia

ئەركىن ھاشىم شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى، ئەرلىكشۇناسلىق بويىچە كۆزگە كۆرۈنگە مۇتەخەسسىس، ئۇ ھازىر شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ لىدىرى، جۇڭخۇا ئەرلىكشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى پۇخراۋىي دوختۇرخانىلار ئىچىدىكى بىردىنبىر ھەيئىتى، مەملىكەتلىك جىنسىيەت تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو دوختۇرخانا جەمئىيىتى خۇسۇسىي دوختۇرخانا ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، شىنجاڭ خۇسۇسىي دوختۇرخانا باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتى ئەرلەر كېسەللىكى شۆبە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونلۇق تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

   ئەركىن ھاشىم 1991- يىلى بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، 90- يىللارنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ تېببىي ساھەسىدە ئەرلەر كېسەللىكى ئىلمى تېخى ئەمدىلا باشلانغان بولۇپ، بۇ ساھەدە مەخسۇس تېببىي خادىملار كەمچىل بولۇپلا قالماي، يەنە جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغۇدەك نوپۇزلۇق ئەرلەر كېسەللىكىنى داۋالاش ئورگىنى تېخى قۇرۇلمىغان ئىدى.

   ئەركىن ھاشىم بۇ ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ ۋە ھېس قىلىپ، 1997- يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆز ئالدىغا بىرەر دوختۇرخانا قۇرۇشقا بەل باغلاپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش تۇنجى قەدىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى.

   شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ باش شتابى ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە داۋالاشنى ئاساس قىلىپ، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، كۇچا، يەكەن قاتارلىق جايلارغا بۇغدانىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچتى.

   ئەركىن ھاشىم 2004- يىلى 10- ئايدا، 6- قېتىملىق «شىنجاڭ بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 مۇنەۋۋەر ياش» ۋە «ئاپتونوم رايون بويىچە 100 ئىگىلىك تىكلەش چولپىنى» نامىغا ئېرىشتى. 2006- يىلى 10- ئايدا چاڭجىياڭ سودا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، باشقۇرۇش ئىلمىي بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 2009- يىلى 5- ئايدا، «ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك 10 مۇنەۋۋەر ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى چولپان ياش» شەرىپىگە ئېرىشتى.

   ئەركىن ھاشىمنىڭ ‹‹جىنسىيەت ۋە روھىيەت»، «ئەرلىك ساغلاملىقىنىڭ كاپالىتى»، «بازار ئىقتىسادى ۋە ھازىرقى زامان دوختۇرخانا باشقۇرۇشى» قاتالىق كىتابلىرى نەشردىن چىقىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە بىمارلارنىڭ قەلب سەھنىسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. «ئۆگىنىش ۋە ئىستىقبال»، «جىنسىيەتنىڭ سىرلىق نىقابىنى ئېچىش»، «ئەرلىكشۇناسلىق ئىلمى توغرىسىدا» قاتارلىق ئىلمىي دوكلاتلىرى قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ، دوكلات ئاڭلىغانلار 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، نۇرغۇن ياشلارنىڭ قەلب تارىسىنى چەكتى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

كۈنتاچ تورى