ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە

ئورنى Wikipedia

ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە (سەھىھ ھەدىسلەر يۈرۈشلۈك توپلاملىرى/ سلسلة الأحاديث الصحيحة وشيء من فقهها وفوائدها)»، 20 - ئەسىردە ياشىغان ئەڭ مۆتىۋەر ھەدىس ئالىملىرىدىن شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان توققۇز جىلدلىق ئەسەر بولۇپ، مەلۇم بىر تەسنىف مېتودىغا قارىماي، سەھىھ ھەدىسلەر كەڭ ئىزاھلار بىلەن باھالانغان ئەسەردۇر. شەيخ ئالبانىي بۇ ئەسىرىدە تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئېلىنىغان «سەھىھ» دەپ قارالغان ھەدىسلەرنى (جەمئىي 4035 ھەدىس) جەملەپلا قالماي، ھەربىر ھەدىسنىڭ سەنەدى، رىۋايەت يوللىرى ۋە راۋىيلىرى ھەققىدە ھەدىسشۇناسلىق ئۇسۇلى بويىچە ئىخچامراق توختالغان ۋە ئۇ ھەدىسلەردىن ئېلىنىدىغان فىقھىي ۋە ئىلمىي مەزمۇنلارنىمۇ بايان قىلغان. ئايرىم مەسىلىلەردە ئۇزۇنراق توختالغان.