Jump to content

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

ئورنى Wikipedia

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىھالى

[مەنبە تەھرىر]


ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 1991-يىلدىن باشلاپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەر قايسى ئەدەبىي ژۇرناللاردا «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»، «قىيامەتلىك كېسەل»، «گۇناھ»، «كۆز يېشى ۋە ۋەھىمىگە تولغان كۈنلەر»، «بېيجىڭ ئادىمى» قاتارلىق ئون نەچچە پوۋېست؛ «چاقىرىش»، «يىراق سەھرادىكى يېڭى ھېكايە»، «مۇھەببەت» قاتارلىق يىگىرمە پارچىغا يېقىن ھېكايە؛ «تەكلىماكان ئوغلى»، «مىجىت قەلەم ۋە ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان سىرلار»، «مۇھەببەتلىك ھايات» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخبارات؛ «يازغۇچى ۋە ئىنسان تەبىئىتى»، «پروزا ئىجادىيىتىدىكى بىر قانچە مۇھىم روھىي ھالەت» قاتارلىق ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان.

«لاي سۇ ئىچكەن جانلار» ناملىق پوۋېستى 1996-يىلى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرى توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن. «مۇھەببەت» ناملىق ھېكايىسى 2006-يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 1999-يىلى ئۇنىڭ «جان ئوتى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، 2005-يىلى «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2005-يىلى «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئوبزورلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن سىرت ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، تۈركىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات» ناملىق رومانىنى ۋە ئەلىف شەپەقنىڭ «ئىشىق» ناملىق رومانىنى تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان. «يېڭى ھايات» 2008-يىلى 7-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

ئەنۋەر مۇھەممەد 2004-يىلدىن بۇيان «ئەرتۈرك» (Ertürk) تەخەللۇسى بىلەن تور ئەدەبىياتىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قازانغان ياش يازغۇچى بولۇپ، تور بېكەتلىرىدە ھەر خىل تېما ۋە ژانىردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلغان. جۇملىدىن «مودىدىن قالمىغان سالام خەت»، «ئۈچ كۈنلۈك مۇھەببەت»، «ئاق شامال»، «تالىپ بىلەن راھىپ» قاتارلىق ھېكايىلىرى؛ «سېرىق كۈنلەر»، «ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات»، «مەن سېنىڭ داداڭ» قاتارلىق پوۋېستلىرى؛ «ئىككى ھەرەم خاتىرىسى» قاتارلىق يازمىلىرى ئالاھىدە ئالقىشلانغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ توردا ئېلان قىلغان «زىنا ئالدىدا تۇرغان قىز» ناملىق رومانىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 250 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە توردا 20 قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ تارقىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن، بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى بىر نامايەندە ھېسابلىنىدۇ.

يازغۇچىنىڭ يەنە «كۆپۈك» ناملىق تۇنجى رومانى نەشر قىلىنىپ، كەڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. يازغۇچى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد چەتئەلدىكى ۋاقىتلىرىدىمۇ تېنىمسىز ئىزدىنىپ، ئەدەبىي تەرجىمىلەرنى داۋام قىلدى. زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»، ئەھمەد ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» رومانلىرىنى تۈركچىگە ئىجتىھات بىلەن تەرجىمە قىلىپ سۇندى.

بىز ئاپتورنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.


مەنبە: «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» سەھىپىسى

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ شەخسىي تور بېتى: https://uyghars.com/