ئەللامە ئابدۇۋەلى قارى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
تونۇشتۇرلىشى - قېنى:
ئىسمى: ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىي
تۇغۇلغان ۋاقىتى: 1950-يىلى
تەۋەلىكى: ئۆزبېكىستان
شەھەر: ئەنجان
ئارتۇقچىلىقى: ئەقللىق،زىرەك،تەلەپچان،كىتابخۇمار،ناتىق،ئىرادلىك...
مۇدەرسلىك قىلغان: ئەنجان بۆيۈك جامىي مەدرىسە مەسجىدى

ئابدۇۋەلى مىرزايوۋ[تەھرىرلەش]

ئابدۇۋەلى مىرزايوۋ 1950-يىلى ئۆزبىكىستاننىڭ ئەنجان شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن 20-ئەسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر ئالىملارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ دادىسى ئىشچى ئانىسى ئائىلە ئايالى ئىدى.

*دىن ۋە دىندارلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنمۇ ئۆزگەرتمىگەن سوۋىت ھۆكۈمىتى ئۇ زامانلاردا بارلىق دىندارلارنى ئۆلتۈرۈش، سۈرگەن قىلىش ۋە تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىرگە ئەرەپ ئىلىپبەسى يىزىقىدىكى بارلىق كىتاپلارنى چەكلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى پەقەت يىغىپ ساقىلىغۇچىلار ۋە ئىخلاسمەنلەرنىڭ قولىدىن ئىنتايىن تەس تىپىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. *ئەقىللىق ۋە زىرەك ئۆسۈپ يىتىلگەن ئابدۇۋەلى مىرزايوۋ 7 يىشىدا مەكتەپكە كىرىپ تىزلا ساۋاد چىقىرىدۇ. تەلەپچان خاراكتىرى ئۇنىڭ كىتاپخۇمار ۋە تىرىشچان بولۇپ يىتىلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ، خوشنىسىنىڭ ئوغلى رەھمېتۇللاھ رەسۇلۇۋ بىلەن بىرلىكتە ساۋاقداش ۋە دوست بولۇشۇپ دەرستىن سىرت چاغلىرىنى غەنىمەت بىلىپ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى بارلىق كىتاپلارنى بەس-بەس بىلەن ئوقۇپ تۈگىتىدۇ ۋە شەھەردىكى مەركىزى كۈتۈپخانىنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ چىقىشقا بەل باغلايدۇ. بىر كۈنى كىتاپ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئەرەپ ئىلىپبە يىزىقىدىكى بىر ۋاراق قەغەز ئۇلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. *ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئالتۇن مىدالغا ئىرىشكەن بۇ يىگىتلەر، ھەممە ئادەم ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇنىۋىرسىتىت كىرمەي ئەكسىچە ئەنجان شەھرىدىن 45 كېلومىتېر يىراقلىقتىكى مەرغۇلان شەھرىدە ئىچىلىپ ئوقۇش باشلىغان تۇنجى مەدرىسكە ئوقۇشقا كىرىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. *ئۇستازى ھاكىمجان قارىيدىن سەرپ، نەھۋىي، فىقھي، بالاغەت ۋە تەپسىر قاتارلىق دىنى ئىلىملەرنى بىر باشتىن ئۈگىنىپ، بىر باشتىن ئۈگىتىش ئارقىلىق تەكرارلاپ، 4-5 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇستازىغا ياردەملىشىپ 10 قاتار ئوقۇغۇچى يىتىشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنلا قۇرئان يادلاشقا كىرىشىپ 9 ئايدا قارىيلىقنى تاماملايدۇ. كىيىن دوستى رەھمېتۇللاھ رەسۇلۇۋ بىلەن بىرلىكتە ئەرەبىستانغا زىيارەتكە بىرىپ، مەككىدە بىر مەزگىل قالىدۇ. بۇ يەردىمۇ ھىندىستاني تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغان موللا مۇھەممەدتىن ئىلىم ئالىدۇ. كىيىن ۋەتەن-خەلقىنىڭ ھىدايىتىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن، ئانا يۇرتى ئەنجانغا قايتىپ ئۇيەردە بىر مەدرىس ئاچىدۇ.

*كوممۇنىزىم ئاسارىتىدىن جاق تويغان ۋە مائارىپ سىستىمىسىنىڭ رەزىللىكىدىن زىرىككەن ياشلار ئابدۇۋەلى قارىنىڭ دەرسلىرىگە قىزىقىپ قالىدۇ ۋە توپ-توپ بولۇپ قاتنىشىشقا باشلايدۇ. قىسقا مۇددەتتە نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كىتىدۇ. ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىي تەربىيلەپ چىققان بۇ ياشلار كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام گۈللىنىش ھەركىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىدۇ.

  • 1987-يىلى ئەنجان شەھرىدىن 35 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى يازباياۋان چۆللىكىدە ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىينىڭ ئەڭ يىقىن دوستى ۋە سەپدىشى بولغان رەھمېتۇللاھ رەسۇلۇۋ ك گ ب تەرىپىدىن پىلانلانغان بىر قاتناش ۋەقەسىدە قەستكە ئۇچراپ، بۇ يېڭى دەۋىر ئىسلام ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ تۇنجى قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. قىرىندىشىنىڭ قايغۇسى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمىغان ئابدۇۋەلى قارىي ئۆز يولىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ئىسلامي دەۋەت يولىدا قىز-ئاياللارنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئايالى شەرىفە مىرزايىۋنىڭ مەسئۇللىقىدا مەخسۇس خانىم-قىزلار مەدرىسىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ( بۇ رەھمەتلىك ئايال ئۇستاز 2007-يىلى رامىزان ئىيىدا ئۆمرە قىلماق ئۈچۈن ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن بىرلىكتە مەدىنىدىن مەككىگە بارغۇچە قاتناش ھادىسىسىدە ۋاپات بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن. ئامىن.)


*ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىنىڭ شەخسىي ئىگىلىكى بىلەن بارلىق چىقىملىرى قامدىلىپ كىلىۋاتقان خانىم-قىزلار مەدرىسىسى ناھايىتى تىزلا دىققەت قوزغايدۇ. چۈنكى 60-70 يىلدىن بىرى كوممۇنىزىم ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر دىيارغا نىسبەتەن قىز-ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان يىڭىلىق ئىدى. *داۋاملىق كىڭىيىپ، تەسىر دائېرىسىنىڭ چەكلىنىش باسقۇچىغا بىرىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلىغان سوۋىت ھۆكۈمىتى 1983-يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىيەتلىك ئىدارىسى بولغان ك گ ب بىلەن ئەندجان شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىرلىشىپ، ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىي بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بارىدۇ. بۇ جەرياندا 8 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرلىدۇ. داڭلىق جاسۇسلۇق ۋە ئىدئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئىژتىمائى ۋە سىياسى قىلتاقلىرى بىلەن پەردىلەنگەن سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ، ئۆزىنىڭ ھەققانى يولىنىڭ يوللۇقلىغىنى جاكارلايدۇ. بارلىق سوراقچىلارنى بىردەك مات قىلغاندىن كىيىن، خەلىق ئاممىسىنىڭ غەزىپىگە قىلىشتىن ئەنسىرىگەن نوپۇزلۇق بىرسىنىڭ تەستىقىلىشى ئارقىسىدا قويۇپ بىرىلىدۇ. ئەمما ئۆي ۋە مەدرىس ئورۇنلىرىنىڭ داۋاملىق نازارەت قىلىنىشى توختاپ قالمايدۇ. ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىيمۇ قەتئى بوشاشماستىن خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋىرىدۇ. ھەتتا ئۆمرىنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى ئۆزى ئىشەنگەن ئىتىقادنىڭ دەۋەت يولىغا سەرىپ قىلماققا بەل باغلايدۇ. ئەتراپتىكى بارلىق قىرىنداشلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامى گۈللىنىشنىڭ يىڭى پەللىسىنى ياراتماق ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

*ئىسلامنىڭ دۇنياۋى ئويغۇنۇش دەۋرىگە كىرىپ كىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن سوۋىت كوممۇنىست ھاكىمىيىتى كۆپلىگەن خەلق ئاممىسىنىڭ رايىنى ئۇتماق ئۈچۈن ئىسلاھات ئىلىپ بىرىپ بارلىق خەلىق ۋە مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىننىي ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار بىر يۈرۈش بەلگۈلىمىلەرنى چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئىمكان ۋە شەرىت-شارائىتلارنىڭ ئاكتىپ پايدىلانغۇچىلىرى ۋە ئاۋاز قوشقۇچىلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە ئابدۇۋەلى قارىي بىر كىشىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، 1885-يىللىرى ياسالغان ئەنجاندىكى (تەخمىينەن 4مىڭ كۇۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتىكى) سوۋىت ھۆكۈمىتى دەۋرىدىن باشلاپ ئىسكىلات قىلىپ ئۆزگەرتىۋىتىلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىلىم بۇلاقلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىغان بۆيۈك جامىي مەدرىسە مەسجىدىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش قۇرۇلىشىغا خەلىق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىدۇ. *جامىي ئېچىلىپ بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئابدۇۋەلى قارىي خەلق تەرىپىدىن تاللىنىپ بۇ مەسجىدنىڭ ئىمام خاتىپلىقىغا سايلىنىدۇ. *كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دىنسىز تۈزۈلمىلىرىدىن زىرىككەن ئىنسانلار بۇ قىتىمقى بىرلەشمە ھەركەتتىن كىيىن ناھايىتى تىزلا ئەسلىگە كىلىپ جانلىنىشقا باشلىغان جامىي مەدرىسە مەسجىدىدە بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ ۋە ئابدۇۋەلى قارىينىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىدىن ھىدايەتلىنىپ، ئىسلامىي چۈشەنچىلىرىنى تولۇقلايدۇ. ئەقلى ۋە قەلبى ساغلام بولغان سانساناقسىز كىشىلەر ئىسلامنى چۈشۈنىشكە ۋە ئىمانغا ئىنتىلىشكە باشلايدۇ-دە، تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىۋاتقان يۇرت خەۋىرى يىراقلارغا قەدەر يىتىپ بارىدۇ. *ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىي تەۋسىيەسى بىلەن مەسجىد ھويلىسىدا ئىچىلغان ئاممىۋىي دەۋەت دەرسىلىكىگە ئۆزبىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۈمھۇرىيەتلەردىنمۇ، روسىيە پىدراتسىيۇنىغا تەۋە يىراق كاپكاز قىشلاقلىرىدىنمۇ ۋە ھەتتا تاتارىستان تۇپراقلىرىدىن تارتىپ ئوكرائىيناغىچە بولغان رايۇنلاردىن ئىخلاسمەن كىلىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە كەلگەن ئامما ئىچىدىن 200 ئارتۇق ياشلارغا پەن بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس دەرىس بىرىدۇ. ئابدۇۋەلى قارىينىڭ دەرسىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى 2000دىن 10000غا قەدەر بولۇپ ئۇلارنىڭ 70% ياشلاردىن تەركىپلەنگەن ئىدى.


*يۇرت ئىچى-سىرتىدىكى دۇنياغا كەلگەن ئىسلام ھەركەتلىرىدە ئالاھىدە رول ئويناۋاتقان مەشھۇر ئالىم-ئۆلىما ۋە دەۋەتچىلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، دۇنياۋى قىرىنداشلىق تورى شەكىللەندۈرۈشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى ئاكتىپلىق بىلەن باسقان ئابدۇۋەلى قارىي، ئەبۇل ھەسەن نەدەۋى، مۇھەممەد قۇتۇپ، ئابدۇلئەزىز بىنباز، مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن، ئەبۇ بەكىر جەۋائىرى، ئابدۇلمەجىد زىندانىي مۇھەيسىنىي، سەئىد قەھتانىي قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۆلىمالار بىلەنمۇ مۇناسىۋەت باغلايدۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى ئاڭلىغان سەئۇدى پادىشاھى فاھد ئالىمغا چوڭ بىر كۈتۈپخانا ھەدىيە قىلىدۇ.


*خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن جىنىنىمۇ ئايىمايدىغان ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىي تاجىكىستاندا سۈركىلىش پەيدا قىلىۋاتقان ۋە ھەر قاچان يۈز بىرىش ئىھتىمالى چوڭ بولىۋاتقان سۈننىي ۋە شېيئەلەر ئارىسىدىكى مەزھەپ توقۇنۇشىنىڭ چوڭۇيۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، تاجىكىستان مۇخالىپەتچىلىرىگە مەكتۇپ يوللايدۇ. ئالىمنىڭ بۇ خىل ھەركەتلىرىدىن راھەتسىزلىنىۋاتقان ۋە بۇ خىل توقۇنۇشلاردىن پايدا ئىلىش ئۈمۈدىدە بولىۋاتقان ھۆكۈمەت ئابدۇۋەلىي قارىيغا ۋە جامىي ئەھلىگە قارشى تۈرلىك ئىسكەنجىلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى باستۇرۇشقا باشلايدۇ. 1992-يىلى بۇ خىل بىسىم ۋە تەھدىدلەر بارغانسىرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىدۇ.

*ئالاھىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلغان پىلانلىق تازىلاش ھەركەتلىرىدە جامىينىڭ ياڭراتقۇ ۋە مىكرافۇنلىرى مۇسادىرە قىلىنىپلا قالماي، بارلىق ھوجۇرىلىرى پىچەتلەندى. بۇ خىل تەھدىت ۋە نازارەتلەرنىڭ تەكرارلىنىش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان روھى بىسىم مەسجىد جامائىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇرۇنقىدەك ئەركىن پائالىيەت ئىلىپ بارالمايدىغان باسقۇچقا كىرىپ قالىدۇ. ھالبۇكى ئابدۇۋەلىي قارىنىڭ باشلىغان ئىلمىي ۋە دىننىي مائارىپىنىڭ تەرەققىتىنى تىزگىنلەش تىخى ئاياغلاشمىغان ئىدى.

  • ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىينى ج خ ئىدارىسىگە كەلتۈرۈلۈپ سوراق قىلىشنىڭ ئەكىس تەسىرىنى ھىس قىلغان سوۋىت ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يەنى ك گ ب نىڭ چاپارمەنلىرى جامىيغا كىلىپ يوشۇرۇن سۆھبەت ئىلىپ بارىدۇ. سۆھبەتتە رەسمىي ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن ئابدۇۋەلى قارىي ئەقىدە-ئىتىقاد يولىدىكى مەيدانىنى قەتئى ئۆزگەرتمەسلىك قارارىنى جاكارلايدۇ.


1995-يىلى 29-ئاۋغۇستت مۇسكۇۋادائۆتكۈزىلىدىغان خەلىقئارالىق بىر يىغىنغا قاتنىشىش مەخسىدىدە يولغا چىققان ئابدۇۋەلى قارىي تاشكەنت ئايرىپورتىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ ۋە شۇكۈندىن ئىتىبارەن ھېچبىر يەردە ئىزدىرىگى بولمىدى. ئۇنىڭ ئازراقلا خەۋىرىنى بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلار سۈرۈشتە قىلغانلار تاھازىرغىچە يوشۇرۇن قەستكە ئۇچراپ كىلىۋاتىدۇ. ياۋلار ئۇنى تۇتۇۋالغان بىلەن ئۇنىڭ دەرسلىرىدىن قالدۇرۇلغان ئۈن-سېن لىنتىلىرى ھەرخىل يوللار بىلەن خەلىق ئارىسىدا كەڭ تارقالماقتا. ئۇ گەرچە غەربىي يۇرتلاردا ياشىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى شەرىق يۇرتلىرىدىن تارتىپ دۇنيانىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى تۈرك قىرىنداشلىرى تەرىپىدىن ياڭرىتىلماقتا. ئۇنىڭ ئاۋازى غەربىي يۇرتلاردا چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ باشقا يەرلەردە قولدىن-قولغا ئۆتۈپ قارشى ئىلىنماقتا.


  • ئاللاھ ئۇستاز ئابدۇۋەلى قارىيدەك ئالىملىرىمىزنى بىز مۇسۇلمان بەندىلىرىدىن ئايرىمىسۇن. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەھلى-بەيتىگە سانسىز ئەجىر ۋە نېئمەتلەر ئاتا قىلسۇن. ئۇستازنىڭ روھى جەننەتلەردە يايرىسۇن. ئامىن!!!!!!

http://video.xoomclip.com/?w=AfqgortRtvs&title=quroniylar-toifasi--shayx-abduvali-qori-uzbek http://www.google.com.hk/search?hl=zh-CN&newwindow=1&safe=strict&biw=1366&bih=593&q=abduwali%20qori&um=1&ie=UTF-8&tbm=isch&source=og&sa=N&tab=wi&ei=9MYwUZGVL6mOiAfjw4CYCQ بۇغرا ئوغلىExample