ئەڭ توغرا سائەت

ئورنى Wikipedia


ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سېزىي ئاتوم سائىتى

ئەڭ توغرا سائەت[تەھرىرلەش]

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى سېزىي ئاتوم سائىتى ھازىر دۇنيا بويىچە توغرىلىقى ئەڭ يۇقىرى سائەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ توغرىلىقى ئوننىڭ مىنوس ئونىنىچى دەرىجىسىگە يېتىدۇ. يەنى تەخمىنەن 370 مىڭ يىلدا ئاران بىر سېكۇنت پەرق قىلىدۇ.

سېزىي ئاتوم سائىتى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

سېزىي ئاتوم سائىتى ۋاقىتنى سېزىي ئاتومىنىڭ ئالاھىدە ئېنېرگىيە دەرىجىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆچۈش چاستوتىسى ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ؛ بۇ چاستوتا 9192631770 گېرتسقا يېتىدۇ. كۆرسىتىش ۋە رەقەمنى يېزىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن بىر كۋرتس تەۋرەتكۈچ كونترول قىلىنىپ، ئۇنىڭ تەۋرەش چاستوتىسى ئاتومنىڭ كۆچۈش چاستوتىسىغا ئوخشاش تۇراقلىققا يەتكۈزىلىدۇ. كۋارتس تەۋرەتكۈچنىڭ تەۋرەش چاستوتىسى ئادەتتە بىر نەچچە يۈز مىليون گېرتس بولۇپ بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بەزىدە ئۇ ئېلېكترون لېنىيىسى ئارقىلىق كۋارتس تەۋرەتكۈچنىڭ ئۇزىتىش چاستوتىسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، بىۋاسىتە سائەت يۈزىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ۋاقىتنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • ئەڭ توغرا سائەت
  • سېزىي ئاتوم سائىتى ھەققىدە
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

ھەرقانداق سائەتلىك ئەسۋابلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى دەۋرىيلىكنى ئاساس قىلغان. مېخانىكىلىق ماياتنىكنىڭ ۋاقتى ماياتنىكنىڭ لىڭشىش دەۋرىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ؛ مېخانىكىلىق قول سائىتىنىڭ ۋاقتى ئۇنىڭ قىلىنىڭ لىڭشىش دەۋرىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ؛ شۇنىڭدەك كۋارتسلىق قول سائىتى ۋە كۋارتسلىق سائەتنىڭ بېسىمىدا زەررەتلىنىدىغان كۋارتس كرستالىنىڭ مېخانىكىلىق تەۋرىنىش دەۋرىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. ئاتوم سائىتىنىڭ ۋاقتى بولسا ئاتومنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دەۋرنى ئاساس قىلىدۇ.