Jump to content

ئەلقىسسە: خوراز تۇغۇشى كېرەكمۇ؟

ئورنى Wikipedia

ئەلقىسسە: خوراز تۇغۇشى كېرەكمۇ؟

ھېكايە قىلىنىشىچە، زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ بولۇۋاتقان زامانلارنىڭ بىرىدە بىر خوراز ئۆتكەن ئىكەن. شەھەردىكى ئەڭ ئىشچان باغۋەننىڭ ھويلىسى خورازنىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ، باغۋەننىڭ ھويلىسىدىن بېغىغىچە بولغان جايلار خورازنىڭ گويا جەننەت ماكان بوستانلىقلار كەبى يايلايدىغان، ئەركىن ئازادە ياشايدىغان يۇرتى ئىكەن. خوراز ئەسلىدە شۇ باغدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاچ ئېسىگە كەلسە بۇ باغۇ - بوستانلىق جايلا ئۇنىڭغا گويا ئاتا مىراستەك ئۆز ئىكەن. ئۇ خورازلىق تەبىئىتى، خاراكتېرى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھەركۈنى تاڭ سەھەردە تولىمۇ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن چىللايدىكەن. ھەركۈنى بالدۇر قونداققا چىقىپ ئەلدىن بۇرۇن ئۇيقۇغا كېتىدىكەن. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەڭ ئاۋۋال ئويغىنىپ ئۇلارنى چىللاپ ئويغىتىش ئۈچۈن ئىكەن. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ غەرق ئۇيقۇغا مەھكۇم بولۇپ ياتقانلارنى تىك ئولتۇرغۇزغىدەك، ھەممىنى سەپراسقا تىزغۇدەك جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن يالغۇز باغۋەنگىلا ئەمەس، مەھەللىدىكىلەرگىمۇ كۆپ ئەسقاتىدىكەن. ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە چىللىشىنى نوقۇل ئۆزىنىڭ يارىلىش تەبىئىتىدىن دەپلا قارىماستىن بۇنى ئۆزىنىڭ ئورۇن تۇتقان ماكانىدا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى دەپ بىلگەن خورازنىڭ چىللىماي قالغان بىرمۇ كۈنى يوق ئىكەن. چۈنكى خوراز ئۈچۈن چىللاش ئۆزىنىڭ كاتەكتىكى مەۋجۇدىيىتىنى ئىدراك قىلىشقا، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق دۇنياسىدا «خوراز»لىقىنى ئەسلەشكە تەڭ ئىكەن.

  كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ ھويلىنىڭ ۋە ھويلىغا تۇتاش كەتكەن باغۇ - بوستانلىقنىڭ ئىگىسى ئالمىشىپتۇ. ئىگىسى ئالماشسىمۇ ماكان ئالماشمىغانلىقنىڭ پەرقىگە بارغان خوراز ئادىتى بويىچە ھەر كۈنى سەھەردە ئۆز ۋاقتى سائىتى بىلەن چىللاشنى داۋام قىلىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خوراز ئادىتى بويىچە سەھەرلىك ۋەزىپىسىنى دەخلىگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن بالدۇرلا قونداققا چىقىش تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. دەل شۇ پەيتتە خوراز ئۆزىنىڭ كاتىكى ئالدىدا چىرايىدىن مۇدھىشلىك كەتمەيدىغان يېڭى باغۋەننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قاپتۇ. باغۋەن سەھەرنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان خورازغا قاراپ تولىمۇ كەسكىن تەرزدە شۇنداق دەپتۇ:

- بۈگۈندىن باشلاپ ساڭا بۇيرۇق. ئەتىدىن باشلاپ چىللىمايسەن. چىللاپلا قالساڭ كېلىپ تىرىك تۇرغۇزۇپ پەيلىرىڭنى بىر - بىرلەپ يۇلۇپ تاشلايمەن.

باغۋەن شۇنداق دېگىنىچە بۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. خوراز يېڭى باغۋەننىڭ سوغۇق ۋە كەسكىن تەرزدىكى سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ پەيلىدىن بەكلا قورقۇپ كېتىپتۇ. ئۆز كۆڭلىدە «بوپتىلا، چىللىمىسام چىللىماي. جېنىم ساق بولسا ھامان يەنە چىللىۋالىمەنغۇ» دەپ ئۆزىگە ئۆزى تەسەللى بېرىپتۇ. خوراز شۇ كۈندىن ئېتىبارەن چىللاشنى توختىتىپتۇ.

ھەپتە ئۆتكەندە ھېلىقى باغۋەن يەنە كەپتۇ ۋە خورازغا:

− سېنىڭ مېڭىشىڭ كۆزۈمگە سىغمىدى. بۇندىن كېيىن ماڭغىنىڭدا مېكىيانچىلاپ ماڭىسەن. دېگىنىمدەك ماڭمىساڭ بىلىپ قويكى، پەيلىرىڭنى يۇلغىنىم يۇلغان، دەپتۇ ۋە چىقىپ كېتىپتۇ.

توخۇ بۇ گەپتىن كېيىن مېكىيانچە مېڭىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. بىراق ئۇ بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە تىرىشىپتۇ ۋە ئۆز - ئۆزىگە «جان بولسا جاھان» دەپتىكەن، ماقۇل دەپ دېگىنىدەك مېڭىپ كۆرۈنۈپ قويغانغا نېمە بولاتتى، دەپتۇ ۋە قاملاشتۇرالمىسىمۇ مېكىيانچىلاپ مېڭىشقا باشلاپتۇ.

ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ ھېلىقى باغۋەن يەنە تۇيۇقسىز پەيدا بوپتۇ. بۇ نۆۋەت ئۇ خورازغا:

− ساڭا بىر ھەپتە مۆھلەت، مېكىيانغا ئوخشاش تۇخۇم تۇغساڭ تۇغدۇڭ، تۇخۇملىماي قالساڭ، سېنى بوغۇزلىغىنىم بوغۇزلىغان، دەپتۇ ۋە گەپنى تۈگىتىپلا چىقىپ كېتىپتۇ.

باغۋەننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان خوراز بۇ نۆۋەت قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ:

− ھەي ئىسىت، ئۆزۈمگە ئاز. كاشكى بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغاندىن ئەڭ باشتىلا قاق سەھەردە چىللاۋەرسەمچۇ؟ ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ چىللاۋاتقان پېتى ئۆلۈپ كەتسەمچۇ!

ئەلقىسسە: ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، پىرىنسىپلىرىڭىزدىن چۈشۈپ بېرىشىڭىز مەۋجۇت كىرىزىسنى ئاۋۇتسا ئاۋۇتىدۇكى، ئەسلا مۈشكۈلاتىڭىزغا چارە بولالمايدۇ. كەلگۈسى كېلىش ئېھتىماللىقى بولىدىغان ھېچبىر خېيىم - خەتەر ئەقىدە مىزاندىن، قىممەت ۋە پىرىنسىپلاردىن ۋاز كېچىپ بېرىشنى شەرت قىلغان بەدەل تۆلەش بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدۇ. چوڭ قىلسا ۋاقىتنى بىر ئاز كەينىگە سۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن، خالاس!

بۇ مەسەلدە مۇنداق ئىككى نۇقتا ئۇرغۇلانغان:

بىرىنچى، مەۋجۇتلۇقىڭىزنى پىرىنسىپلىرىڭىزدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئامان قويغۇچى بۇنى سىزدىن ئىتائەت كۈتۈپ ئەمەس، بەلكى سىزنى ئاسان ئۆلتۈرۈشنى ئەمەس، قىيناپ، خارۇزار قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى خالىغانلىقىدىن قىلىدۇ. سىزنى شەرىپىڭىز بىلەن ئەمەس، قىلچە ئىچ ئاغرىتىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر جانىۋارغا ئايلاندۇرۇپ ئۆلۈمگە ھەق قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئىستىگەنلىكتىن قىلىدۇ. ئۆلۈمىڭىزنىڭ شەرەپ بىلەن ئەمەس، نومۇسسىزچە بولۇشىنى ئارزۇلىغانلىقتىن قىلىدۇ.

ئىككىنچى، سىز ئۇنىڭ قارىشىدا مىزان - پىرىنسىپلىرىڭىزدىن قانچىلىك چۈشۈپ بەرمەڭ ئۇ بەرىبىر سىزدىن رازى بولمايدۇ. چۈشۈپ بەرگەنچە سىزمۇ ئۇنى رازى قىلالمايسىز. ئۇنى رازى قىلغان كۈنىڭىز ئاللىبۇرۇن ئۆزلىكىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىلكىدە بولمىغان، ئاللىبۇرۇن ئۆزىڭىزدىن ئايرىلىپ زىيان تارتىپ بولغان كۈنىڭىزدۇر. يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىنىڭ قايسىسىنى مەقسەت قىلغان بولۇڭ، ياكى ئىككى قىسمەتنىڭ قايسىسىنى كۆزلەپ ۋاز كېچىپ بېرىڭ بەرىبىر زىيان تارتىدىغىنى ئۆزىڭىز بولىسىز. مانا بۇ قۇرئان تەبىرىدە كەلگەن (حتى تتبع ملتهم)، «ئۇلار تاكى سەن ئۇلارنىڭ دىنى (مىللىتى) غا تەۋەلىك بىلدۈرمىگىچە رازى بولمايدۇ» دېگەن ساماۋى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئۆز ئەينى دېيىشكە بولىدۇ.

ۋاز كېچىپ بېرىش ھېچبىر زامان مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنىڭ چارىلىرىدىن بىرى بولغان ئەمەس ۋە بولالمايدۇ. ۋەھالەنكى ئاسارەت تارىخىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ بۈگۈنكىدەك مۈستەملىكىچىنى قۇتقازغۇچى ئورنىدا كۆرۈپمۇ، ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ، ياكى ئىتائەت قىلىپ «ئىسىم ۋە جىسىمىڭىز»نى ئۆزگەرتىپمۇ رازى قىلىپ بولالمايۋاتقان، دىنىغا، مىللىتىگە تەۋەلىك بىلدۈرۈپمۇ، قوپالراق قىلىپ ئېيتقاندا، تۇخۇم كاكىلاپ بېرىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىشتەك ئاقىۋەتلەرنىڭ ھەربىر پەللىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە «ۋاز كېچىپ بېرىش»، «چۈشۈپ بېرىش» ئاتلىق بالداقلاردىن ياسىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنى ھاياتلىق ئۆگزىمىزگە چىقىشنىڭ شوتىسى قىلىۋېلىشتىن، تىنچلىققا ئۆزلۈكنى تەسلىم قىلىش بەدىلىگە ئېرىشمەكچى بولۇش تەمەسىنى قىلىشتەك خام - خىياللاردىن پۈتۈپ چىققان رېئاللىق ئىكەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. مىللەت سۈپىتىدە پېشانىگە بېسىلغان ئاسارەت مۆھرى ئاشۇ تالايلىغان ۋاز كېچىپ بېرىشلەرنى شەرت قىلغان تىل خەتلەرنىڭ گۇۋاھلىق تامغىسى بولغانىدى.

ئاچچىق بولسىمۇ رېئاللىق شۇكى، ئاسارەتنىڭ باشلىنىشىدىن بۈگۈنگە قەدەر كەلگەن بارچە ئەۋلاد - نەسىللەر يىللار مابەينىدە يۇقىرىقى ھەر ئىككى نۇقتىدىن زىيان تارتىپلا كەلدۇق. قارايدىغان بولساق، ئىچىمىزدىن چىقىرىلغان «سەركە»لەر ۋاز كېچىپ بېرىشنىڭ بەدىلىنى ئۆزلىرى ئارزۇلىغان يېڭى باغۋەننىڭ قولىدا بوغۇزلىنىش بىلەن ئۆتىدى. ئۆلگەندىمۇ چىللاپ ئەمەس، چىللىتىلغان بولۇپ ئۆلتۈرۈلدى. توغرىسى نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن، ھېكمىتى بويىچە كوللېكتىپچە ئېلىپ بېرىلغان خاتا تاللاشنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى. «يېڭى باغۋەن»مۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ پەدىسىدە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپلا توختىمىدى. ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى بەرگىنى بىلەن روھىنى ئېلىپ قالدى. ئەپ قالغان بۇ سېسىق روھلارنى پادىلارغىمۇ ئابى كەۋسەر ئورنىدا دورا قىلىپ چاچتى، ئېزىپ ئىچۈردى. بۇ روھ كۈنى كېلىپ پادىلار ئۈچۈن چوقۇنىدىغان بۇتقا، مەنىۋى داھىيلارغا، ئۈلگىلىك قەھرىمانلارغا ئايلاندى. «قەھرىمانلار»مۇ پادىلارنىڭ كوللېكتىپ بوغۇزلىنىش نۆۋىتى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى قوتاندا سولاپ تۇرۇشقا خېلىلا تۆھپە يارىتالىدى. ساق قالغان پادىلارنى بەلگىلەنگەن سىزىقتىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇشى ئۈچۈن پەپىلەپ كۆندۈرۈشكىمۇ ئوبدانلا ئەسقاتتى. نەتىجىدە ئۆچرەت بىلەن نۆۋىتى يېتىپ كەلگەنلەر قۇربان بولۇپ مېڭىۋەردى. ئەمدىلىكتە ئۆچرەتمۇ ئېلىۋېتىلدى. قوتان كېڭەيتىلىپ دەڭگە، قەپەس چوڭايتىلىپ لاگېرغا ئايلاندى. ئۆچرەتسىز قەتلىئام ئاخىرىدا بۈگۈنكىدەك ھەر تەرەپتىن قىستاپ كېلىدىغان بولدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.

ۋاز كېچىپ بېرىش ئەسلا چارە قىلغانلىق، چۈشۈپ بەرگەنلىك ئەسلا تەدبىر ئىشلەتكەنلىك ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە چارە - تەدبىر «ئىلاجسىزلىق» باھانىسىدە ۋاز كېچىپ بېرىشتە ئەمەس، ئىچ - ئىچىدىن قېتىپ پولاتتەك مۇستەھكەم بولۇشتا، ئورۇنسىز تېيىلىپ بېرىشتە ئەمەس، زەبەردەست تۇرۇشتا ئىدى. سىياسىي سىزىقتىن كۈلتۈرەل سىزىققىچە، ئەقىدە چەك - چېگراسىدىن مەدەنىيەت پاسىللىرىمىزغىچە بۇزۇپ تاشلىنىشىغا ئەنە شۇ قەدەممۇقەدەم چۈشۈپ بېرىشلەر، بىر - بىرلەپ ۋاز كېچىپ بېرىشلەر، لايىقىدا ئۆزئارا ئىگە چىقماسلىقلار يېشىل چىراغ بولۇپ بەردى. ئاقىۋەت نېمە بولدى؟ ھەممىنى تارتقۇزۇپ قويدۇق. جىسمىمىز ساقلا بولسا ھازىرچە روھىمىزنى تەسلىم قىلىپ تۇرۇپ يەنە ئاستا - ئاستا ئۆزىمىزگە كېلىۋالالايمىز دېدۇق-يۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ ماھىيەتتە تەسلىمىيەتچىلىكنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىدۇق. چۈشۈپ بەردۇق-يۇ، تارتقۇزۇپ قويغانلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىنى كۈتكىنىمىزدەك قايتۇرۇپ ئالالمىدۇق. ئېرىشكەنلىرىمىز ھېچنىمە ئەسلىگە كەلمەسكە ماڭىدىغان تەرزدە تۈگەل نابۇتلۇق، نوقۇل زىيان تارتىش بولۇپلا كەلدى. سۇنماس ھەقىقەت شۇ ئاچچىق دەرسنى بەردىكى، پىرىنسىپلىرىدىن ۋاز كېچىپ بېرىش تىرىك قېلىشنىڭ يولى ئەمەس ئىكەن. بەلكى بۇ ئۆلتۈرۈلۈش بىلەن ئۆلۈۋېلىش ئارىسىدىكى تاللاشتا نومۇسى بىلەن ئۆلۈشتىن نومۇسسىزچە ئۆلۈشنى ئەلا بىلىشتەك تاللاش مەسىلىسى ئىكەن. ئېچىنارلىقى ھەر ئىككى تاللاشنىڭ قايسىسىغا بارمايلى، ئالىدىغان نېسىۋە ئاقىۋەتتە ئوخشاشلا ئۆلۈم. چىقىدىغان نەتىجە بەرىبىر زىيان تارتىشتىن باشقا ئەمەس ئىكەن.

خوش، ئۇنداقتا چۈشۈپ بېرىش بەدىلىگە ئېرىشىدىغان نەتىجە زىياندىن باشقا نەرسە بولمىغان ئىكەن، ئەجەبا بىزنىڭ زامانىمىز كەلمەستىلا بۇنىڭدىن نەچچە ئەۋلاد بۇرۇنلا كوللېكتىپ دەرس چىقىرىپ بولۇشىمىز، كېيىنكى بىزلەرمۇ بۇلاردىن ئىبرەت - ساۋاق ئېلىپ بولۇشىمىز كېرەك ئەمەسمىدى؟ ۋاز كېچىپ بېرىشنى چىقىش يوللىرىدىن بىرى قىلىش ئورنىغا ئىمان قەلئەسىنى پۇختىلاش، ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيەدە زەبەردەست تۇرۇش، نېمىلا تاللاش ئالدىمىزغا تاشلانسۇن، ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە چىڭ تۇرۇش، دۇچ كەلگەن ھەر تۈرلۈك كىرىزىسلاردا ۋاز كېچىپ بېرىش ئورنىغا مۇستەھكەم تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، بۇنىڭدىن كېلىدىغان سىناقلارنى ۋاقتى كەلسە سەۋر ماقامىدا تۇرۇپ كوللېكتىپ ھالدا تەڭ بېرىش، ھەقىقەت يولىدىكى بەدەللىرىمىزنى غەيرەت - شىجائەت بىلەن قەھرىمانلارچە ئۆتەشنى بۇرۇچ بىلىشىمىز ۋە گېزى كەلگەندە بۇ يولدا شەرەپ بىلەن ئۆلۈشنى خارۇزارلىق ئىچىدە ئىڭراپ ياشاشتىن، «تۇخۇم كاكىلاش»قا مەجبۇرلىنىپ ئۆلۈمگە قىستىلىشتىن، جان تالىشىپ ئۆتۈشتىن ئەلا بىلىشىمىز كېرەك ئەمەسمىدى؟

دەرھەقىقەت، شىددەتلىك زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىدىن كېيىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا تۇرغان ئايدىڭلىق بىزنى ھېلىھەم كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بىراق مەلۇم بولماقتىكى ئىنسانلىقىمىزنى ئاللىبۇرۇن خەتەر رايونىغا ئەكىرىپ قويۇپ، جىسمىمىزنى، قۇرۇق ئىسكىلىتىمىزنى ئېلىپ قېچىش كويىدا يۈرمەكتىمىز. روھىمىزنى گۆرۈگە قويۇپ تۇرۇپ ئالغان بۇ قېچىش قارارىنىڭمۇ خاتا تاللاشلارنىڭ داۋامى ھەمدە ئەڭ قورقۇنچلىقى ئىكەنلىكىگىمۇ دىققەت ئېتىبارىمىز تايىنلىقتەك، ئىبرەت - ساۋاق ئالغۇدەك ھالىمىزمۇ چاغلىقتەك. ھالبۇكى، ھاياتلىق دەستۇرىمىز نۆۋەتتىكى سەكراتلىق ھالىتىمىزگە قارىماي، ئۆزىنىڭ جاراڭلىق سادالىرى بىلەن ھەربىرىمىزنى مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىمىزدا توغرا تاللاشقا ئىگە بولۇشقا ۋە ھەقىقەت تامان ئىلگىرىلەپ زىياننى تەكرار سادىر قىلماسلىققا شۇ تەرزدە چىللاپ كەلمەكتە ئىدى: ئەي مىللەت! بەس يېتەر، ئويغان! «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدە. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان تارتمايدۇ». [سۈرە ئەسىر].

-بۇرھان مۇھەممەد

2023-01-04

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى