ئەزەل ۋە قۇررا قەبىلىلىرىنىڭ خىيانەتلىرى

ئورنى Wikipedia

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار

ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى

ئەزەل ۋە قۇررا قەبىلىلىرىنىڭ خىيانەتلىرى

يەنە شۇ يىلنىڭ سەپەر ئىيىدا بۇ ئىككى ئەرەب قەبىلىسىدىن بىر نەچچە كىشىلەر ئەلچى بولۇپ كېلىشپ:

يارەسۇلۇللاھ ، بىز پۈتۈن قەبىلىمىز بىلەن سىزگە ئىمان كەلتۈردۇق. ئەمدى سىز بىزگە ئالىم كىشىلەردىن قوشۇپ بەرسىڭىز، ئۇلار بېرىپ بىزگە دىنىي ساۋات بېرىپ قۇرئان تەلىماتىنى ئۆگەتسە، ــ دېدى.

رەسۇلۇللاھ بۇ خىزمەتگە ساھابىلەردىن ئون كىشىنى تايىن قىلدى. ھەم ئۇلارغا تونوشتۇرۇپ، قۇرەيش كاپىرلىرىغا كۆز قۇلاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرۇشقا تاپىلىدى. بۇلارغا ئەنسار ساھابىلەردىن ئاسىم ئىبنى سابىتنى رەئىس قىلدى. مەدىنىدىن چىققان كۈندىن باشلاپ، كەچ يۈرۈپ، كۈندۈز كۈنى كىشى كۆرمەيدىغان يەرگە يوشۇرۇنوپ ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا ماڭا رەجھى دېگەن جايغا كېلىپ چۈشتى. بۇ جاي ئۆتكەن ۋەقەدىگى ئابدۇللا ئۈتۈرۈلگەن سۇپياننىڭ قەۋمى خۇزايىل قەبىلىسىنىڭ ماكانى ئىدى. مانا شۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، دىن ئۆگەنمەكچى بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئون ساھابىنى ئېلىپ كېلىۋلتقان مۇناپىقلارنىڭ خىيانەتلىرى زاھىر بولدى. يەنى: ـ «مۇھەممەدنىڭ ئادىمىنى بۇيەرگە ئالداپ ئېلىپ كەلدۇق، سىلەر ئۆلتۈرگەن بىر كىشىنىڭ ئورنىغا ئون كىشىنى قولغا چۈشۈردۇق. ئەمدى سىلەرمۇ تېزلىك بىلەن قىساسىڭىزلارنى ئىلىۋىلىڭ» ـ دەپ ئۇلارغا يوشۇرۇن خەۋەر يەتگۈزدى. بۇ خەۋەر يىتىشى بىلەن قەبىلە كىشىلىرىدىن ئىككى يۈزگە يېقىن ئەسكەر يېتىپ كەلدى. ساھابىلار قارىسا بۇنچىلىك كۆپ ئەسكەرگە قارشى تۇروش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈندى. دەرھال ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ تاققا چىقىش يولىنى توستى. قولغا چۈشۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرگەن دۈشمەنلەر خىيال قېلىشىپ: ـ «ئەگەر تاغدىن چۈشىدىغان بولساڭلار، سىلەرنى ئۆلتۈرمەيمىز»، ـ دەپ قەسەم قېلىپ ئۇلارنى ئىشەندۈردى. بۇلاردىن ئۈچ كىشى رەئىسلىرىگە ئىتائەت قىلماي، يالغان قەسەمگە ئالدىنىپ، تاغدىن چۈشۈشى بىلەن قوللىرىنى باغلىقىنى تۇردى. بىرسى باغلىغىنى قويماي قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىدى، ھايال يوق قىلىچ بىلەن چىپىپ تاشلىدى. قالغان ئىككىسىنى مەككىگە ئېلىپ كېتىپ مۇسۇلمانلاردا ئۆچى بار قۇرەيش كاپىرلىرىغا سىتىپ، دۈشمەن قولىدا شېھىت قىلىندى. بۇلارنىڭ بىرسى ھەبىب ئىبنى ئادىي دېگەن ساھابە ئىدى. بۇ كىشىنى ھەرەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ دارغا ئاستى.

دىن يولىدا ئاللاھ ئۈچۈن دارغا ئېسىلغان بۇ ئۇممەت ئىچىدە بىرنجىسى شۇ كىشىدۇر. ئۆلۈم ئالدىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنى مۇسۇلمانلار ئالدىدا ئوقۇشنى شۇ كىشى سۈننەت قىلدى. قالغانلىرىمۇ تاغ ئۈستىدە ئاچلىق ئۇسسۇزلوق دەردېدىن بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ بىر تەرەپدىن تىركىشىپ، ئاخىرى ھەممىسى شېھىت بولدى. رەزىيەللەھو ئەنھوم. ھەزرىتى ھەبىب دار ئالدىدا تۇرۇپ بۇ سۆزنى قىلغان ئىدى:

«ئىسلام يولىدا مۇسۇلمانلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىگىم ئۈچۈن، ئۆلۈمدىن ھېچ قورقمايمەن، قايسى تەرىپىم بىلەن يىقىلسام، ئاللاھ ئۈچۈن يىقېلىپ ئۆلىمەن، دۈشمەندىن قورقوش، ئۇلارغا ئېگىلىش مەندىن زاھىر بولمايدۇ، بۇ يولدا ئۆلسەم، ئاللاھ ئالدىدىن ئورۇن ئالىمەن» ـ دېدى. شۇنداق بىر دەھشەتلىك بىر ھالدا تۇرۇپمۇ مۇنداق بىر مەزمۇنلوق شېئىر ئېيتىپ، دۈشمەن ئالدىدا ناماز ئوقۇشى بۇ زاتنىڭ قانداق ھەقىقىي ئىمانغا ئىگە كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. رەزىيەللەھو ئەنھوم.

مەئۇۋنە ۋەقەسى

يەنە شۇيىلنىڭ سەپەر ئىيىدا بەنى ئەمر قەبىلىسىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئەبۇ ئامىر دېگەن كىشى ئەلچى بولۇپ مەدىنىگە كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇكىشىنى دىنغا دەۋەت قىلدى. ئىمان كەلتۈرمىسىمۇ يېقىنراق بىر گەپنى دېدى:

ئەي مۇھەممەد، بۇ دىننى مەن توغرا تاپتىم. شارافەتلىك ياخشى دىن، دەپ ئويلايمەن. لېكىن مېنىڭ قەۋمىم نەجىددە قالدى. ئەگەر نەجىد قەۋمىغا بىر نەچچە ئۆلىما كىشىلاردىن ئەۋەتسەڭ، ئۇلارنى شۇ دىنغا دەۋەت قىلسا،دەپ ئۇمىد قىلىمەن، ـ دېدى

ئاندىن رەسۇلۇللاھ:

نەجىد خەلقىگە ئىشەنجىم يوق، ئەۋەتكەن كىشىگە يامان قەست قىلارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىمەن، ــ دېدى. ئاندىن ئەبۇ ئامىر:

ئانداق بولسا بۇ بارىدىغان كىشىلەرنى ئۆز كاپالىتىمگە ئالىمەن، ھېچ كىمدىن ئۇلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتگۈزمەيمەن دەپ ۋەدە بىرىمەن، دېدى.

رەسۇلۇللاھ بۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن مۇنزار ئىبنى ئامىر دېگەن كىشىنى باشلىق قېلىپ، ساھابە كەرەملەردىن يەتمىش كىشىنى قوشۇپ ئەۋەتتى. بۇلار نەچچەكۈن يول يۈرۈپ، مائۇۋنە دېگەن قۇدۇققا كەلدى. مانا شۇ جايغا كەلگەندە، مەسلىھەت قېلىپ خەلقنى دىنغا دەۋەت قېلىش مەزمۇنىدا بىر پارچە خەت يازدى. بۇ خەتنى ساھابىلەردىن ئىبنى مىلھان دېگەن كىشى ئەبۇ ئامىرنىڭ جىيەنى ئامىر دېگەن كىشىگە تاپشۇرۇشنى تاپىلىدى. بۇ كىشى قەبىلە رەئىسلىرىدىن بىرى ئىدى. كەلگەن خەتنى ئوقۇپ كۈرمەبلا تۇرۇپ، خەت ئېلىپ كەلگەن كىشىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. قالغان ساھابىلەرنىمۇ يوقوتوش ئۈچۈن ئۆز قەبىلىسىنى چاقىردى. تاغىسى ئەبۇ ئامىر بۇلارنى ئۆز ھىمايەمگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، رەسۇلۇللاھقا ۋەدە بېرىپ چىققانلىقىنى ئۇلارغا چۈشەندۈردى. قەبىلسى ئۇنى ئاڭلاپ:، «بىز ئەبۇ ئامىرنىڭ ۋەدىسىنى بۇزالمايمىز» دەپ ئۇنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشمىدى. ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ، بىر نەچچە باشقا قەبىلە كىشىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. دۈشمەندىن ساقلاشقا ۋەدە بېرىپ چىققان ئەبۇ ئامىر بۇلارنى ھىمايە قېلىشقا ھازىرلاندى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك دۈشمەنلەر تۈن تەرەپتىن قورشاپ، يەتمىش ساھابىنى ئارىغا ئىلىۋالدى. بۇلارمۇ دۈشمەنگە بۇي بەرمەي، ئۇرۇشا ـ ئۇرۇشا تاغ ئۈستىگە چىقىۋالدى. ئاخىرى ھەممىسى شېھىت بولدى.

بۇلاردىن ئىككى كىشى ئۆلمەي ئامان قالدى. بىرسى كەھىب ئىبنى زەيىد بۇبۇپ ئۆلۈگلەر ئىچىدە يېتىپ كېيىن تىرىلدى. بۇنى دۈشمەنلەر ئۆلدى دەپ ئويلاشقان ئىدى. ئىككىنچىسى ئامىىر ئىبنى ئۇماييا ئىدى. بۇ كىشى ھېچ ئىشتىن خەۋەىرى يوق ئەسكەرلەرنىڭ ئات ئۇلاغلىرىنى ئوتلاقدا بېقىپ يۈرگەن چاغدا ئۇ ۋەقە بولغان ئىدى. كېيىن بۇ مۇسىبەتتدىن خەۋەر تېپىپ، بولغان فاجىئەنى رەسۇلۇللاھقا يەتگۈزدى. «بۇندىن بىر كۈن ئىلىگىرى ھەزرەت جىبرىھىل مۇشۇھەقتە ۋەھيى كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ مۇسىبەتنى ئاڭلاپ، رەسۇلۇللاھ قاتتىق قايغۇردى. دۈشمەنلەرنىڭ قولىدا ئۆلگەن بۇ ساھابىلەرنى ئەسلەپ بەك ئىچىندى. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ رەسۇلۇللاھ بۇلارغا ئىچىنغاندەك ھېچ كىمگە بۇ قەدەر ئىچىنمىغان ئىدى.» ـ دەپ ئەنەس رىۋايەت قىلىدۇ.

چۈنكى بۇ ساھابىلەر ئۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نەجىد خەلقىگە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋەتلىرىنى يەتگۈزۈش ئۈچۈن ئەلچى قاتارىدا ئەۋەتىلگەن كىشىلەر ئىدى. ئەرەب ئادىتى بۇيونچىمۇ، ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرۈش بۇ ياقدا تۇرسۇن، ئۇلارنى مېھمان ئورنىدا كۆرۈپ ھۆرمەت قېلىشاتتى ۋەئۆز رەئىسلىرىدىن بولغان ئەبۇ ئامىر ئۇلارنى زىيان زەخمەتدىن ساقلىماقچى بولۇپ، رەسۇلۇللاھقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ۋەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشى ھەم قايغۇردى. شۇ سەۋەبدىن ۋاپات بولدى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: «مەن ئۇلارنى ئىمان كەلتۈرمىگەن قەبىلە ئىچىگە ئەۋەتىشنى ياخشى كۈرمىگەن ئىدىم. بۇ ئىش قورقونوچلوق ئىش ئىدى. بۇ فاجىئەنىڭ بولىشىغا ئەبۇ ئامىر سەۋەبچى بولدى» ـ دېدى. ئەرەب رەئىسلىرىگىە بۇنداق ئىشلار ئۆلۈمدىنمۇ قاتتىقراق تۈيۈلاتتى، مانا شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشنىڭ ئارا نومۇسىغا چىداپ تۇرالماي، خاپىلىقى ئېشىپ، ئەجەلىگە سەۋەبچى بولدى. بۇندىن ئالدىنراق بولغان رەجىھى قەبىلىسى ۋەقەسىنى، بۇ ئېيتىلىۋاتقان مەئۇۋنا فاجىئە مۇسىبەت خەۋىرىنى رەسۇلۇللاھ بىر كۈندە ئاڭلىدى. بۇ ئىككى ۋەقەدە شاھادەت تاپقان ساھابىلەر سانى 80گە يەتكەن ئىدى. ئۇھود ئۇرۇشىدا بولغان ئىشلار تېخى ئەسدىن چىقماي تۇرۇپ، بۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشلارنىڭ بولىشى، مۇسۇلمانلارغا قاتتىق تەسىر قىلدى. شۇ ئەدەپسىزلىكنى قىلغان ئۈچ قەبىلەدىن رەسۇلۇللاھ قاتتىق رەنجىدى. قىرىق كۈنگىچە بۇمدات نامىزىنىڭ ئىككىنچى رەكىتىدە روكودىن يېنىپ سەجدىگە بارغاندا، «قۇنۇت» دۇئاسىنى ئوقۇپ، شېھىتلەرگە دۇئا قىلدى. شاپىي مەزھىپىدە، بۇمدات نامىزىدا دۇئاسى قۇنۇت ئوقۇش شۇندىن قالغان. كېيىن جىبرىھىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھقا شۇ مەزموندا ۋەھيىى ئېلىپ كەلدى. بۇ شېھىتلەر رەخمەت نۇرىغا چۈمدى. ئاللاھ بۇلاردىن رازى بولسۇن. بۇلار ئاللاھتىن رازى بولسۇن

ئىمام زەرقانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى شۇنداق دەيدۇ:

بۇ خىيانەتنى قىلغۇچى ئۈچ قەبىلە، بىرىنچى ــ رەھلى، ئىككىنچى ــ زەكۋان. ئۈچىنچى ـ ئەبەتە ئىدى. مانا بۇلارغا بەزگەك ۋاباسى پەيدا بولۇپ، خىيانىتىدىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي 700 كىشى ھالاك بولدى. ئۇ مۇسىبەتگە باشچىلىق قىلغان قەبىلە رەئىسىگە ئىمان نەسىپ بولماي، كاپىرلىق ھالىدا ئۆلدى. شۇنى بىلىش لازىمكى: بۇنداق مۇسىبەتلەر ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگمۇ كۆپ بولغان ئىدى. ئەمما بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ھەممىدىن كۆپرەك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئېيتىدىكى:

-«بۇ دۇنيادا بالانىڭ چوڭراقى پەيغەمبەرلەرگە بولىدۇ، كېيىن بۇلاردىن تۆۋەنرەك كىشىلەرگە، ئەڭ ئاخىرىدا مۆمىنگە، چوڭغا چوڭراق، كىچىككە كىچىكرەك، ھەر كىمگە ئۆز دەرىجىسىگە قاراپ، دۇنيا مۇسىبەتلىرى يېتىپ تۇرىدۇ». شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ مۇسىبەتلەرگەسەۋىر قېلىپ، ئۇلۇغ ئەجىر تاپىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۇلارئۈچۈن ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن شۇنداق ئىشلارنىڭ ئېنىق سىرىنى ئاللاھتىن ئۆزگە ھېچ كىم بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ نىھمەتلىرىگە شۈكۈر قېلىپ، مىھنەتلىرىگە سەۋىر قېلىشتىن باشقا چارىسى يوقتۇر.

بەنى نەزىر غازىتى

مەدىنە ئەتراپىدا سەھرالىق بولۇپ ياشايدىغان بىر تائىپە يەھۇدىيلار بار ئىدى، ئۇلار بىز ھارون ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى بىز، دېيىشەتتى. ئىسلام كەلمەستىن ئىلگىرى مەدىنىلىك ھەزرەقەبىلىسى بىلەن بىرلىشىپ دۇستلوق ئەھدىنى تۈزگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ھىجرەت قېلىپ كەلگەندىن كېيىن شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار بىلەن تىنجلىق ھەققىدە بىر شەرتنامە تۈزگەن ئىدى. لېكىن يەھۇدىيلار بۇ شەرتنامىنى بۇزدى. كۆڭۈلىرىدىكى يوشۇرۇن ھەسەدلىرى يەنە قوزغالدى. ۋەقە شۇنداق بولدىكى:

بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ بىر نەچچە ساھابىلەرنى ئېلىپ، بىر ئىش توغرىسىدا شۇ يەھۇدىيلار بىلەن سۆزلەشگىلى كەلدى. ئۇلارمۇ ھۆرمەت كۆرسىتىپ: «ئەي ئەبۇل قاسىم، خوش كەپسەن، ساڭا زىياپەت تەييارلىدۇق، ئۇنى يېگىن، ئاندىن نېمە ھاجىتىڭلار بولسا، ئەلبەتتەئادا قىلىمىز» ـ دېيىشىپ رەسۇلۇللاھنى بىر ئۆيگە جاي ھازىرلاپ ئولتارغۇزدى. كېيىن بۇلارنىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىرىپ، نىيىتى بۇزولدى. رەسۇلۇللاھقا قەست قىلماقچى بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۆزئارا شۇنداق قارارغا كېلىشىپتۇ: ـ «مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈشكە بۇندىن ياخشى پورسەت ھېچ ۋاقىت كەلمەيدۇ، ئەمدى بۇ پورسەتنى قولدىن بەرمەي ئۇنىڭ ئىشىنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا تامام قىلايلى، بىر كىشى يوشۇرۇنچە تام ئۈستىگە چىقسون ۋە يوغان تاش بىلەن مۇھەممەدنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈرسون، شۇنىڭ بىلەن بۇندىن ھەممىمىز قۇتۇلومىز، قالغان يولداشلىرىنى قاچۇرماي بارلىقىنى ئەسىر ئالايلى، بۇلارنى مەككىگە ئەككېتىپ، قېنىغا تەشنا بولغان قۇرەيش خەلقىگە ناھايىتى چوڭ باھا بىلەن ساتايلى» ـ دېيىشىپ، شۇ خىيانەتنى قېلىش ئۈچۈن ئەھدە نامە قېلىشىپتۇ.

مانا شۇچاغدا جىبرىھىل ئەلەيھىسسالام ۋەھيىى كەلتۈرۈپ بۇ خەۋەرنى پەيغەمبىرىمىزگە يەتگۈزدى. رەسۇلۇللاھ دەرھال ھاجەت قىلماقچى بولۇپ، تاشقىرىغا چىققان پىتى ئۇيەرگە قايتىپ كىرمەسدىن يولغا چىقىپ مەدىنە شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. ئەمما بۇ ئىشتىن ساھابىلەرنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. رەسۇلۇللاھ قايتىپ كىرمەسدىن كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تەشۋىشلىنىپ، ھەممىسى تاشقىرىغا چىقىپ، رەسۇلۇللاھنى كۆرمىگەچ ھەيرانلىقتا قالدى. شۇ ئارادا مەدىنە تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ئادەم رەسۇلۇللاھلانىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى يولدا كۆردۈم، دەپ خەۋەر بەردى. بۇنى ئاڭلىشىپ ساھابىلەر يۈگۈرگىنىچە رەسۇلۇللاھقا يىتىشتى. ئاندىن ئېيتتىكى:

― سىز بىر ئىشقا ئالدىرىغاندەك بولۇپ ئۇ يەردىن چىقىپ، قايتىپ كەلمىدېڭىز، بىز خەۋەرسىز قېلىپ، سىزدىن كۆپ تەشۋىشلەندۇق، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسىڭىز ـ دېدى رەسۇلۇللاھ:

يەھۇدىيلار مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قەست قىلغان ئىدى، بۇ ھەقتە جىبرىھىل ئەلەيھىسسالام ۋەھيىى كەلتۈرۈپ، ماڭا يەتگۈزدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ساقلىنىپ قايتىپ كەلدىم، ـ دېدى.

شۇنداق قېلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان خىيانەتلىرى مەلۇم بولدى. ئوتتورىدا تۈزۈلگەن ئىلىگىرىدىكى شەرتنامىلەرنى ئۇلار بۇزدى. رەسۇلۇللاھقا قىلغان خىيانەتلىرى ئوتتىرغا چىقتى. بۇ ئىشلار ئوچۇق ئوتتورىغا چىققاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئىبىن سەلەمەنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە خائىنلار ئەرەب تۇپرىغىدىن چىقىپ كەتسون، دەپ ئەمر قىلدى. بۇ پەر مان بارغاندىن كېيىن بېشىغا قىيامەت كېلىپ، ئۆز ئىچىدىن غۇلغۇلا چىقتى. بۇ ئىشقا سەۋەب بۇلغۇچىلارنى ئەيپلاپ تەنەقېلىشقا باشلىدى. ئىسلام ئەھلىگە قازغان ئورىغا ئۆزى كېلىپ يىقىلدى. ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھتىن ئەپۈ سوراشقىمۇ ھېچ بىر ئاساس يوق ئىدى. مانا شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ناچار ھالغا چۈشۈپ، ئۆي ماكانلىرىنى، باغ ۋارانلىرىنى تاشلىشىپ، كىتىشكە مەجبۇر بولدى. مانا شۇچاغدا بۇلارنىڭ دۇستلىرى مەدىنە مۇناپىقلىرىدىن يوشۇرۇنچە خەۋەر كەلدى: ـــــــــــــ«بىز سىلەر بىلەن بىرگە تۇرىمىز، ئەگەر مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇشىدىغان بولساڭلار، ياردەمگە تەيياربىز» ـ دەپ يەھۇدىيلارگە ۋەدە قىلدى، بۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ كۆچۈشنى كىچكتۈردى.

بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ ئۇرۇش ھازىرلىغىنى قېلىشقا بۇيرۇق بېرىپ يېتەرلىك ئەسكەر توپلىدى. تۇغ ـ بايراقلار راسلىنىپ، باش تۇغنى ھەزرىتى ئەلىگە تۇتقازدى. مەدىنە شەھىرىگە ئىبنى ئۇممى مەختۇمنى ۋالىي قېلىپ، دۈشمەن ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيلارغا ئاڭلاندى. قارشى چىقىشقا پىتىنالمىغان يەھۇدىيلار قورقوشۇپ قاچقىنىچە قورغانغا كىرىۋىلىشتى. رەسۇلۇللاھ ئالتە كېچە كۈندۈز قورغاننى قامال قىلدى. ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەدىنە مۇناپىقلىرىدىن ھېچ بىر خەۋەر كەلمىدى. ئۇلاردىن ئۇمىدى ئۆزۈلگندىن كېيىن باشقا يول تېپىشقا ئامالى قالمىغانلىقتىن رەسۇلۇللاھقا ئەلچى ئەۋەتىپ:

― ئۇرۇش قۇراللىرىمىزنى پۈتۈنلەي تاپشۇروپ، ھەر بىر ئائىلىگە ئۆزىمىز خالىغىنىمىزچە بىر تۆگە مال ئېلىپ ئەرەب زىمېنىدىن چىقىپ كىتەيلى، جىنىمىزغا ئامانلىق بەرسۇن، دەپ تەلەپ قويدى.

رەسۇلۇللاھ بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرۈرپ ئۇلارنىڭ كىتىشىگە قوشۇلدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەيبەرگە قېچىپ كېتىشتى، بەزىلىرى شام تەرەپدىگى ئەروۋەت دېگەن جايغاكىتىشتى. بۇلاردىن قالغان پۈتۈن مال دۇنيالار خەزىنىگە تاپشۇرولدى. رەسۇلۇللاھ بۇ غەنىيمەت ماللاردىن پەقىر مىسكىنلەرگە، يىتىم بالىلارگە، تۇل خوتۇنلارگە نەسىۋە چىقىرىپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ئوتتورىدا قان تۈكۈلۈپ، ئۇرۇش بولمىغانلىقتىن ئەسكەرلەرگە بۇ مالنى بەرمىدى. بۇ ۋەقەدە ئولجا چۈشكەن ماللارنى بەزى ساھابىلەر ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەب ئادەتلىرى بويىچە بۆلىشىپ ئېلىشنى ئىستىگەن ئىدى.

مانا شۇ چاغدا چۈشكەن«ھەشىر» سۈرىسىدىكى ئايەتلارنىڭ ھۈكمىگە قاراپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ماللارنى خەزىنىگە ئېلىپ شەرىئەت بۇيرۇغان ئورونغا بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇرۇشدا ئىلىنغان ئولجا ماللارنى بۆلۈش ئۇسۇلى ئەرەب ئادىتى بويىچە بولماي، بەلكى قۇرئان ھۈكمى بويىچە بولدى. شەرىئەتتە بۇنداق ماللار «ھەشىر» سۈرىسىدە ئېيتىلغان ئايەت بويىچە بولۇشى لازىمدۇر. شۇنداق بولۇپ، بۇ سەپەردە ئۇرۇش تالاش بولمىدى. بۇلارنىڭ شەررىدىن مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ قۇتقۇزدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى