ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ رولى

ئورنى Wikipedia

        خەلقىمىزدە قەدىمدىن پەرزەنتلەرنىڭ ئەتراپلىق، ساغلام يېتىلىشىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلۈنگەن. بالىلار تىلى چىقىپ ئېسىنى بىلگۈدەك بولغاندىن باشلاپلا ئۇلارغا ناخشا – قوشاق ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ساز چېلىشنى، خەت يېزىشنى ئۆگىتىش، تېپىشماق تاپقۇزۇش، رەسىم سىزغۇزۇش قاتارلىق تەربىيىلەر بىلەن بىللە، ھەرخىل بالىلار ئويۇنلىرى ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە سىڭدۈرۈلەتتى. بىزدىكى بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئەقلىي بىلىملەرگە باي بولۇپ، بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇلاردىن دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن، ھەر قايسى يۇرتلاردىكى تەبىئىي مەھەللە – رايونلاردىكى بالىلار ئارىسىدا ھېلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئويۇنلار خېلى كۆپ. ‹‹لىڭگىرتاقتاق››ئويۇنى، ‹‹سار ئالدى›› ئويۇنى، ‹‹ئاق تاش، كۆك تاش›› ئويۇنى، ‹‹تاققا – تۇققا›› ئويۇنى، ‹‹دۈم – دۈم – دۈم، لەببەي – لەببەي››(مۆكۈشمەك) ئويۇنى، ‹‹يامغۇر ياغىلاق›› ئويۇنى، ‹‹ئاپتاپ چىق›› ئويۇنى، ‹‹چۆچۈرەڭ قاينايدۇ›› ئويۇنى، ‹‹مېھماندارچىلىق››(ئاغىچا – ئايلام) ئويۇنى، ‹‹لەگلەك ئۇچۇرۇش›› ئويۇنى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى. بۇلارنى ئىنچىكە كۆزەتسەك، ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشىدە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

      ‹‹ لىڭگىر تاقتاق ›› ئويۇنى

        لىڭگىر – لىڭگىرتاقتاق،

         ئەيسا – ئەيسا پاخپاخ.

         ئەيسا دېگەن ئۆلۈپتۇ،

         قۇم داۋانغا كۆمۈپتۇ.

         يىغلايدىغان كىشى يوق

         ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ.

        بۇ ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، ئادەتتە، ئىككى بالا بولسىلا كۇپايە. ئۇلار بىر تال كىچىكرەك لىم ياكى چوڭراق ياغاچنى مەلۇم بەلدەمگە قويۇپ، ئىككى ئۇچىغا بىر – بىرسىگە قارىشىپ مىنىپ، بىرسى كۆتۈرۈلسە، بىرسى تۆۋەنگە چۈشۈپ يۇقىرىقى قوشاقنى ئۈنلۈك توۋلايدۇ. بۇ ئويۇننى بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن كۆپ ئوينايدۇ. بۇ ئويۇننىڭ بالىلارغا بولغان تەربىيىسى شۇكى، ئادەم جىددىي مەسىلىلەرگە يۇلۇققاندا كەسكىن بولۇشنى، سۆرەلمىلىك قىلىپ ئىشنى ئاقسىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە، ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇققاندا چوقۇم مەلۇم بىر مەيداندا تۇرۇشنى، ئۇ ياققىمۇ تەۋە ئەمەس، بۇياققىمۇ تەۋە ئەمەس بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

      ‹‹ سار ئالدى ›› ئويۇنى

        بۇ بالىلار توپلىشىپ ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ، ئادەتتە، ئون ياكى 15تەك بالىغا بەستلىك، ھەرىكىتى چاققانراق بىرسى سەپ باشلىقى بولۇپ ‹‹سار››نىڭ بالىلارنى تۇتۇۋېلىشىنى توسىيدۇ. قالغان بالىلار بىر – بىرىنىڭ بېلىنى ياكى چاپىنىنى تۇتۇپ، سەپ باشلىقىنىڭ بېلىنى چىڭ تۇتۇپ قاتار تىزىلىپ تۇرىدۇ. ‹‹سار›› بولغۇچى گاھ ئوڭدىن، گاھ سولدىن ھۇجۇم قىلىدۇ. سەپ باشلىقى ئۇنى قەتئىي توسۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بالىلاردىن بىرەرسى سەپ باشلىقى ياكى سەپ تەرتىپىگە ماسلىشالمىسا سار ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ. تۇتۇلۇپ قالغۇچى ‹‹سار›› بولىدۇ. ‹‹سار›› بولغۇچى ھەر قېتىم ھۇجۇم قىلغاندا:

         ئاللا – ئاللا، چۈجىلەر،

         ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ؟

         دەپ ئۈنلۈك توۋلايدۇ. سەپتىكى بالىلار ئۇنىڭغا جاۋابەن:

         ئالالىساڭ ئالساڭچۇ!

         كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ!

         دەپ توۋلايدۇ. ئويۇن مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا داۋاملىشىدۇ. بالىلار ئويۇن بىلەن بولۇپ ھارغىنىنى بىلمەي، چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلىدۇ. بۇ ئويۇن ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىر – بىرىگە مېھرى سىڭىدۇ. دوستلۇقى كۈچىيىپ، كوللېكتىۋىزملىق روھنى شەكىللەندۈرىدۇ. بەدەن، پۇت – قوللارنىڭ ئەۋرىشىمچانلىقى ۋە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ، بالىلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ئىناقلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقى كۈچىيىدۇ.

       ‹‹تاققا – تۇققا›› ئويۇنى

          بۇ ئويۇننى، ئادەتتە، يەسلى يېشىدىكى بالىلار ئوينايدۇ. ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن بىرقانچە بالا ئاياغ كىيىملىرىنى سېلىپ پۇتىنى ئۇدۇل قىلىپ ئولتۇرىدۇ. چوڭلاردىن بىرسى ياكى بالىلاردىن بىرەرسى بالىلارنىڭ پۇتىنى رەت تەرتىپى بويىچە تۇتۇپ:

          تاققا – تۇققا، زەنجىر ھالقا،

          ھالقىدىن بولقا.

          ئۈجمە پىشتى بال –  شېكەر،

          خان قىز، خامان قىزى.

          گۈلدۈر – گۈلدۈر پەرمەنچۈك،

          باغ ئىچىدە سەگەنچۈك.

          دادام بارۇ دادام بار،

          دادامنىڭ ئېتى بوزا.

          يانچۇقىدا سوزا.

          مەن تۇراي سەن چىق،

          چىمىلدىقىم چىم – چىق.

          دەپ قوشاق ئېيتىپ ئولتۇرغانلارنىڭ بىرسىنىڭ پۇتىنى چىمدىپ چىقىرىۋېتىدۇ. بۇنىڭدا بالىلارنىڭ تاسادىپىي ئىشلارغا سالماق بولۇش، ئاغرىققا، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىشتەك روھى كۈچەيتىلىدۇ. شۇنداقلا شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىكى مۇقەررەرلىك بىلەن تاسادىپىيلىقنىڭ باغلىنىشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپ قايناملىرىدا ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان قىيىنچىلىق ۋە زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرىشكە يېتەكلىنىدۇ.

        ‹‹ئاق تاش، كۆك تاش›› ئويۇنى

        بۇنىڭدا بىر ياكى بىرقانچە بالا بالىلارنى ئويۇنغا مۇنداق قوشاق ئېيتىپ چىللايدۇ:

        ئاق تاش، كۆك تاش،

        دەريادىكى سۈزۈك تاش.

        ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

        ئېغىلىڭدا كالا بارمۇ؟

        ئۈنلۈك، رىتىملىق ئېيتىلغان بۇ قوشاقنى ئاڭلىغان بالىلار ئۆيلىرىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ توپقا قوشۇلۇپ، مەلۇم دەرىجىدە توپلانغاندىن كېيىن ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆڭۈللۈك پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ. بۇ بالىلارنى ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشۇشچانلىق تەربىيىسىگە ئىگە قىلىشتا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە.

         ‹‹دۈم – دۈم›› ئويۇنى

          بۇ ئويۇننى، ئادەتتە، بالىلار توپلىشىپ ئوينايدۇ. ئۇ كۆپىنچە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئوينىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئۇيۇشتۇرغۇچى بالىلاردىن بىرسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى تىزىغا قويۇپ، چاپان ياكى كۆڭلەكنىڭ ئېتىكى بىلەن پۈركەپ تۇرۇپ باشقىلارنى مۆكتۈرىدۇ. ‹‹دۈم – دۈم›› بولغۇچىنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك دۇمبالاپ:

          –– دۈم – دۈم – دۈم،

          –– لەببەي، لەببەي، لەببەي!

          –– ئاتا – ئاناڭ نەدە؟

          –– ئەسكى سامانلىقتا!

          –– نېمە قىلىۋاتىدۇ؟

          –– ئاش ئېتىۋاتىدۇ!

          –– ماڭا قېنى؟

          –– تاختا بېشىغا قويسام قاغا چۇقۇپ كېتىپتۇ.

          –– ماڭ! قارغاڭنى تۇتۇپ كەل!

          دەپ قوشاق ئېيتىپ بالىنى قويۇۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلارنى يوشۇرۇنغان جايىدىن تۇتۇپ كېلەلىسە، تۇتىلغىنى ‹‹دۈم – دۈم›› بولىدۇ. ئەگەر تۇتالمىسا داۋاملىق ‹‹دۈم – دۈم›› بولىدۇ. بۇ ئويۇن بالىلاردىن ھوشيارلىق، سەگەكلىك، چاققانلىق تەلەپ قىلىدۇ.

        ‹‹يامغۇر – ياغىلاق›› ئويۇنى

        بۇنىڭدا بالىلارنىڭ تەبىئەتكە بولغان ئىلتىجاسى ئىپادىلىنىدۇ. بالىلار ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت تەبىئەتنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىپ دەل – دەرەخ، زىرائەتلەر سارغايغاندا، پىژغىرىم ئىسسىق زېمىننى كۆيدۈرگەندە يامغۇر تىلەپ:

         يامغۇر – ياغىلاق،

         ئۆچكە ساغىلاق.

        ئاسماندىكى چوكاننىڭ

        ئەمچىكى يۇمىلاق.

       ئاق بۇلۇت، قارا بۇلۇت

       زىرائەتلەر سارغايدى.

       يامغۇرۇڭنى تۆكسەڭچۇ؟

       ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

       بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق تەبىئەت ھەققىدە دەسلەپكى ساددا چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ .

      ‹‹ئاپتاپ چىق›› ئويۇنى

        بۇنىڭدىمۇ بالىلارنىڭ تەبىئەتكە بولغان ئىلتىجاسى ئىپادىلىنىدۇ. بالىلار سۇغا چۆمۈلگەندە ھاۋا تۇتۇلۇپ قالسا ياكى ھاۋا تۇتۇلۇپ ئۇدا بىرقانچە كۈن يامغۇر ياغسا، قۇياش نۇرىغا، ئاپتاپقا بولغان تەشنالىقىنى تۆۋەندىكى قوشاقنى ئۈنلۈك توۋلاپ ئىپادىلەيدۇ:

        ئاپتاپ چىق، ئاپتاپ چىق،

       ئەسكى چاپان سۆرەپ چىق.

       ئەسكى چاپان بولمىسا،

       يېڭى چاپان سۆرەپ چىق.

       يېڭى چاپان بولمىسا،

       بۇلۇت كەينىدىن ماراپ چىق.

       ماراشقا يول بولمىسا،

      بەش بالاڭنى يېتىلەپ چىق.

       بۇ ئويۇندىمۇ بالىلار تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ چەمبەرچاس باغلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ ھەم بۇ قوشاقنىڭ رىتىملىق، ئاھاڭدارلىق ۋە مۇزىكىلىق ئېيتىلىشى بالىلاردا دەسلەپكى مۇزىكا سىزىمىنى يېتىلدۈرۈشتىمۇ قىىسمەن رول ئوينايدۇ.

       ‹‹چۆچۈرە قاينايدۇ›› ئويۇنى

      بۇ ئويۇندا بىرقانچە بالا توپلىشىپ مۇنداق قوشاق ئېيتىدۇ:

       چۆچۈرە – چۆچۈرە قاينايدۇ،

       ئاپام ماڭا بەرمەيدۇ.

       ئۆزىمۇ بىرنى يېمەيدۇ،

       قازان تۈۋىنى يالايدۇ.

      خەققە مېھمان بولغاندا

      خۇشاللىققا پاتىدۇ.

      ئۆيگە مېھمان كەلگەندە،

      بېشى ئاغرىپ ياتىدۇ.

       بۇ ئويۇندا بالىلارنىڭ چوڭلاردىن كۈتىدىغان ئارزۇسى نامايان بولۇپ، چوڭلارنىڭ تونۇش – بىلىش، قولۇم – قوشنا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – بۇرادەرلەر ئارا مۇناسىۋەتتە بېخىل، پىخسىق بولماسلىقى، مېھماندوست، كەڭ قورساق بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

       مېھماندارچىلىق ئويۇنى (ئاغچە – ئايلام)

       بۇ ئويۇننى، ئادەتتە، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مەكتەپ يېشىغا توشمىغانلار ئوينايدۇ. ئۇلار چوڭلارغا تەقلىد قىلىپ ئۆي ياسايدۇ. ئۆي جابدۇقلىرى كۆپىنچە لايدىن، تاش – كېسەك، ئوتۇن – ياغاچلاردىن بولىدۇ. توپا بىلەن قىر چىقىرىپ ياكى سىزىق سىزىپ ھويلا – ئارام ‹‹ھازىرلىنىدۇ››. ئاندىن ئۆزئارا مېھماندارچىلىق قىلىشىدۇ. مېھمانغا چاقىرغۇچى كەلگەن مېھمانلارنى ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!›› دەپ ئالدىغا چىقىپ خۇش تەبەسسۇم بىلەن ‹‹ئۆيى››گە باشلاپ، ئۆزئارا تەقلىدىي مېھماندارچىلىق قىلىشىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلار چوڭلارنىڭ ئۆي تۇتۇشتىكى ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ.

       لەگلەك ئۇچۇرۇش ئويۇنى

       لەگلەك ئۇچۇرۇش ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قەدىمىي ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر بالىلىرى لەگلەكنى، ئادەتتە، قەغەز، چىغ، ئۆرۈك يېلىمى ياكى بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان يېلىم ۋە يىپ قاتارلىقلار بىلەن ياسايدۇ. لەگلەكنىڭ شەكلى ھەرخىل بولىدۇ. ئۇلار، ئادەتتە، لەگلەكنى باھار پەسلىدە ئۇچۇرىدۇ. خىلمۇ خىل لەگلەكنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلىشىمۇ يېزا – قىشلاقلارغا باھار كەلگەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. بالىلار بۇ ئويۇننى ئوينىغاندا كىمنىڭ لەگلىكى ئەڭ ئېگىز ئۇچسا، شۇ بۇ ئۇيۇندا ئەڭ ياخشى ماھارەت كۆرسەتكەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشتا  چوڭ رول ئوينايدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا بىزدە بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەرخىل، مەزمۇنى مول. بۇ ئويۇنلار قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ھايات پائاليىتىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ مېھماندوست، يۇمۇرىستىك، ئاق كۆڭۈل، خۇشخۇي، ئالىيجاناب، ئەدەپلىك، كەسكىن ۋە قىزغىن خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئويۇنلارنى رەتلەش ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 06- 12 18:32؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-06/12/content_204010.htm