ئەيسىنگېرو نۇرخاچ

ئورنى Wikipedia

مانجۇلارنىڭ داھىسى-ئەيسىنگېرو نۇرخاچ


چىڭ سۇلالىسى شەرقى شىمالدا كۈچىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا شەرقى شىمالدا ھالاك بولغان. چىڭ سۇلالىسى جوڭگودىكى 200 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن تۆت چوڭ خاندانلىقنىڭ بىرى بoلۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى ۋە جۇڭگودىكى تارىخچىلارنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى بولۇپ كەلمەكتە.

نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ؟ چۈنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەيسىنگىرو نۇرخاچ بىر ئازسانلىق مىللەتتىن كىلىپ چىققان. ئۇ چاغلاردا بۇ ئازسانلىق مىللەت «مانجۇ» دەپ ئاتالمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى «جورجىتلار» دەپ ئاتايتى. جورجىتلار يېزىقى يوق مىللەت بولۇپ، ئۇلار نەچچە ئون قەبىلىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلىپ تۇرمۇش ككچۈرىدىغان، نوپۇسىمۇ مىليۇنغا بارمايدىغان، يېزىقىمۇ يوق بىر مىللەتتىن نۇرخاچقا ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ چىقىپ، جوڭگودىكى 50 نەچچە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ 296 يىل ھۆكۈم سۈرگەن چىڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ئۇل سېلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. نۇرخاچنىڭ تالانتى تۇغما تالانتمۇ ياكى ئۇ بىرەر يەردە ئىلىم تەھسىل قىلغانمۇ؟ ئۇ قانداق قىلىپ ئۆزىدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۈچلۈك مىڭ سۇلالىسنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئول سالىدۇ؟ ئۇ قانداق قىلىپ چاك-چېكىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن جورجىتلارنى ئۆز بايرىقىنىڭ ئاستىغا يىغىپ، يېڭى يېزىق ئىجات قىلىپ، جەڭگىۋار، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قۇشۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ؟ 44 يىلدا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن قۇشۇنى بىلەن 12 قېتىم غەلبىلىك جەڭ قىلغان. پەقەت ئەڭ ئاخىرقى نىڭيۇەن ئۇرۇشىدا يۇەن چوڭخۇەنگە يېڭىلىپ قالغان ۋە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈلۈپ كەتكەن. ئۇ كىيىكىلەرگە نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن...


ئەيسىنگېرو نۇرخاچ 1559-يىلى شەرقى شىمالدا بىر قۇلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 12يېشىدا ئانىسى تۈگەپ كەتكەن. دادىسى قايتا توي قىلغاندىن كىيىن ئۆگەي ئانىنىڭ ياخشى كۈرىشىگە ئىرىشەلمەي چەتكە قېقىلغان. ئۇ توي قىلغاندىمۇ ھىچقانداق مال-مۈلۈككە ئىگە بولالمىغان. تاغدىن موگو تىرىپ، ئۇتۇن كەسلەپ بازاردا سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن. مانا مۇشۇنداق بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن نۇرخاچ قانداقلارچە بىر دەۋىرنىڭ سەركەردىسى ۋە كىيىنكىلەرنىڭ تەتقىقات ئۇبىكتى بۇلۇپ قالىدۇ؟ ئۇ 1583-يىلى 25 ياشقا قەدەم قۇيغانغا قەدەر بىر نامرات، ئاددەتىكى بىر پۇقرا سۈپىتىدە ياشاپ كەلگەن...

بىر ئادەمنىڭ دۇنيا چېمپىيۇنى بۇلۇش ئۈچۈن 156 خىل ئامىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىككەن، ئۇنداق بولسا نۇرخاچنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ غەلبە قىلىشى قانداق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

(1) ئەيسىنگىرو نۇرخاچنىڭ ئائىلىسىنىڭ شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇ كىچىكلا يىتىم قالغان. ئۆگەي ئانا ئۇنى يەكلەپ نۇرخاچنىڭ كىچىكلا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشاش خاراكتىرىنى يىتىلدۈرگەن ھەمدە بىر ئامال قىلىپ ئائىلىسىگە تايانماي پۇل تېپىپ جېنىنى بېقىشقا تىرىشقان. ئىمكانقەدەر ئۆگەي ئانا ۋە ئېنى-سىڭىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. (2) ئۇ موگو تىرىپ، ئۇتۇن كەسلەپ بازاردا سېتىپ پۇل تېپىش جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تۇنۇشقان ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىنى ئېگەلەشكە پۇرسەت بولغان. (3) نۇرخاچ ناھايىتىمۇ كەڭ قۇساق كىشى بۇلۇپ، ئۇڭاي ئاچىلانمايدۇ. كىشىلەرنى ئۈزىگە مايىل قىلىشقا ماھىر كىشىكەن. (4) ئۇ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىللەردە، شىمالدا چارروسىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى تېخى چوڭ ھىنگان تاغلىرىغا كەلمىگەن، شەرقىدە چاۋشەن بىلەن ياپۇنىيە ئۇرۇشۇپ چاۋشەن قاتتىق ھالسىرىغان، جەنۇبىدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى ۋەنلى ئەيىش-ىشرەتكە بىرىلىپ ھەتتاكى 20 يىلغىچە ئوردىغا چىقمىغان ۋاقىتلىرى، غەربتە بولسا مۇڭغۇلار نەچچە قەبىلىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بۆلۇپ كۈچى تولىمۇ ئاجىز ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدىكەن... (5) جورجىتلارنىڭ ئىچىدىمۇ نەچچە قەبىلە بۆلۇپ ھىچقانداق بىرلىك يوق. (6) مىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقى شىمالدا تۇرۇشلۇق ھەربى ئەمەلدارى لى چېڭلياڭ جورجىتلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش جېڭىدە، شەھەرنى توپقا تۇتۇپ نۇرخاچنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنى ئۆلتۇرۈۋېتىپ، نۇرخاچنىڭ ياش قەلبىگە قىساس ئۇرۇقىنى تېرىپ قويىدۇ. (7) مىڭ خاندانلىقى نۇرخاچنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنى خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 30 تۇياق ئات ۋە 30 نەپەر مالاي ۋە كىچىك مەنسەپ سوۋغا قىلىدۇ. (8) نۇرخاچ شۇ قېتىمقى شەھەرنى قىزىل يۇپۇقلۇق زەمبىرەك بىلەن بومباردىمان قىلغاندا ئۈلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئۆز يېنىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، قىساس ئېلىش پەيتىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۈزىگە بىرىلگەن مەنسەپتىن پايدىلىنىپ نەچچە يۈز كىشىلىك قۇشۇن تەشكىلەش شارائىتىنى ھازىرلايدۇ.


نۇرخاچنى ئالدى بىلەن ھەربى ئالىم دىيىش كېرەك. ئۇ خېتو ئالانى قوغداش جېڭىدە 10 مىڭ كىشىلىك قۇشۇنى بىلەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ تۆت يولغا بۆلۈنۈپ نۇرخاچنى قورشاشقا كەلگەن 40 نەچچە مىڭ كىشىلىك قۇشۇنىنى تارمار قىلىدۇ. ئاز قۇشۇن بىلەن كۆپنى يېڭىش، تەلەي بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، باشقىلارنى ۋە ئۈزىنى بىلىش، يەر شارائىتى، ھاۋا كىلىماتى، قۇشۇنىڭ قانداق جايدا جەڭ قىلسا ئۈزىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئەۋزەلىكىنى بىلىپ يىتىش كېرەك. پىسخىكا ئامىلىمۇ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. مىڭ خاندانلىقىنىڭ قۇشۇنى ئادەم سانىنىڭ كۆپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، نۇرخاچنىڭ قىسىملىرىنى پىسەنتىگە ئالمىغان، ھەمدە شەرقى شىمالنىڭ قىشتا ناھايىتىمۇ سوغاق بۇلۇشتەك ھاۋا كىلىماتىنى، يەرشەكلىنىڭ مىڭ خاندانلىقى قۇشۇنىغا ناتۇنۇش، بىراق نۇرخاچقا بەش قولدەك ئايانلىقىنى نەزەرگە ئالمىغان. نۇرخاچنىڭ بۇرۇندىن جەڭ قىلىپ باقمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى بىر پەشۋاغا يارىمايدۇ دەپ قارىغان. شۇنداق ئامىلار يىغىلىپ نۇرخاچنىڭ بۇ قېتىمقى جەڭدە يېڭىش ئىمكانىيىتىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ بەرگەن. بۇ نوقتىنى ئوبدان بىلگەن نۇرخاچ، قۇشۇننى يىغىپ تۆت يولغا بۆلۈنگەن قۇشۇننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى قۇشۇنىنى تارمار قىلىپ، ئارقا سەپ تەمىناتىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋەتكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم بىرىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، مىڭ خاندانلىقى قۇشۇنىنى زىمىستان سوغاقتا ئوزۇق-تۇلۈكسىز قالدۇرۇپ، مەغلۇبىيەت گىرداۋىغا ئاپىرىپ قۇيغان. خېتوئالانى قۇرشاش جېڭىدە مىڭ خاندانلىقى مەغلۇپ بولۇپ، نۇرخاچنىڭ جورجىتلار ئىچىدە ئىناۋىتى ئۈسۈپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قايىلىقىنى قوزغىغان.

نۇرخاچ مىڭ خاندانلىقىنىڭ قۇشۇنى يېتىپ كەلگەن كۈنى ئاخشىمى بۇرۇنقىدەكلا خاتىرجەم تامىقىنى يەپ، ئۇيقىسىنى ئۇخلىغان. ئەتىراپىدىكىلەر ئۇنىڭدىن ۋەزىيەتنىڭ جىددىلىكىنى ئەسكەرتكەندە، نۇرخاچ كۈلۈپ تۇرۇپ «مەن مىڭ قۇشۇنى كەلمەسمىكىن دەپ ئەنسىرگەن ئىدىم، ئەمدى ئۇلار كەپتۇ، مەن تازا بىر قانغۇچە ئۇخلىۋالاي» دىگەن. مۇشۇنىڭدىنمۇ نۇرخاچنىڭ روھى ساپاسىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

نۇرخاچ ئەمدى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە جورجىتلارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىكىلەر نۇرخاچنىڭ بۇندىن كىيىن كۈچىيىپ كىتىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ قىزىنى نۇرخاچقا بەرمەكچى بولىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا مىڭ قۇشۇنلىرى نۇرخاچقا ھۇجۇم قىلىدۇ. ھېلىقى قەبىلە باشلىقى ئەمدى نۇرخاچ تۈگەشتى دەپ ئويلاپ توي چېيى ئىچۈرۈپ قويغان قىزىنى بەرمەس بۇلۇپ قالىدۇ، مۇشۇ ۋاقىتلاردا سەركەردىلەر بۇ ئىشنى ئاھانەت بىلىپ ھېلىقى قەبىلىگە جازا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، نۇرخاچ ئوتۇرىغا چىقىپ، «بۇ ئۇرۇشنى قىلىشقا بولمايدۇ. قىزىنى بەرمىسە بەرمىسۇن، كىيىنكى كۈنلەردە ماڭا قىزىنى بېرىدىغانلار ئىشىكىمنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرىدۇ، ھازىر ئۇلارغا جازا يۈرۈش قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس» دەيدۇ... مۇشۇنىڭدىن نۇرخاچنىڭ يېراقنى كۆرەر، كۆكسى-قارنى كەڭ كىشى ئىكەنلىكىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.

نۇرخاچ مىڭ خاندانلىقىنىڭ قۇرشاپ ھۇجۇم قىلىشىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن، ھېلىقى ئۆزىگە پۈتۈشۈپ قويغان قىزنى ئۈزى ئالماي ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېلىشىغا يول قويماي، قېرى قىز قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قەبىلە باشلىقىغا قاتتىق ئاھانەت قىلىدۇ. نۇرخاچنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويىدۇ.

نۇرخاچ ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى تۇزلەڭدە جەڭ قىلىشقا ماھىر بۇلۇپ، ئات مىنىش ۋە ئوقيا ئېتىش جەھەتتە ئالاھىدە ئۈستۈنلۇككە ئىگە بولغاچقا، مىڭ خاندانلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، مىڭ قۇشۇنلىرىنى ئالداپ شەھەردىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. مىڭ قۇشۇنلىرى شەھەردىن چىقىپ نۇرخاچ قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا نۇرخاچ قىسىملىرىنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن نۇرخاچنىڭ ئۈزىنى ۋە باشقىلارنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.

نۇرخاچ سەككىز تۇغلۇق قۇشۇننىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، سەككىز خىل بايراق ئاستىغا پۇتۈن جورجىتلارنى ئۇيۇشتۇرغان، چاك-چىكىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن جورجىتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، موڭغۇل تۆپىلىكىدىكى باشقا مىللەتلەرنىمۇ مۇشۇ بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرغان. ئۇلار تىنچ دەۋىردە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇلانسا، ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەرقايسى قىسىملار ئۈزىنىڭ بايرىقى ئاستىغا جەم بولغان. ھەمدە 300 كىشىلىك قۇشۇننى بىر ئاقساقال، ھەر 5 ئادەمگە بىر باشلىق بىكىتىپ، قۇشۇننىڭ سانى ۋە ئىنتىزامىنى كۈچەيتكەن.

نۇرخاچ بىر قېتىملىق مىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئوقيا تىگىپ ئېغىر يارلانغان، كىيىن نۇرخاچنى يارلاندۇرغان ئەسكەرنى تۇتۇپ نۇرخاچنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، نۇرخاچ ھىلىقى ئەسكەرنى قۇيۇۋېتىپ ئۆزىگە ئەسكەر قىلىۋالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە خانى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. بۇ ئەسكەر ھەقىقەتەن باتۇر، مەرگەن ئىكەن، بۇنداق ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈش بىھۇدە ئىش، ئۇ بۇندىن كىيىن مەن ئۈچۈن بىرقانچە دۈشمەننى كۆپ ئۆلتۈرسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟!»

شۇنىڭدىن كىيىن قۇشۇندىكى ئەسكەرلەر نۇرخاچقا سادىق بولۇپ، كۆپ دۈشمەن ئۆلتۈرسە ئۆزىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشقان. بۇ ئىش قۇشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى قىسمەن دەرىجىدە ئۆستۈرگەن...


نۇرخاچ-بىر سىياسىيۇن.

جورجىتلارنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە قارشى چىقىشى تاسادىپى ۋەقە ئەمەس. مىڭ خاندانلىقىنىڭ شەرقى-شىمالدا تۇرۇشلۇق ھەربى ئەمەلدارى لى چېڭلياڭ ئۆزىنىڭ ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ، جورجىتلارنى قاتتىق ئەزگەن ۋە خورلىغان. بىراق جورجىتلارنىڭ كۆپ قېتىملىق قارشىلىقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. سەۋەبى جورجىتلار ئىتتىپاق ئەمەس بولۇپ، ئون نەچچە قەبىلىگە بۈلۈنۈپ كەتكەن، ھەر تەرەپ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن بولغاچقا، ھەل قىلغۇچ پەيتتە ئۆز-ئارا ياردەمدە بولمىغان. بۇنى كۈرۈپ يەتكەن نۇرخاچ ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتە چۇقۇم بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇشنىڭ زۆرۆرلىكىنى بايقىغان. ھەمدە ئۈزىنىڭ دۈشمىنىنى ئېنىق قىلىپ مىڭ خاندانلىقى قىلىپ بېكىتىپ، غەربتە موڭغۇلار بىلەن، شەرقتە چاۋشەنلىكلەر بىلەن ئىتتىپاقلاشقان...

ئەينى ۋاقىتتا جورجىتلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ كۈچى ئوخشاش بولمىغاچقا، نۇرخاچ ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى بېكىتىپ چىققان:

كۈچلۈكلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش، ئاجىزلارنى ئۈزىگە قېتىۋېلىش. يىراقتىكىلەر بىلەن ئىناق ئۈتۈش، يېقىندىكىلىرىنى قېتىۋېلىش. موڭغۇلارغا قىز بېرىش ۋە موڭغۇلارنىڭ قىزلىرىنى كىلىن قىلىپ قوش تۇقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى شەكۈللەندۈرۈش. مىڭ خاندانلىقىنى يوقۇتۇشتا ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش. موڭغۇلاردىن ۋە مىڭ سۇلالىسىگە قارشى خەنزۇلاردىنمۇ سەككىز خۇشۇنلۇق قۇشۇن تەشكىلەش...

نۇرخاچ يۇقارقىدەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى بىكىتىپ. قەدەممۇ-قەدەم جورجىتلارنى ئۆز بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرسا، موڭغۇل، چاۋشيەن مىللىتى قاتارلىقلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە بولغان ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئۈزىنى تەھدىت دەپ قارىغۇزمىغان.

نۇرجاچ ئۆزىنى مەركەز قىلغان، سەككىز تورە بەگ ۋە بەش ۋەزىردىن تەركىپ تاپقان كېڭەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، چوڭ ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، يۇقۇرى قاتلامدىن تەركىپ تاپقان جەمھۇرىيەت تۈزۈمى يەنى ئىپتىدائى جۇمھۇرىيەت تۈزىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

نۇرخاچ ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ يېزىقى يوقلىقى سەۋەبى تۈپەيلى، نۇرغۇن ئەمىر-پەرمان ۋە بۇيرۇق چۈشۈرۈش، ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشتا زور قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغان. ھەمدە ھۆكۈمرانلىقنىڭ داۋام ئىتىشى شۇنداقلا مىللەتنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېزىقنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى چوڭلىقىنى ھىس قىلىپ، موڭغۇل يېزىقى ئىلىپبەسى ئاساسىدا مانجۇچە يېزىقنى كەشىپ قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جورجىتلار ئارىسىدا قوللانغان.

نۇرخاچ 1616-يىلى رەسمى تۈردە دۆلەت قۇرۇپ، دۆلەت نامىنى «جىن» دەپ ئاتىغان. كىيىنكىلەر بۇنى «كىيىنكى جىن» دەپ ئاتىغان. بۇرۇنمۇ جورجىتلار «جىن سۇلالىسى»نى قۇرغان. شۇڭا «كىيىنكى جىن» دەپ ئاتىشى نورمال ئىش ئىدى. دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن پۈتۈن شەرقى شىمالدا جورجىتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيىتى شەكىلەنگەن. نۇرخاچ 25 يېشىدىن باشلاپ قولىغا قورال ئېلىپ 34 يىل جەڭ قىلىپ 58 يېشىدا جىن پادىشالىقىنىڭ پادىشاھى بولغان.

نۇرخاچ، چىن شىخۇاڭ قۇرغان چىن سۇلالىسىدىن تارتىپ مىڭ سۇلالىسىگە قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ھەربى ئىشلاردىكى رولىنى ئاساسى جەھەتتىن يوققا چىقارغان. چۈنكى ئىلگىرىكى سۇلالىلەر سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدىكى مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىيالمىغان. پەقەت قىز بىرىش ئارقىلىق ۋاقىتلىق تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە سەدىچىن سېپىلىنى ئۇزارتىپ سالدۇرغان. نۇرخاچ بولسا موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى مىللەتلەرگە قىز بېرىش ۋە قىز ئېلىشتەك تەڭ باراۋەر رەسمى تۇققاندارچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈزۈن يىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆچمەنلىكنى يوقۇتۇپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ 296 يىل ھۆكۈم سۈرىشىدە سېرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئەندىشىسىنى تۈگەتكەن.

نۇرخاچ پايتەختنى شېنياڭغا يۆتكەشتەك ئاقىلانە قارار چىقىرىپ، يەر شەكلى، مۇھىت، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكتىن پايدىلانغان. ئەينى ۋاقىتتا شېنياڭنىڭ ھەربى، سىياسى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىگە بىۋاستە تەھدىت سالغىلى بولاتتى. مۇداپىئەلەنمەك ۋە ھۇجۇم قىلماق ئاسان بۇلۇشتەك ئەۋزەلىككىمۇ ئىگە ئىدى، شۇنداقلا چاۋشەننىڭ مىڭ سۇلالىسىگە ياردەم بىرىش يۇلىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگىلى بولاتتى.

نۇرخاچ دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، كېمەسازلىق ۋە كانچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان، دېھقانچىلىققا لاۋزىمەتلىك تۈمۈرلەرنى تاۋلاتقۇزغان. ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پىشىقلاپ ئىشلەپ سودىدا ئالماشتۇرۇشتا ئەۋزەلىككە ئىرىشكەن.

گەرچە نۇرخاچ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئىنسان بۇلۇش سۈپىتى بىلەن خاتالىقتىنمۇ خالى ئەمەس. ئۇ پايتەختنى شېنياڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن، خەنزۇ پۇقرالىرىنى چەتكە قاققان ۋە بۇيۇنتاۋلىق قىلغانلارنى قىرغان. دېھقانچىلىقتا تەجىرىبىسى بار خەنزۇ دېھقانلار يەرلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن ۋە كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ نۇرخاچقا قارشى چىققان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا قىسمەن تەسىر يەتكەن.

نۇرخاچ 44 يىل غەلبىلىك جەڭ قىلىپ، ئەڭ ئاخىردا غەلبىدىن مەيۈسلىنىش كەيپىياتىدا بولۇپ، نىڭيۇەنگە قىلغان ئۇرۇشتا، دۈشمەننىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپلا قۇشۇن تارتىپ چىققان. نىڭيۇەننى ساقلاپ تۇرغان مىڭ خاندانلىقىنىڭ سەركەردىسى يۇەن چوڭخۇەن ناھايىتىمۇ تەدبىرلىك سەركەردە بولۇپ، نەچچە يىلدىن بۇيان مىڭ خاندانلىقى قۇشۇنلىرىنىڭ نۇرخاچقا يېڭىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدى. شۇڭا ئۇ نۇرخاچ قوشۇن تارتىپ كەلگەندە شەھەردىن چىقماي شەھەرنى چىڭ ساقلاپ ياتقان. ھەمدە گولاندىيەدىن كىرگۈزۈلگەن قىزىل يۇپۇقلۇق زەمبىرەكنى شەھەر قۇۋىقا ئۇرۇنلاشتۇرغان. ھىچقانداق دۈشمەن ئەھۋالىنى بىلمىگەن نۇرخاچ بىۋاستە قۇشۇننى باشلاپ شەھەر سېپىلىغا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە زەمبىرەك ئوقىدا يارىلانغان نۇرخاچ 1626-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆلگەن.

نۇرخاچ ھەربى بىلىمنى نەدىن ئۆگەندى؟ سىياسى ئىشلارنى نەدىن ئۆگەندى؟ ئۇ خەت تۇنۇمدۇ؟ ئۇنىڭ فامىلىسى قانداق قىلىپ ئەيسىنگىرو بۇلۇپ قالدى؟ (نۇرخاچنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى تاكاش، بوۋىسىنىڭ ئىسمى جۆ چاڭئەن ئىدى) قاتارلىق نۇرغۇن سۇئاللار تارىخچىلارنىڭ ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

«سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىسىنى ئۇنۇتما» دىگەن ماقال-تەمىسىل بار. نۇرخاچ قازغان بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچكەن مانجۇلار، 296 يىل ئۆزىنىڭ مانجۇ بولۇپ قالغانلىقىدىن پەخىرلەنگەن. نەچچە يۈز مىليۇن كىشىلەر مانجۇلارغا ھەۋەس قىلغان، ئۆزىنىڭ مانجۇ بولۇپ تۇغۇلۇپ قالمىغانلىقىدىن ئۈكۈنگەنلەرمۇ بەلكىم كۆپ بولۇشى مومكىن. ئەينى ۋاقىتتا بەكمۇ ئاجىز، قەبىلە تۈزۈمىدىكى جورجىتلارنىڭ نەچچە مىليۇن كۇۋادىراتنى كىلومىتىرلىق زىمىننىڭ ئېگىسى بولالىشىنى، نۇرخاچقا ئوخشاش بىر ئەركەكنىڭ تۆھپىسى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ. جورجىتلارنىڭ مانجۇ مىللىتى بولۇپ شەكىلىنىشىگە ۋە ھازىرقىدەك نۇپۇس سانى 16 مىليۇنغا كۆپىيىشىدە نۇرخاچنىڭ ھەسسىسى ناھايىتى كۆپ. بەزى تار مىللەتچى خەنزۇلاردا «نۇرخاچنى تاجاۋۇزچى، ئۇ بىزلەرنى 296 يىل قۇل قىلغان، تېرىتورىيىمىزنى بېسىۋالغان» دەپ تىل ھاقارەت سالغانلارمۇ بولدى. ناۋادا نۇرخاچ شەرقى شىمالدا باش كۆتۈرۈپ چىقمىغان ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلساق، جوڭگونىڭ بۈگۈنكىدەك تېرىتۇرىيەگە ئىگە بولۇشى مومكىن ئەمەس.

1368-يىلى جۇ يۇەنجاڭ مىڭ خاندانلىقىنى قۇرۇپ، مىڭ ۋەنلى خانغا كەلگەندە، مىڭ سۇلالىسى ئاساسى جەھەتتىن چىرىكلىشىپ زاۋالىغا يەتكەن. پادىشا مىڭ ۋەنلى كۈنلىرىنى ئەيشى-ئىشرەت، كەيىپ-ساپا بىلەن ئۆتكۈزۈپ، 20 يىلغىچە ئوردىغا چىقمىغان. ئۇ كۆرۈشمەسلىك، تەستىقلىماسلىق پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغان، پۇقرالاردىن سېلىقنى ھەددى-ھېساپسىز ئېلىپ زار-زار قاخشاتقان، قۇشۇننىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى ئاجىزلاپ، ھوقوقدارلارنىڭ پۇقرالارغا سالغان زۇلۇمى چىكىگە يەتكەن... مانا مۇشۇنداق ھالغا چۈشكەن مىڭ خاندانلىقى قانداقمۇ شىمالدىكى چارروسىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرالىسۇن؟ قانداقسىگە زىمىنىنى غەربى شىمالدا بالقاش كۆلىگىچە كېڭەيتەلىسۇن؟

نۇرخاچ ئاساس سېلىپ بەرگەن چىڭ خاندانلىقىڭ تەسىر كۈچى بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كاڭشى زامانىسىدا روسىيە بىلەن «نىبچۇ شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، جوڭگو ۋە روسىيەنىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن. ناۋادا مىڭ خاندانلىقى بولغان بولسا چارروسىيە جوڭگونىڭ قانچىلىك زىمىنى بېسىۋالغان بولاتتى ھە؟!

چىڭ خاندانلىقى كۈچلۈك چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى باستۇرۇپ كىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بەلكىم يەنە نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى نۇرخاچ تۈزگەن ئەجداتلار بەلگىلىمىسىدە، خان بولغۇچى كىچىگىدىن تىرىشچان، ئىقتىساتچان بۇلۇش، خان تەڭرىنىڭ ئوغلى، پۇقرالار پادىشانىڭ پەرزەنتى دەپ قاراپ كەلگەچكە، چىڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن 12 پادىشانىڭ بىرىمۇ ئەيىش-ئىشرەت، كەيىپ-ساپاغا بىرىلمىگەن. ھەركىمنىڭ قابىلىيىتى ۋە دەۋىرنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلى قوشقان توھپىسى ئوخشاشمىغان خالاس!

تارىختىن بۇيان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىش ياكى خاراپ بولۇشى، شۇ مىللەتتىن چىققان سەركىگە باغلىق. سىزنى باشلىغان سەركە بوستانلىققا باشلىسا بوستانلىققا، چۆلگە باشلىسا چولگە بارىدىغان گەپ... مىڭزى «بىر مىللەتتىن 500 يىلدا بىر سەركەردە چىقىدۇ» دەپتىكەن. بەلكىم 300 يىلدا ياكى 700 يىلدا چىقىشىمۇ مۇمكىن. بىزنىڭ نۇرخاچتىن ئىبارەت بۇ تارىخى شەخستىن ئۆگىنىدىغىنىمىز كۆپ. ئۇ مەيلى قانداقلا ئىش قىلسۇن تارىختىكى مەشھۇر شەخس!.