ئەللامە يۇسۇف خوتەنىي (1330-1247)

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: قەشقەرلى

تارىخچىلار ھىجرىيە 150-يىل (مىلادىيە 767-يىلى) نى بىرئىمام ۋاپات بولۇپ يەنە بىر ئىمام تۇغۇلغان يىل دىيىشىدۇ. چۈنكى بۇ يىلدا ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە (699-767) ۋاپات بولۇپ، ئىمام شافىئىي (767-819) تۇغۇلغان.

ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىمۇ ھىجرىيە 645-يىل (مىلادىيە1247- يىلى) نى ئەرەب دۇنياسىدا چاقنىغان بىر ئۇيغۇر ئىمامى ۋاپات بولۇپ يەنە بىر ئۇيغۇر ئىمامى تۇغۇلغان يىل دېسەك بولىدۇ.

چۈنكى بۇ يىلدا كاتتا ئۇيغۇر ئالىمى ئىبراھىم كاشغەرىي (1159-1247) ۋاپات بولۇپ،يەنە بىر كاتتا ئۇيغۇر ئالىمى يۇسۇف خوتەنىي (1247-1330) تۇغۇلغان.

ھەدىس ئىلمىگە ئالاقىدارشەخىسلەرنىڭ تەرجىمھاللىرى بىرىلگەن كىلاسسىك ئەرەبچە ئەسەرلەردە ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن مەزكۇر ئىككى ئالىمنىڭ ئىسمى كۆپ ئۇچرايدۇ.

بۇ ئەسەرلەردە كۆپۈنچە ئەھۋالدا كاشغەرىي دېيىلسە ئىبراھىم كاشغەرىي كۆزدە تۇتۇلسا،خوتەنىي دېيىلگىندە يۇسۇف خوتەنىي كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىبراھىم كاشغەرىي باغداتتا ئىلىم گۈللەنگەن دەۋرىدە تونۇلۇپ “ئىراقنىڭ مۇسنىدى “دەپ مەشھۇر بولغان بولسا ،يۇسۇف خوتەنىي قاھىرەدە ئىلىم گۈللەنگەن دەۋىردە تونۇلۇپ “مىسىرنىڭ مۇسنىدى” دەپ مەشھۇر بولغان.

ئەھلى ئىلىملارغا مەلۇمكى “مۇسنىد” ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىلمى دەرىجىللىرىدىن بىرى.

ئەينى دەۋىردە ھەدىس ئىلمىدە بۇ دەرىجىگە يەتمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بەسى مۈشكۈلدۇر .

دىنى ئىلىم گۈللەنگەن دەۋىرلەردە باغدات- قاھىرەدەك ئۆلىمالار يىغىلغان كاتتا ئىلىم مەركەزلىرىدە ھەدىس ئىلمىدە “مۇسنىد “دەپ ئاتىلىش،بۇ نام ساھىبلىرىنىڭ يۈكسەك ئىلىم ئىگىللرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرسە كېرەك.

ئەلۋەتتە ئۇلارنى دەۋرىمىزدىكى “مۇسنىد”لارغا تەققاسلىغى بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار دەۋرىمىزدىكى مۇھەددىس (ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىلمى دەرىجىللىرىدىن بىرى) ۋە ھافىز (ھەدىسشۇناسلارنىڭ يۇقىرى ئىلمى دەرىجىسى) دەپ ئاتالغانلاردىنمۇ ئۈستۈن ھەدىس ئالىملىرى بولىشى مۇمكىن.

كەمىنە “باغداتتا چاقنىغان ئۇيغۇر ئالىمى ئىبراھىم كاشغەرىي” دېگەن ماۋزۇدا مەزكۇر ئىككى بۈيۈك ئالىمنىڭ بىرى ھەققىدە قىسقا ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەن ئىدىم. نۆۋەتتە ئىككەيلەننىڭ يەنە بىرى يۇسۇف خوتەنىي ھەققىدە توختىلىمەن.

ئىمام، ئەللامە يۇسۇف خوتەنىي (تۆۋەندە خوتەنىي دەپ ئېلىنىدۇ) مىلادىيە 1247-يىلى تۇغۇلۇپ ،مىلادىيە 1330-يىلى ۋاپات بولغان.

ئۇ مىسىردا ياشاپ ئۆتكەن كاتتا ئۇيغۇر ئالىمى،

ئۇ ئەينى دەۋىردىكى ئۆلىمالار ئارىسىدا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە.

ئۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر مۇپەسسىر ئىمام ئىبنى كەسىر (1300-1371) قاتارلىق پىشۋالارنىڭ ئۇستازى.

ئۇنىڭ ھاياتى كۆپچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ناتونۇش ، بولۇپمۇ ئاۋامغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ھاياتى ۋاراقلانمىغان يېڭى سەھىپە . شۇڭلاشقا مەزكۇر ماقالىدە ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچۇر بىرىش نىشان قىلىندى.

لىكىن ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يارقىن نۇقتىلار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر نۇقتىلارنى ھاياجان بىلەن ئەمەس بەلكى ئوچۇق دەلىل – پاكىتلار بىلەن يورۇتۇش زۆرۈرىيتى سەۋەپلىك ماقالىنىڭ ھەجمىنى بىرئاز كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ ئومۇم قۇرۇلمىسىنى كىچىك تىمىلارغا بۆلۈشكە توغرا كەلدى.

مەزكۇر نۇقتىلارنى :

“خوتەنىينىڭ تولۇق ئىسمى ۋە تۇغۇلغان ۋاقتى”،

“خوتەنىينىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇستازلىرى”،

“خوتەنىينىڭ شاگىرىتلىرى”،

“ئىبنى ھەجەرمۇ خوتەنىيگە يات ئەمەس”،

“خوتەنىينىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى”،

“خوتەنىيگە ئالىملارنىڭ بەرگەن باھالىرى”،

“خوتەنىينىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى”، قاتارلىق تىمىلار ئاستىدا بايان قىلدىم.

ئەسلى بەتنىڭ ئاستىغا بىرىلىدىغان، ياكى ئىشارە قىلىپ پايدىلانمىلار قىسمىدا بىرىلسە بولىدىغان مەنبەلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ماقالىنىڭ ئاساس قىسمىدا بەردىم، بۇنداق بولغاندا مەزمۇندىكى دەلىل – پاكىتلارنىڭ مەنبەلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەر دائىرسىدىن ساقىت قىلىنماي تېخىمۇ يارقىن قۇۋەتلىندۇ.

كەسىب ئەھلىلىرى ئېتراپ قىلدىغان كونا- يېڭى مەنبەلەردىن ۋەكىل خاراكتىرلىكلىرىنىلا كۆرسەتتىم، قىززىققۇچىلارغا ئەسلى مەنبە بىلەن سېلىشتۇرۇش قولاي بولسۇن ئۈچۈن مەنبەلەرنىڭ ئىسىملىرنى ئەسلى ئەرەبچىسى بىلەن بەردىم.

بۇئەھۋال ئەرەب تىلدىن خەۋىرى يوق ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويىشى تەبئىي. بەلكى بەزى “تالىبۇلئىلىم” لەرنىمۇ زېرىكتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن، كەمىنىنىڭ بۇ دىتسىزلىقىغا ھەممىڭلاردىن ئالدىن كەچۈرۈم سورايمەن.

خوتەنىينىڭ تولۇق ئىسمى ۋە تۇغۇلغان ۋاقتى

خوتەنىينىڭ تولۇق ئىسمى يۇسۇف ئىبنى ئەبۇھەفسە ئۆمەر ئىبنى ھۈسەيىن (بەزىلەر ھەسسانمۇ دېگەن) ئىبنى ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەلى خوتەنىي ھەنەفىي مىسرىيدۇر.

خوتەنىينىڭ زامانداشلىرىدىن ئىمام سەفەدىينىڭ (1296-1363)، ” الوافي بالوفيات “دېگەن ئەسىرىدىكى مەلۇماتقا كۆرە ،

خوتەنىي ھىجرىيە 645- يىلى، مىلادىيە 1247- يىلى تۇغۇلغان .

” المنهل الصافي” دېگەن ئەسەردىمۇ خوتەنىينى ھىجرىيە 645-يىلى تۇغۇلغان دەپ ئېلىنغان.

خوتەنىينىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇستازلىرى

خوتەنىي ياشىغان 13- ئەسىرنىڭ كىينكى يېرىمى ،14- ئەسىرنىڭ باشلىرى مىسىردا مەملۇكىلارسۇلالىسى سەلتەنەت سۈرىۋاتقان دەۋىر بولۇپ، ئۇ دەۋىرنى ھەدىس ئىلمىنىڭ ئالتۇن دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ دەۋىردە مىسىردا كاتتا ھەدىس ئالىملىرى يىتىشىپ چىققان.خوتەنىيمۇ ئەنە شۇ ئالىملار قاتارىدا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە ئالىم، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ كاتتا ھەدىس ئالىملىرى يىتىشىپ چىققان ئائىلە.

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ (1372-1448) ” تبصير المنتبه” دېگەن ئەسىرىدە بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، خوتەنىينىڭ ئاتىسى ئۆمەر خوتەنىي ۋە ھەمشىرىسى زۆھرە(ئەرەبچە زەھرە) خوتەنىيلەرمۇ ھەدىس ئالىملىرى ئىدى.

ئۆمەر خوتەنىي ئوغلى خوتەنىينى كاتتا ھەدىس ئىماملىرىدا ئوقۇتۇپ ھەدىس ئىلمىدا ” مۇسنىد” لىق دەرىجىىسىگە يەتكۈزگەن.

ئىمام ئەبۇلۋەفا قۇرەشىينىڭ (1297-1373) “الجواهر المضية” دېگەن ئەسىرىدە، خوتەنىينى ئاتىسى كاتتا ھەدىس ئىماملىرىدا ئوقۇتقانلىقى بايان قىلىنغان .

خوتەنىي پەقەت ھەدىس ئىلمىدىلا يېتىشىپ قالماستىن بەلكى” فىقىھ” ئىلىمىدىمۇ يىتىشكەن فەقىھ ئىدى.

ئىمام ئەبۇلۋەفا قۇرەشىينىڭ “الجواهر المضية” دېگەن ئەسىرىدىكى بايانلارغا قارىغاندا، خوتەنىي ھەدىس ئالىمى بولۇش بىلەن بىرگە ھەم فەقىھ ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.

ئۇ مەزكۇر ئەسىرىدە: ئۇستازىمىز (خوتەنىينى دېمەكچى) فەقىھ ئىدى دېگەن.

ئىمام ئىبنى غەززىيمۇ (1685- 1754) ئۆزىنىڭ “ديوان الاسلام” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينى ئىمام، فەقىھ دەپ تونۇشتۇرغان.

خوتەنىي مەيلى ھەدىس ئىلمىدە بولسۇن ياكى “فىقىھ “ئىلمىدە بولسۇن كۆپ ئالىملاردىن تەلىم ئالغان.

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ ” الدرر الكامنة” دېگەن ئەسىرىدە بايان قىلنىشىچە خوتەنىينىڭ ئۇستازلىرى ئاتمىشتىن ئاشىدىكەن.

ئۇنىڭ ئۇستازلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسۈتىشىمىز مۇمكىن:

1.كاتتا مۇھەددىس ئابدۇلۋەھھاب ئىبنى رەۋاج (1159-1250)

ئىمام سۇيۇتي (1445-1505) “حسن المحاضرة” دېگەن ئەسىرىدە، ئۇنى : مۇھەددىس، دىيانەتلىك، كەمتەر، فەقىھ دەپ سۈپەتلىگەن.

ئىبنى رەۋاج خوتەنىينىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇستازى ھېسابلىنىدۇ .

“الجواهر المضية”،”الوافي بالوفيات”،” المجمع المؤسس “،” المنهل الصافي” قاتارلىق ئەسەرلەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا خوتەنىينى ئاتىسى بەك كىچىكلا ئىبنى رەۋاجنىڭ ھوزۇرىغا ھەدىس ئاڭلاشقا ئاپارغان.

ئىمام زەھەبىي (1274-1348) ئۆزىنىڭ “سير اعلام النبلاء” دېگەن ئەسىرىدە ئىبنى رەۋاجدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغانلار ئىچىدە يۇسۇف خوتەنىينىمۇ بايان قىلغان. لىكىن ئۇ خوتەنىينىڭ ئىبنى رەۋاجدىن قايسى كىتابتىن ھەدىس رىۋايەت قىلغانلىقىنى بايان قىلمىغان.

ئىمام قۇرەشىي ۋە ئىمام ئىبنى ھەجەرلەر “الجواهر المضية”،” المجمع المؤسس ” دېگەن ئەسەرلىرىدە خوتەنىينىڭ ئىبنى رەۋاجدىن”امالى المحاملي “دېگەن كىتابتىن تەلىم ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىمام ئىبنى ھەجەر “الدرر الكامنة” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينى ئىبنى رەۋاجنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاگىرتى دېگەن.

ئىمام سەفەدىيمۇ “الوافي بالوفيات” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينى ئىبنى رەۋاجدىن قالغان يىگانە شەخىس دېگەن.

2. ئىمام ھافىز مۇنزىرىي (1185-1258)

ئۇ كاتتا ھەدىس ئالىمى ،ئۇ مەشھۇر “الترغيب والترهيب ” دېگەن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى.

ئىمام زەھەبىي ” سير اعلام النبلاء” دېگەن ئەسىرىدە، ئۇنى: ئىمام، ئەللامە ، ھافىز، مۇھەققىق شەيخۇلئىسلام دەپ سۈپەتلىگەن.

ئىمام زەھەبي مەزكۇر ئەسىرىدە، ئىمام مۇنزىرىىيدا ئوقۇغانلارئىچىدە ئىبنى دەقىق ئەلئىيىد (1228-1302) ۋە خوتەنىي قاتارلىق بىرقانچە ئالىملارنى كۆرسەتكەن،لىكىن ئۇلارنىڭ قايسى كىتابلارنى ئىمام مۇنزىرىيدا ئوقۇغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

ئىمام ئىبنى ھەجەر” المجمع المؤسس ” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينىڭ ئىمام مۇنزىرىدا “سنن ابي داود” ،” معجم الحافظ المنذري”،” امالي ابي جعفر ابن المسلمة” ،” حديث الحافظ ابي محمد ” قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ ئىجازە ئالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

3. ئىبنى ئابدۇسالام (1181-1262)،

ئۇ كاتتا فەقىھ، ئۆلىمالار سۇلتانى دەپ ئاتالغان مۇجتەھىد ئالىم .

ئۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان.

“حسن المحاضرة” دېگەن ئەسەردە بايان قىلنىشىچە ئىمام ئىبنى ھاجىب (1174-1249) ئۇنى : فىقىھ ئىلمىدا غەززالىدىنمۇ ئالىم دېگەن.

” الجواهر المضية”،”المنهل الصافي”،” ديوان الاسلام” دېگەن ئەسەرلەردە خوتەنىينىڭ ئىبنى ئابدۇسالامدا ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنغان، لىكىن قايسى كىتابنى ئوقۇغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.ۋە مەزكۇر كىشى ئىبنى ئابدۇسالام دەپلا ئېلىنىپ قايسى ئىبنى ئابدۇسالام ئىكەنلىكىمۇ بايان قىلىنمىغان.

تارىختا ئىبنى ئابدۇسالام دەپ ئاتالغان ئالىملار كۆپ بولۇپ، خوتەنىينىڭ زامانىدا ئۆتكەن ئىبنى ئابدۇسالام دەپ ئاتالغانلارنىڭ مەشھۇرلىرىدىن ئۈچ كىشى بار. بىرىنچىسى: مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇسالام ئىبنى غانىم (؟-1279)، ئىككىنچىسى: مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇسالام (؟-1348) كىيىنكى دەۋىردىكى مالىكى مەزھەب كىتابلىرىدا ئىبنى ئابدۇسالام دېيىلسە مۇشۇ كىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ.

ئۈچۈنچىسى: ئىززىددىن ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇسالام (1181-1262).

دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمىزدىن مەلۇم بولىشىچە :خوتەنىينىڭ ئۇستازى ئىبنى ئابدۇسالام دېيىلگەن كىشى مۇشۇ ئۈچۈنچى ئىبنى ئابدۇسالامنى يەنى ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسالامنى كۆرسىتىدۇ.

4. ئىمام كامالىدىن ئۆمەر ئىبنى ئەدىم (1190-1267)

ئىمام ئىبنى كەسىر (1300-1371) ” البداية والنهاية” دېگەن ئەسىرىدە ئۇنى تونۇشتۇرۇپ : ئۇ مۇھەددىس،فەقىھ ئىدى، پەتىۋا بىرەتتى، ئۇ كۆپ پەنلەردە ئىماملىق مەرتىۋىسىگە يەتكەن ئىدى دېگەن.

ئىبنى ئەدىم كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ھەلەب شەھىرىنىڭ تارىخى توغرىسىدىلا تەخمىنەن 40 توملۇق كىتاب يازغانلىقى مەلۇم.

” الجواهر المضية”،”المنهل الصافي” دېگەن ئەسەرلەردە خوتەنىينى بۇ كىشىدە ئوقۇغان دېيىلگەن.(ئىبنى ئەدىم دەپمۇ ئاتالغان كىشىلەر كۆپ بولۇپ، بۇ يەردە 1190- يىلى تۇغۇلغان كاتتا ئالىم كامالىدىن ئۆمەر ئىبنى ئەدىم كۆزدە تۇتۇلىدۇ)

5. ئىمام ئەللامە مۇھەممەد مۇرسىي (1174-1257)

ئىمام زەھەبىي ” سير اعلام النبلاء” دېگەن ئەسىرىدە ئۇنى : ئىمام، ئەللامە، مۇھەددىس، مۇفەسسىر دەپ سۈپەتلىگەن، ۋە خوتەنىينىڭ مۇھەممەد مۇرسىينىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ۋاپات بولغان ئىككى شاگىرىتىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

” الدرر الكامنة”،”الجواهر المضية”،”الوافي بالوفيات”،”شذرات الذهب” قاتارلىق ئەسەرلەردىمۇ خوتەنىينىڭ مۇرسىينىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

6. ئىمام مۇسا بىن زەكەرىيا (1185-1252) ،

ئىمام قۇرەشىي “الجواهر المضية” دېگەن ئەسىرىدە ئۇنى: ئىمام ،ئەللامە دەپ سۈپەتلىگەن.

ئىمام قۇرەشىي مەزكۇر ئەسىرىدە : ئىمام مۇسانىڭ شاگىرىتلىرى قاتارىدا ئىمام زەھەبىينىڭ ئۇستازى ھافىز دىمياتىي (1217-1306) بىلەن خوتەنىينى سانىغان. شۇنداقلا خوتەنىينىڭ ئىمام مۇسادا “شمائل الترمذي”ئوقۇغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن.

7. كاتتا ئالىم سالىھ ئىبنى مۇھەممەد مۇدلىجىي (1168-1253)

ئىمام زەھەبىي” سير اعلام النبلاء” دېگەن ئەسىرىدە مۇدلىجىيدا ، ئۆزىنىڭ ئۇستازى ھافىز دىمياتىي بىلەن بىرگە خوتەنىي قاتارلىق تۆت كىشىنىڭ تەلىم ئالغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ ” المجمع المؤسس ” دېگەن ئەسىرىدىن مەلۇم بولىشىچە خوتەنىي مۇدلىجىيدا”المجلس الخامس من أمالي ابي مطيع”،”حديث الحسين بن الحسن الغضائري” قاتارلىق ھەدىس ئەسەرلىرىدىن تەلىم ئالغان.

8.مۇھەممەد بىن مۇھەممەد ئەلبەكرىي (1194-1266)

“الجواهر المضية”،”ذيول العبر “،”المنهل الصافي”،”حسن المحاضرة”،”الوافي بالوفيات”،”شذرات الذهب” قاتارلىق ئەسەرلەردە خوتەنىينىڭ ئەلبەكرىيدە ئوقۇغانلىقى قەيىت قىلىنغان بولسىمۇ، قايسى كىتابنى ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنمىغان.

ئىمام فاسىي (1373-1428) ئۆزىنىڭ “ذيل التقييد” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينىڭ بۇ كىشىدە “سنن ابي داود”نى تولۇق ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

“المجمع المؤسس “دېگەن ئەسەردىمۇ خوتەنىينىڭ ئەلبەكرىيدە “سنن ابي داود”نى ئوقۇغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

9. ئىمام لاھىق ئەرتاھىي (1179-1260)

“المجمع المؤسس”، “ذيل التقييد” دېگەن ئەسەرلەردە خوتەنىينىڭ ئىمام ئەرتاھىيدا بەيھەقىنىڭ “دلائل النبوة ” دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

“ذيل التقييد” تە “دلائل النبوة “نىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى خوتەنىينىڭ ئىمام ئەرتاھىيدا ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنغان.

10. كاتتا ئالىم ئەبۇلفەرەج سەيقەل ھەررانىي (؟-1273)

ئىمام فاسىي” ذيل التقييد” دېگەن ئەسىرىدە بىلدۈرىشىچە خوتەنىي ھەررانىيدا “مسند الامام احمد” دېگەن كىتابنى ئوقۇغان.

11. شەمسۇددىن ئىبنى لىمىتي (؟-1259)

“ذيول العبر “،”الدرر الكامنة”،”الوافي بالوفيات”،”شذرات الذهب” دېگەن ئەسەرلەردە خوتەنىينىڭ ئىبنى لىمتىيدا ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنغان. لىكىن قايسى كىتابنى ئوقۇغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

” المجمع المؤسس ” دېگەن ئەسەردە خوتەنىينىڭ ئۇنىڭدا”حديث ابي نعيم الاصبهاني”نى ئوقۇغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

مەنبەلەردە خوتەنىينىڭ ئۇستازلىرىدىن يۇقۇردىكىلەردىنمۇ باشقا يەنە كاتتا ئالىملار كۆرسۈتىلگەن بولۇپ، بىز يۇقۇردىكىلەرنى بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلەندۇق.

بۇ تىمىنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى تارىخچىلارنىڭ بايانلىرىغا كۆرە خوتەنىينى ئاتىسى ئۇنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئىبنى رەۋاجنىڭ ھوزۇرىغا ئۇنىڭ بوۋاق ۋاقتىدا، ياكى ئۇنىڭ ئىككى ياش ۋە يا ئۈچ – تۆت ياش ۋاقتىلىرىدا ئاپارغانىلىقى مەلۇم بولىدۇ . (ئۇنىڭ نەچچە ياش ۋاقتىدا ئىبنى رەۋاجنىڭ ھوزۇرىغا ئاپىرىلغانلىقى ھەققىدە تارىخچىلارنىڭ بايانلىرى ھەرخىل.)

خوتەنىينىڭ ئېنىق قانچە ياشتا ئىبنى رەۋاجنىڭ ھوزۇرىغا ئاپىرىلغانلىقى ئوچۇق بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇنىڭ ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئۈچ – تۆت ياش ۋاقتىلىرىدا ئىبنى رەۋاجنىڭ سورۇنىغا ھازىر بولغانلىقى ئوچۇق،ئىبنى رەۋاجنىڭ ۋاپات بولغان يىلىغا سېلىشتۇرغاندىمۇ بۇ تەرىپى ئوچۇقلىشىدۇ.

شۇڭلاشقا خوتەنىي ئىبنى رەۋاجنىڭ ھەدىس سورۇنىغا ھازىر بولغان سەۋەبلىك، ئۇنىڭدىن ئىجازە ئالغان، بۇنچە كىچىك ياشتا ھەدىس چۈشۈنۈپ ئىجازە ئالغان ئەمەس.

كىچىك بالىلار ھەدىس سورىنىغا ھازىر بولۇپ ، ھەدىس ئاڭلاپ،چۈشەنمەي ئىجازە ئالسىمۇ بولىدۇ. ۋە چوڭ بولغاندا شۇ ئۇستازىدىن شۇ چاغدىكى ئاڭلىغان ھەدىسىنى رىۋايەت قىلالايدۇ. ۋە يەنە ئوخشاشلا شۇ ئۇستازنىڭ شاگىرتى ھېسابلىنىۋىرىدۇ.شۇڭا مەنبەلەردە خوتەنىي ئىبنى رەۋاجنىڭ ھەدىس ئاڭلىغان شاگىرتى قاتارىدا تىزىلىۋەرگەن.

بۇھەقتە ھەرخىل قاراشلارمەۋجۇت بولۇپ، يۇقۇردا سۆزلەنگىنى پەقەت بىرخىل قاراشقا ئاساسلانغان بايان. بۇ ھەقتە “ھەدىس تەتقىقاتىغا كىرىش” ماۋزۇسىدىكى ماقالىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

خوتەنىينىڭ شاگىرىتلىرى

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ (1372-1448) “الدرر الكامنة” دېگەن ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە خوتەنىينىڭ كۆپ شاگىرىتلىرى بولغان.

“المنهل الصافي”،”الوافي بالوفيات” دېگەن ئەسەرلەردىمۇ خوتەنىينىڭ شاگىرىتلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى كىيىن ئىسلام دۇنياسىدىكى كاتتا پىشۋالاردىن بولۇپ يىتىىشپ چىققان.

ئۇلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسۈتىشىمىز مۇمكىن.

1.مەشھۇر ئىمام، مۇھەددىس، مۇفەسسىر، ھافىز ئىسمائىل ئىبنى كەسىر (1300-1371)

ئۇ ئىسلام دۇنياسىدا بارماق بىلەن سانىلىدىغان پېشۋالارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان كاتتا ئالىم،

ئۇ ئۆمرىدە كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ ، ئۇنىڭ يازغان تەپسىرى ئالاھىدە شۆھرەتكە ئىگە.

ئىمام سۇيۇتىي (1445-1505)، ئۇنىڭ تەپسىرىگە باھا بېرىپ ئۇنىڭ ئۇسلۇبىدا ئۇنىڭ كەبى بىرەر تەپسىر يېزىلىپ باقمىغان دېگەن.

ئۇنىڭ ھەدىس ۋە تارىخ ساھەسىدە يازغان باشقا ئەسەرلىرىمۇ ئوخشاشلا كەسىب ئەھلىلىرى نەزىرىدە ئەڭگۈشتەردەك قەدىرلىنىدۇ.

ئۇنىڭدەك زور ئالىمنىڭ ئۇستازلىرى قاتارىدا خوتەنىينىڭ بارلىقى كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئۆزىنىڭ “الدرر الكامنة “دېگەن كىتابىدا بەرگەن ئىبنى كەسىرنىڭ تەرجىمھالىدا ،ئۇنىڭ مىسىردا ئوقۇغان ئۇستازلىرى قاتارىدا خوتەنىينىمۇ كۆرسەتكەن.

ئىمام سۇيۇتىيمۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ” ذيل طبقات الحفاظ” دېگەن ئەسىرىدە ئوچۇق قىلىپ: ئۇنىڭغا (ئىبنى كەسىرگە) ۋانى (1239-1326) ۋە خوتەنىيلار ئىجازە بەرگەن، دېگەن.

ئۆتكەنكى ئەسىردە ئۆتكەن مۇھەددىسلاردىن شەيىخ مۇھەممەد ئابدۇرەززاق ھەمزە (1890-1972) ئەھمەد شاكىرنىڭ (1892-1958) “الباعث الحثيث” دېگەن ئەسىرىدىكى ئىبنى كەسىر توغرۇلۇق ماقالىسىدا ئىبنى كەسىرنىڭ مىسىردىكى ئۇستازلىرىدىن بەشنى سانىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاتارىدا خوتەنىيمۇ بار.

زامانىمىزدىكى كاتتا ئالىم دوكتۇر مۇھەممەد زۇھەيلى (1941-) ئۆزىنىڭ “ابن كثير الدمشقي” دېگەن ئەسىرىدە ئىبنى كەسىرنىڭ مىسىردا ھەدىس ئىلمىدە ئىجازە ئالغان ئۇستازلىرىدىن ئۈچنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى خوتەنىيدۇر.

ئۇ يەنە مەزكۇر ئەسىرىنىڭ ئىبنى كەسىرنىڭ ئۇستازلىرى دېگەن قىسمىدا ، خوتەنىينى ئىبنى كەسىرنىڭ مىسىردا ئوقۇغان ئۇستازلىرى قاتارىدا بايان قىلغان.

2. تۈرۈك ئالىمى، ئەللامە ھافىز موغۇلتاي(ئەرەبچە مۇغلەتاي) ئىبنى قىلىچ ھەنەفىي (1290-1361)

ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى يۈزدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە سەھىھۇلبۇخارىغا يازغان 20 توملۇق شەرھى، سۈنەنى ئىبنى ماجەگە يازغان 5 توملۇق شەرھى، ۋە تارىخقا ئالاقىدارلىق 12 توملۇق “اكمال التهذيب” دېگەندەك چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلىرىمۇ بار.

ئۇ ھافىز زەينىدىن ئىراقىي (1325-1403) ۋە ھافىزئەبۇلھەسەن ھەيسەمىي (1334-1404) قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئۇستازى.

مانا بۇ كاتتا ئالىم موغۇلتايمۇ خوتەنىينىڭ شاگىرتىدۇر.

ئىمام ئىبنى ھەجەر”الدرر الكامنة” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينىڭ موغۇلتاينىڭ ئۇستازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئىمام ئىبنى فەھدىنىڭ (1385-1466)”لحظ الالحاظ” ۋە ئىمام سۇيۇتىينىڭ (1445-1505) ” ذيل طبقات الحفاظ ” دېگەن ئەسەرلىرىدىمۇ ئوخشاشلا موغۇلتاينىڭ ئۇستازلىرى قاتارىدا خوتەنىيمۇ كۆرسۈتۈلگەن.

مەلىك سەئۇد ئۇنۋېرىستىتى، تەپسىر- ھەدىس بۆلىمى تەھقىقات ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ماگىستىر ئاسپىرانىتلار تەييارلاپ، نەشىر قىلدۇرغان “التراجم الساقطة” دېگەن ئەسەردىمۇ موغۇلتاينىڭ تەرجىمھالى بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر تەرجىمھالدا موغۇلتاينىڭ ئۇستازلىرى قاتارىدا خوتەنىيمۇ ئورۇن ئالغان.

3. ئىمام ئەبۇلفىدا قۇرەشىي (1297-1373)،

ئۇ كاتتا ئالىم بولۇپ، فەقىھ ھەم مۇھەددىس ئىدى.

ئۇ ھەنەفى ئالىملىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە تۇنجى يېزىلغان “الجواهر المضية” دېگەن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپىدۇر.

ئۇنىڭ يەنە”العناية في تحرير أحاديث الهداية”،”شرح معاني الآثار للطحاوي” قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئۇ “الجواهر المضية” دېگەن ئەسىرىدىكى خوتەنىينىڭ تەرجىمھالىنى بەرگەن يېرىدە ،خوتەنىينىڭ ئۆزىنىڭ ئۇستازى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان.

ئۇ يەنە خوتەنىيدە كۆپ كىتابلارنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇلارجۈملىسىدىن “سنن ابي داود”،”شمائل الترمذي” دېگەن كىتابلارنى كۆرسەتكەن.

ئۇ مەزكۇر ئەسىرىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ خوتەنىينى “ئۇستازىمىز،ئىمام” دەپ تىلغا ئالغان.

ئىمام ئىبنى فەھدىنىڭ(1385-1466)”لحظ الالحاظ” دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئىمام قۇرەشىينىڭ خوتەنىينىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

” الجواهر المضية”نىڭ دوكتۇر ئابدۇلفەتتاھ مۇھەممەد (1937-1994) تەھقىقلىغان نۇسخىسىدىكى دوكتۇرئابدۇلفەتتاھنىڭ كىرىش سۆزىدىمۇ ئىمام قۇرەشىينىڭ ئۇستازلىرى قاتارىدا خوتەنىيمۇ كۆرسۈتىلگەن.

4. كاتتا ئالىم ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىم كىنانى ھەمەۋىي (1310-1374)

كاتتا ئالىم تەقىيىدىن مەقرىزىي (1365- 1442) “درر العقود”دېگەن كىتابىدا كاتتا ئالىم ئىسمائىل كىنانى ھەمەۋىينىڭ خوتەنىينىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكى بىلدۈرگەن.

5. مۇھەددىس، فەقىھ ،مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلەتىف سۇبكىي (1305-1343)

ئۇ تاجىدىن سۇبكىينىڭ (1327-1370) تۇققىنى ھەم ئۇستازى. تاجىدىن سۇبكىي “الطبقات الشافعية ” دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭ خوتەنىينىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

“الوفيات”،”الجواهر المضية” دېگەن ئەسەرلەردىمۇ مۇھەممەد سۇبكىينىڭ خوتەنىيدە ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنغان.

6. مۇھەممەد مىززىي ۋە مۇھەددىس ئابدۇرەھمان مىززىي (1288-1348)

تاجىدىن سۇبكىي ” الطبقات الشافعية ” دېگەن كىتابىدا ئۆز دەۋرىدە ھەدىس ساھەسىدە پەقەت تۆت ھافىز بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ : ئۆزىنىڭ ئاتىسى تەقىيىدىن سۇبكىي (1284-1355)، زەھەبىي (1274-1348)، بىرزالىي (1266-1338)، يۇسۇف مىززىي (1256-1341) قاتارلىقلارئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالىمىنىڭ يۇسۇف مىززىي ئكەنلىكىنى ئېيىتقان.

ئۇ مەزكۇر ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ( تەقىيىدىن سۇبكىي، زەھەبىي، بىرزالىيلارنى دېمەكچى) مىززىينى چوڭ كۆرەتتى ، ئۇنىڭغا بويسۇناتتى، ئۇنىڭدا ئوقۇيتى، ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۈستۈنلىكىنى ئېتراپ قىلاتتى.

مانا بۇ كاتتا ئالىم يۇسۇف مىززىينىڭ ئىككى ئوغلىنى خوتەنىي تەربىيلىگەن. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى مۇھەممەد مىززىي ۋە ئابدۇراھمان مىززىيلار (1288-1348) خوتەنىينىڭ شاگىرتىدۇر. ئۇنىڭ كۈيئوغلى ئىبنى كەسىرمۇ خوتەنىينىڭ شاگىرتى.(يۇقۇردا بايان قىلدۇق)

كاتتا ئالىم ئىبنى ناسىرىددىن دىمەشقى (1375- 1438) ” توضيح المشتبيه ” دېگەن ئەسىرىدە يۇسۇف مىززىينىڭ مۇھەممەد ۋە ئابدۇراھمان ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنىڭ خوتەنىيدە تەلىم ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇسۇف مىززىينىڭ ئوغلى كاتتا مۇھەددىس ئابدۇراھمان مىززىينىڭ “الاحاديث الصحاح الغرائب” ئەسىرىنى تەھقىقلىغان رىياز ئۇسۇلىدىن فاكولتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇستاز ئىبراھىم ئىبنى ئەلى مەزكۇر ئەسەرگە بەرگەن ئابدۇراھمان مىززىينىڭ تەرجىمھالىدا ئابدۇراھمان مىززىينىڭ ئۇستازلىرى قاتارىدا تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ ئاتىسى يۇسۇف مىززىينى كۆرسەتكەندىن كىيىن ئىككىنجى بولۇپ خوتەنىينى كۆرسەتكەن.

7. ئىمام، فەقىھ ،ئەھمەد بىن ھەمدان (1308-1381)

ئۇ شافىئىي فىقھىسىدىكى “غنية المحتاج”،”قوة المحتاج” ۋە 20 توملۇق ” المتوسط” قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى،

ئابدۇلقادىرنۇئەيمى (1442-1521) ئۆزىنىڭ “الدارس في تاريخ المدارىس” دېگەن ئەسىرىدە ئەھمەد بىن ھەمداننىڭ خوتەنىيدە ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

8. ئىبنى شەيخە (1315-1396)

ئۇ كاتتا ئالىم ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى چوڭ ئالىملارنىڭ ئۇستازى.

ئىمام فاسىي” ذيل التقييد”دېگەن ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇستازى ئىبنى شەيخەنىڭ خوتەنىينىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىبنى شەيخەنىڭ خوتەنىينىڭ ھايات قالغان ئەڭ ئاخىرقى شاگىرتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئىبنى ھەجەرمۇ ” المجمع المؤسس” دېگەن ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇستازى ئىبنى شەيخەنىڭ خوتەنىينىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەقىيىدىن مەقرىزىيمۇ “دررالعقود” دېگەن ئەسىرىدە ئوخشاشلا ئىبنى شەيخەنىڭ خوتەنىينىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئىبنى شەيخەدە ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوتەنىنىڭ يۇقۇرقىلاردىن باشقا كۆپ شاگىرىتلىرى بار، بىز مىسال سۈپتىدە بىر قانچىسىنىلا كۆرسەتتۇق.

بىز كۆرسەتكەن مەزكۇر شاگىرىتلارنىڭ كۆپۈنچىسى كاتتا ئالىملار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالار بېرىلىپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئىسلام دۇنياسىدىكى پېشۋالاردۇر. (بىز ئالىملارنىڭ مەزكۇر شاگىرىتلارغا بەرگەن يۇقىرى باھالىرىنى ماقالىنىڭ ھەجمى ئۇزراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سۆزلىمىدۇق.)

قارايدىغان بولساق خوتەنىيدا ئوقۇغانلارلا كاتتا ئالىملاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقماستىن بەلكى ئۇنىڭ شاگىرىتلىرىدىمۇ ئوقۇغانلار كېيىنكى ئىسلام دۇنياسىدىكى كاتتا پىشۋالاردىن بولۇپ قالغان.

مەسىلەن:ئىمام زەينىدىن ئىراقىي (1325-1403)، ئىمام تاجىدىن سۇبكىي (1327-1370)، ئىمام ئىبنى ھەجەر (1372-1448)،ئىمام فاسىي (1373-1428)، ئىمام تەقىيىدىن مەقرىزىي (1365-1441)، ئىمام ھەيسەمىي (1334-1404)، قاتارلىق ئالىملارخوتەنىينىڭ شاگىرتىلىرىدا ئوقۇغانلار بولۇپ، بىز بۇلاردىن مىسال سۈپىتىدە ئىمام ئىبنى ھەجەرنى كۆرسىتىش بىلەن كۇپايىلنىمىز.

ئىمام ئىبنى ھەجەرمۇ خوتەنىيگە يات ئەمەس

ئىمام ئىبنى ھەجەر (1372-1448) ھەدىس ئىلمىدە ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەن ئالىم، ئۇنىڭ ھەدىس ئىلمىدىكى ئۈستۈن ئىلمى ئىستىداتى ئىلگىركى ۋە كېيىنكى ئالىملار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

دەۋرىمىزدىمۇ مۇھەددىسلار كارۋىنىغا ئەگىشىپ سەپەرگە چىققانلار ئۇنىڭ كارۋان سارىيىدىن ئاتلاپ كېتەلمەيدۇ.

مانا بۇ كاتتا ئالىم ئىبنى ھەجەرمۇ خوتەنىيگە يات ئەمەس.

ئىبنى ھەجەر خوتەنىينىڭ نەۋرە شاگىرتى ھېسابلىنىدۇ.

ئىبنى ھەجەر تۇغۇلغاندا خوتەنىينىڭ ۋاپات بولغىنىغا 42 يىل بولغان، ئىبنى ھەجەرگە خوتەنىينىڭ ئۆزىدە ئوقۇش پۈتۈلمىگەن بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا خوتەنىينىڭ كىچىك شاگىرىتلىرىدا ئوقۇش نىسىپ بولغان.

ئىبنى ھەجەر ” المجمع المؤسس” دېگەن ئەسىرىدە ئىبنى شەيخە دەپ تونۇلغان ئابدۇراھمان ئىبنى ئەھمەد (1315-1396) دېگەن ئۇستازىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ (ئىبنى شەيخەنىڭ) ئاتام بىلەن ئاغىنىدارچىلىقى بار ئىدى ، ئۇندىن باشقا ئۇ مېنى ناھايتى ھۆرمەتلەيتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن 1377 – يىلى تونۇشقان. ئۇ ئاتام ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن بىزنىڭكىگە كەلگەن، مەن ئۇ چاغدا قارىخانىدا ئوقۇۋاتاتتىم،ئۇ ماڭا دۇئا قىلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن مەن تۇنجى ھەدىس تەلىم ئالغان ۋاقىت1390- يىلى ئىدى.

كىيىن مەن 1393- يىلدىن تارتىپ تاكى ئۇ ۋاپات بولغۇچە ئۇنىڭ ھوزۇرىدا بولدۇم.

ئۇ يەنە : مەن ئۇنىڭدا (ئىبنى شەيخەدە) “امالى المحاملي”دېگەن كىتابنىڭ 8- قىسمىنى ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقلار ئاتىسى يۇسۇف ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ھۇسەيىن خوتەنىيگە ئۇلانغان سەنەدى بويۇنچە ئوقۇدۇم. دېگەن.

ئۇندىن باشقا ئىبنى ھەجەر يەنە : ئۇستازى ئىبنى شەيخەدە خوتەنىيگە ئۇلانغان بىر قانچە كىتابلارنى ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ مەزكۇر ئۇستازىدىن ئالغان ئىجازىلەر قاتارىدا خوتەنىينىڭ رىسالىسىدىن ئالغان ئىجازىسىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

(بىز يۇقۇردا خوتەنىينىڭ شاگىرىتلىرىنى بايان قىلغاندا ئىبنى شەيخەنىمۇ تىلغا ئالدۇق ۋە ئىبنى ھەجەردىن باشقىلارنىڭمۇ ئىبنى شەيخەنىڭ خوتەنىينىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق.)

ئىبنى ھەجەر يەنە مەزكۇر”المجمع المؤسس” دېگەن ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئۇستازى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد مەھدىۋىيدە (1309-1394) “سنن ابي داود” نى خوتەنىيگە ئۇلاشقان سەنەد بىلەن تولۇق ئوقۇپ چىققانلىقىنى بايان قىلىغان.

ئۇ يەنە ئەھمەد ئىبنى ئەييۇب قەرافىي (؟-1391) دېگەن ئۇستازىنىڭمۇ خوتەنىنىڭ شاگىرىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شۇنداق بولغاندا ئىبنى ھەجەرنىڭ ئۆزىنىڭ بايانىغا كۆرە ،ئۇنىڭ ئۇستازلىرىدىن : ئىبنى شەيخە، مۇھەممەد مەھدىۋىي، ئەھمەد قەرافىي قاتارلىق ئۈچ كىشى خوتەنىينىڭ شاگىرىتى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى: “سنن ابي داود” تىكى كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سەنەد -ئىجازىلەر ئىچىدە خوتەنىيگە ئۇلىنىپ كىلىۋاتقانلىرىمۇ بار.

ئىبنى ھەجەرنىڭ (1372-1448) “سنن ابي داود” تىكى ئىجازىسىدە خوتەنىي بىلەن ئۆزى ئارىسىدا پەقەت ئۇستازى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد مەھدىۋىيدىن ئىبارەت بىرلا كىشى بار.

ئىبنى ھەجەر(1372-1448) ئۆزىنىڭ “تغليق التعليق” دېگەن ئەسىرىدە چوڭ كىتابلاردىكى سەنەدلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر بۆلۈم ئاجراتقان بولۇپ”سنن ابي داود” تىكى سەنەدىنى بايان قىلغاندا خوتەنىيگە تۇتاشقان سەنەدىنى بايان قىلغان.

ئىبنى ھەجەر (1372-1448) يەنە “نتائج الافكار” دېگەن ئەسىرىدىمۇ “سنن ابي داود” تىكى بىرھەدىسىنى خوتەنىيگە ئۇلانغان ئىسنادى بىلەن بايان قىلغان.

بۇلاردىن مەلۇمكى ئىبنى ھەجەرنىڭ “سنن ابي داود”تىكى سەنەدىدە خوتەنىي بىلەن ئارىسىدا پەقەت مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد مەھدىۋىلام بار.

ئىبنى ھەجەرنىڭ شاگىرتى كاتتا ئالىم زەكەرىيا ئەنسارىنىڭ (1420- 1520) ئىبنى ھەجەردىن باشقا ئەبۇ ئىسھاق ئبراھىم ھەنبەلىي دېگەن ئۇستازى ئارقىلىق ئالغان “سنن ابي داود” نىڭ كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىجازىسىدە زەكەرىيا ئەنسارىي بىلەن خوتەنىنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ھەنبەلىي ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ ھەفسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلمۇھسىن ئىككىلا كىشى بار.

“صلة الخلف بموصول السلف” دېگەن ئەسەردە “سنن ابي داود”نىڭ ئەللۇئلۇئي رىۋايىتىدىكى ئىجازىدە خوتەنىيگە ئۇلىنىدىغان سەنەد بايان قىلىنغان.

بۇ يەردە “ئىجازە- سەنەد” دېگەنلەركۆپ تىلغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئوقۇرمەنلەرگە بۇ توغرىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ قويۇش زۆرۈر بولسا كېرەك .

“ئىجازە- سەنەد” دېگەنلەرنى ئاددىيلا قىلىپ زامانىمىزدىكى مەكتەپلەردىن بېرىلىدىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىلىرنىڭ شەخىسلەشتۈرۈلگەن كىلاسسىك نۇسخىسى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ دىنى ئىلىملەردە مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ، گۇۋاھنامىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تەرەپلىرىمۇ بار.

“ئىجازە- سەنەد” دېگەنلەر بىر ئۆلىمانىڭ مەلۇم بىر كىتابنى ياكى بىرقانچە كىتابلارنى مەلۇم ئۇستازدا ئوقۇغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ۋە ئۇ ئۇستازىنىڭمۇ ئۇ كىتابنى يەنە بىر ئۇستازدا ئوقۇغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تاكى ئاشۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپىگە قەدەرئۇلىنىپ ئىسپاتلانغان،ھەتتا ئۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپىدىنمۇ ھالقىپ ئاخىرى پەيغەمبىرىمىزگە ئۇلىنىدىغان زەنجىرسىمان ئىسپاتنامە.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئۇ ئۆلىمالارنىڭ ئىلىمدىكى نەسەبنامىسىدۇر. بۇ نەسەبنامىلەرنىڭ ۋەسىقىلىق قىممىتى ناھايتى يۇقىرى بولۇپ، بۇنداق نەسەبنامىلار دۇنيادا پەقەت “شەرئىي ئىلىم “ساھىبلىرىدىلا مەۋجۇد. (بۇ ھەقتە كەمىنىنىڭ” شەرئىي ئىلىم ھەققىدە” دېگەن قىسىملىق ماقالىسىدە بىر قىسىم تەپسىلاتلار مەۋجۇت)

خوتەنىينىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى

مەنبەلەردىكى خوتەنىي ھەققىدىكى بايانلاردا خوتەنىينىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى بايانلار بېرىلمىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە پەقەت بەزى ئۇچۇرلارلا بېرىلگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدىكى قىسقىغىنە مۇلاھىزىلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمىز.

مەنبەلەردە بايان قىلىنىشىچە خوتەنىينىڭ بىر قانچە ئىلىملەردە سەنەدى ئۈستۈن ئىدى، چۈنكى ئۇ ناھايتى كىچىكلا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كىرىشكەن، ۋە ئۇستازلىرىدا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن. بۇ ئەۋزەللىك بىلەن ئۇنىڭ سەنەدى باشقىلاردىن ئۈستۈن بولغان.

ئەينى دەۋىردە تالىبلار ئۆلىمالارنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ يىراقلاردىن كېلەتتى،بولۇپمۇ ئۇ ئۆلىمالار ئالى سەنەد ساھىبلىرىدىن بولسا تېخىمۇ كۆپلەپ كېلەتتى.

ئىمام يۇسۇف ئىبنى تەڭرى بەردى(ئەرەبچە تەغرى بەردى) (1410-1470) مۇنداق دېگەن: ئۇ(خوتەنىينى دېمەكچى) ئەبۇلقاسىم ئىبنى ئەبىلھەرەم ئىسكەندىرانىدىن (؟-1253) ھەدىس بايان قىلىدىغانلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىنى ئىدى ،شۇڭلاشقا كىشىلەر يىراق جايلاردىن ئۇنىڭ ھوزۇرىغا كېلەتتى.

بۇ بايانلارغا قارىغاندا خوتەنىيدە ئوقۇش ئۈچۈن، تالىبلارنىڭ ھەرقايسى جايىلاردىن كىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

ئىبنى ھەجەر (1372-1448) “الدررالكامنة” دېگەن ئەسىرىدە: ئۇنىڭدىن (يەنى خوتەنىدىن) تالىبلار كۆپ رىۋايەت قىلغان دېگەن.

بۇ بايانغا قارىغاندا خوتەنىنىڭ شاگىرىتلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى بىلنىپ تۇرىدۇ.

ئىبنى ھەجەر يەنە مەزكۇر ئەسىرىدە بەدرى نابۇلۇسى دېگەن كىشىدىن نەقىل قىلىپ ،ئۇنىڭ خوتەنىي ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ئۇنىڭدىن(خوتەنىيدىن) رىۋايەت ئاڭلاش تەسكە توختايتى ، ئۇرىۋايەتلىرىنى ئىش ھەققى ئېلىپ ئوقۇپ بېرەتتى چۈنكى ئۇ يوقسۇل ئىدى، ئايالى ئۇنىڭغا مۇشۇنداق شەرت بېكىتىپ بەرگەن ئىدى.

بۇ بايانلاردىن بىز خوتەنىينىڭ ناھايتى قىيىنچىلىقتا ئۆتكەنلىكىنى ۋە تالىبلارغا دەرىس بېرىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

خوتەنىينىڭ ئايالىنىڭ خوتەنىينىڭ دەرىس ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالغىنىغا ۋە ئۇنىڭغا بۇھەقتە شەرت بېكىتىپ بېرىدىغانلىقىنىڭ ئېغىزغا چىققانلىقىغا قارىغاندا خوتەنىي شاگىرىتلىرىغا ئۆيىدە دەرىس بەرگەن.

خوتەنىينىڭ شاگىرتى مۇھەددىس ئابدۇراھمان مىززىي (1288-1348) ” الاحاديث الصحاح” دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ خوتەنىينىڭ قاھىرەدىكى ئۆيىدە ،خوتەنىيدىن ھەدىس ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بۇ پەرزىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ.

يەنە بىرى ئىمام قۇرەشىي (1297-1373) “الجواهر المضية” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينىڭ قاھىرەدىكى “السيوفية” مەدرىسىدە ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭغا قارىغاندا خوتەنىينىڭ مەدرىستىمۇ شاگىرىتلارغا دەرىس بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز.

بۇھەقتە ” ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى دەرىس بەرگەن ئەرەب دىيارلىرىدىكى مەدرىسلەر” ناملىق ماقالىمىزدىكى “السيوفية”مەدرىسى ھەققىدىكى بايانلىرىمىزدا توختىلىمىز.

دېمەك خوتەنىي ناھايتى قىيىن تۇرمۇشتا ئۆتكەن.

ئۇ مەيلى ئۆيىدە بولسۇن ياكى مەدرىستە بولسۇن، مەرىپەت يولىدا تەر ئاققۇزۇپ كۆپ شاگىرىتلارنى يېتىشتۈرگەن. ھەتتا ئۇنىڭ ئاخىرقى تنىقلىرىمۇ يەنە شۇ مەرىپەت دەرگاھىدا توختىغان.

“ذيل العبر”، “الدررالكامنة “، “الجواهر المضية”، “الوافي بالوفيات”، “النجوم الزاهرة”، “شذرات الذهب”، “ديوان الاسلام” قاتارلىق ئەسەرلەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خوتەنىي ھىجرىيە 731- يىلى سەفەر ئېيىنىڭ 15- كۈنى، (مىلادىيە 1330- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى) سەيشەنبە قاھىرەدە “السيوفية” مەدرىسىدە ۋاپات بولغان.

“ذيل التقييد” دېگەن ئەسەردە خوتەنىينىڭ ھىجرىيە 732- يىلى ۋاپات بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، “تبصير المنتبه” دېگەن ئەسەردە ئۇنىڭ ھىجرىيە 730- يىلى ۋاپات بولغانلىقى بايان قىلىنغان لىكىن بۇقاراشلار كۆپچىلىك تارىخچىلارنىڭ بۇھەقتە بەرگەن مەلۇماتىغا نىسبەتەن ئاجىز ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەجەر ۋە ئىمام قۇرەشىيلارنىڭ”الدررالكامنة “، “الجواهر المضية” دېگەن ئەسەرلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خوتەنىينىڭ ئوقۇغان كىتابلىرى ۋە ئۇستازلىرىنى ئارخىپلاشتۇرغان بىر رىسالىسى بارلىقى مەلۇم.

ئىبنى ھەجەر ” المجمع المؤسس” دېگەن يەنە بىر ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ خوتەنيىنىڭ مەزكۇر رىسالىسىدىن ئۇستازىدىن ئجازە ئالغانلىقىنىمۇ بايان قىلغان.

خوتەنىينىڭ باشقا ئەسەرلىرى بار- يوقلىقى نامەلۇم.

خوتەنىينىڭ مەزكۇر رىسالىسى بىزگە يېتىپ كىلەلمىگەن بولسىمۇ، لىكىن كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان بىر تەرىپى خوتەنىينىڭ قىسقا بولسىمۇ تارىخى خاتىرلەنگەن ئەسەرلەربىزگە يېتىپ كېلەلىگەن.

ۋە يەنە خوتەنىينىڭ ھەدىس ئىلمىدە ئۇستازلىرىدىن ئالغان ئىجازىسىمۇ زامانىمىزغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

زامانىمىزدىكى كاتتا مۇھەددىس ئابدۇلۋەكىل ئابدۇلھەق ھاشىمىي (1937-)، ۋە مۇھەددىس سەنائۇللا ئىساخان پاكىستانىي (1940-) قاتارلىقلارنىڭ “سنن ابي داود”تىكى ئىجازىسى خوتەنىيگە ئۇلىنىدۇ.

ئىراقنىڭ مۇھەددىسى شەيىخ سۈبھى سامىررائىنىڭمۇ (1936-2013) “سنن ابي داود” تىكى سەنەدى خوتەنىيگە ئۇلىنىدۇ. “فتح المعبود باسناد سنن ابي داود” نامىلق نەزمىدە سامىررائىنىڭ خوتەنىيگە ئۇلانغان سەنەدى بايان قىلغان.

كەمىنىنىڭمۇ “سنن ابي داود” ئىجازىسىدىكى سەنەدىم خوتەنىيگە ئۇلىنىدۇ.

خوتەنىيگە ئالىملارنىڭ بەرگەن باھالىرى

خوتەنىي بىلەن دەۋرىداش كاتتا ئالىملار بولسۇن ياكى كىيىنكى دەۋىردىكى كاتتا ئالىملار بولسۇن خوتەنىيگە يۇقرى باھالارنى بەرگەن بولۇپ، بۇ باھالارنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ دىققتىنى ئالاھىدە تارىتىدىغىنى ئۇلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ خوتەنىينى ئىمام دەپ سۈپەتلىگەنلىكىدۇر.

دىنى ئىلىم ساھەسىدە ئىماملىق مەرتىۋىسى ئەڭ ئالى مەرتىۋە، ئادەتتىكى ئالىملار ئىمام دەپ ئاتالمايدۇ، دىنى ئىلىمدە ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىگە يەتكەن ئالىملارلا ئىمام دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇنىڭدىن خوتەنىينىڭ نەقەدەر كاتتا ئالىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

قېنى ئەمىسە خوتەنىيگە ئالىملارنىڭ بەرگەن باھالىرىغا قاراپ باقايلى:

خوتەنىينىڭ زاماندېشى كاتتا ئالىم ئىمام زەھەبىي (1274-1348)” ذيل العبر” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينى: ئادىل ، دىننىڭ تولۇن ئېيى دېگەن.

كاتتا ئالىم ئىمام ئەبۇلفىدا قۇرە شىي (1297-1373)” الجواهر المضية”دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينى: ئۇستازىمىز ئىمام ۋە دىننىڭ جامالى دېگەن.

كاتتا مۇھەددىس ئابدۇراھمان مىززىي (1288-1348)” الاحاديث الصحاح” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينى: دىننىڭ تولۇن ئېيى، گۈزەل ئەخلاقلار ئاتىسى ،ئادىل، ئالىم، ئىمام، ئۇستاز دەپ سۈپەتلىگەن.

كاتتا ئالىم ئىمام ئىبنى غەززىي (1685- 1754) “ديوان الاسلام “دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينى: ئىمام، فەقىھ، مۇسنىد ، رۇھلە دەپ سۈپەتلىگەن. (رۇھلە-كىشىلەر يىراق جايلاردىن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئالاھىتەن ھوزۇرىغا زىيارەتكە ياكى ئوقۇشقا كېلىدىغان ئالىم )

ئىمام ئىبنى ھەجەر (1372- 1448) “الدررالكامنة” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينى تونۇشتۇرۇپ: ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئۇستاز، دىننىڭ تولۇن ئېيى دېگەن.

ئىمام يۇسۇف ئىبنى تەڭرى بەردى (1410-1470) “النجوم الزاهرة” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينى: دىننىڭ تولۇن ئېيى، گۈزەل ئەخلاقلار ئاتىسى، مۇسنىد، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئۇستاز دېگەن.

يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئالىملارنىڭمۇ خوتەنىيگە بەرگەن باھالىرى بولۇپ، بىز ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىكلىرىنىلا كۆرسەتتۇق. بۇ باھالار خوتەنىينىڭ كاتتا ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىقلاردۇر.

خوتەنىينىڭ تەۋەلىك مەسلىسى

ئەسلىدە خوتەنىينىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ئايرىم بىر ماقالە قىلنىپ يورۇتۇلۇش كېرەك ئىدى .لىكىن بۇ مەسىلە بۇ ماقالىدىكى بەزى تەرەپلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى بۇ يەردە يورۇتۇش مۇناسىب كۆرۈلدى.

خوتەنىينىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى كاتتا ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە تەكرار- تەكرار تىلغا ئېلىنىشى ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە مۇھىم شەخىس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

خوتەنىيدەك تەسىر دائىرسى كەڭ ئالىمنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى ئېنىقلاش ئەلۋەتتە زۆرۈر مەسىلىدۇر.

ئىمام يۇسۇف خوتەنىينىڭ ” الختني” (خوتەنىي) دېگەن ئەرەبچە تەۋەلىك ئىسمىدىن ئوچۇقلا بىلنىپ تۇرىدىكى ئۇ دىيارىمىزدىكى خوتەنگە مەنسۇب ئالىمدۇر.

ئەرەبچىدىكى” الختني” (خوتەنىي) دېگەن تەۋەلىك ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى “خوتەنلىك” دىگەن مەنىدە ئىكەنلىكى ئاددى بىر ساۋات.

بۇ خۇددى “الكاشغري” (كاشغەرىي) دېگەنلىكنىڭ “قەشقەرلىك” دېگەنلىكىدەكلا مەسىلە.

ئەمما بىزنىڭ خوتەنىيدەك كاتتا ئالىمنى خوتەن دىيارىغا مەنسۇب دەپ كىسىپ ئېيتالىشىمىز ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ.

بۇ مەسىلىگە تىلشۇناسلىق ۋە تارىخى نۇقتىلاردىن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قاراپ چىقىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.

تارىخى مەنبەلەردە قەيىت قىلىنشىچە ، مىلادىيە 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىم- پەن گۈللەنگەن دەۋىرلەر بولۇپ، باغدات ئۇدەۋىرلەردە ئابباسىلارخەلىپىكىنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلىم- پەن گۈللەنگەن دىيارلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى ئىدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئالىملار باغداتقا كىلىپ زىيارەتلەردە بولۇپ، ئىلىم سورۇنلىرىغا داخىل بولۇشاتتى، ھەتتا بەزىللىرى باغداتتا ئولتۇراقلىشىپ قالاتتى .

مىسالغا ئالساق بىزنىڭ ئالىملىرىمىزدىنمۇ مەھمۇد كاشغەرىي (1008-1105) باغداتقا كەلگەن بولسا ئىبراھىم كاشغەرىينىڭ (1159-1247) ئاتا- بوۋىللىرى باغداتتا ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ئىدى. بۇنداق مىساللار ناھايتى كۆپ، خۇددى جەنۇبتىن چىقىپ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغاندەكلا ئىش.

چۈنكى ئۇ دەۋىرلەردە پۈتۈن ئىسلام دىيارلىرى ئابباسىلار خەلىپىكىنى ئېتراپ قىلاتتى ۋە باغداتنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ پايتەختى دەپ قارايتى.

ئىمام ئىبنى كەسىرنىڭ (1300-1371) “البداية والنهاية” دېگەن ئەسىرىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا ھىجرىيە 656،مىلادىيە 1258 -يىلى ھولاكوخان (1217-1265) باغداتقا بېسىپ كىرىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ باغداتنى قانغا بويىغان، ئۇ باغداتتا قىرىق كۈن قىرغىنچىلىق قىلغان.

شۇ ۋاقىتتا باغداتتا ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھەققىدە ھەرخىل گەپلەر بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەر سەككىزيۈزمىڭ دېيىلگەن، بىر مىليون سەككىزيۈزمىڭمۇ دېيىلگەن، ھەتتا ئىككى مىليونغىمۇ يەتكەن دېيىلگەن.

نۇرغۇن ئالىملار بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن، باغداتتىكى مەسجىد – مەدرىسلەر نەچچە ئايلاپ ئادەمسىز قالغان.

مانا بۇ ۋەقەدىن كىيىن باغدات شەھرىنىڭ ئىلىم دۇنياسىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى تەدرىجى دەمەشىق- قاھىرەدەك شەھەرلەرئىگەللىگەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆلىمالارمۇ دەسلىۋىدە دەمەشىق – قاھىرەلەرنى زىيارەت قىلىدىغان بولغان. ئاستا- ئاستا دەمەشىق- قاھىرەلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۆلىمالار توپلاشقان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم مەركەزلىرىگە ئايلانغان.

بۇنداق ئەھۋالدا خوتەنىي ئائىلىسىدەك ئىلىم سۆيەر ئائىلىنىڭ مىسىر قاھىرەدەك ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم مەركىزىگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشى تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق ، تارىخقا ئۇيغۇن.

ئەمما مەنبەلەردە خوتەنىي ئائىلىسنىڭ قاچان مىسىرغا كۆچۈپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن، لىكىن تارىخچىلار تۈرۈكلەرنىڭ ئومۇمەن مىسىرغا مەملۇكىلار سۇلالىسى دەۋرىدە كۆچۈپ كىلىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

تارىخچىلار مەملۇكىلاردەۋرىنى دەسلەپكى ۋە كېيىنكى ئىككى دەۋىرگە بۆلۈپ،دەسلەپكى دەۋرىنى 1250- يىلىدىن 1382- يىلغىچە بولغان مەزگىل دەپ قەيىت قىلىشقان. تۈرۈكلەر مەملۇكىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە مىسىرغا كېلىپ يەرلەشكەن. “مەملۇكىلار” سۇلالىسىنى قۇرغان مەملۇكىلار(ياللانما ئەسكەرلەر)دەپ ئاتالغان كىشىلەرنىڭمۇ كۆپۈنچىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرۈك ئىرقىغا مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەنلىكى تارىخچىلار بايانلىرىدا ئوچۇق زىكىر قىلىنغان.

دېمەك ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرۈكلىرىنىڭ جۈملىدىن خوتەن، كاشغەر مەنسۇبلىرىنىڭ مىسىرغا كۆچۈپ كىلىشى مەملۇكىلار دەۋرىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپ بولغان. بۇ تەرەپ ناھايتى ئوچۇق.

بۇھەقتە گەپنى ئۇزارتىشقا ئېھتىياج يوق.

خوش ، ئەمدى بىز مەسىلىگە تەتۈر تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بويىنچە قاراپ باقايلى:

ئەگەر بىز خوتەنىينى بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى خوتەنگە مەنسۇپ ئەمەس دەپ قارىساق، بۇ قارىشىمىزنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە پەرەزلەر بىلەن قۇۋەتلىشىمىز مۇمكىن.

بىرىنچى : بەلكى” الختني”(خوتەنىي) دېگەن تەۋەلىك ئىسىم بىزنىڭ دىياردىكى خوتەنگە مەنسۇب ئەمەس بولىشى مۇمكىن ،چۈنكى يۇسۇف خوتەنىي ياشىغان دەۋىردە دىيارىمىزدىكى خوتەن باشقا ئىسىم بىلەن ئاتىلىدىغان بولىشى مۇمكىن.

ئىككىنجى : بەلكى بىز بىلمەيدىغان، خوتەن دەپ ئاتالغان، ئىككىنجى بىر جاي بولغان بولسا ،” الختني”(خوتەنىي) دېگەن تەۋەلىك ئىسىم شۇيەرگە مەنسۇب بولىشى مۇمكىن .

ئۈچۈنجى : ئەرەبچە مەنبەلەردىكى زىر- زەۋەرسىز يېزىلغان “الختني” (خوتەنىي) دېگەن تەۋەلىك ئىسىم خوتەنىي دەپ ئوقۇلماي بەلكى خەتەنىي ، خەتنىي ، خۇتىنىي ، خىتنىي دېگەندەك ئوقۇلۇپ، تەلەپپۇز قىلنىشى مۇمكىن.

بۇ پەرەزلەر ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسىمۇ ، لىكىن بۇ پەرەزلەر دەلىل- پاكىتلار ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، شۇڭلاشقا بۇ پەرەزلەرنى كەسكىن خاتا دەپ ئېيتالايمىز.

بۇ پەرەزلەرنى خاتاغا چىقىرىشىمىزدىكى دەلىل – پاكىتلىرىمىز تۆۋەندىكىچە :

بىرىنچى پەرەزنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار:

يۇسۇف خوتەنىينىڭ دەۋرىدە بىزنىڭ ۋەتەندىكى خوتەن دىيارى خوتەن دەپ ئاتىلاتتى ،بەلكى ئۇندىن بۇرۇنمۇ خوتەن دېگەن نام مەۋجۇد ئىدى.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى غەرىب تارىخى ماتىرياللىرىدا خوتەن باشقا رايونلار بىلەن قوشۇلۇپ “سېرىس” دەپ ئاتالغان.

مىلادىدىن ئىلگىركى تەخمىنەن 4- ئەسىرلەردە ئۆتكەن،

غەرب تارىخچىللىرىدىن ئۇنېسكىرىدوس،نېئاركوس، كىتفوس قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قەشقەرنى مەركەز قىلغان خوتەن، ياركەند قاتارلىق يپەك يولى دىيارلىرى قوشۇلۇپلا ” سېرىس” دەپ ئاتالغان . ھومىرنىڭ “ئودېسسا” داستانىدىمۇ “سېرىس ” دەپ يېزىلغان.

مىلادىيدىن كېيىنكى شەرىق تارىخى ماتىرياللىرىدا بولسا خوتەن رايونىنىڭ ئۆزىنىڭلا ،ئۇدۇن ،خوتەن دەپ ئاتىلىدىغانلىقى خاتىرلەنگەن. مىلادىيە 602-664- يىللاردا ياشىغان سەيياھ راھىب تاڭ شۈەنزاڭنىڭ غەربي يۇرت خاتىرسىدە خوتەن دىيارىنىڭ ، قۇستانا ، ﺋﯘﺩﯗﻥ، ﺧﻮﺗﻪﻥ دىگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارئۇچرايدۇ.

خوتەن ئەرەبچە ئەسەرلەردىمۇ”ختن” (خوتەن) دەپ ئاتالغان.

11- ئەسىردە ئۆتكەن بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ شاھانە ئەسىرى “دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك”(ديوان لغات الترك ) نىڭ ئەرەبچە كىلسىلى مۇئەللىم رىفئەت نەشىرگە تەييارلاپ ، تۇنجى 1915-يىلى ئىستانبولدا نەشىرقىلدۇرغان ئەسلى ئەرەبچە نۇسخىسىدىمۇ خوتەن ۋە ئۇدۇن دېگەن ناملار ئۇچرايدۇ ، مەھمۇد كاشغەرىي ئۇدۇن دېگەن سۆزنى “ختن” (خوتەن) شەھرىنىڭ نامى دەپ تونۇشتۇرغان.

يۇسۇف خوتەنىي بىلەن بىرزاماندا ئۆتكەن سەفىيىدىن باغدادىي(1260-1338) ئۆزىنىڭ ” مراصد الاطلاع” دېگەن كىتابىدا “ختن” (خوتەن)نى تونۇشۇتۇپ : “ختن” (خوتەن) ئاۋۋال پىچلىك ئاندىن زەۋەرلىك ئوقۇلىدۇ ئەڭ كەينى “ن” ھەرىپى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئۇ قەشقەرنىڭ كەيندىكى شەھەر- ۋىلايەت، ئۇ تۈركىستان دىيارلىرىدىن سانىلىدۇ. دېگەن.

يۇقۇرقىلاردىن يۇسۇف خوتەنىينىڭ ياشىغان دەۋرىدىن خېلى بۇرۇنلا دىيارمىزدىكى خوتەن ، خوتەن، ئۇدۇن دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ،ۋە ئەرەبچە ئەسەرلەردىمۇ ” ختن”(خوتەن) دەپ ئېلىنغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

ئىككىنجى پەرەزنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار:

10 – ئەسىردە پارىس تىلىدا يېزىلغان “ھۇدۇدۇلئالەم” دېگەن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىدە شۇ دەۋىردىكى دۇنيادىكى بارلىق شەھەرلەر ھەققىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مەزكۇر ئەسەردە خوتەندىن بىرنىلا كۆرسەتكەن. ۋە خوتەننى چىن بىلەن تىبەت ئارىسىدا دەپ بايان قىلغان.

11- ئەسىردە يېزىلغان ” دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك” نىڭ دەسلەپكى بەتلىرىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆزى سىزغان دۇنيا خەرىتىسى بىرىلگەن بولۇپ، بۇ خەرىتە تۇنجى تۈرك سىزغان خەرىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا خەرىتىچىلىك تارىخىدا ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە.

بۇ خەرىتىگە قارايدىغان بولساق ، خوتەندىن(ختن) بىرنىلا كۆرىمىز، ۋە بۇ خوتەن (ختن) قەشقەر، ياركەنىتلەرنىڭ يېنىدا كۆرستىلگەن .

13- ئەسىردە يېزىلغان ياقۇت ھەمەۋىيىنىڭ (1179- 1229) ” معجم البلدان ” دېگەن جۇغراپىيە ئېنسكىپىلودىيسىدىمۇ پەقەت خوتەندىن (ختن) بىرسىلا تونۇشتۇرۇلغان، ۋە ئۇنىڭ قەشقەرنىڭ كەينىدىلىكى كۆرسىتىلگەن.

14- ئەسىردە يېزىلغان ئەبۇل فىدانىڭ (1273-1331) “تقويم البلدان” دېگەن جۇغراپىيلىك ئەسىردىمۇ ئوخشاشلا بىرلا خوتەن ( ختن) تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرنىڭ كەينىدىلىكى كۆرسىتىلگەن.

بىز يۇقىردا دەلىل ئېلىپ كۆرسەتكەن “ھۇدۇدۇلئالەم”، “دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك”، “معجم البلدان”، “تقويم البلدان” قاتارلىق تۆت ئەسەر ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلنغان ،دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئەسەرلەردۇر.

مەزكۇر ئەسەرلەر ئۆز دەۋرىدىكى جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىيات سەۋيىسىدە يېزىلغان بولۇپ، گەرچە ئۇلار دۇنيادىكى بارلىق شەھەرلەرھەققىدە تولۇق مەلۇماتلارنى بېرەلمىسىمۇ ھەرھالدا 10- 12- 13- 14- ئەسىرلەردە مۇسۇلمانلار دىيارىلىرىدا خوتەن دېگەن بىرلا يۇرىتنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ( ھازىرقىدەك جۇغراپىيە ئىلمى تەرەققى قىلغان، ئىنتىرنىت دۇنيانى بىر كەنىتكە ئوخشۇتۇپ قويغان بىر دەۋىردە تۇرۇپمۇ بىز خوتەن دەپ يەنە بىر يۇرىت بارلىقىنى ئاڭلىمىدۇق .

“جىپئېس” دۇنيا خەرىتىسىدىن ئىزدىسەكمۇ بىرلا خوتەننى كۆرسىتىدۇ. مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى (1924-2011) “دۇنيادا بىرلا خوتەن بار” دېگەن كىتابقا يازغان كىرىش سۆزىدە چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ : “دۇنيادا بىرلا خوتەن بار” بۇ چىن پىششىغ گەپ، چۈنكى خوتەنلىكلەر ” بىرنى بىر” دەيدۇ، دەپ يازغان ئىكەن. قارىغاندا بۇ چاقچاق راسىت بولسا كېرەك.)

ئۈچۈنجى پەرەزنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار:

ئەرەب تىلىدا زىر- زەۋەر قويۇلمىغان يەككە سۆزلەرنىڭ باش ھەرىپلىرى باشقىلاردىن ئاڭلاپ تەقلىد قىلىپ ئوقۇلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىياس قىلىپ ئوقۇيدىغان قائىدىسى يوق، ئەگەر زىر- زەۋەرسىز يېزىلغان يەككە سۆزلەرنىڭ باش ھەرىپلىرىنى پەرەز قىلىپلا ئوقۇغاندا ،داۋاملىق توغرا ئوقۇلىشى ناتايىن. بولۇپمۇ ئىسىملارنى خاتا ئوقۇۋېلىش ئەھۋالى بەك ئېغىر، ھەتتا شۇنداق مەشھۇر ئىسىملارمۇ خاتا ئوقۇۋېلىش سەۋەبلىك خاتا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

بۇ ئەھۋال دەۋرىمىزدىمۇ ناھايتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مىسال ئالساق زەۋەرلىك ئوقۇلىدىغان ھەرىپنى ساكىنلىق ئوقۇۋېلىپ خاتا تەلەپپۇز قىلىمىز. مەشھۇر ئالىم يۇسۇف قەرەداۋىينىڭ (1926-) تەۋەلىك ئىسمى (القرضاوي) دىكى “ر” ھەرپىنى قارىسىغا پەرەز قىلىپلا خاتا ئوقۇۋېلىش سەۋەبىدىن “ر” ھەرىپىنى ساكىنلىق تەلەپپۇز قىلىش ئەرەب – ئەجەملەردە ئومۇملىشىپ كەتكەن. ئەسلىدە قەرەداۋىينىڭ ئىسمىدىكى “ر” ھەرىپى زەۋەرلىك ئوقۇلۇپ قەرەداۋىي دەپ تەلەپپۇز قىلنىدۇ، قەرداۋىي ئەمەس.

ئۇنىڭ ئەكسىچە ساكىنلىق ئوقۇلىدىغان ھەرىپنى زەۋەرلىك ئوقۇۋېلىپ خاتا تەلەپپۇز قىلىۋاتىمىز، ئەبۇلھەسەن نەدۋىي (1914-1999) دېگەن ئالىمنىڭ تەۋەلىك ئىسمى (الندوي) دىكى “د” ھەىپىنى زەۋەرلىك ئوقۇۋېلىپ خاتا تەلەپپۇز قىلىنماقتا، ئەسلىدە توغرىسى “د” ھەرىپى ساكىنلىق ئوقۇلۇپ ، نەدەۋىي ئەمەس نەدۋىي دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك:

ئەرەبچە كىلاسسىك كىتابلاردىمۇ يەككە سۆزلەر زىر- زەۋەرسىز، پەش چىكىتسىز يېزىلغان بولۇپ، بۇ كىتابلارئەينى ۋاقتتا قولدا كۆچۈرۈلۈپ تارقىتىلاتتى.

كىتاب كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى كەسىپ ئەھلى بولمىغانلىقتن ، ئۇلار بەزى سۆزلەرنى خاتا كۆچۈرۈپ قويغان.

ھەتتا بەزى ئالىملارمۇ بەزى يەككە سۆزلەرنى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغانلىقى ۋە ئۇ سۆزلەردىكى ھەرىپلەرنىڭ ئوچۇق يېزىلماي باشقا ھەرىپكە ئوخشاش يېزىلىپ قالغانلىقى ، چىكتىلەرنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقى ياكى ئورنى ئالمىشىپ قالغانلىقى دىگەندەك سەۋەپلەر تۈپەيلى ، ئۇلارمۇ خاتا ئوقۇۋېلىپ ، شۇ ئوقۇغىنىچە زىر- زەۋەر قويۇپ قويغان. نەتىجىدە نۇرغۇن يەككە سۆزلەر خاتا ئوقۇلۇپ ، ئۇ سۆز ئۇقتۇرماقچى بولغان ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگۈرۈپ، باشقا مەنىنى بىلدۈردىغان ئەھۋال شەكلىللىنىپ قالغان.

مەسىلەن “الختنى” دېگەن ئەرەبچە زىر- زەۋەرسىز سۆزنى خوتەنىي دەپ ئوقۇساق خوتەنلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە خەتەنىي دەپ ئوقۇساق كۈيئوغلىلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇئەھۋالغا ھوشيار تۇرغان ئىسلام ئالىملىرى مەخسۇس خاتا ئوقۇلۇپ خاتا يېزىلغان، سۆزلەرنى خاتىرلەپ ئۇنىڭ ئەسلى توغرا تەلەپپۇزى ۋە توغرا مەنىللىرىنى بايان قىلىپ كىتابلارنى يازغان .

ھەتتا بۇساھە ھازىر مەخسۇس “المؤتلف و المختلف” دەپ تارماق پەن بولۇپ شەكىللەندى.

بۇ ساھەدە كىتاب يازمىغان ئالىملار بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ باشقا ساھەگە ئالاقىدارلىق كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان ئوقۇماق تەس، ئاز ئۇچرايدىغان ئىسىملارنى خاتا تەلەپپۇز قىلىۋالماسلىق ئۈچۈن بەزىللىرى زىر- زەۋەر قويۇپ قويسا بەزىللىرى مەخسۇس ھەرىپلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇزلىرىنى خەتچىلاپ يېزىپ قويغان.

“الختنى” (ئەلخوتەنىي) دېگەن بۇ سۆزمۇ يۇقىرقى ئەھۋالدىن خالى قالمىغان ، ئەرەبچە مەنبەلەردە كۆرسۈتىلىشىچە بۇ سۆزمۇ خاتا ئوقۇلۇپ، خاتا تەلەپپۇز قىلىنغان.

خاتا تەلەپپۇز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇزلىرىنى بايان قىلىپ ئەسەر يازغان ئۆلىمالار بۇ سۆزنىمۇ ئەسەرلىرىگە كىرگۈزۈپ توغرا تەلەپپۇزىنى بايان قىلغان، بەزى ئالىملار ئەسەرلىرىدە بۇ سۆز ئۇچراپ قالسا مەخسۇس زىر- زەۋەر قويۇپ قويغان ياكى شۇ زىر- زەۋەرلەرنى خەتچىلاپ يېزىپ قويغان. ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا قارىساقلا بىزنىڭ ئۈچۈنچى پەرىزىمىزنىڭ خاتالىقى ئايان بولىدۇ.

بۇ ھەقتىكى دەلىل – پاكىتلار خوتەنىينىڭ خوتەنگە مەنسۇب ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىل ھېسابلىنىدۇ.

خوتەنىي بىلەن دەۋىرداش ئىمام سەفەدىي (1296-1363) ئۆزىنىڭ “الوافي بالوفيات” دېگەن ئەسىردە خوتەنىينىڭ تەرجىمھالىنى بەرگەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ئەسىرىدە: “الختنى” (خوتەنىي) دېگەن ئىسىمدىكى ” خ” ھەرىپىنى پىچىلىك، “ت” ھەرىپىنى زەۋەرلىك ئوقۇيمىز، ئۇنىدىن كىيىن “ن” ۋە تەۋەلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان”ي” ھەرپىلىرى بار دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ، زىر-زەۋەرلىرىنى خەتچىلاپ يېزىپ قويغان.

ئىبنى ھەجەر(1372-1448) “تبصير المنتبه” دېگەن ئەسىرىدە “ختن” (خوتەن) دىكى “خ” ھەرىپى پىچلىق، “ت” ھەرىپى زەۋەرلىك ئوقۇلىدۇ، ئاندىن “ن” ھەرىپى بار، ئۇ تۈركلەردىكى بىر شەھەر دېگەن ۋە خوتەندىن چىققان ئالىملارنى سانىغان، شۇقاتاردا يۇسۇف خوتەنىينىمۇ سانىغان.

ئۇ يەنە مەزكۇر ئەسىرىدە: “الختنى” (خەتەنىي) دەپ زەۋەرلىك ئوقۇلغاندا ئۇ ئەبۇ سەھىل ئەھمەد بىن مۇھەممەد بىن ئەھيەد بىن ھەمدان خەتەنىي دىگەن كىشىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، “الختنى” (خەتەنىي) دىگەن ئىسىم ئۇنىڭ كۈيئوغلى كاتتا بىر فەقىھگە تەۋەلىكنى كۆرستىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. (دېگەندەكلا خەتەنىي دەپ تەلەپپۇز قىلغاندا كۈيئوغلىلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ)

ئىبنى ھەجەر “الدررالكامنة” دېگەن ئەسىرىدە خوتەنىينىڭ تەرجىمھالىنى بەرگەن بولۇپ ئۇ مەزكۇر ئەسىرىدىمۇ “الختنى” دېگەن ئىسىمدىكى “خ” ھەرپىنى پىچلىك “ت” ھەرپىنى زەۋەرلىك ئۇنىڭ كەينىدە “ن” ھەرىپى بارلىقىنى بايان قىلغان.

ئىبنى ھەجەر يەنە ” نتائج الافكار” دېگەن ئەسىرىدە: ئۆزىنىڭ “سنن ابي داود” تىكى بىر ھەدىسىنى خوتەنىيگە ئۇلىنىدىغان سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىپ، ” الختني” دىكى “خ” پىچلىك،”ت” زەۋەرلىك، ئاندىن “ن” بار دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

كىيىنكىلەردىن مۇرتەزا زەبىيدىمۇ (1732-1790)” تاج العروس” دېگەن ئەسىرىدە بۇھەقتە ئوچۇق قىلىپ : “ختن” (خوتەن) دېگەن”زفر”( زۇفەر) بىلەن (ۋەزنى) ئوخشاش، ئۇ قەشقەرنىڭ كەينىدىكى تۈرۈك دىيارى دېگەندىن كىيىن، مەزكۇر خوتەندىن چىققان ئالىملارنى ساناپ ،شۇلار قاتارىدا يۇسۇف خوتەنىينىمۇ سانىغان.

يۇقۇرقىلاردىن باشقا خوتەندىن چىققان ئالىملاردىن:

فەقىھ ئەبۇ داۋۇد سۇلەيمان خوتەنىي، ئىمام فەقىھ ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد خوتەنىي، شەيىخ بۇرھانىدىن خوتەنىي، ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەلى مۇھەممەد خوتەنىي، زۆھرە بىنتى ئۆمەر ھۈسەيىن خوتەنىي .

ئەمەلدارلاردىن: دەمەشىقنىڭ ۋالىسى ئونۇشتىكىن ئەبۇ مەنسۇر خوتەنىي (بۇكىشى بەك ئادىل كىشى بولۇپ، دەمەشىققە بۇكىشىدىنمۇ ئادىل بىرى ۋالى بوپ باقمىغان دەپ تەرىپلەنگەن، ئۆز دەۋىردىكى دەمەشىقلىق مەشھۇر شائىر ئەبۇلفىتيان (1004-1080) بۇكىشىنى مەدھىيلەپ ئۇزۇن ئەرەبچە شېئىر يازغان)

ئاقساق تۆمۈرنىڭ (1336-1405) ۋەزىرى جەلالىدىن خوتەنىي (بۇكىشى ئىراقنىڭ مۇۋسىل شەھرىدىكى يۇنۇس ئەلەيھىسسالام مەسجىدىنى يېڭىلاپ ياساتقۇزغان.)

قاتارلىقلارنىڭ ئىزنالىرىنى ساقلاپ قالغان ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەللامىلەردىن: ئىبنى ماكولا (1030-1082)، زەھەبىي (1274-1348)، نەسەفىي (1068-1142) ، سۇبكىي (1327-1370)، سۇيۇتىي (1445-1505)، ئىبنى فەزلۇللا ئۆمەرىي (1301-1349)، سەفەدىي (1296-1363)، ئىبنى ئەساكىر (1105-1176) قاتارلىق تۆھپىكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەزىللىرىدە “الختنى” دېگەن تەۋەلىك ئىسمنى خوتەنىي دەپ ئوقۇشقا خەتچىلاپ ئەسكەرتىش بېرىلسە، يەنە بەزىللىرىدە ئۇ تۈرۈك دىيارلىرىدىكى بىر شەھەر، قەشقەرگە يېقىن دېگەندەك ئىزاھاتلار بىرىلگەن. يەنە بەزىللىرىدە بولسا تەھقىقچىلار تەرىپىدىن “الخُتَنِى” (خوتەنىي) دەپ زىر- زەۋەر قويۇپ قويۇلغان.

(يۇقۇردا ئىسمى چىققان خوتەننىڭ ئۆلىما- ئەمەلدارلىرىنى ئايرىم ماقالىلاردا بىردىن – بىردىن تونۇشتۇرىمىز شۇڭلاشقا بۇ يەردە ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان- ۋاپات بولغان يىل تارىخى بىرىلمىدى)

ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام (1906-1952) ئۆزىنىڭ ” تركىستان قلب اسيا ” دېگەن ئەسىرىدە بىرقانچە تەۋەلىك ئىسىملارنى ساناپ شۇلارنىڭ قاتارىدا خوتەنىي دېگەن تەۋەلىك ئىسمىنىمۇ سانىغان ۋە مۇشۇنداق ئىسىملار بىلەن ئاتالغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى تۈركىستاندىن دېگەن.

قارىغاندا بۇ يەكۈن تولىمۇ كۆپ ئىزدىنىشلەردىن كىيىن چىقرىلغان بولسا كېرەك.

يۇقۇردىكى دەلىل- پاكىتلاردىن كېيىن شۇنداق جاكارلايمىزكى ئىمام يۇسۇف خوتەنىي دىياردىمىزدىكى قەدىمىي ماكان خوتەنگە مەنسۇب ئالىمىمىزدۇر.

خوتەنىينىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە بىر قاتار ئاساسسىز پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ،يەنە ئۇنى ئاغدۇرۇپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟دېگەن سوئال ئوقۇرمەنلەرنىڭ خىيالىغا كېچىشى مۇمكىن ، دەيمىزكى بېغىمىزدا كۆمۈلگەن گۆھەرنىڭ ئورنى ئېنىق بولسىمۇ،يەنىلا خەقنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشىمىز زۆرۈردۇر.

ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە دىنى ئالىملىرى ئۇنتۇلدۇرۇلغان بىزدەك بىر مىللەتكە خوتەنىيدەك كاتتا بىر دىنىي ئالىم ئەلۋەتتە،كۆمۈپ ساقلانغان گۆھەردىنمۇ قىممەتلىكتۇر.

ئاخىرىدا ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئىقبالنىڭ (1873-1938) تۆۋەندىكى مىسرالىرى بىلەن ماقالىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.

ۋەتىنىڭ يېرىك قۇملىرى ئەي خوتەن،

پۇتۇڭغا سېنىڭ گويا ياسىمەن.

كېيىكلىرىڭ كەبى لەرزان يولۇڭنى قىل داۋام،

مەنزىلىمىز بەك يېقىن قەدەم ئال تېخىمۇ ئىلدام

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە ” ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ھەققىدە روشەن بايان” ناملىق ئەرەبچە ئەسەر ئۈچۈن تەييارلانغان، شۇ ناملىق ماقالىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بولۇپ، پايدىلانمىلار تەپسىلاتى مەزكۇر ئەسەردە بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە بېرىلمىدى.

مەنبە: ئىمام كاسانى ئاكادېمىيسى تور بېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى