ئەيساجان يۇنۇس

ئورنى Wikipedia

ئەيساجان يۇنۇس قىسقىچە تەرجىمالى

يۇرتىمىزئاتۇش ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرققىياتىدا نۇرغۇنلىغان يۇرت- ئوغلانلىرىنى ،چىلىشىش پالۋانلىرىنى يېتىشتۇرۇپ چىققان ھەم يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغاتەربىيلەپ بەرگەن.

ئەيساجان يۇنۇسمۇ يۇرتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ 1978-يىلى8-ئاينىڭ 15كۇنى ئاتۇش شەھرىنىڭ ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى لايلىق كەنتىدە بىر دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1984-يىلغىچە ئائىلە تەربيىسىدە بولغان.1984-يىل9-ئايدىن 1989-يىل7-ئايغىچە لايلىق كەنت باشلانغۇچ مەكتىۋىدە،1989-يىل 9-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە ئۈستۈنئاتۇش يېزا قايراق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە،1992-يىل 7-ئايدىن 1992-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغچە ئاتۇش شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى ساۋاقداشلار، دوستلار ئارا ،يۇرتلار ئارا چىلىشىش مۇسابىقىسىسى ئۇنى بىردىن بىر چىلىشىش تىرنىرلىرىغا بايقاش پۇرىسىتى يارىتىپ 1994-يىلى8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىنچە ئىلىپ بىرىلغان 7-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ خەلقئاراچە چىلىشىش تۇرىدە ئۆز گورۇپپىسىدا 1-بولۇپ ئالتۇن مىدال ئالغان.ھەم بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ تالىشىشىغا ئىرىشكەن.

1994-يىل 9-ئايدىن1998-يىل 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىۋىنىڭ چىلىشىش كەسپىدە ئوقۇغان.ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇش، بىر تەرەپتىن مەشىق قىلىشنى كۇچەيتىپ ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە كۆپ قىتىم مەملىكەت،ئاپتونۇم رايۇنلۇق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن.

1995-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىنچە ئىلىپ بىرىلغان 8-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ خەلقئاراچە چىلىشىش تۇرىدە ئۆز گورۇپپىسىدا 3-بولۇپ مىس مىدال ئالغان.

1996-يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيپىڭدا ئۆتكۇزۇلگەن مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ خەلىقئاراچە چىلىشىش تۇرىدە شىنجاڭغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ 2-بولغان،ھەم كۇمۇش مىدال ئالغان.

1998-يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ بۇدىڭدا ئۆتكۇزۇلگەن مەملىكەتلىك ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇرچە چىلىشىش تۇرىدە شىنجاڭغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ 1-بولغان،ھەم ئالتۇن مىدال ئالغان.

1998-يىلى شىنجاڭ كورلىدا ئۆتكۇزۇلگەن 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇرچە چىلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 5-بولغان.

1998-يىل 9-ئايدىن 2001-يىل 7-ئايغىچە شىنجاڭ سىفەن داشۇسىدە تەنتەربىيە كەسپىدە ئوقۇپ ئالىي تىخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان.

2001-يىلى كەسىپ ئۆزگەرتىپ 3-ئايدىن 7-ئايغىچە بىيجىڭ تەنتەربىيە داشۇسىنىڭ ئەركىن مۇشلىشىش كەسپىدەبىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن.ھەم ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىۋىنىڭ ئەەركىن مۇشلىشىش كوماندىسىنىڭ تىرنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كىلىۋاتىدۇ.

ئۇ يەنە 2002-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ غۇلجا شەھرىدە ئۆتكۇزۇلگەن 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە موڭغۇلچە چىلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئىككى تۇردە 1-بولۇپ ئىككى ئالتۇن مىدال ئالغان.

2006-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ بورتالا شەھرىدە ئۆتكۇزۇلگەن 6-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە يېزۇچە چىلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئىككى تۇردە 1-بولۇپ ئىككى ئالتۇن مىدال ئالغان.

ئەيساجان يۇنۇس تەربىيلىگەن ئەزىمەتلەر 2002-يىلدىن 2006-يىل 10-ئايغىچە شىنجاڭدا ئۆتكۇزۇلگەن ھەر تۇرلۇك ئەركىن مۇشلىشىش مۇسابىقىسىدە 16ئالتۇن مىدال،14كۆمۇچ مىدال ئالغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ تىزپۇكمەس ئىرادىسى،زىرىكمەس تىرىشچانلىقى،يۇكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن يىقىنقى تۆت يىل مابەينىدە ئاپتونۇم رايۇنلۇق كەسپىي كوماندىغاتۆت نەپەر،مەملىكەتلىك كوماندىسىغا ئىككى نەپەر تەنھەركەتچى يېتىشتۇرۇپ بەرگەن.

بىز بۇ قەيسەر،ئىرادىلىك ياشنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىسىدە تىخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرىشىگە تىلەكداشمىز.