ئەسەر ھوقوقى ۋە دەخلى -تەرۇز قىلمىشىغا ئائېت قانۇن ماددىلىرى

ئورنى Wikipedia

دۆلىتىمىز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەسەر ھوقوقى ۋە دەخلى -تەرۇز قىلمىشىغا ئائېت قانۇن ماددىلىرى ئومومى پىرىنسىپ: 2-ماددا :جۇڭگۇ پۇخرالىرى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان -قىلىنمىىغان بولسۇن مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقوقىدىن بەھرىمان بولىدۇ. 10-ماددا:ئەسەر ھوقوقى تۆۋەندىكىدەك جىسمانى ھوقوقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ (كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ بولاماي زىرىكىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پەقەت ئالاقىدار موھىم ماددىلارلا تەرجىمە قىلىندى) (2).ئسىم يىزىش ھوقوقى يەنى ئاپتورنىڭ سالايىتىنى بىلدۈرۈپ ،ئەسەرگە ئسمىنى يېزىش ھوقوقى. (12)ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقوقى،يەنى ئەسەرنى سىملىق ياكى سىمسىز ئۇسۇلدا يەتكۈزۈپ ، جامائەتنى ئۆزې تاللىۋالغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئەسەرگە ئىرىشتۈرۈش ھوقوقى. (15)تەرجىمە قلىش ھوقوقى، يەنى بىر خىل تىل-يىزىقتىن باشقا بىر خىل تىل-يىزىققا ئۆرۈش ھوقوقى.

  ئەسەر ھوقوقىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا 

14-ماددا:قارشى ئىسپات بولمىسا،ئەسەرگە ئسمى يىزىلغان پۇقرا .ئاپتور ھىساپلىندۇ. 12-ماددا:ئەسلى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش ،تەرجىمە قىلىش،شەرھىلەش بىلەن ھاسىل بولغان ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقوقىدىن شۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزگۈچى ، تەرجىمە قىلغۇچى بەھرىمان بولىدۇ. ھوقوقنىڭ چەكلىنشى توغرىسىدا: 22-ماددا : ئەسەر تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردا ئشلىتىلسە ئەسەر ھوقوقى ئگىسىدىن ئىجازەت .ئالمىسىمۇ بولىدۇ؛ (1)باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرىنى شەخسى ئۈگىنىش ،تەتقىق قىلىش ياكى بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن ئشلىتىلسە؛ (11)جۇڭگۇ پۇقرالىرى ،خەنزۇ تىلى يىزىقىدا ئجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاز سانلىق مىللەت تىل - يىزىقىغا ئىجاد قىلىپ ،مەملىكىت ئىچىدە نەشىر قىلىپ تارقاتسا؛ قانۇن جاۋابكارلىق توغرىسىدا: 46-ماددا:ھوقوققا دەخلى- تەرۇز قىلىنغان تۆۋەندىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار ئەھۋالغا قاراپ ،دەخلى تەرۇزنى توختىتىش ،تەسىرنى تۈگىتىش،ناماقۇل بولۇش،زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. (1)ئەسەر ھوقوقى ئىگىسىنىڭ ئاجازىتىنى ئالماي تۇرۇپئۇنىڭ ئەسىرىنى ئىلان قىلىۋالۈانلار. (3)باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۈزگەرتىۋەتكەنلەر ،بۇرمىلىۋەتكەنلەر؛