ئەزۋەيلىنىۋاتقان سۈنئىي سىياسەتچىلىك ۋە سۈنئىي بايرامچىلىق
ئەزۋەيلىنىۋاتقان سۈنئىي سىياسەتچىلىك ۋە سۈنئىي بايرامچىلىق
مىللىي دەۋا يولىدا، ھەمدە سىياسەتچىلىك يۆنىلىشىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئەڭ زەئىپانە تۇتۇم ھەرۋاقىت ئىجابىي ئىشنى بولۇشىغا كۆپتۈرۈپ ئېلان قىلىش، ئۆزلىرىنىڭ ياراملىقلىقىنى كۆز - كۆز قىلىش، شۇنداقلا ھېچبىر سەلبىي ئىشقا دائىر ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار يوقلۇقى، سەۋەنلىك قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرماسلىق ياكى خاتالىقىنى بىلسىمۇ چاندۇرماسلىق ۋەياكى بىلىپ تۇرۇپ مىللەتنىڭ ئەقلىنى كۆزگە ئىلماسلىق.
بۇ تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ئىجابىي قىسمى كۆپچىلىككە مەلۇملۇق ئىش بولۇپ، مىسال كەلتۈرۈش ھاجەتسىز. ئەمما مەسىلىنىڭ سەلبىي قىسمىچۇ؟ يەنى سەلبىي ئىشلاردا سىياسەتمەنلەرنىڭ مەسىلە ئۈستىدە سەۋەنلىك ئۆتۈلگىنىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىنى، ياكى سەلبىيلىكتە ئەزۋەيلەۋاتقانلىقىنى قانداق بىلىپ يېتىش مۇمكىن؟
مەسىلىنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددىي. ئوخشاش ناباب ھادىسىنى تەكرار سادىر قىلىشلاردىن، ھەتتا ئالدىنقىسىدىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلىشتىن ئايانمايدىغان قېلىنلىقتىن، خاتانى ئەزۋەيلەشتە يۈز چىمىلدىماسلىقتىن بىلىش مۇمكىن. بۇنىڭغا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ھادىسىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
بىرىنچى ھادىسە:
ئالدىنقى يىلى مىللەت يۈزلەپ، مىڭلاپ، مىليونلاپ تۇتقۇندا يۈرۈۋاتقاندا، تۇتۇلغانلارنىڭ قىرىلىۋاتقانلىق، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىق خەۋرى كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە ئالدىنقى سەپنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بىر توپ ئاكتېۋىستلار كېلىشىۋالغاندەك قول - قولچە نورۇز بايرىمى قىلغۇسى كېلىپ كېتىشتى. لاگېر ئاتلىق قەتلىئام بازىلىرىنىڭ مىللەتنى تۈگەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى دۇنيا ئىتىراپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرسىمۇ، ھاياجىنىغا پاتماي ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىنى چەتئەلدە تونۇشتۇرۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرىۋاتقانلىقىغا، مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتقانلىقىغا قارشى جاۋاب سۈپىتىدە «بىزنى قىرساڭمۇ مەدەنىيىتىمىزنى مۇشۇنداق تىرىلدۈرىمىز مانا» ناملىق ماقامى ماكانىغا چۈشمىگەن بەغەرەزچە شوئار ئاستىدا تەپتارتماي خەلقىئالەم ئالدىدا ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇشتى. ئەل - جامائەت ئومۇميۈزلۈك بىتاپ ھالغا چۈشكەن، يۈرەكلىرى پۇچۇلىنىۋاتقان، دەرد - ئەلەملەر ئىچ - ئىچىگە سىغماي تۇرغاندا بايرامنى «ناخشا - ئۇسسۇل» كېچىلىكى بىلەن كۈتۈۋېلىشتەك خىتايچە تەبىرىك شەكلىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ سىياسەتمەنلەرگە «بۇ زادى نېمە قىلىق؟» دەپ سوئال قويغىدەك بېجىرىم سىياسەتچىدىن بىرسى كۆرۈنمىدى. رەسۋاچىلىقنىڭ بىر كىشىدىن سادىر بولسا سورىقى ئېغىر، كوللېكتىپتىن سادىر بولسا سورىقى بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قالغان بۇ كاتتىباشلار شۇ ۋاقىتتا ئۆزلىرىگە قارشى ئىسيانىنى ئىپادىلەشتىن ۋاز كەچكەن ئويغاقلارنىڭ سۈكۈتىنى توغرا كۆرگەنلىك، ئۇلارنىڭ مەزكۇر رەسۋاچىلىقنى پاش قىلمىغىنىنى ئۆزلىرىنىڭ زىيادە ئىشلەپ كەتكەن «دانا» كاللىسىنىڭ ئۇتۇقى دەپ چۈشىنىپ قېلىشتى. شۇ ۋەزىيەتتىكى ئىچكى تالاش - تارتىشنىڭ ئەۋجىمەسلىكىنى كۆزلەپ بولدى قىلغانلىقنى ئۆزلىرىنىڭ سادىر قىلىۋاتقان بۇ رەسۋاچىلىقلىرىنى ئومۇمنىڭ رازىلىق بىلدۈرگەنلىكى دەپ ئويلاپ قېلىشتى.
مۇسىبەتلىك مىللەتكە ۋاكالىتەن ئۆتكۈزۈلگەن بايراملىق بۇ ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكلەردىن كېيىنمۇ ئەجەبا بىز بۇ ئىشنى توغرا قىلدۇقمۇ يوق دەيدىغان توغرا - دۇرۇس بىرەر سىياسەتمەن كۆزگە چېلىقمىدى. گويا خەلقىئالەمگە سەنئەتكارىمىز مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۇيغۇرنى كۈيلەپ ئېيتقان «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» دېگەن ناخشىسىنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىۋاتقان، ئەمەلىيىتىدە بولسا، «ۋاقتى كەلسە مۇسىبەتلىك تۇرۇپ ناخشا ئۇسسۇل -كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ قاراسلىتىپ چاۋاك چالالايدىغان، مەدەنىيىتىمىزنى داقا - دۇمباق بىلەن تىرىلدۈرىدىغان مۇشۇنداق مىللەت بىز. چۈنكى ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» دېگەننى تەڭكەش قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشتىن ئىزا تارتىشمىدى. شۇنداقلا «قىرىلىۋاتقان مۇسىبەتلىك مىللەتمىز، ئەمما بىزنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرىمىز مانا مۇشۇنداق» دېگەن ئىپادىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ قانداقلىقىنى گويا خەلقى ئالەمنىڭ كۆزىگە تىقىپ بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ھېچ ئەندىكىشمۇ بىلدۈرۈشمىدى. مىللەت ماتەمدە تۇرسا، مۇسىبەت ئەھلى تۇرۇپ، قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى خەلقىئالەمگە جاكارلاپ تۇرۇپ، مىللەتنىڭ ھازىدار ۋەكىللىرى تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرسەك، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدا، مەدەنىيىتىمىزنى قۇرغۇچى ئەجداد ئالدىدا يۈزىمىز بولارمۇ، ئەل - ۋەتەن ئەھلىنىڭ ئۈستىدىن كۈلگەندەك بولۇپ قالماسمىزمۇ، ئەگەر دۈشمەنلەر مۇشۇ ئۇسۇل كېچىلىكلىرىمىزنى لاگېردىكى، قاراڭغۇ تۈرمىلەردىكى بىزدىن ئۈمىد كۈتۈپ يېتىۋاتقان خەلقىمىزگە قويۇپ بېرىپ قالسا، ئۇلار قانداق ئويدا بولار، بۇ ئۇلارنىڭ روھىنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرمەسمۇ، ئۇلارنىڭ ئۈمىد چىرىغىنى دۈشمەننىڭ زەربىسىدىنمۇ كۈچلۈك زەربە بىلەن ئۆچۈرۈشكە سەۋەبكار بولۇپ قالماسمىزمۇ؟، دېگەننى ئويلىشىپ باققانلىقى بىلىنمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ قەدەر ئىشنىڭ ئالدى – كەينىنى ئويلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، بۇنداق نازۇك ۋە سەزگۇر مەسىلىگە «دانا» ئەقلىنى ئۇپرىتىپ ئولتۇرغىدەك ئىش قاتارىدا كۆرمەيدىغان دىتسىز سىياسەتمەنلەر ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن ھالدا بۇ يىلنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى» يىلى قىلىپ جاكارلاشتەك ئىككىنچى تۈرلۈك پەلىپەتىش چاقىرىقى ئىپادىلەپ قويدى. يەنى بۇ سىياسەتمەنلەرنىڭ دانا ئەقلى شۇ قەدەر ئىشلەيدۇكى، فېستىۋالى ئېلان قىلىنىۋاتقان خەلقنىڭ ماتەمدە ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپراق ئىش كۆرۈشنىڭ، بىر يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈننى بايرام ياكى تەنتەنە ئىچىدە ئۆتكۈزۈشتە، ياكى مىللەتكە زۆرۈر بولغان بىرەر ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىكنى قوزغاشتا پەقەت بىر پۈتۈن مىللەت ۋە خەلق بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا، دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بۇنىڭغا قارىتا ئاكتىپ سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارغاندا ئاندىن ئۇنىڭ كۈچى ۋە ئەھمىيىتى بولىدىغانلىقىنى، دۆلىتى مۇنقەرز تۇرۇپ، خەلقى ئومۇميۈزلۈك تەھدىت ئاستىدا كېتىۋاتقان تۇرۇپ، ئالىم-ئۆلىمالىرى شەھىد قىلىنىۋاتقان، ھەر ساھە قابىللار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قەدەر زۇلۇم ئىسكەنجىسىدە جان تالىشىۋاتقان تۇرۇپ خەلقنىڭ روھىنى تاۋلايدىغان، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرىدىغان، قىساس ئوتىنى لاۋۇلدىتىدىغان، قەلب دەردىنى ئىزھار قىلىدىغان، ھېچ بولمىسا ئاشۇ بىر يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە ئۈندەيدىغان بىرەر ئەھمىيەتلىك يىلنى جاكارلاش ئورنىغا فېستىۋال جاكارلاشنىڭ گويا «ئىشىكى ئۆلۈۋاتسا قۇيرۇقى دۇتتا چېلىش»قا ئوخشاش ئىش سادىر قىلغانلىق بولۇپ قالارىنى ھېسابقا قېتىپ يۈرۈشمىدى. گويا ۋەتەندىكىلەر سولاقتا، ياكى تىزگىندە. سىياسىي تەقەززا بولسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە چەتئەلدە بۇ يىلنى مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇشتەك، مۇشۇنداق قىلىش گويا بۇ يىلنىڭ ئەڭ بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىسىدەك ئاتالمىش «ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى» يىلىنىڭ جاكارلىنىشىمۇ دەل ئالدىنقى يىلى ئېلىنغان بىرىنچى ناباب قەدەمنىڭ خاتالىقىنى تەكرارلىشى، ھەتتا خاتالىقتا چىڭ تۇرغاندىن سىرت ئىككىنچى قەدەمنى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ ئەزۋەيلەشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنىڭ جانلىق مىسالى دېيىشكە بولىدۇ. بىز يەنە مەزكۇر مەدەنىيەت يىلىنىڭ ئەمەلىىيىتىنىمۇ، بۇ ھەقتە چاقىرىق قىلغۇچىلارنىڭ كاللىسىدىكى مەدەنىيەت چۈشەنچىسىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ كۆرگەندەك بولدۇق. مىللەت بىيولوگىيەلىك قورال ئورنىدا ئىشلەپ چىقىرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «خىتاي ۋىرۇسى» تۈپەيلى ئاچارچىلىق تارتىۋاتقان، جان تالىشىۋاتقانلىق خەۋىرى كېلىۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلتۈرۈپ ئۇيۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى بۇنىڭ ئەمەلىيەتلىرىدىن ئىدى. مەزكۇر ئاتالمىش مەدەنىيەت تىرىلدۈرۈش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە، داقا – دۇمباق سادالىرى ئىچىدە چوڭ يول ۋە كوچا كويلاردا سازايى بولۇش شەكلىدە مەدەنىيەت تەنتەنىسى قىلىنغانلىقى ئەمەلىيەتتە مەزكۇر جاكارچىلارنىڭ «مەدەنىيەت» چۈشەنچىسىنىڭ يەنە شۇ ناخشا - ئۇسسۇلچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. يەنە كېلىپ مەدەنىيەت تارقىتىش ئۇسلۇبىنىڭ يەنە شۇ خىتاينىڭ ۋەتەندە قوللانغان ئۇسلۇبلىرىدىن بىرى بولغان چاڭچىلىكەشلەرنى ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ناھىيە - ناھىيەلىرىدە ئويۇنغا سېلىپ يىلدا بىر نۆۋەت كوچا - كويلاردا ئايلاندۇرىدىغان، ناھىيە بازارلىرىدا چوڭ يوللاردا خىتاينىڭ بايرىمىنى قۇتلىغان چاغدىكى ئۇسسۇلغا سېلىپ تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن ئانچە پەرقى يوق ئۇسلۇب بولغانلىقى دىققەت تارتماي تۇرالمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنداق شالغۇتلاشقان مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ۋە بىمەنە مەدەنىيەت تارقىتىش ئۇسۇلى خاتانىڭ ئۈستىگە خاتانى دەسسىتىش، خاتالىقنى ئەزۋەيلەشتە چېكىگە يېتىش بولماي، نېمە؟
دەرۋەقە، دەۋا باشلامچىلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ قەدەر ئەستايىدىللىقتىن ئېرىنىدىغان زېھنىيەتنىڭ كوللىكتىپلىشىشى، كوللېكتىپ ھەرىكەت قوزغاش خاراكتېرىدىكى مۇشۇنداق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئىشنىڭ خاراكتېرىنى ۋە زامان - ماكاندىكى ئورنىنى دەڭسىمەيلا يول تۇتىدىغان دىتسىزلىق ۋە سۈنئىيلىكلىرى، مەزكۇر مىللىي دەۋا ئاكتىپلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن سادىر قىلىۋاتقان بۇ دەرىجىدە چاكىنىلىقلىرى زەيپانىلىك ۋە دىتسىزلىقتىن نېسىۋە ئالغان سىياسەتچىلىك بولماي نېمە؟
ئىككىنچى ھادىسە:
بۇ ھەقتىكى گەپ يەنە شۇ ئاتالمىش دوپپا بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك. مەزكۇر ئاتالمىش «بايرام» ۋەتەن شارائىتىدا يۈز بېرىۋاتقان پەرقسىزلەشتۈرۈش دولقۇنى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە نەپەس ئېلىشقىمۇ ئورۇن قالمىغان بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئوقۇمۇشلۇقلار ئارا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىجابىي ھەرىكەتلەردىن بىرى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىجابىيلىقى كۆپىنچە ھالدا ئۇنىڭ قاتمۇقات چەكلىمىلەر تۈپەيلى ئۇيۇشتۇرغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي يىغىلىشلارنى كۆپەيتىشكە پۇرسەت يارىتىش، مەدەنىي ئەنئەنىلەرنى، بولۇپمۇ كىيىنىش ۋە باشقا يۈرۈش تۇرۇشقا، كىيىم - كېچەك، لىباسلارغا دائىر بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي ئايىنىشلارنى پاش قىلىپ ئومۇمنى سەگىتىش ۋە مىللىي ئاڭنى يادقا سېلىش جەھەتلەردە ئىپادىلەندى. ئەلۋەتتە ۋەتەن شارائىتىدا بۇنداق بىر پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەلۇم ئاتاق ياكى بايرام ياكى خاتىرە كۈن نامىدا سۈنئىي ئىسىم ۋە سۈنئىي كۈن تەرتىپ ياساپ بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭنى تىرىلدۈرۈشكە كۈچەش، گويا چۆلدە سۇسىز قالغۇچىغا چوشقا گۆشى نىسبەتەن ھالال بولغىنىدەك، جان ساقلاش، مەۋجۇتلۇقنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئانا مەقسەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش يوللۇق بولغىنىدەكلا يوللۇق ئىش دېيىشكە بولاتتى. بۇ ۋەجىدىن ھېچبىر ئوقۇمۇشلۇق زات ياكى ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى پىكىر ئەربابلىرىدىن، ھەتتا دىنىي ساھەنىڭ ئەھلى ئىلىملىرىدىنمۇ بۇ ھەقتە قارشى سادا چىقمىدى. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىگە جور بولۇپ كوللېكتىپ ئاڭنىڭ يۇيۇلۇپ ماڭغىنىدىن، ئۇيغۇرلۇق ئېڭىنىڭ سۇسلىغىنىدىن كۆرە بىرەر سۈنئىي بايرام ياكى سۈنئىي خاتىرە كۈن تەرتىپى قۇرۇلۇپ بولسىمۇ بۇ ئاڭنى سەگىتىش، مۈگدەۋاتقان ھالىتىگە ئازدۇر - كۆپتۈر سۇ سېپىش خاراكتېرىدىكى ئىشلارنى ئىجاد قىلىشنىڭ سەلبىي جەھەتتىكى ۋەزنى تۆۋەن ئىدى. شۇڭا ئىككى زىياننىڭ ئەڭ زەرەرى تاللانغان بويىچە چۈشەنگەندە، دىمىق ئاتموسفېرادا بىرئاز نەپەس ئېلىش ئۈچۈن بەزى سۈنئىي ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا كېرەك يوق دېيىشكە بولاتتى.
دوپپا بايرىمى ئەنە شۇنداق سۈنئىي كۈن تەرتىپ ياساش ئارقىلىق ۋەتەندىكى چەكلىك شارائىتقا قارىتا ئۇيغۇرلۇق ئېڭىنى بىر قەدەر ئالدىغا ئېلىپ چىقىشقا قارىتا مەلۇم ئۇرۇنۇش خاراكتېرلىك ھەرىكەت بولدى. بىراق مەسىلىنىڭ يەنە بىر يۈزىگە قارايدىغان بولساق، مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتكە كۆز يۇمۇپ بېرىشى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال مەزكۇر سۈنئىي بايرامنىڭ ئىجادكارلىرىنى خۇددى بىر ئامال تاكتىكىلارنى قىلىپ ئىشنى ئاران تەستە ھەل قىلغاندەك، خىتاينىڭ كۆزىنى بويىۋەتكەندەك بىر ھاياجانغا كەلتۈرۈشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كارخانىچى، يازغۇچى، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچى بولۇپ ھەممىنىڭ ئىشتىراكىنى جەلپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ھالبۇكى خىتاينىڭ بۇنى ئەتەي رۇخسەت قىلىشى ئارقىسىدا ھېچبىر تارىخىي يىلتىزى بولمىغان، مىللىيلىكنى بىر تال دوپپىغا باغلاپ بايرام ئىجاد قىلىشتەك كۈلكىلىك بىر ئىشقا قانچىلىغان ئۇيغۇر دەسسەيدۇ، مىللىي كىملىكنى تۈگەل شەكلىيلىككە باغلاپ ئۇنىڭغا سۈنئىي تارىخ ياساپ سۈنئىي بايرام ئىجاد قىلىشنىڭ، گويا ئۇنى مىللەتنىڭ تەبىئىي بايراملىرىدەك مۇھىملىققا كۆتۈرمەكچى بولۇشلارنىڭ ئارقىسىدا نېمە ئىشلار روي بېرىدىغانلىقىنى كۆزىتىشى ئېنىق ئىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىكى يۆزلىنىشنى كۆزىتىشىدىن، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەسىگە بولغان ئەكس تەسىرىنى نازارەت قىلىشىدىن مەلۇم بولدىكى، بۇ مىللەت ئەگرى يولغا باش ئۇرسىمۇ يەنە ئۇ يولنى توغرا يولغا تۇتاشتۇرۇشنىڭ پېيىدە يۈرىدىغان، سەللا ئاڭلىقلىق شەكىللەنسە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيدىغان مىللەت. دېمەك بۇ ھالەتمۇ خىتاينىڭ زەربىسىنى كۈچەيتىشكە مەلۇم دەرس چىقىرىپ بەرگەندەك بولدى. شۇنداق قىلىپ 2016 - يىلىدىن باشلانغان قاتتىق زەربىدە ئۇيغۇرنىڭ مەيلى ئەنئەنىۋى تەبىئىي بايراملىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى بولسۇن ياكى دوپپا بايراملىرىغا ئوخشاش سۈنئىي بايراملىرى بولسۇن، ھەممىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش پىلانى ھەرىكەتكە ئۆتتى ۋە تارىختا كۆرۈلمىگەن چوڭ بالايى - قازانى مىللەت سۈپىتىدىلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئومۇميۈزلۈك خەلق باشتىن كەچۈردى.
چەتئەلنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ۋەتەننىڭ ئىسمىدىن تارتىپ ھەر بىر تال گىياھىغىچە ئەسلىدە قانداق بولسا شۇنداق ئاتىغىلى، ئەسلىي بويىچە تونۇغىلى، تونۇشتۇرغىلى ئىمكانىيەت بار بولغان، ھېچبىر سۈنئىيلىككە تۇتۇنمىغان ھالدا مىللەتنىڭ تارىخىي ئەنئەنىلىرى، ئۇنىڭ مىللىيلىكىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى قانداق يېتىپ كەلگەن بولسا شۇنى ئەسلىدىكى بويىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان، مىللىي بايراملىرىنى لايىقىدا كۈتۈۋېلىشكە ھەم پۇرسەت ھەمدە شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدىغان، ھەتتا كۆڭۈلدىكىدەك تەبرىكلىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ھەقىقىي مەنىدە تەبرىكلەيدىغان كۈننىڭ كېلىشىگە كۈچ چىقىرىدىغان ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان توسالغۇسىز كەڭرى ئىمكانىيەت تۇرۇپتۇ. ئەمما مۇشۇنداق ئىمكانىيەتلەرگە يارىشا ھەم بۇزۇۋېتىلگەن زېھنىيىتىمىزنى ساپلاشتۇرۇشقا، ئەبجەشلەشتۈرۈۋېتىلگەن ئەنئەنىلىرىمىزگە، بۇلغىۋېتىلگەن دىنىي ئاڭ - چۈشەنچىمىزگە بولغان تونۇشىمىزنى ساغلاملاشتۇرۇشقا، شالغۇتلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئۆزلۈكىمىزنى قۇرۇپ چىقىش ۋە ساغلام مەدەنىيەت چۈشەنچىسى، ساغلام مەدەنىي ھەرىكەت ئىنقىلابىنى قانات يايدۇرۇشقا باش قاتۇرۇش ئورنىغا يەنە شۇ سۈنئىي ئىجادىيەتنى قايتا تاما قىلىپ ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈشقا، مىللەتنىڭ تارىخىي ئەنئەنىچىلىكىگە قۇرت چۈشۈرىدىغان سۈنئىي بايرامچىلىق ئىدىيەسىنى بازار تاپقۇزماقچى بولۇشقا، دىققەتنى تەبىئىيلىككە ئەمەس، ئاتالمىش دوپپا بايرىمى كەبى سۈنئىيلىكلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا كۈچىلىۋاتىدۇ.
«بىر يالغاننى قىرىق قېتىم دەۋەرسە راست بولىدۇ»، دېگەندەك مەزكۇر سۈنئىي بايرامنىڭ رولىمۇ ۋەتەندىكى مۇھىتتا ئۆز ۋەزىپىسىنى تاماملاپ تۈگىتىپ بولغاندا، سۈنئىيلىكنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئاتالمىش ھۇرراچىلىرىغىچە سۈنئىيلىكنى راستقا ئايلاندۇرۇشقا، سۈنئىيلىكنى تەبىئىيلىك بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇشقا زورۇقۇۋاتىدۇ. قارىماققا ئۇلار ئۆزلىرى يازغان سېنارىيەگە زىيادە كىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. ياكى ئۇلار سېنارىيەگە كىرىشىپ قالغانچە تەبىئىي ئويناشقا كۈچىگەنلىكتىن، سېنارىيەدىكى تىراگېدىيەنى ئۆز تىراگېدىيەسى چاغلاپ رول ئېلىشقا كىرىشىپ كەتكەن ئاكتىيورلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۆزلىرىنى سۈنئىيلىككە ئاتاپ كېتىشلىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇچراپ تۇرىدىغان ھازىغا كەلگەن ئاياللار ئارىسىدىكى يىغلىشىپ بېرىش ھادىسىسىگە ئوخشىتىشقىمۇ بولىدۇ. مۇسىبەتكە پەتىلەپ كەلگەن خوتۇنلار ھازىدارنىڭ يىغىسىغا جور بولۇپ يىغلىشىپ بەرگەندك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلار ئارىسىدىكى بەزىلىرى يىغا - زارە پەيتىدە ئۆزىنىڭ بېشىدىكى دەردت ئەلىمىنى بوشىتىۋېلىپ يىغلايدۇ. يەنى يىغا - زارە ئوخشاش، شۇنداقلا ھازىدارنىڭ يىغىسىمۇ، يىغلىشىپ بەرگەننىڭ يىغىسىمۇ راست يىغا. ئەمما ھەر ئىككىسى ئوخشاش نەرسە ئۈچۈن دەردلىنىپ يىغلامدۇ، دېگەندە مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە پەرقلىنىدۇ.
سۈنئىي بايرامچىلارنىڭ سىياسەتتىكى ئالقىشلىق بىر قىسىم پارتىزانچە ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرغانلىقى بىر ئەمەلىيەت. بۇنى ئالقىشلاش ۋە قوللاش لازىم ئەلۋەتتە. بىراق بۇ قوللاشلارنى ئۇلارنىڭ ئالقىشلىق ھەرىكەتلىرىدىن باشقا سۈنئىي بايرام ھەققىدىكى ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ، دېگەندە بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياق، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. سىياسەتتىكى بىر قىسىم ھەرىكەتلەر، مىللەت ئۈچۈن ھارماي - تالماي قىلىنىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى سۆيۈنىدىغان، ھەقىقىي مۇكاپاتىنى پەقەتلا جانابى ئاللاھتىن باشقىسى بېرەلمەيدىغان پىداكارلىقلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇماي بولمايدۇ. ئەمما ئىشنىڭ يۆنىلىشى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ مىللەتنىڭ كىملىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغان، مىللەتنىڭ بايرام ئەنئەنىسىگە، ئەنئەنىۋىي قەدەرىيەتلىرىگە (ھەرقانچە ياخشى نىيەت بىلەن بولسىمۇ) گويا سۈتكە سۇ قاتقاندەك ئەبجەشلەشتۈرىدىغان ھالغا بېرىپ يەتسە بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس، شۇنداقلا مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىدىغان، ئىشنىڭ شاكال ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىغان، ھەمدە بۈگۈنكى كۈندە مەلۇم بولمىغان بىلەن كېيىنكى كۈنلەردە مىللەتكە خەيرلىك ئېلىپ كېلىشتىن يىراقلىقىنى دەڭسىيەلەيدىغان پىكىر ئەھلىنىڭ، ئىلىم ئەھلىنىڭ سۈكۈت قىلىپ بېرىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى نۆۋەتتىكى مەسىلە كىشىنىڭ سۈنئىيلىكىنى راستقا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنىشى ھەققىدىلا كېتىۋاتمايدۇ. بەلكى مەسىلە بۇنى مىللەتكە ۋاكالىتەن جاكارلاش، ئۇنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋەررۈكى قىلىپ كۆرسىتىش، ئاسارەتتە ۋاقىتلىق يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلگەن بىر ھەرىكەتنى ئۇيغۇرلۇقنىڭ، ئۆتەپ تېشىپ ئۇنى «سىياسىي مەدەنىيەت» دەيدىغان ئەبجەش شوئار ئاستىدا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ پارچىسى ياكى سىمۋولى دەپ جار سېلىشقا ئوخشاش بىر بىمەنىلىكلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدۇر. جاھاندا باش كىيىمىنى مىللىي كىملىك سىمۋولى قىلىدىغان مەنتىقە قەيەرچە مەنتىقە؟ قانداق دۇنيا قاراشنىڭ مەھسۇلى، بۇنىسى بىر مۇئەمما. لېكىن بۇنداق بىر پۈچەك دەۋانىڭ ساپ بولغان ئۇيغۇرلۇق مىللىي مەپكۇرىسىدىن، ياكى تارازىغا ئولتۇرغىدەك بىرەر كىملىك نەزەرىيەسىدىن نېسىۋە ئالمىغان چۈشەنچىلىكى ئورتادا.
ئىشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ بىمەنە ۋە كۈلكىلىك تەرىپى مەزكۇر سۈنئىي بايرام تەرەپدارلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى ئۆزلىرىمۇ تۈزۈك تونۇپ يېتىپ بولالمىغاندىن سىرت چەتئەللىكلەرگە بىزنىڭ «دوپپا بايرىمى» دەيدىغان مىللىي بايرىمىمىز بار دەيدىغان سەپسەتىنى بازارغا سېلىپ، ئارقىدىن ئۇيغۇرغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي قەدەرىيەتلىرىدىن، بايرام ئەنئەنىسىدىن بىخەۋەر بىر قىسىم چەتئەللىكلەر «راست شۇنداق چېغى بار»، دەپ ھۆرمەت يۈزىسىدىن مەزكۇر سۈنئىي بايرام كۈنىگە تەڭكەش قىلىپ دوپپا كىيىپ تەبرىكلىسە، بۇنى ئاقىللىق، ئۆتكۈرلۈك دەپ ماختاپ كېتىشتەك ئۆز - ئۆزىنى خۇش قىلىش تىپىدىكى ئىشلارنى مېدىيالاردا بازار تاپقۇزماقچى بولۇشىدۇر. ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتى تەسىرىدە يات مىللەتنىڭ سىياسەت ئەھلىلىرى قوبۇل قىلىپ بەرگىنىنى ئاساس، مىللەتنىڭ ئاڭلىق ۋە ساغلام فىترەتلىك ئۇيغۇرلىرىنىڭ، يەنە كېلىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى سۈنئىي كۈن تەرتىپ ياساپ ئەمەس، بىر يىللىق ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەلىي ياشاپ ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلارنىڭ رەت قىلىشىنى گويا ئاقىلسىزلىقتەك، ئەقىللەنمىگەندەك تەرزدە ئىما قىلىشلىرى سۈنئىيلىكتىن ئېشىپ ھىلە سىياسەت ئويناشقا باشلىغانلىقى بولماي نېمە؟ يەنە كېلىپ پالانچى، پوكۇنچى تەشكىلاتلار، پوكۇنچى زىيالىي ئالىم - تەتقىقاتچىلار تەبرىكلىدى، دېگەندەك مۇبالىغە تەشۋىقاتلار ئارقىلىق سۈنئىي بايرامنى گويا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئۇيغۇرلار تەنتەنە قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىش ئارقىلىق مەزكۇر سۈنئىي بايرامنى مىللەتكە تۇتقۇزماقچى بولۇشلارغا نېمە دېگۈلۈك؟
دەرۋەقە، بايرام دېگەن بىر مىللەتنىڭ كۈلتۈرىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللارنى ئەمەلىي پائالىيەتلەر بىلەن يورۇتۇپ بەرگۈچى، كىملىكىنى شەكىللەندۈرگەن جەۋھەرلەردىن تەشكىل تاپقان قىممەت قاراشلارنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى روھقا ئىگە نەرسە. شۇنداقلا بايرام مىللەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنى سىمۋول خاراكتېردە ئىپادىلەيدىغان خاسلىقلارنى جەملىگەن بولىدۇ. شۇنىڭدەك مەلۇم بىر كۈننى بايرام قىلىپ بېكىتىش شەخسنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن ياكى مەلۇم بىر گۇرۇپپىنىڭ قول - قولچە بايرام ئىجاد قىلىشى بىلەن پۈتۈپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇزاق تارىخىي ئەنئەنە بىلەن گىرەلەشكەن، مىللىي كىملىكنى شەكىللەندۈرگۈچى ئامىللارنى ئىپادىلەيدىغان مەدەنىيەت خۇسىسىيەتلىرىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. دوپپا، ياغلىق، بەقەسەم تون، سەللە، مەسە - كالاچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە يارىشا ئىجتىمائىي قاتلام كىشىلىرىنىڭ مەزكۇر مىللىي بايرامدا مىللىي كىملىكنى شەكىللەندۈرگۈچى مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، كىيىنىش ئادەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان پارچە ۋارىيانتلىرى ھېسابلىنىدۇ. دوپپا بولسا بىر بايرامنىڭ يارىشىقى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ئورتاق قىممەت قارىشى سىڭگەن ئەنئەنىۋى بايرىمىدىكى خاسلىقنى ئىپادىلەيدىغان سىمۋوللار دائىرىسىگە كىرىدىغان باش كىيىمى، خالاس. بايرام ئۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ۋە ئۇزاق تارىخلىق مىللىي ئەنئەنىسىدە نېمە دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ دوپپىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىمدىكى ئورنىنى دەڭسىمەستىن چەتئەلدەك ئەركىن - ئازادىلىك قاپلىغان ئاتموسفېرادىمۇ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەندەكلا مىللەتكە بايرام ياساپ تۇتقۇزماقچى بولۇش ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قىممەت قارىشىغا قىلىنغان ھاقارەت، مىللەتنىڭ ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان، ئۇلۇغلاش ۋە قۇتلۇقلاش جەھەتتىكى دىنىي سەزگۈرلۈكلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ۋەتەندىكى شارائىت باشقا، ۋەتەن سىرتىدىكى شارائىت باشقا. ئەگەر سۈنئىي بايرامچىلار ئۆزلىرىنى ئىسلامىي كىملىك بىلەن يۇغۇرۇلۇپ چىققان ساپ مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر ھېسابلىسا، شەرئىي پەتىۋانىڭمۇ زامان ۋە ماكانغا قاراپ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق زۆرۈرىيەتنىڭ چەكلەنمىلەرنى بەلگىلىك دەرىجىدە يوللۇق قىلىدىغانلىقىنى، زۆرۈرىيەت تۈگىگەندە چەكلىمىنىڭمۇ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىدەك فىقھىي قائىدىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقلىرى لازىم. ئاتالمىش دوپپا بايرىمىغا ئوخشاش سۈنئىي ئىجادىيەتلەر ناباب ھەرىكەت بولسىمۇ ۋەتەننىڭ شارائىتىغا ئوخشاش ئالاھىدە ۋەزىيەتتە، يەنە كېلىپ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى ئالدىدا بەزى پايدىلىنىش تەرىپىنى كۆزدە تۇتۇپ مەيلى دېگىلى بولسىمۇ، ئەركىن دۇنيادا، ھەقنى ھەق، سەپسەتىنى سەپسەتە دېگىلى بولىدىغان ئازادە مۇھىتتا مەيلى دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا كاپىتال ۋە سوتسىيالىزم كۈچلىرىنىڭ قۇرۇپ چىققان ماتېرىيالىزملاشقان ۋە شەكلىيلەشكەن ئىمپورت كۈلتۈرلىرىگە رام بولۇشلارغا، ئۇلارنىڭ ھە دېگەندە بايرام ياساش ئارقىلىق يېڭى دۇنيا تەرتىۋىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان سېكولار دۇنيادا مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، شۇنداقلا ماددىيلىقنىڭ قۇلىغا ئايلانغان دۇنيا كىشىلىرىنىڭ قۇرغاق مەنىۋىيەتلىرىنى نەمدەش يۈزىسىدىن، ھەمدە بىر قىسىم سىياسىي ئىدېئولوگلارنىڭ ئۆز خەلقى ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىستىگەن بەزى سىياسەت - تۈزۈملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش، خەلقىنى ئۆز ئىدىيەلىرىنىڭ مەستانىلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان سۈنئىي بايرامچىلىق ئىستراتېگىيەسىدىن ئىلھاملىنىشتىن ياكى خېرىدارى بولۇشتىن نەتىجىلەنگەن سۈنئىيلىكلەرگە، تۇتامسىزلىقلارغا، مىللەتكە ۋەكىل بولۇۋالغان ئەمما مىللەتنىڭ قىممەت قاراش ۋە سەزگۈرلۈكلىرىگە پىسەنت قىلمايدىغان شەخسىي ئىستەكلەرگە مەيلى دەپ بولمايدۇ.
بۇ يەردە يەنە دىققەتكە ئەرزىيدىغان مۇنداق بىر نۇقتا بار. مەزكۇر ئاتالمىش «دوپپا» بايرىمىنى ئىجاد قىلغۇچىلار، ھەمدە ئۇنىڭ خەرىتىسىنى سىزغۇچىلار ئىچىدە مىللەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، مىللەتنىڭ ئىسلامىي مەدەنىيەت ھەمدە مىللىي كۈلتۈرى ھەققىدە سۆز قىلىشقا سالاھىيەتلىك ئىكەنلىكى ئېتىراپقا ئېرىشكەن سالاھىيەتلىك ئالىم -تەتقىقاتچىلار، موللا-ئۆلىمالار قانچىلىك؟
جاۋابى شۇكى، ئارىلىرىدا ئېتىراپقا ئېرىشكەن ياكى ئېرىشكۈدەك بىرمۇ ئەقىدىلىك مەدەنىيەتشۇناس ئالىمى ياكى شەرئىي مۇجتەھىد يوق. شۇنداقلا مەزكۇر سۈنئىي بايرامنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىزاھلاپ چۈشەندۈرەلىگۈدەك بىرەر ئىلمىي ياكى نەزەرىيەۋى تەتقىقاتىمۇ يوق.
بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر پاجىئە شۇكى، دوپپا بايرىمى دەپ جار سالغۇچىلار ئارىسىدىن دوپپىنى قەيەرگە بارسا باشتىن ئايرىمايدىغان مۇھاپىزىكارلارچىلىك، دىندار ئاۋامچىلىك دوپپىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. خوش، يەنە قايسى سالاھىيەت بىلەن مىللەتكە بايرام پىچماقچى؟ ئۆز تەشۋىقاتىمىزنى چەتكە ئىمپورت قىلىپ ئۇلارنى ئىشەندۈرۈپ بايرامغا تەڭكەش قىلىشىپ بەرسە، ئارقىدىن «مانا مىللىي بايرىمىمىز بولغاچ باشقىلار قوبۇل قىلدى، بىز تېخى قوبۇل قىلىپ بولالمىدۇق»، دېگەندەك تەتۈر تەشۋىقاتلار بىلەنمۇ؟
ياكى بولمىسا ئىسمىدىن تارتىپ ئىككىلىنىش ئۇچرايدىغان، ھېلى ئۇيغۇرلۇق كۈنى، ھېلى ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى، ھېلى ئۇيغۇرلۇق بايرىمى دېگەندەك قاتارىسىغا تىزىۋېلىنغان بايرام ئۇقۇملىرىنى سۇيئىستېمال قىلىش ۋە «بۇ بايرامنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن مۇنداق - مۇنداق جاپا چەككەنتۇق»، دېگەندەك ھېسسىي تەشۋىقاتلارنى بازارلىق قىلىش ئارقىلىقمۇ؟
مانا بۇلارنى ئەقىل بىلەن، ئېرپان ۋە ھېكمەت بىلەن ئويلانماق زۆرۈر.
زامانىمىز تۈرك پەيلاسوپلىرىدىن تېئومان دۇرالى [Teoman Duralı] شۇنداق ئېيتىدۇ: بايرام دېگەن بىر مىللەت ئۈچۈن كوللېكتىپ ئىبادەتكە ئوخشايدۇ. ناماز، روزا ۋە باشقا ئىبادەتلەر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۈچلەندۈرۈشى ئۈچۈن قانداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا، بايراممۇ مىللەتنىڭ كۈلتۈر جەھەتتىكى خاسلىقىنى ھەمدە كوللېكتىپ تارىخىي ئاڭنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن كوللېكتىپ ئىبادەت مىسالىدۇر».
دەرۋەقە دىن يولغا قويغان ئىبادەتلەر مەنىۋى پايدىلىرىدىن سىرت جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدان، ئورتاق قىممەت قاراش ۋە ئورتاق دۇنيا قاراشنى مۇھاپىزەت قىلىشىغا خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت ھېسابلانسا، ئەنئەنە، تۆرە، بايرام، ھېيت قاتارلىقلار مىللەتنىڭ كىملىك ئېڭىنى ئۆستۈرىدىغان ئەنئەنىسىنى ياد ئەتتۈرىدىغان، كۈلتۈرىنى نامايەن قىلىدىغان يەنى تىرناق ئىچىدە ئىپادىلەشكە بولىدىغان «كوللېكتىپ ئىبادەت»لەردۇر. مەلۇم كۈلتۈرنى ئىپادىلەيدىغان، ئۇنى نامايان قىلىدىغان دوپپا، بەلباغ، شاھى ئەتلەس قاتارلىقلار بولسا، ۋاسىتە بولۇپ، بايرامنىڭ بايراملىق ئىپادىسىنى نامايان قىلىش، نام - نىشانىسىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدىغان ئەسۋابلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا مەزكۇر سۈنئىي بايرامچىلارغا سوئال شۇ: مىللەتكە كوللېكتىپ ئىبادەت خاراكتېرلىك بىر پائالىيەتنى تون قىلىپ پىچىدىغان سالاھىيەت سىزگە قەيەردىن كەلدى؟
مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىنىمۇ ھېكمەت بىلەن، ئەقىل بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈش زۆرۈر. چۈنكى بۇ نەرسىلەر كۈنىمىزدىكىدەك بىرەر چولپاننىڭ ماگىزىندىن سېتىۋالغان چاغدىكى باھاسى بىلەن ئون يىل ئىشلىتىپ مەشھۇر بولغاندىن كېيىنكى باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىپ ساتسا بولىدىغان ماتاغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئەمەس.
مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىگە خوپ كەلمەيدىغان بىر دەۋانى كۆتۈرۈپ چىقىش قانچە مەسئۇلىيەتسىزلىك بولسا، ئۇيغۇرلۇق ئەقلىيەتنى بۇ قەدەر چېكىندۈرۈشمۇ ئوخشاشلا بەغەرەزلىكتۇر. ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىدا دەرىجىلەندۈرۈش، تاقايدىغاننى تاقايدىغان دەرىجىگە، كىيىدىغاننى كىيىمنىڭ دەرىجىسىگە، ئىبادەتنى ئىبادەتنىڭ دەرىجىسىدە، بايرامنى بايرامنىڭ دەرىجىسىدە مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەتكەن، ھەر ئىشنى ئۆز ئورنى ۋە ماقامىدا قىلىشتەك بۈيۈك ئەقلىيەتنى، ئىلغار دۇنيا قاراشنى بىزگە مىراس قالدۇرغان ئەجداد روھىغا بۇ دەرىجىدە قارا بىسلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، سۈنئىيلىككە تەبىئىيلىكتىنمۇ ئاشۇرۇپ ئىگە چىقماقچى بولۇش قانداقمۇ ئۇيغۇرلۇق ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسابلانسۇن؟!
ئۇشبۇ تېمىمىزنى يېغىنچاقلىساق، سىياسەتچىلىكتە مىللەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە دائىر پائال ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇش مۇھىم بولسىمۇ، بىراق بۇ سىياسەتچىنىڭ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ساھەلىرىنى مالىمان قىلىشىغا، سىياسىي رەڭۋازلىقلىرىغا مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى، سەزگۈرلۈكى يۇقىرى قىممەتلىرىنى پايدىلىنىش ۋاسىتىسى قىلىشلىرىنى يوللۇق قىلالمايدۇ. ئەگەر سىياسەتمەنلىرىمىز مىللەتنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولۇشنى كۆزلىسە مىللەتنى ئازاد قىلىشتىن ئاۋۋال ئۆز روھىيىتىنى، ئىدېئولوگىيەسى ۋە زېھنىيىتىنى ئازاد قىلىۋېلىشى، خىتايدىكى ئاسارەتلىك دەۋرلەرنىڭ قالدۇقلىرىدىن تولۇق ئېرىغدالغان بىرى سۈپىتىدە ئۈلگە يارىتىشى كېرەككى، شالغۇت زېھنىيەتنىڭ نەمۇنىلىرىغا، شالغۇت سىياسەتچىلىكنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۈستىدىكى يىللاردىن بىرى يادقا بولۇپ كەتكەن مۇنقەرزلىك تارىخى بىلەنلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى كۆز - كۆز قىلىش تىپىدىكى سىياسەت، ئېقىم مەسىلىلىرىنى تەكرارلاۋەرمەستىن ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئىسلاھ قىلىدىغان، يېڭىلايدىغان، مىللەتنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى بېكىتىشتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولۇۋاتقان پىرىنسىپلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ قويۇشى، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، دۇنيا قارىشى، پەلسەپەسىنى، شۇنداقلا مىللىي خاسلىقلىرىنى بارلىققا كېلىشىدە رول ئوينىغان ۋە ئەنئەنە ھالىتىدە داۋاملىشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن پىرىنسىپال قىممەت قاراشلىرى ئۈستىدىمۇ ساغلام مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇپ قويۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، سىياسەتتىكى سۈنئىيلىكلەردىن، شالغۇت زېھنىيەتتىكىلەرنىڭ شۇنچىكى ھېسسىي مەسلىھەتلىرىگە ئاسان رام بولۇپ مىللەت ئالدىدىكى ئوبرازىنى تۆكۈۋېلىشتىن، مىللەتنىڭ تۇرمۇشىغا سېڭىپ كىرگەن «سۈنئىي كۈلتۈر»لەرنىڭ ھىمايىچىلىرىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ.
شۇنداقلا سىياسىي ئاكتىۋستلارمۇ ھەر يىلى سۈنئىي ئىجادىيلىقلارنى داۋراڭ قىلىشنى بەس قىلىشى، سىياسىي جەھەتتىن تىكلەنگەن ئوبرازىنى «سىياسىي مەدەنىيەت» دەپ ئاتىۋالغان شالغۇت ئۇقۇملار بىلەن پەردازلاش ئارقىلىق سۈنئىي بايراملارنى تىرىلدۈرۈشكە زورۇقمىغىنى مۇناسىپ. ئەگەر ھەقىقىي بايرام كۈلتۈرىنى تىرىلدۈرگۈسى بولسا، مىللەتنىڭ مۇنقەرزلىككە پاتقىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايراملىرىغا بولغان سەگەكلىكىنى ئاشۇرىدىغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتسە، ئۇنىڭدىكى روھى ئوزۇق ۋە قىممەتلەرنى تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەتلەرنى پات - پات ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرسا، تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارسا بۇنىڭ ئەھمىيىتى يىل ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ پەقەتلا مەلۇم بىر كۈندىلا ياد ئېتىلىدىغان سۈنئىي بايراملاردىن كۆپ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغۇسى. كىيىلمىگەن شاپاق دوپپىدىن، بۆك ۋە سەرپۇش تۇماققىچە، تاشلىنىپ قالغان پۇتا - بەلباغدىن ئاسالمىغان يانپىچاققىچە مىللەتنىڭ كىملىكى ۋە خاسلىقلىرىنى نامايان قىلىدىغان ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ ھەممىنى بىر ئارىغا يىغالايدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا كېىيىم - كېچەكتىن تارتىپ، يېمەك - ئىچمەك، زىياپەت ۋە مېھمان كۈتۈشكىچە بولغان بارلىق ۋارىيانتلارنى بىر قۇببە ئاستىغا جەملىيەلەيدىغان ھەمدە ئەجدادتىن ئەۋلاتقا مىڭ يىللاپ مىراس قىلىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملىرىمىزنى خىتاي دەۋرىدىكى شالغۇتلاشتۇرۇلۇشتىن، بايرامنى ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىك بىلەن كۈتۈۋېلىش ۋە تونۇشتۇرۇشتەك يات كۈلتۈرلەرنىڭ، شۇنداقلا زامانىۋى خوراپاتلىقلارنىڭ ئەسىرىگە چۈشۈشتىن قوغداشقا پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى قىلىشمۇ مەدەنىيەت تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن نۆۋەتتىكى تەخىرسىز چوڭ خىزمەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا بۈيۈك پەيلاسوپ ئىبنى خەلدۇننىڭ «مەغلۇپ مىللەتنىڭ غالىب مىللەتنى تەقلىد قىلىشقا مەھكۇم بولىدىغانلىقى» ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىدىن ساۋاق ئالماسلىقتەك، ئەركىن دۇنيادا ياشاپمۇ زېھنىي ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلالماسلىقتەك تىراگېدىيەلەر داۋاملاشقۇسى، ھەمدە سۈنئىي بايرامدىن سۈنئىي زېھنىيەت، سۈنئىي مىللەت شەكىللىنىپ مېڭىشتەك تارىخىي پاجىئەلەر ئەۋج ئېلىشتىن توختىمىغۇسى. شۇنداقلا بۇنىڭغا يانداش ھالدا مەزكۇر سۈنئىي مەدەنىيەت ئىجادچىلىرىنىڭمۇ كەلگۈسى مەدەنىيەتشۇناس ئەۋلادلار ئالدىدا يۇقىرىقىدەك تارىخىي جاۋابكارلىقلارنىڭ ئوبيېكتلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنشتىن قاچالماسلىقى ئېھتىمالدىن يىراق بولمىغۇسى.
يازار: بۇرھان مۇھەممەد
2020-05-07
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى