Jump to content

ئەنئەنىۋى سېمانتىكا

ئورنى Wikipedia

ئەنئەنىۋى سېمانتىكا سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى، سۆزنىڭ شەكىللىنىش ئاساسى، سۆز مەنىسىنىڭ ئۆزگىرىشى (سۆز مەنىسىنىڭ كېڭىيىشى، تارىيىشى، كۆچۈشى قاتارلىقلار)نى تەتقىق قىلىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «غۇلاچ» دېگەن سۆز ئەسلىي «قول» ۋە «ئاچ» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان «قول ئاچ» دېگەن سۆز بىرىكمىسى بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ سۆز تارىخىي تاۋۇش ئۆزگىرىشىگە ئۇچراپ، «غۇلاچ» شەكلىدە تۇراقلاشقان. «بوياق» دېگەن سۆز ئەسلىي «رەڭ» دېگەن مەنىدىكى «بوي» سۆزىگە پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچە «- ا»نىڭ ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولغان «بويا -» دېگەن پېئىلغا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «- ق»نىڭ ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. مانا بۇلار سۆز ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنىڭ شەكلى، جەريانى ئېتىمولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىزاھلىنىشى بولۇپ، بۇلارنى ئەنئەنىۋى سېمانتىكا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.