ئەرمىيا ئېلى سايرامى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ﺋﻪﺭﻣﯩﻴﺎ ﺋﯧﻠﻰ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ (ﻧﯩﻤﺸﯧﮭﯩﺖ)     ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ, ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺋﻪﺭﻣﯩﻴﺎ ﺋﯧﻠﻰ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﻰ ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ  ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. 1922- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1930- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﻛﯘﭼﺎ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ «ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﺯﺍﺭ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.       1930- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ- ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ «ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ» ﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ, ﺋﻪﺭﻩﺏ, ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘ «ﻣﺎﺩﺍﺭﺍ ﺋﻪﺋﺰﻩﻡ» (ﭼﻮﯓ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ «ﺋﻪﻧﯟﺍﺭﯗﻟﮭﯘﺩﺍ»(ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﻯ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ  ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ.       1933- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺋﻪﺭﻣﯩﻴﺎ ﺋﯧﻠﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ, ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ.       ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﯩﻤﺸﯧﮭﯩﺖ (ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺟﺎﻥ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.       ﻧﯩﻤﺸﯧﮭﯩﺖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 43 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ, ﺑﺎﻟﻼﺩﺍ, ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ, ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ.       ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ «ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ», «ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺟﯘﯕﮕﻮ», «ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﯓ», «ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎ», «ﮔﯧﺰﯨﺖ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﺎﮪﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ, ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﯩﺰﯨﻤﻐﺎ, ﯞﻩ ﻓﺎﺷﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ, ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺵ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ, ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﺘﻰ.