ئەر-خوتۇنلار ھەققىدە 200 ماقال-تەمسىل
ئەر-خوتۇنلار ھەققىدە 200 ماقال-تەمسىل
ئايالسىز ئۆينىڭ تەمى يوق.
ئايالغا ئەر كېرەك،
دېھقانغا يەر (كېرەك).
ئايال قىزغانسا بۇلاپ – تالاپ يېگۈلۈك،
ئەر قىزغانسا، ئىتتىك قوپۇپ كەتكۈلۈك.
ئايال كىشى دۇنيانى قورقۇتار.
ئايال كىشى لاپقا ماڭار،
ئۇستىرا كاپقا (ماڭار).
ئايال كىشىنىڭ دۇنياسى− ساداقەتمەن ئەر كىشىدۇر.
ئايال كىشىنىڭ چېچى سۈپۈرگە، قولى كۆسەي.
ئايال كىشىنى ئۇچۇرۇپ تۇر.
ئايالنىڭ تۇغقىنى كەلسە ياغ بىلەن گۈرۈچ،
ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسە ھەر كۈنى ئۇرۇش.
ئايالنىڭ كۈچى كۆز يېشىدا.
ئاتنىڭ يامىنى ئالا،
ئايالنىڭ يامىنى بالا.
ئۇرۇشقاق ئايالنىڭ ئېرى تېز قېرىيدۇ.
ئايالنىڭ تۇغقىنى كەلسە كاژ – كۇژ ،
ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسا غاژ – غۇژ.
ئايالنىڭ ئىپپىتى− ئەرنىڭ زىننىتى.
ئايالنىڭ يېشىنى بىلىش تەس،
ئەرنىڭ قېرىسىنى بىلىش (تەس).
ئايالى سوقۇشقاق ئادەم ئالەمنىڭ تىنچلىقىنى بىلمەس.
ئايالىڭ دۈشمەن بولسا، مىڭ دۈشمەندىن يامان.
ئايالىڭغا بالاڭ يوق يەردە ئەقىل كۆرسەت،
بالاڭغا ئادەم يوق يەردە ئەقىل (كۆرسەت).
ئايالىڭنى دەپ ئاناڭنى ئۇنتۇما.
ئايالىڭغا چىرايىڭنى بەر، كۆڭلۈڭنى بەرمە،
بالاڭغا كۆڭلۈڭنى بەر، چىرايىڭنى (بەرمە).
ئايالىڭنى قېرىتاي دېسەڭ، ھۆل ئوتۇن ئېلىپ بەر.
ئايالىڭ ھۇرۇن بولسا، ئاق ئۇندا ئۇماچ ئېتىدۇ.
ئايال يۈرىدۇ خىرىدارسىز،
ئەر يۈرىدۇ ئىنجاسىز.
ھامماچامنىڭ ئون كۆڭلىكى بار، بىر كۆڭلەكچىلىك ۋەسلى يوق.
ئاي يۈزىگە خال يارىشىپتۇ،
قىز خۇلقىغا ناز (يارىشىپتۇ).
ئاناڭنى داداڭغا پەردارسىز كۆرسەتمە.
ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش،
خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش.
ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما.
ئاتنىڭ ياخشىسى تورۇق،
خوتۇننىڭ ياخشىسى ئۇرۇق.
ئات چىشى بىلەن قەدىرلىك،
ئەر ئىشى بىلەن قەدىرلىك.
ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلىدۇ،
خوتۇن غېرىبلىقتا (بۇزۇلىدۇ).
ئات ئېگىرى بىلەن،
چوكان كىيىمى بىلەن.
ئالتە خوتۇن بىر ئۆيدە بولسا، ئېشەك تىزىكى تۆرگە چىقىپتۇ.
ئاخشىمى ئېيتقان سۆز خوتۇننىڭ راست.
كۈندۈزى ئېيتقان سۆز ئەرنىڭ راست.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا،
خوتۇننى ئۆلگەندە (ماختا).
ئايال− ئات، ئەر− چەۋەنداز.
ئايال− ئەرنىڭ يۈگىنى.
ئايالنىڭ كەينىگە قارىشى،
ئەرنىڭ يەرگە قارىشى.
ئامانەتنى خار قىلغان ئايال ئەر ئالدىدا ئەيىبلىك،
ئامانەتكە خىيانەت قىلغان ئەر بالىلىرى ئالدىدا ئەيىبلىك.
ئاتنىڭ تىزگىنىنى بوش تۇتساڭ ئويناقلار،
خوتۇننىڭ تىزگىنىنى بوش تۇتساڭ نايناقلار.
ئاتقا ئىشىنىپ ئاتلانما، خوتۇنغا ئىشىنىپ شادلانما.
ئاي ئۆتمەي ئېتىڭنى ماختىما،
يىل ئۆتمەي خوتۇنۇڭنى ماختىما.
ئايالى گۇمانخور بولسا، ئېرى يالغانچى كېلۇر.
ئەرنىڭ تاپقىنى بوسۇغىدا تاشلاقلىق،
خوتۇننىڭ تاپقىنى ئىشىك بېشىدا ئېسىقلىق.
ئەرنىڭ سەر خىلى ئەل ئارىسىدا،
گۈلنىڭ سەر خىلى گۈل ئارىسىدا.
ئەرنىڭ سۆزى ئۆلگۈچە، ئۆزى ئۆلسۇن.
ئەرنىڭ غەيرىتى تاغنى قۇم قىلار.
ئەرنىڭ غېمى ئەلدە، خوتۇننىڭ غېمى ئۆيدە.
ئەرنىڭ غېمى— ئەلنىڭ غېمى.
ئەرنىڭ قېنى ئاقسا ئاقسۇن، يېشى ئاقمىسۇن.
ئەرنىڭ مېھرى كۆپ بولسا، خوتۇننىڭ ھۆسنى ئېچىلۇر.
ئەرنىڭ ئوبدىنى ئۆينى باقار،
خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئەرنى (باقار).
ئەرنىڭ ئۇيالغىنى− ئۆلگىنى.
ئەر− ئوت، خوتۇن− سۇ.
ئەر قېرىسا پىلىك ئېشەر،
خوتۇن قېرىسا غوزا تېشەر.
ئەر قېرىسا توڭغاق بولۇر،
ئايال قېرىسا دوڭغاق (بولۇر).
ئەر قېرىسا جاڭجالچى بولۇر،
خوتۇن قېرىسا يالغانچى (بولۇر).
ئەر قېرىغىنىنى بىلمەس،
خوتۇن قويغىنىنى (بىلمەس).
ئەر قېرىسا قىز ئالار،
قىز قېرىسا كىم (ئالار).
ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار،
خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن(قالار).
ئەر قىلسا بالىغا زىيان،
خوتۇن قىلسا ئۆيگە (زىيان).
ئەركەكنىڭ كۆڭلى ئالەمچە بار.
ئەركەكنىڭ يېشى ئىچىگە ئاقار.
ئەر كۆكەرسە، يۇرت كۆكىرەر.
ئەر كۆكتىن چۈشكەن ئەمەس، ئايال ئۇنىڭ ئانىسى،
ئايال يەردىن ئۈنگەن ئەمەس، ئەردۇر ئۇنىڭ ئاتىسى.
ئەر كىشى بېلىدىن قېرىيدۇ،
خوتۇن كىشى گېلىدىن (قېرىيدۇ).
ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر،
ئايال كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار.
ئەر كىشى تۈڭلۈك ياپقۇچ،
ياخشى خوتۇن كۆڭۈل ئاچقۇچ.
ئەر كىشى چۈمۈلىدەك يىغىدۇ،
خوتۇن كىشى توخۇدەك چاچىدۇ.
ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز كېلەر.
ئەر كىشى نامرات بولسا بولسۇن، قەرزدار بولمىسۇن.
ئەر كىشى ئۆيدە بىرنىڭ، تالادا مىڭنىڭ.
ئەتىگەندە ئۆي سۈپۈرمىسە كەچكىچە پۇشايمان،
ياشلىقىدا ئەرگە تەگمىسە ئۆلگۈچە (پۇشايمان).
ئەخلاقسىز خوتۇن تۇزسىز ئاش.
ئەر ئالىمىغان خوتۇن بۇزۇلغان گۆش.
ئەردىن تاپالمىساڭ، ئەلدىن تاپارسەن.
ئەردىن چىققان ئەرگە ئامراق،
يەردىن چىققان يەرگە (ئامراق).
ئەرسىرىگەن ئەرگە تېگەلمەس، ئالدىرىغان ئۆيگە يېتەلمەس.
ئەرسىز باغنىڭ گۈلى توزار،
بۇلبۇلى ئۇزار.
ئەرسىز خوتۇن يۈگەنسىز ئات.
ئەر غېرىب بولسا ناخشىچى بولۇر،
خوتۇن غېرىب بولسا يىغلاڭغۇ (بولۇر).
ئەر قەيەردە بولسا، خوتۇن شۇ يەردە.
ئەر كىشى ئۆينىڭ تۈۋرۈكى،
خوتۇن كىشى ئىشىك ئىلگۈچىكى.
ئەر كىشى يوق ئۆي يۆرىكى يوق قوتان.
ئەرگە باتنىسا ئانىسى،
ھەددىدىن ئاشار بالىسى.
ئەرگە بىر نۆۋەت،
يەرگە مىڭ نۆۋەت.
ئەرگە تەسلىم بولماي، يەرگە تەسلىم بول.
ئەرگە تەگمىسىلا قىز دېمە،
تەمىنى تىتىماي تۇز (دېمە).
ئەرگە خوتۇن يات ئەمەس،
ئوچاققا ئوتۇن يات ئەمەس (يوق).
ئەرگە دۆلەت ياقار بولسا، كېلەر ئاڭا مىڭلاپ ئاش،
ئەردىن دۆلەت قاچار بولسا، تېپىلمايدۇ سايدىن تاش.
ئەرگە قىلغان ئەرسىز قالار.
ئەرلىك بىلەكتە ئەمەس، يۈرۈكتە.
ئەرلىك خوتۇن شورپىلىق ئاش، ئەرسىز خوتۇن تۇزلۇق ئۇماچ.
ئەرلىككە قاش ئاتما،
قاراڭغۇدا تاش ئاتما.
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن،
يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
ئەرنى تونۇتقان خوتۇن،
خوتۇننى تونۇتقان ئوتۇن.
ئەرنىڭ ئەينىكى− خوتۇن.
ئەر ئىنسابلىق بولسا، خوتۇن ۋاپادار بولۇر.
ئەسكى ھارۋا يول بۇزار،
يامان خوتۇن ئۆي (بۇزار).
ئەقلى – ھوشى بولمىسا، ئايدەك جۇۋان ئىت يالىقى.
ئەقىللىك خوتۇن باشقا قارايدۇ،
ئەقىلسىز خوتۇن ياشقا (قارايدۇ).
ئەقىللىك خوتۇن ئۆي بۇزماس،
زېرەك كاسىپ ئىش (بۇزماس).
ئەر كىشىدىن يىڭنە سورىماڭ،
خوتۇن كىشىدىن تىغ (سورىماڭ).
ئەر كىشى قېرىسا، ھويلا – ئارانغا ھېزى بولار.
ئەر تاللاپ تاز قاپتۇ،
چاپان تاللاپ ماز (قاپتۇ).
ئەر تاللاپ مازغا ئۇچراپتۇ،
خوتۇن تاللاپ تازغا (ئۇچراپتۇ).
ئەر – خوتۇن ئارىسىغا كىرگۈچە، قىلىچ بىلەن قىلىچ ئارىسىغا كىر.
ئەر – خوتۇن داۋاسى ياستۇققىچە.
ئەر – خوتۇننىڭ ئۇرۇشۇشى بىر چۆگۈن سۇ قاينىغۇچە.
ئەسكى خوتۇن ئەر قېرىتار.
ئەرلىك خوتۇننىڭ يۈزى تۆۋەن.
ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار،
ئايال قېرىسا كۈنچىلىكتىن قالار.
ئەرنىڭ راھىتى خوتۇن،
قىشنىڭ راھىتى ئوتۇن.
ئەرنىڭ قامچىسى خانغا ياراق،
خوتۇننىڭ قايچىسى ئەرگە (ياراغ).
ئەسكى خوتۇن يامانلىسا ئوچاق بۇزۇلار.
بارىغا خوتۇن ئىگە،
يوقىغا ئەر (ئىگە).
باقمىساڭ مېلىڭ كېتەر،
خارلىساڭ خوتۇنۇڭ (كېتەر).
بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق،
ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە (باق).
بالام خار بولسۇن دېسەڭ ئەركىلەت.
بىشەم خوتۇننىڭ ئېرى ھۆرمەتسىز بولۇر.
بولماس خوتۇن ئالغۇچە،
بويتاق يۈرگىن ئۆلگىچە.
بولۇشمايدىغان خوتۇن يامانلاشقا ئامراق.
بۇ خېنىمنىڭ سەت قىلىقى ئالتە ئېشەككە يۈك.
بۇ خېنىمنىڭ ئۇزلۇقى،
ئاپتاپتا قاپتۇ تۇزلۇقى.
بىشەم خوتۇننىڭ بازار بىلەن كارى يوق.
بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.
بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك،
بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك.
ھۇرۇن خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چەبدەس خوتۇن ئاش پىشۇرار.
بىر كۈنلۈك ئەر – خوتۇنچىلىقنىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بولىدۇ.
بىر ئەرگە تەگكەن ياخشى، ئىككى قېتىم تەگكىنى پاخشى.
بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى قىرىق ئەرنى ئالدار.
بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى− قىرىق ئەرنىڭ بىڭسىسىسىدىن يامان.
بىر خوتۇننىڭ ئېرى ئۆلسە،
قىرىق خوتۇنغا كۈنداش بوپتۇ.
بىشەم خوتۇن كوچىغا چىقىپ توۋلار.
بىشەم خوتۇندىن ئالۋاستى قورقار.
بېگىڭ ئۆچ بولسا بوز پاقىلىنىڭغا قارا،
خوتۇنۇڭ ئۆچ بولسا قازىنىڭغا (قارا).
پەمى يوق ئەردىن نادان ئايال ياخشى،
ئەقىلسىز باشتىن سۈيى بار قاپاق (ياخشى).
پېشكەل ئادەم بالاغا يېقىن،
يامان خوتۇن تالاغا يېقىن.
تازنى غوجام دەپتۇ،
پاخشەكنى خېنىم دەپتۇ.
تىرىشچان ئەر− ھوسۇللۇق يەر.
تەييار تاپ ئەردىن مېكىيان توخۇ ياخشى.
تىرىكچىلىكنىڭ بەرىكىتى− ياخشى خوتۇن بىلەن.
تۇنجى خوتۇندىن ئايرىلساڭ، ئۆلگۈچە پۇشايمان.
تۇل خوتۇن ئاينىماس.
تەرسا خوتۇننىڭ بەرگىنىدىن، ھۇرۇن خوتۇننىڭ بەرگىنى ياخشى.
تۇل خوتۇننىڭ ئوتى يامان.
تاشنىڭ ئېغىرى چۆلدە،
خوتۇننىڭ ئېغىرى ئۆيدە.
تۇل خوتۇننىڭ دەردى تولا،
تۆھمەتخورنىڭ ئەرزى (تولا).
جاۋابخور خوتۇننىڭ ئوتتۇر چىشى بالدۇر چۈشىدۇ.
چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن ئەمەس،
بەل باغلىغان بىلەن ئەر (ئەمەس).
چاققان چوكاننى تۆشۈك ئۈستىدە كۆرۈڭ.
چىرايلىق خوتۇننىڭ ئېرى ئەنسىز.
چىرايلىق خوتۇن ئەر يارىشىقى،
ئاقىل خوتۇن ئەل يارىشىقى.
خوتۇن كىشى قېرىسا، ئەر كىشىگە ۋەزىر بولار
خېنىمنىڭ قىشىغا قارىغۇچە، قاچىسىنىڭ تېشىغا قارا.
خوتۇن ئەركە بولسا، ئېرىگە تۇخماق بولۇر.
خوتۇن ئەرگە قارايدۇ،
ئەر يەرگە (قارايدۇ).
خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قاپتۇ، ئوتۇن تاللىغان ئوچاقسىز (قاپتۇ).
خوتۇن جاۋاب قىلمىسا، ئەر تاياق سالماس.
خوتۇن خەقنىڭ نالىسى تولا،
ئىش بىلمەسنىڭ بانىسى (تولا).
خوتۇندا ئەيب يوق، دەللال يامان،
ئاتتا ئەيب يوق، ئېگەر (يامان).
خوتۇندەك ئەر بار،
ئەردەك خوتۇن بار.
خوتۇن سىرىڭنى ئالار،
دۈشمەن جېنىڭنى (ئالار).
خوتۇنسىز ئۆي− جانسىز تەن.
خوتۇنسىز ئۆيدىن بوران چىقار.
خوتۇنغا ئامراق بالىغا ئۆچ،
قايماققا ئامراق كالىغا (ئۆچ).
خوتۇنغا خۇمارنىڭ نېمە ئىشى، كالىغا تۇمارنىڭ نېمە (ئىشى).
خوتۇنغا ئىشەنمە، قومۇشقا يۆلەنمە.
خوتۇن كىشى پېشكەل،
ئەرنىڭ پۇتىغا ئىشكەل.
خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل قالار.
خوتۇن كىشىنىڭ پاكىزلىقىنى ئېرىنىڭ ياقىسىدىن كۆرۈڭ.
خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن،
ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا.
خوتۇن كىشىنىڭ ئىچىگە بالا پاتىدۇ، گەپ پاتمايدۇ.
خوتۇن كىشى ئوۋغا يارىماس،
جىگدە ياغىچە نوغا (يارىماس).
خوتۇنلۇق روزىغار گۈلدۇر،
خوتۇنسىز روزىغار چۆلدۇر.
خوتۇننى ئاۋايلىغان بالىسىز قالار،
موزاينى ئاۋايلىغان كالىسىز (قالار).
خوتۇننىڭ جەمەتى ئوچاق بېشىدا ئولتۇرۇپ توق چىقار.
خوتۇننىڭ دۈشمەنلىكى مىڭ دۈشمەندىن يامان.
خوتۇننىڭ گېلى غار بولسا، ئەرنىڭ كۈنى خار بولۇر.
خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئۆيگە ئېتىدۇ سۇپرا تاختا،
ناچار خوتۇن مىدىرلايدۇ قورسىقى ئاچسا.
خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى باقار،
دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى (باقار).
خوتۇنىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق،
ئۆزىنى ماختىغان ئىككىنچى (ئەخمەق).
خوتۇنۇڭ ئەمچەكلىك بولسا بالاڭ بورداق،
كالاڭ ئەمچەكلىك بولسا موزىيىڭ سولاق.
خوتۇنۇڭ پۈچەك بولسا مېھمىنىڭ مۇتتەھەم بولۇر.
خوتۇنۇڭ جېدەلخور بولسا ئۆيۈڭنىڭ كەڭلىكى بىلىنمەس،
ئۆتۈكۈڭ تار بولسا جاھاننىڭ كەڭلىكى (بىلىنمەس).
خوتۇنۇڭغا ئىشەنگۈچە، بوسۇغاڭغا ئىشەن.
خوتۇنۇڭنى خۇش قىلاي دېسەڭ لاپ ئۇر،
ساراڭنى خۇش قىلاي دېسەڭ داپ (ئۇر).
خوتۇنۇڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلەي دېسەڭ، قوشناڭ بىلەن ئۇرۇشقاندا كۆر.
خوتۇنۇڭ ئوبدان بولسا قازىنىڭ ياغ،
خوتۇنۇڭ يامان بولسا يۈرىكىڭ داغ.
خوتۇن كىشى ئاپتاپ،
ئەر كىشى مۇزتاغ.
خوتۇنۇڭ ئۇرۇشقاق بولسا ياقاڭ ساق تۇرماس،
بېشىڭ تاز بولسا قولۇڭ پاك (تۇرماس).
خوتۇنۇم ئۆلدى، قامچام سۇندى.
خوتۇننىڭ تىلى تالغۇچە، ئەرنىڭ بېلى تالار.
خوتۇنى ياخشى شۈمشەيمەس.
خوتۇنى ياخشىغا راھەت،
خوتۇنى يامانغا ئاپەت.
خوتۇنى يوقنىڭ خوتۇنى تولا،
ئېرى يوقنىڭ ئېرى (تولا).
خوتۇنى يامان بولسا ئەرنى باشلار،
ئەر يامان بولسا خوتۇننى تاشلار.
خېنىم سۇغا چىقسا، ماراقچىسى بىللە.
خېنىم كىيگەنگە خۇش،
يىگىت سۆيگەن (خۇش).
خېنىمنىڭ قېشىغا باقماي ئەتكەن ئېشىغا باق.
خېنىمنىڭ كۆڭلى تىندى، سۇ ئەكېلىدىغان قاچىسى سۇندى.
خوخا – يانتاق يەرنى بۇزىدۇ،
يامان خوتۇن ئەرنى (بۇزىدۇ).
خوتۇن ئالدىغا ئۆتۈۋالسا،
ئەرنىڭ دۆلىتى (بۇزۇلار).
خوتۇن ياقىدىن ئالۇر،
ئىت پاچاقتىن (ئالۇر).
خوتۇن ئالدىڭ،
دۈمبەڭگە ئوتۇن ئالدىڭ.
خوتۇن كىشىگە ئىلىنىپ قالساڭ، بۇرنۇڭدىن لاي قۇرۇماس.
خوتۇننىڭ ياخشىسى ياقىنى كىر قىلدۇرمايدۇ.
خۇلقى يوق ئايال− پۇرىقى يوق گۈل.
خوتۇن كىشىنىڭ ئوچىقى بىلەن چاقىغا تەگمە.
خوتۇن كىشىنى بەزىدە قۇشلا، بەزىدە مۇشتلا.
خوتۇن غار بولسا، ئېرى خار بولۇر.
دىتسىز ئايالنىڭ پەمى يوق،
ئەتكەن ئىشىنىڭ تەمى (يوق).
دىتى يوق ئەردىن، زۇۋانسىز يەر ياخشى.
زېمىننىڭ چىرايى ئەلگە،
ئايالنىڭ چىرايى ئەرگە.
ساتىراش ئۆلمىسە، ئەركىشى قېرىمايدۇ.
سەت بولسىمۇ قىز ياخشى،
تاز بولسىمۇ ئەر (ياخشى).
سەت چوكاننى ئۇز قىلغان ئۇنىڭ پەردىزى.
سۆزىدىن يانغان ئەر ئەمەس.
سېرىقتالدا ئەر سارغىيىپتۇ.
سىم – سىم يامغۇر ھۆل قىلار،
قىسىر خوتۇن گۈل (قىلار).
سۇنماس ئەر يوق،
چېقىلماس تاش (يوق).
شاللاق خوتۇن− ئويۇنچۇق، يۇمشاق ئەر− قارانچۇق.
قەدىناس ئۆيدىن قۇت كەتمەس.
قوغۇننى تاتلىق قىلغان پېلەك،
ئەر كىشىنى نوچى قىلغان يۈرەك.
قىرىق قوتان مېلىڭ بولسىمۇ، ياخشى خوتۇنۇڭ بولمىسا بىكار.
قۇرۇق ئوتۇنغا ئوت كېتىدۇ،
بۇزۇق خوتۇنغا سوت (كېتىدۇ).
كەپە بولسىمۇ ئۆز ئۆيۈم ياخشى، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم (ياخشى).
كۆڭلەكنى بۇزغان تەر،
خوتۇننى بۇزغان ئەر.
كۈنداشلىق ئۆيدە كۈندە جېدەل.
كۈنداشلىققا داۋا يوق.
كۈنداشلىق− كۆڭۈل غەشلىك.
كىيىم كەسكەندە بوينىغا قارا،
خوتۇن ئالغاندا خۇيىغا (قارا).
كەتمەن ئەرنىڭ قولىدا بولغىنى بىلەن،
چۆمۈچ خوتۇننىڭ قولىدا.
گۆشنىڭ كاۋىپى تاتلىق،
خوتۇننىڭ سۇلۇقى (تاتلىق).
گېپىدە تۇرمىغان ئەر ئەمەس،
ھوسۇل بەرمىگەن يەر (ئەمەس).
لەقەمسىز ئەر بولماس،
ئويماقسىز خوتۇن (بولماس).
لەقۋا خوتۇن ئېرىدىن يامانلاپتۇ،
ھۇرۇن دېھقان يېرىدىن (يامانلاپتۇ).
لىڭشىغان ئوتۇندىن قورق،
غىڭشىغان خوتۇندىن (قورق).
نازىڭنى ئەر كۆتۈرەر،
ئەر كۆتۈرمىسە يەر (كۆتۈرەر).
نامەرد ئەردىن، مەرد ئايال ياخشى.
نامسىز ئەردىن، نامى بار دۆڭ ياخشى.
ناچار خوتۇننىڭ قىزىغا ئەر چىقماس.
ھەممە چوكان يازدا چوكان،
ئەسلىي چوكان قىشتا چوكان.
ھۆل ئوتۇن ئوچاقنى كاردىن چىقىرىدۇ،
ئوسال خوتۇن ئەرنى كاردىن چىقىرىدۇ.
ھايالىق خوتۇن ئىشىڭغا باقىدۇ،
ھاياسىز خوتۇن يېشىڭغا (باقىدۇ).
ئويماقسىز خوتۇن بولماس،
تىغسىز ئەر (بولماس).
ئورۇق ئاتنىڭ يورغىسى بۇزۇق،
خوتۇن كىشىنىڭ ئوغرىسى (بۇزۇق).
ئون ئوغلۇم بولغۇچە، بىر ئوسۇرغاق ئېرىم بولسىچۇ.
ئويناقلىغان ئايالغا ئىشەنمە،
يىغلىغان ئەرگە ئىشەنمە.
ئوت نەدە كۆيىدۇ؟ تۇل خوتۇننىڭ بېشىدا.
ئويۇن دېگەن ئەمەك،
خوتۇن دېگەن چەمەك.
ئۇز خوتۇنغا چوتاق ئەر،
سەت خوتۇنغا نەدە ئەر.
ئۇرۇشقا خوتۇن تۇل قالار.
ئۆي تۇتماس خوتۇننىڭ جېدىلى تولا.
ئۆستەڭ بويىغا تال يارىشىپتۇ،
خوتۇن كىشىگە خال (يارىشىپتۇ).
ئۆينى گۈل قىلغانمۇ خوتۇن،
كۈل قىلغانمۇ خوتۇن.
ئۆينىڭ بەرىكىتى خوتۇندىن، قازاننىڭ بەرىكىتى ئوتۇندىن.
ئۆينىڭ خوۋلۇقى ئەر بىلەن خوتۇن، قىشنىڭ خوۋلۇقى− گۆش بىلەن ئوتۇن.
ئۆينىڭ گۈلى خوتۇن، چىرىغى ئەر.
ئۆي تۇتساڭ بالادا قالدىڭ،
تۇتمىساڭ تالادا (قالدىڭ).
ئۆي تۇتتۇڭ، ئوت تۇتتۇڭ.
ئۆچكە باشلىسا قوي ھارىدۇ،
خوتۇن باشلىسا ئەر (ھارىدۇ).
ئۆچكە باشلىغان قوي توزار،
خوتۇن باشلىغان ئەر ئازار.
ئېرىڭ بولسا ئىگەڭ شۇ.
ئېرى ماز بولسا، خوتۇنغا كۈن يوق.
ئېتىڭ سېمىز— يەم ياخشى،
خوتۇن سېمىز— ئەر (ياخشى).
ئېرى تاتۇقنىڭ خوتۇنى پۇچۇق.
ئېرىدىن يامانلىغان ئەرسىز قالار،
يېرىدىن يامانلىغان يەرسىز (قالار).
ئېرى راۋاب چالسا، خوتۇنى پەدە بېسىپتۇ.
ئېرى قېرىپ چۆنەكچى بوپتۇ،
خوتۇنى قېرىپ مونەكچى (بوپتۇ).
ئېرى كەتسە ئۆي بوشايدۇ، خوتۇن كۇشادە ئوينايدۇ.
ئېرىڭ ئايلانغۇچە يېرىڭ ئايلانسۇن.
ئېرىڭ بىلەن ئەل بولغۇچە، ئېلىڭ بىلەن ئەل بول.
ئېرىڭ بىلەن چىقىشقۇچە، ئېلىڭ بىلەن چىقىش.
ئېرىڭدىن يامانلىماي، ئەيىبىڭدىن يامانلا.
توي كۈنىدىكىدەك ئېرىم بولسا،
ھېيتتىكىدەك ئۆيۈم بولسا.
ئېرىم تەگكەندىكىدەك ئەمەس،
ئۆيۈم ھېيتتىكىدەك (ئەمەس).
ئېرىم سۆيمىسىمۇ قۇچىقىمدا ياخشى،
ئوتۇم كۆيمىسىمۇ ئوچىقىمدا ياخشى.
ئېرىنىڭ شۆلگىيى ئاقسا،
خوتۇنىنىڭ كۈنداشلىقى تۇتۇپتۇ.
ئېرى ياماننى ئوڭىدىن بىل،
خوتۇنى ياماننى يېڭىدىن (بىل).
ئېرى يوقنىڭ خۇدى يوق،
خوتۇنى يوقنىڭ خۇيى (يوق).
ئېشەك ئالدىغا ئۆتۈۋالسا،
ئاتنىڭ سۆلىتى بۇزۇلار.
ئېشى ئوخشىمىغان خوتۇن تۇزدىن كۆرۈپتۇ،
گەپ تاپالمىسا قىزىدىن كۆرۈپتۇ.
ئىشچان خوتۇن− ئېشەك خوتۇن،
بىكار خوتۇن− شېكەر خوتۇن.
ئىشچان خوتۇن ياماققا ئامراق،
ھۇرۇن خوتۇن تاياققا (ئامراق).
ئىشلىگەن ئەر چىشلەپ يەر.
ئىككى ئايال پاتمىغان يەرگە،
ئىككى يۈز ئەر سىغار.
ئىككى ئەر بىر يەرگە كەلسە خوتۇننىڭ گېپى،
ئىككى ئايال بىر يەرگە كەلسە كىيىمنىڭ (گېپى).
ئىناق ئەر – خوتۇن پاراغەتلىك،
ئۇرۇشقاق ئەر – خوتۇن مالامەتلىك.
ئىشچان خوتۇن ياماققا ئامراق،
ھۇرۇن خوتۇن تاياققا (ئامراق).
ياخشى خوتۇن− خەزىنە.
ياخشى خوتۇن ئۆي بۇزماس، ئەقىللىك كىشى ئىش (بۇزماس).
ياخشى خوتۇننىڭ ھىممىتى تېگەر ئەلگە،
ياغدا ئەتكەن كۆمەچلىرى قۇۋۋەت بەلگە.
يۇرتنى باشلىق سورايدۇ،
باشلىقنى خوتۇن (سورايدۇ).
يوقسۇزلۇق ھەممىدىن قاتتىق،
ئەر – خوتۇنچىلىق ھەممىدىن تاتلىق.
ياخشى ئەر خوتۇن خارلىماس.
ياخشى خوتۇن ئەر ئىلكىدە.
يېڭىسى ياندا، كونىسى جاندا.
يامان خوتۇن خوتۇن بولماس،
چاۋار ئوتۇن ئوتۇن (بولماس).
ياخشى خوتۇن ئەرنىڭ كۆركى، ئۆينىڭ زىننىتى.
ياخشى خوتۇن ياتنى ئۆز قىلار،
يامان خوتۇن ئۆزنى يات (قىلار).
ياخشى ئايال ئەرنىڭ دۆلىتى.
ياخشى ئايال ئەرنى ئەر قىلۇر،
يامان خوتۇن ئەرنى يەر (قىلۇر).
ياخشى خوتۇن ئەرنى تۈزەيدۇ،
يامان خوتۇن پۇلنى كۆزلەيدۇ.
ياخشى خوتۇن تۇل قالماس،
تۇل قالسىمۇ يىل قالماس.
ياخشى خوتۇن تۇل ئەمەس، قوناقلىقنىڭ ئىچى يول (ئەمەس).
ياخشى خوتۇن باغنىڭ گۈلىدۇر،
يامان خوتۇن ئوتنىڭ كۈلىدۇر.
ياخشى خوتۇن قۇرۇق ئوتۇن،
ناچار خوتۇن كۆيمەس ئوتۇن.
ياخشى خوتۇن قىشتا تۇغۇپ ئىسسىق ياتار،
ئەسكى خوتۇن يازدا تۇغۇپ سېسىپ (ياتار).
ياخشى خوتۇن مۇز ئۈستىدە قازان قاينىتار،
يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى مىڭ ئوينىتار.
ياخشى خوتۇننىڭ كۆڭلى باغ،
يامان خوتۇننىڭ كۆڭلى زاغ.
ياخشى خوتۇننىڭ ئوسۇرۇقى يوتقاندا پۇرىماپتۇ،
ئوسۇرسىمۇ ئېرى سورىماپتۇ.
ياخشى خوتۇن ھارغىنىڭدا ئاش قىلار،
يامان خوتۇن سىرىڭنى پاش (قىلار).
ياخشى خوتۇن ئۆينى گۈل قىلار،
ناچار خوتۇن ئۆينى كۈل (قىلار).
ياخشى خوتۇن ئۆينىڭ چىرىغى،
ياخشى بالا ئۆينىڭ زىننىتى.
ياخشى خوتۇن ئۆينىڭ راھىتى،
ناچار خوتۇن جاننىڭ ئاپىتى.
ياخشى خوتۇن ئۆينىڭ گۈلىستانى،
ناچار خوتۇن ئۆينىڭ گۆرىستانى.
ياخشى خوتۇن ئىككى ئەرگە تەگمەس،
تەگسىمۇ ھېچ ئازار يەتمەس.
يامان خوتۇن گولدا توختايدۇ، بولمىسا گۆردە (توختايدۇ).
يامان خوتۇن ئۈزۈلمەس تاسما، ئۇنداق تاسمىنى بوينۇڭغا ئاسما.
ياخشى خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چاقنى توۋلايدۇ،
يامان خوتۇن چۈشتە قوپۇپ ئېرىنى ساۋايدۇ.
يامان خوتۇن ياقىدا.
يالغۇز ئوتۇن يانمايدۇ، يالغۇز قويۇن ئىسسىمايدۇ.
يۇرت كەزسەڭ پىيادە كەز، يىراق بولسىمۇ،
خوتۇن ئالساڭ ياشنى ئال، ئورۇق بولسىمۇ.
ياخشى ئات قامچا سالدۇرماي مەنزىلىگە يېتەر.
ياخشى خوتۇن تاياق سالدۇرماي ئۆمرى ئۆتەر.
ياماننىڭ يامانلىقى سۆزىدىن بىلىنەر،
ئايالنىڭ يامانلىقى كۆزىدىن (بىلىنەر).
يىگىتنىڭ بەختى ئوت خوتۇن،
جان قىينىغان توڭ خوتۇن.