Jump to content

ئەرنىڭ خوتۇنىغا خىيانەت قىلىشىدىكى سەۋەبلەر

ئورنى Wikipedia

ئەرنىڭ خوتۇنىغا خىيانەت قىلىشىدىكى سەۋەبلەر


تەتقىقاتچىلار تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، ماتېرىيال توپلاش، خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىغا خىيانەت قىلىشىنىڭ ساۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىچە جەملەپ چىققان:

1. ئايالنىڭ ئۆزىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، سىرتقا چىققان تازا ياسىنىپ - پەرداز قىلىپ، ئۆيدە ساڭگۈل - سۇڭگۇل يۈرۈشى. بىكار ئېيتىلمىغان «ئاناڭنى ئاتاڭغا بىپەرداز كۆرسەتمە» دەپ.

2. ئەرنىڭ كۆڭلى ئايالىدىن سۇ ئىچمەسلىكى، كۆپىنچە ھاللاردا ئەرنىڭ تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى.

3. ئايالنىڭ ئەرنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولماسلىقى.

4. ئۆينىڭ رەتلىك، پاكىز ئەمەسلىكى.

5. مۇناسىۋەتتە ئارتۇقچە رەشىك مەۋجۇتلۇقى.

6. ھەرخىل ئىشلاردا ئەرنىڭ ئەيىبلىنىۋېرىشى.

7. ئەرنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدايۇيۇپ – دەزماللانماسلىقى.

8. ئائىلىدە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى.

9. ئەرنىڭ كەيىپ - ساپاغا بېرىلىپ كېتىشى.

10. ئايال ياكى ئەردىكى كۆپىيىش كېسەللىكى.

11. ئېرى ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئايالىنىڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېتەلمەسلىكى. «ئەرنىڭ كۆڭلىگە كىرەي دېسەڭ، ئاشقازىنى بىلەن ماڭ» دېگەن گەپ بار.

12. ئائىلىدە پەرزەنت يوقلۇقى.


يىغىپ ئېيتقاندا، چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ. ئائىلىۋىي مۇناسىۋەتلەردە ئەر – خوتۇن ئۆزئارا ھەمكارلاشقۇچىدۇر. بىكارئېيتىلمىغان «بىرى ئۆزۈك، بىرى كۆز» دەپ. دېمەك، ئەرمۇ، خوتۇنمۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى چۈشەنگەن ھالدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى شەكىللەندۈرسە، بۇنداق ئائىلە مۇستەھكەم بولىدۇ.