Jump to content

ئەپسۇنلانغان باشلار، باغلانغان ئىرادىلەر

ئورنى Wikipedia

ئەپسۇنلانغان باشلار، باغلانغان ئىرادىلەر

پىكىرگە پىكىر بىلەن جاۋاب قايتۇرالمىغاننى ئاز دەپ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەنقىدلەرنى، خۇسۇسەن ئۆلىمالىق ئىددىئاسى بىلەن مىللەتكە خىتاب قىلىۋاتقان ئەھلى ئىلىملەر توپىنىڭ دىن ۋە مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ئەسلىتىلگەن، شۇنداقلا مەسىلىنىڭ سەل قارىغۇسىز ئەھمىيىتى ۋە ۋەزنىگە قارىتا يېزىلغان ئوبزورلارنى بۇ ئەسلىدە «كونا پىتنىنى ئۇلغايتىش»، «بۇ بىر قۇترىتىش» دەپ گەپ يورغىلىتىش، قانداقتۇر خاۋارىجلارچە تەكفىر قىلىپ سېسىتىشقا مادارى يەتمىگەندە سىياسىي ئۇششۇقلۇقتىن مەدەت ئىزدەپ تۆھمەت ياسايدىغانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە تەنقىد قىلغۇچىنى «خىتايغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەندەك ئىما - ئىشارەتلەرنى قىلىپ كىشىلەرنى پەرۋاسىزلىققا ئۈندەش، رازمېرى ئېلاستىكىلىشىپ كەتكەن كوممۇنا دەۋرىدىن مىراس قالغان رېزىنكە قالپاقلارنى تەييارلاپ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەققانىي ئىرادىسىنى چۆنتىكىگە ئېسىلىپراق تۇرۇشقا شەپە بېرىپ يۇمىشىتىش ياكى ئاقماس مەنسەپتىن بىرەرسىگە ئىلىنىشتۈرۈپ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە چىرىك خاراكتېرنىڭ ۋە خاراكتېرسىزلىشىشىنى يولسىزچە مۇداپىئە قىلىشتەك بىنورمال پىسخىكىغا مۇپتىلا بولغانلىقنىڭ، زېھنىي تەلۋىلىكتە چوققىغا يەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. ئەگەر مەقسەت سەمىمىيەتلىكتىن ئۆتۈپ شەخسىي خاھىشلارنىڭ ئىستەكلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەسىلىنى قاش - قاپاق ئىشارىتى بىلەن بېسىقتۇرۇش ياكى بولسا جىملا بولۇۋېلىشسا ھەر ئىش ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن ئۇنتۇلىدىغانلىق خىيالىنى خام ئەيلەپ بولۇۋېلىش بولسا، دىن ۋە دىنىي ساھەنىڭ يىپىنى ئۆز قولىدا چاغلاپ يۈرۈشكەن بۇ تۈر تىپلارنىڭ بىر بولسا مۇئەييەن مەنپەئەتنىڭ ھىمايىچىلىقىنى كۆتۈرىگە ئېلىۋالغانلىقتىن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى بولمىسا مەدرىسە ھاياتىدا قارغىش ئالغان بەغەرەز تىپلار بىلەن ئوخشاش بىر قېلىپتا قۇيۇلغان مۇتەئەسسىپ تەلۋىلەر ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا بۇ مەزكۇر تىپلارنىڭ دىن ئوقۇش تارىخىدا پەيغەمبەرنىڭ ئىسلاھات مېتودىنى «ئىبارەت تەرجىمە قىلىش»تىن ھالقىتىپ ئاڭلىق يوسۇندا چۈشىنىپ ئوقۇپ باقمىغان تەپەككۇرغا گال ۋەزخانلار ئىكەنلىكىنى، ياكى بولمىسا دۇنيا كۆزى بىلەن رېئال دۇنيانى ئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپ پىكىر قىلماستىن دەرس ھەلقىسى بىلەن ئۆيى ئوتتۇرىسىدا قاتراپ ئۆتۈپ كەتكەن بېكىنمە دۇنيانىڭ ماشايىخلىرىنى ئۇستاز تۇتۇش جەريانىدا شۇلارنىڭ قارىسىغا كەتكەن بىتەلەي تالىپلار جۈملىسىدىن ئىكەنلىكلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى بۇ خىل تىپلار ئوقۇغان دىن ئىلمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كىرىزىسىغا قانچىلىك مۇھىم ھەمدە قانداق رولى ۋە ئەھمىيىتى بارلىقىنىمۇ ئاڭقىرىپ بولالمىغان، چالا تالىپلىقتىن موللىلىققا، مۇخپىرلىقتىن كادىرلىق ياكى مۇدىرلىققا، ئۆلىمالىقتىن دەۋاچىلىققا قەدەر يۆتكىلىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، خۇددى مەيدان - مەۋقەسىگە ئوخشاشلا قايسى تويغا بارسا قازان بېشىنى ئىگىلەش پېيىدە يۈرىدىغان قورساقباقتىلار كەبى مەنپەئەتپەرەس، تۇراقسىز ۋە مۇزەبزەب تىپلاردۇر. ھەر ئىشقا پۇت سېلىپ ئىشنىڭ بېشى ياكى ئۇچىغا ئىلىنىشقان كۆرۈنىدىغان، ئەمما پۇت سالغان ھەر ئىشنىڭ مۇئەييەن كاتېگورىيەدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇسەللەت بولۇۋالىدىغان، ئۆز يولىدا ئالغا بېسىپ كېتىۋاتقان ئىشلارنىڭ سۈپەتسىزلىشىشى ۋە راۋاج تاپماسلىقى ئۈچۈن، جىسمى بار روھى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ كېرەكسىزلىشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇنداق تىپلارنىڭ ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي ساھەدىكى ئورنىمۇ ئېنىق بولمايدۇ. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ جامائەت ئەربابلىقىمۇ، دىنىي ئۆلىمالىقىمۇ، ژۇرنالىستلىقىمۇ، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلىقىمۇ رەڭ تۈزمىگەن ياكى چويلىغا توختىمىغان، لېكىن قاينىغانلىكى قازاننىڭ باش بۇرجىكىدە ھەيكىلىنى تېپىش مۇمكىن بولىدىغان تىپلاردۇر. مەزكۇر تىپلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ھەمدە تۇتۇمسىزلىقلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئىلىم دەپ ئۆگەنگىنىدىن ئۆرنەك قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرنىڭ ئىلمىدىن كېلىدىغان پەيغەمبەرانە روھ، ھەقپەرەست تۇتۇم بارلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئۇلاردىن كېلىۋاتقان ئىنكاس ۋە مۇئامىلە ئۇسۇلىدىمۇ ئىككى قولىدىن بىرىگە قۇياش، يەنە بىرىگە ئاينى قويسىمۇ ھەقنى سۆزلەشتىن توختىمايدىغان ھەق ئالدىدىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسى، جاسارىتى بوشاپ قالمىغان، ھەمدە مەلۇم مەنپەئەت ياكى ئىستەكلەرگە قارشىلىق سۈكۈتنى تاللاپ باشنى چۆكۈرۈپ تۇرۇپ بېرىشكە رازى بولمىغان ھەققانىيلىق تۇتۇمىدىن ئەسەر كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگەنگەنلىرىنىڭ مۇشرىكلارنىڭ ھەق سۆزلەر بايان قىلىنغىنىدا، نېمىگە قانداق خۇپسەنلىك قىلغانلىقى، قايسى ئىشقا قانداق قالپاق ياسىغانلىقىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ تەجرىبە قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇنى يوشۇرۇن ئېڭىغا سىڭدۈرۈپ بۈگۈنگىچە جاھاندارچىلىقنى قاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارا. بۇ خىل دوگما تىپلار ئۆز خىيالىدا مەلۇم توپنىڭ يىپىنى قولىدىكى ئىقتىسادىي ياراقلارغا تايىنىپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى چوڭ بىلىپ، قانداقتۇر ياغلىق قاپاق مىسالى يىللاردىن ئاتىلىپ قالغان سۈنئىي نام - ئاتاقلىرىنىڭ سايىسىگە تايىنىپ خالىغانچە ياسىغان ئېلاستىكىلىق قالپاقلىرىنى ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىدۇ. ھەق بىلەن قىلىنىۋاتقان تەنقىد - ئوبزورلاردىن كېيىن زېھنىدە سوئال تۇغۇلغان ۋە سىلكىنىپ ئىشلارنىڭ ماھىيىتىگە قىزىققۇچىلارنى ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ھەر تۈرلۈك سۇۋاقچىلىقلارنى قىلىش، قايمۇقتۇرغۇچى قالپاقلارنى ئويدۇرۇش ئارقىلىق قايىل قىلماقچى بولۇشىدۇ. ئەمما ئۇلار شۇنى دىققەتكە ئالمايدۇكى، ئىنسان ئىنسانلىقىدا، ئادىمىيلىكى ئىچىدە ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىدىلا بولىدىكەن، كاللىسىدىكى تۈگۈن يېشىلمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان، قانائەت تاپمايدىغان جانلىقتۇر. ئەگەر ئۇ ئۆز ئەقلىنى بىراۋغا تەسلىم قىلىپ، سوئالىغا بېرىلگەن خاتا جاۋابنىمۇ بولدى قىلغۇدەك بولسا، مەزكۇر بولدى قىلغۇچىنىمۇ دوگمىلىقتا قارشى تەرەپتىن پەرقى يوقلىقىدىن، قانداقتۇر بېقىندىلىقتىن ۋاز كېچەلمەسلىكتىن دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

بىلىش كېرەككى، بىر مەسىلە ئىچكى ئامىلى نۇقتىسىدىن تەنقىدلىنىۋاتسا، تەنقىدلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ ئەسلىي كاشىلىسىنىڭ ئىچكى مېخانىزمىسى ھەققىدە مۇھاكىمە ياكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ خۇلاسە چىقارماستىن، تەنقىد قىلغۇچىغا قارىسىغا قالپاق كىيدۈرۈش تەنقىدكىمۇ، تەنقىدتىن كېيىنكى قويۇلغان سوئاللارغىمۇ جاۋاب بولالمايدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى مەسىلە قۇلاقنى يوپۇرۇۋېلىپ بىلمەسكە سېلىش مەسىلىسى ئەمەس، ئىلىم مەسىلىسى، ھەققانىي تۇتۇم مەسىلىسى ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سوئال سورىقى بولىدىغان «مەيدان، مەۋقە» مەسىلىسىدۇر. بىلمىگەن بولسا بىلىش ئىمكانىيىتى، چۈشەنمىگەن بولسا، پاكىت - دەلىللىرى بىلەن چۈشىنىشكە مەجبۇر بولۇش ۋەزىيىتى تۇرۇپ ھەق يەتكۈزۈلسىمۇ، ئىشنىڭ توغرىسى ھەر تەرىپىدىن دەلىللىك كۆرسىتىلىۋاتسىمۇ ئىلىم ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن سادا چىقىش تۈگۈل تەنقىد قىلغۇچىغا ھەر تۈرلۈك قالپاقلارنى قاداپ ھەممە تەرەپ جىم تۇرۇۋېلىشنىڭ، گەپ قىلماي تۇرۇۋالسا كۈن ئۆتۈپ ئۇنتۇلۇپ توختاپ كېتىشىنى ساقلاشنىڭ قازىنىنى ئېسىش قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاشتەك ئەخمەقلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس.

شۇنداقلا نۆۋەتتىكى مەسىلىمۇ بىر تۈركۈم نا ئەھلىلەرنىڭ ئىش ئىگىسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىق ۋەزىيىتىلا ئەمەس، يەنە مەزكۇر ۋەزىيەتنى ئاڭقىرىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆرۈلمەيۋاتقانلىقى، ھەمدە مەزكۇر بىر - بىرىگە ھەقنى ئەمەس سۈكۈتنى تەۋسىيە قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ ئامال بار بۇزۇلماي داۋاملىشىشىنى گويا «بىرلىك»نى چىڭ تۇتقانلىق، «بىرلەشكەنلىك» دەپ قارىۋېلىش ۋە جىمىكى ئېسىدە بار ھېكمەتلىك سۆزلەرنى، كىتابتىن تېپىلىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلىك دەلىللەرنى مۇشۇ خىل ۋەزىيەتنى قوغداشقا خىزمەت قىلدۇرۇشتەك بىچارىلىكنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىدۇر. ئىمام غەززالىي گۇناھ - مەئسىيەتلىك دۇنيانىڭ دۈم كۆمتۈرۈلمەي، ئىلاھىي جازاغا ئۇچرىماي، زېمىننىڭ يېرىلماي، دېڭىزنىڭ بىسەۋەب تاشماي، مۇنداقچە ئېيتقاندا ناھەقچىلىكلەردىن يېرىلىپ كەتمەستىن يېڭىلىنىپ ۋە داۋاملىشىپ تۇرۇشىدا، ئادىمىزات ھاياتلىقىنىڭ ئۈزۈكچىلىككە يۈز تۇتماسلىقىدا مەزكۇر ئادىمىزات ئارىسىدا ئاز بولسىمۇ بىر بۆلۈك رەببانىيلارنىڭ، ھاياتىنى ۋە ماماتىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان ئاللاھ دوستلىرىنىڭ بولغانلىقىنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھەر بۇزۇلۇشنىڭ تېزلا ھالاكەتكە دۇچ كەلمەسلىكىدە، بۇ ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبنىڭ ئوندىن توققۇزى ئىشقا ئېشىپ بولسا، ئوندىن بىر ئېھتىماللىقتا مەزكۇر بۇزۇلۇشقا قارشى ئۇنى ئىسلاھ قىلىشقا ئۈمىدۋارلارنىڭ بولغىنىدا، ئۇ ئىشنىڭ ئىلاھىي جازانى توسۇپ قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدەك ھېكمەتكە ئىشارەت قىلىدۇ. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەرنىڭ  ئۈممىتى ئىچىدىن ھەقىقەتپەرۋەر بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۈزۈلۈپ قالماي تۇرىدىغانلىق ھەققىدىكى ئالدىن بېشارىتىنىڭ ۋارىيانتلىرىدىن بولۇپ، مەزكۇر نۇقتىئىنەزەرنى ھەر تۈرلۈك سىستېمىغا، گۇرۇپپىلارغا، بىرلىك ياكى تەشكىلىي چەمبەر ئىچىدىكى توپلارغىمۇ، ھەتتا بىر شەخسكىمۇ تەتبىقلاش مۇمكىن. ئەگەر مۇئەييەن ئۇلۇغۋار ئىددىئالار ئىچىدىكى بىر توپ ياكى تەشكىل ئىچىدە ھەر تۈرلۈك تۇتۇرۇقسىزلىق، چىرىكلىك ۋە ياسالمىلىققا سۈكۈت قىلىش ھۆكۈم سۈرسىمۇ، ئۇنىڭغا پاراللېل ھالدا مەسىلىگە ئىلمىي قاراش ياكى سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدىغانلار تۈگىسە، خاھىش ۋە ئىستەكلەرنىڭ دېگىنى ئەمەس، ئۆزلىرى ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان قىممەت قاراشنىڭ، ئىلىمنىڭ تەلەپ ۋە تەقەززالىرىنىڭ ھېساب قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلار قالمىسا، دېمەك بۇ توپ ياكى تەشكىلنىڭ ئىچى خۇددى قۇرئاندىكى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى ھەققىدىكى ئايەت مىسالى تاشقى قىياپىتى بىر - بىرىگە گىرەلەشكەن، ئەمما ئىچكى دۇنياسى يىمىرىلىش ۋە چۈرۈكلۈككە يۈز تۇتقان، ھالاكىتى ئۇزۇنغا بارمايدىغان ھاشارات ئۇۋىسى بولۇپ قالغانلىقىنى، ھامان ئىچىدىن ۋەيران بولۇشقا مەھكۇم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي بولمايدۇ. شۇنداقلا ئۇلارغا ياراتقۇچى ئاتا قىلغان ئىمكانىيەتلەرنىڭ ئارىلىرىغا داھىي قىلىپ تىكلىۋالغان بىر تۈركۈم ناكەسلەر ۋە ئۇلارغا تابىئىيلىق بىلدۈرگەنلەرنىڭ قولىدا نابۇت بولغانلىقىنىڭ ھېسابى سورىلىدىغانلىقىنى ئەسلەتمەي بولمايدۇ.

ھەر تائىپىدە ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغانلارنىڭ بولۇشى، ھەمدە كۆپ سانلىقنىڭ شۇنداقلارنىڭ تەشكىل قىلىپ قېلىشى ئىجتىمائىيلىقتا مۇمكىن بىر ئىش. لېكىن بۇ ئەسلا نورماللىق بولماستىن بىنورماللىق، غەپلەت باسقانلىقتۇر. مۇتەپەككۇرلار ئېيتقاندەك ئۇيقۇغا كەتكەنلەرنى ئويغاتماق ئاسان. ئەمما ئۇخلىغان بولۇۋالغانلارنى ئويغىتىش مۈشكۈل. باغلاقلىق باشلارنىڭ غەرەزلىك يوليورۇقلارغا قارشى ئىلمىنىڭ، ئەقىدىسى ۋە قىممەت قاراش پىرىنسىپلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشقا تىرىشماسلىقى دەل ئۇلارنىڭ ئۇخلىغان بولۇۋېلىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنداق ئۇخلىۋالغانلار ئۆتكۈنچە سىناقتىن، بولۇپمۇ بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىناقلاردىن ۋاقتىنچە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما ھەق تەجەللى قىلغان كۈندە تارىخنىڭ سوتىدىن، ئاللاھنىڭ مۇقەررەر ئالىدىغان ھېساب - سورىقىدىن قۇتۇلالىشى مۇمكىن ئەمەس. كىشى ۋىجدان سوتىدىنمۇ، تارىخ سوتىدىنمۇ قۇتۇلۇپ كېتەلىشى مۇمكىن، لېكىن ياراتقۇچىنىڭ سوتىدىن ئەسلا...

−بۇرھان مۇھەممەد

2021-06-07


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى