ئەزىز نارىنبايېف

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە قىرغىزئىستان جۇمھۇريىتى ، قازاقىستان ۋە ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسىلا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ،ئولتۇراقلاشقان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرسىدۇر.ئۇيغۇرلار بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغۇچى تارىخى ئۇزۇن،قەدىمىي مىللەتتۇر.1999-يىلى قىرغىزئىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈپ، ئېلان قىلغان مەلۇماتنامىسىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇس سانى 250مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان.كوپ مىللەتلىك قىرغىزئىستان جۇمھۇريىتىدە(80دىن كۆپ مىللەت ياشايدۇ) ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىشچانلىقى،باتۇرلىقى،چېچەنلىكى بىلەن قىرغىزئىستان جۇمھۇريىتىنى مۇستەكەملەش، تەرەقى قىلدۇرۇش يۇلىدا ھەر كەسىپلەردە ئۆز تۆھپىلىرىنى قۇشۇپ كەلمەكتە. ھەر مىللەت خەلقىغە ئوخشاش ئىلىم – پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بۇيىچە كۆپلگەن پەن دوكتۇرلىرى ، ئاكادېمىكلار يېتىشىپ چىقىپ ، قىرغىزستاندا ئىلىم – پەننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئۆز تۆھىپلىرنى قوشۇپ كەلمەكتە ، ئەنە شۇنداق تۆھىپكار ئالىملارنىڭ بىرى قىرغىزستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان، ئۇيغۇر مەدەنيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىپ،ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە ۋە جۇڭگۇ قاتارلىق ئەللەرگە تۇنۇشتۇرۇپ ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كېلۋاتقان،نامى شۇ ئەللەرگە كەڭ تارقالغان ئالىملىرىمىز ئىچىدە پەلسەپسە پەنلىرى بۇيىچە دوكتۇر ، فروفېسور، ئاكادېمىك ئۇنۋانىنى ئالغان ئالىم -ئەزىز نارىنبايىفتۇر.

ئەزىز نارىنبايېف

فىروفېسۇر ئەزىز ئەيساجان ئوغلى نارىنبايېفنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەسلى قەشقەردىن بۇلۇپ 1880-يىللىرى قاراقولغا كۈچۈپ چىققان. ئەزىز نارىنبايېف 1924 – يىلى 24 ئاپىرېل كۈنى قىرغىزستاننىڭ ئىسسىق كۆل بۇيىغا جايلاشقان قاراقول شەھرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان . 1931 – 1938 – يىللىرى قاراقول شەھەرىدىكى نارمانوف نامىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغان . كېيىن يەنە شۇ شەھەردىكى ماكسىم گوركىي نامىدىكى پېداگوگىكا مەكتىپدە ئوقۇپ ، ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن 1941-يىلى فرۇنزى شەھىردىكى فرۇنزى نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ تارىخ كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن . 1942 – يىلى 8-ئايدا پىدائىي بۇلۇپ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان،ھەمدە تانكىغا قارشى زەمبىرەكچىلەر سېپىدە ئۇرۇش قىلغان . 1945 – يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدا ئېغىر يارىلىنىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن 1 – دەرىجىلىك « قىزىل يۇلتۇز » ،2 – دەرىجىلىك « ۋەتەن ئۇرۇشى قەھرىمانى» ئوردېن – مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1945 – يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ ئەزىز نارىنبايېف قىرغىزستان پېداگوگكا ئىنستتوتىنڭ تارىخ فاكولتىتدا ئوقوشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، 1947 – يىلى ئۇقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ، ئۇنىڭ تالانتىغا نەزەر سالغان ئۇستازلىرى ئۇنى ئىنستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە ئېلىپ قالغان . 1950 – يىلدىن 1952 – يىلىغچە لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا ئۇنۋېرسېتىتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ ، « سوتيالستىك مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشنى ۋە تەرەققى قىلشىدا سوۋېت دۆلتىنىڭ رولى » ناملىق كاندىداتلىق دېسرتاتسيسنى ياقىلاپ، «ئىلىم-پەن نامزاتى»دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1953 – يىلى دوتسېنىتلىق دەرىجىسگە ئېرشكەن . 1968 – يىلى « پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى» دېگەن ئىلىمىي ئۇنۋانغا ئېرشكەن، كۆپ ئۆتمەي قىرغىزستان پەنلەر ئاكادېميسى پەلسەپە ،ھوقۇق ئىنىستىتوتىنىڭ بۈلۈم باشلىقى بۇلۇپ ئۆستۈرۈلگەن. 1979 – يىلى فىروفېسوربولغان، 1989 – يىلى قىرغىزستان پەنلەر ئاكادېميسدە ئۆتكۈزۈلىگەن ئاكادېمىك ۋە مۇخىبر ئەزا سايلاش يىغندا ئالىمغا‹‹ قىرغىزستان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېميسنىڭ مۇخبىر ئەزاسى›› دەپ نام بېرىلگەن، 1994 – يىلى « قىرغىزستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى » دېگەن يۇقىرى ئاتاق ،شەرەپكە ئېرىشكەن بولسا، 2002 – يىلى پەخىرىي ئاكادېمىك دەرىجسىگە ئىرشكەن.

ئەزىز نارىنبايېف ئىلىمىي تەتقىقاتىدا 1950 – يىلىدىن 1970–يىللىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغچە مەركىزى ئاسيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى مىللى مۇناسۋەتلەر مەسلسنى تەتقىق قىلىشقا قاراتقان. ئۇنىڭ قىرغىزستان دۆلەت ئونۋېرسېتىتى پەلسەپە كافېدارسنىڭ دوتسېنتى ياكوف ئابراموۋىچ بىلەن بىرلىكتە يازغان « س س س ر دا مىللى مەسلىلەرنىڭ ھەل قىلىنش تەجىربسى ۋە ئۇنىڭ تارىخي ئەھميتى » نامىلىق ئەسىرى پۈتكۈل ئىتتپاق بۇيچە مۇكاپاتقا ئىرشكەن .

1970 – يىللاردىن باشلاپ ئالىم تەتقىقاتىنى ئۇيغۇر ئىجتمائى پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا قاراتقان ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى – پەلسەپىۋى تەپەككۈر تەرەققيات تارىخىغا ئائىت « سېيىت مۇھەممەد قارىشى ، كۆرنەرلىك ئۇيغۇر شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى »، « 19 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يىرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى – پەلسەپىۋى تەپەككۈرىنىڭ تەرەققياتى » ، « 20 – ئەسىرنىڭ 30 – 40 – يىللىردىكى ئۇيغۇر ئىجتمائى – پەلسەپىۋى پىكىرلىرنىڭ تەرەققيات خۇسۇسيەتلىرى » قاتارلىق ماقاللەر ۋە « 19 – ئەسىرنىڭ ئىككنىچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئىجتمائى – پەلسەپىۋى پىكىرلىرى » ، « مەھمۇد كاشغەرى ئوتتۇرا ئەسىر ئىجتمائى – پەلسەپىۋى پىكىرلىرنىڭ كلاسسكى » ، « قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئىجتىمائى پىكىرلەر تارىخىدىن » ، « ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرى »، « ئۇيغۇر مەرىپەتچىلىرنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» (بىرلەشمە ئەمگەك ) ، «19– ئەسىرنىڭ بىرىنچى يىرىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق قاراشلىرى » ( بىرلەشمە ئەمىگەك ) دېگەن يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيىدىكى مونوگرافىيىلىرنى ئېلان قىلغان ، بۇنىڭىدىن باشقا ئۇ يەنە ئاسپىرانتلار ئۈچۈن مېتدولوگىيلىك قوللانمىلارنى شۇنداقلا « قىرغىزستاندا پەلسەپە پەنلىرنىڭ شەكللنىشى ۋە تەرەققياتى » نامىلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىگە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇريەتلىرىدىكى مەشھۇر ئالىملار، ئاكادېمىك، پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى، فىلولوگىيە پەنلەر دوكتورى قاتارلىق كۆپلىگەن ئالمىلار يۇقىرى باھالارنى بەرگەن.

ئەزىز نارىنبايېف ئۇرۇش ۋە ئەمىگەك قەھرىمانى ، قىرغىزستان پەلسەپە مەكتپىنىڭ ئاساسنى سالغان دەسلەپكى ئالىملارنىڭ بىرى . 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ياشلارنى تەربىيلەپ كەلمەكتە،ئۇ ئىلىم ساھەسىدە سوۋىت پەلسەپسگە بەلگىلىك تۆھپە قوشقان،ئۇنىڭ پەلسەپە پەنلىرى بويىنچە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەپ كەلمەكتە. ئاسپىرانتلارنى تەربيىلەشكە ئەھميەت بىرىپ 20 دەك دوكتور ۋە پەن كانداتىنى تەربىيلەپ چىققان .

ئاكادېمىك ئەزىز نارىنىبايېف ئۆزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجىتمائى – پەلسەپە پىكىرلىرى توغىرسدىكى كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ۋە بۇ ساھە بۇيىچە تەربىيلىگەن بىر تۈركۈم مۇتەخەسسلىرى بىلەن قىرغىزستاندا ئۇيغۇر پەلسەپە تەتققات مەكتىۋىگە ئاساس سالغان . ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى كۆپ يىللىق تۆھپىسگە ئاساسەن ، قىرغىزستان رېسپوبلىكسى ئالىي كېڭەش تەرپىدىن « قىرغىزستان خەلق مائارىپ ئەلاچىسى » دىگەن نامىغا ئېرشكەن . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ھۆرمەتلىك ئالىمى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر 300 پارچىدەك ئىلىمىي ماقالە، 20 پارچە ئىلمىي ئەسەر ئېلان قىلىدى . كۆپلىگەن خەلقئارالىق ۋە جۇمىھۇرىيەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغنلىرىدا دوكلات بەردى . 1993 – يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزلىگەن « خەلقئارالىق قۇتادۇغۇ بىلىك ، ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى » دا « يۈسۈپ خاس ھاجىپىنڭ بىلىش نەزەريسى » دېگەن ماقالسنى ئوقۇدى . ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى رۇس ، خەنزۇ ، ئۇيغۇر ، ئېنگلىز ، قىرغىز ۋە باشىقا قېرىنداش تىللارغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىندى . « ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتمائىي – پەلسەپىۋى پىكىرلەر تاىخىي » نامىلىق ئىلىمىي ئەسەرنى يېزىپ نەشىرىياتىقا تاپىشۇرغان ، ئۇ ئۆزنىڭ پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە يېرىم ئەسەرلىك پەلسەپە ئوقۇتۇشدىكى نەتىجىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسيانىڭ ، جۈمىلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ 20 – ئەسىر پەن تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇردى . ئۇ تەربىيلىگەن شاگىرتىلار سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋىردە بولسۇن داڭلىق ئالمىلاردىن بۇلۇپ چىقىپ ، ئالىمىنڭ ئوبىرازنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى . ئالىمنڭ كەمتەر ، ئاددىي – ساددا ، ئاق كۆڭۈل پەزىلىتى بىلەن ئىلىمىي ئەخلاقى ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ، ھەتتا ئۇ پەنلەر ئاكادېمىيسنڭ مۇخبىر ئەزاسى بولغاندا قىرغىز پىرىزدېنىتى بۇلۇش ئالىدىدا تۇرغان ئەسقەر ئافايېف ئۇنى شەخسەن تەبرىكلىگەن .

ئۇ تەربيلىگەن شاگىرتىلار ئىچىدىن سابىق قىرغىزستان كوممۇنستك پارتيسىنڭ بىرنىچى سېكىرىتارى تۇداخۇن يۈسۈپئايېف ، بۈگۈنىكى قىرغىزستان پرىزدېنىتى ئەسقەر ئاقايېفنىڭ مەسلھەتچسى ، يۈسۈپ بالاساغۇنى نامىدىكى قىرغىزستان دۆلەت ئۇنۋېرستېتىنڭ مۇدىرى ، ئاتاقىلق پەلسەپە ئالىمى ئەسقەر چۆكۈتايېۋىچ ، قىرغىزستانىنڭ قازاقستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچسى سادانېكوف قاتارلىق كۆپىلىگەن دۆلەت ئەربابىلىرى يېتىشپ چىقىپ قىرغىزستان جۇمىھۇريتى ئۈچۈن كۆرنەرلىك خىزمەت قىلماقىتا .

ئەزىز نارىنبايېف ھازىر گەرچە ياشنىپ قالغان بولسمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرى كامالەتكە يەتكەن ، ئىلمى تەجىربىسى مول ، قەلىمى ئەڭ ئۆتكۈرلەشكەن بىر دەۋردە بولغاچقا، قەلمىنى تاشلىماي ، زور تىرشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىمغا بېغشلاپ، ئۆزىگە بەرىلگەن يۈكسەك باھالار ، ئوردېن – مېداللار ئالدىدا مەغرۇرلانماي ، ئۆز تەتقىقاتىنى تېخمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرىگە 2009-يىلى4-ئاينىڭ 24- كۈنى ئۆزىنىڭ 85 ياشقا كىرگەنلىكىگە قارىماي، يېقىندا ‹‹تاللانغان ئەسەرلەر ›› ناملىق كىتاۋىنى يېزىپ پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ كىتاۋىدا ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ، ئۇلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى كەڭ دائىردە يۇرىتىلغان. قىرغىزئىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىلىم-پەنگە قوشقان تۆھپىلىرىنى يۇقىرى باھالاپ ، يېقىندا قىرغىزئىستان جۇمھۇريىتى فىرېزىنتى باقىيېۋ تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.

2004-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى قىرغىزئىستان بېشكېك شەھرىدە ئەزىز نارىنبايېفنىڭ 80 ياشقا توشقانلىقى داغدۇغلۇق تەبرىكلىنىپ ئالىمغا يۇقىرى باھالار بېرىلگەن بولسا ،2009-يىلى 5-ئاينىڭ10-كۇنى ئالىمنىڭ 85ياشقا كىرگەنلىكى يەنە چوڭ پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەنگەن. بىز بۇ مۇناسىۋېت بىلەن ئالىمغا تەن ساقلىق، ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،تۇرمۇشىغا قۇت تىلەيمىز.