ئەڭ چوڭ كېپىنەك

ئورنى Wikipedia

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

نامى :تاغ پىلە قۇرۇتىنىڭ كېپىنىكى

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

تاغ پىلە قۇرتى مارجان پىلە قۇرتى دەپ ئاتىلىدۇ. چوشقا كۈچۈكى پىلە قۇرتى، سافىيوم پىلە قۇرتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ ياۋا پىلە قۇرۇتىدۇر. تاغ پىلە قۇرۇتىنىڭ غوزىكى ئادەتتىكى پىلە قۇرۇتىنىڭ غوزىكىدىن كۆپ دەرىجىدە چوڭ بولۇپ، 50-60 تال غوزەك بىر جىڭ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنى پىلە قۇرۇتى بويىچە چىمپىيون دېيىشكە بولىدۇ.

تاغ پىلە قۇرۇتىنىڭ كېپىنىكى ئاجايىپ چوڭ ۋە چىرايلىق كېلىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە كېپىنەكلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ. ئەركىكى قانىتىنى يايسا، ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر يېتىدۇ؛ چىشىسى قانىتىنى يايسا، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار «كېپىنەكلەر پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ. قەدىمكىلەرنىڭ بۇنى «چوڭ كېپىنەك» دەپ تەسۋىرلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.