ئەگەر «خەلق گېزىتى» «جاۋاب» بەرمەكچى بولسا...
ئەگەر «خەلق گېزىتى» «جاۋاب» بەرمەكچى بولسا...
راست، جاھان كەڭ، خاننىڭ گېپى ئۆتمەيدىغان يەرلەرمۇ بار، دەيدىغان گەپ بار.
«خەلق گېزىتى»گە «ئۆيلەرنى مۇشۇنداق چېقىپ تاشلاشتا كىملەرنىڭ مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلدى؟» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە تەنقىدىي ماقالە بېسىلغانلىقى ئۈچۈن، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دىڭنەن ناھىيىسىدىكىلەر 8- ئاينىڭ 28- كۈنى شۇ ناھىيىگە تارقىتىلىدىغان «خەلق گېزىتى» نى تامامەن باستۇرۇپ قويۇپتۇ. بىر مۇشتەرىنىڭ گېزىت تەھرىر بۆلۈمىگە يازغان خېتىدە دېيىلگىنىدەك، «مەركىزىي پارتىيە گېزىتىنى ئاشكارىدىن - ئاشكارا شۇنداق باستۇرۇپ قويۇشتەك ئېغىر ۋەقەنىڭ بىزنىڭ دىڭنەن ناھىيىمىزدە ئازادلىقتىن بۇيان بىرىنچى قېتىم يۈز بېرىشى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالغاندىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش. بۇ ئەھۋال ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ ھەم كۆڭۈلنى رەنجىتىدۇ!» (9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى خەلق ئىنتېرنېت تورىغا قاراڭ) .
«خەلق گېزىتى» بۇ ئىشقا ناھايىتى دىققەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىشىنىمەنكى، بىز بۇ گېزىتنىڭ جۇڭگودىكى يۈكسەك سىياسىي ئابرۇيىنى ۋە تولىمۇ چوڭ تەسىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، دىڭنەن ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال «مۇشتەرىلەرگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشى» گە ئىنتىزار بولۇشقا ھەقلىقمىز. شۇنداق بولسىمۇ يەنە مۇنداق بىر ئىشنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ: ئەگەر باسۇرۇپ قويۇلغىنى «خەلق گېزىتى» بولماي، باشقا بىرەر «كىچىك گېزىت» بولۇپ قالسا، شۇ چاغدىمۇ شۇنداق ئىنتىزار بولارمىدۇق؟
بۇنداق سوئال قويۇشتىن مەقسىتىم، يوق يەردىن پۇتاق تېپىش ئەمەس. چۈنكى، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، گېزىتتىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن نارازى بولۇپ، «يامان نىيەت بىلەن سېتىۋېلىپ يىغىشتۇرۇۋېتىش ھەتتا يولسىزلىق بىلەن باسۇرۇپ قويۇش» ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ «بەند» قىلىۋېتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇردى. مەسىلەن، «جەنۇب شەھەر گېزىتى»، «خۇاشاڭ سودا گېزىتى»، «جىنەن دەۋر گېزىتى» ۋەھاكازالار شۇنداق كۈرگۈلۈكلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. لېكىن، ئۇلار بىردەم «غەزەپ»لىنىپلا توختاپ قالدى، «ئۇلار» باسۇرۇپ قويغان بولسا بوپتۇ، ئۇ قانچىلىك بىر ئىش ئىدى» دەپ قارىسا كېرەك، شۇڭا «خەلق گېزىتى»نىڭ بۇ نۆۋەت قانداق «جاۋاب» بېرىشى ئۈلگىلىك ۋە كۆرسەتمىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ ۋەقەنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ باقساق، بۇنى «ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش» دەپ قەيت قىلىش مۇمكىن. چۈنكى، دىڭنەن ناھىيىسىدىكىلەرنىڭ بېسىپ قويۇش» ھەرىكىتى بىر تەرەپتىن گېزىتخانىنىڭ گېزىت تارقىتىش ھوقۇقىغا چاڭ سالغانلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن جامائەتنىڭ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىغا چاڭ سالغانلىق بولىدۇ. ھەممىدىن يامىنى شۇكى، بۇنداق ھەرىكەت ئاساسىي قانۇن بەرگەن سۆز ئەركىنلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. قانداقلا بولسۇن، بۇ، قانۇنغا تاقىلىدىغان مەسىلە. ئەگەر «خەلق گېزىتى» مەسىلىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئابرۇيىغىلا تايىنىپ مەمۇرىي يول بىلەن ھەل قىلىۋېتىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا باشقا گېزىتلەرنىڭمۇ دوراپ شۇنداق قىلمىقى تەس، بۇنداق قىلىشنىڭ ئەپكار ئامما نازارىتىنى قوغداشتا ھېچقانچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ. چۈنكى، جۇڭگودا سىياسىي دەسمايىسى «خەلق گېزىتى» بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىسىدىن قانچىسى بار دەيسىز؟
ئەگەر «خەلق گېزىتى» دىڭنەن ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن سوتلىشىپ، قانۇن ئارقىلىق «جاۋاب» بەرگۈزسە، مانا بۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋەقەنىڭ ئۆزىنى بېسىپ چۈشۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئەپكار ئامما نازارەتچىلىكى تارىخى بويىچە چوڭ بىر ۋەقە بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر. ئاخبارات ئەركىنلىكى دائىرىسى ۋە جامائەتنىڭ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش دائىرىسىمۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېڭىيىشى مۇمكىن. چۈنكى، «خەلق گېزىتى» دەۋادا يېڭىپ چىقسا، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شۇنىڭغا ئوخشاش دېلولارغا ھۆكۈم قىلىشىغا ناھايىتى ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن دەخلى - تەرۇز قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئورگانلارنىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبلەرنى نەزەردە تۇتىدىغان بولساق، «خەلق گېزىتى»نىڭ دىڭنەن ناھىيىسى بىلەن بولغان بۇ دەۋاسى يالغۇز «خەلق گېزىتى»نىڭلا ئىشى ئەمەس، مەلوم مەنىدىن ئالغاندا جۇڭگودىكى بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشىدۇر. جۇڭگودىكى بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دەۋادا يېڭىشكە تولىمۇ موھتاج بولۇپ قالدى. مەۋجۇت تۇرغان نالايىق قائىدىلەرنى داۋاملىق ئېلىشىش ئارقىلىقلا تۈزەتكىلى بولىدۇ. دېمەك، «خەلق گېزىتى»نىڭ قانداق چارە بىلەن «جاۋاب» بەرگۈزۈشى بۆلەكچىلا ئەھمىيەتكە ئىگە.
— گو سۇڭمىن ئىمزالىق بۇ فېليەتون «فېليەتون گېزىتى» نىڭ 2003- يىل 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
توختى باقى ئارتىشى: «كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول»، 3_5-بەتلەر
تۆۋەندىكىسى ماقالىنىڭ خىتايچە ئەسلىي نۇسخىسى:
如果《人民日报》要“说法” 作者:郭松民
真是天高皇帝远。因刊登了一篇批评文章《如此拆迁究竟为了谁》,江西定南县就在8月28日将当天的《人民日报》全部扣压。正如一位订户致信报社领导时指出的那样:“公开扣压中央党报,这是定南解放以来发生的第一次,在全国也属罕见,实在令人震惊和气愤!”(9月22日人民网)
《人民日报》对此表示了极大的关注。相信凭该报在中国崇高的政治地位和巨大的影响力,我们完全有理由期待定南县委、县政府迅速给订户一个满意的“说法”。但尽管如此,我还是想提出这样一个问题:如果被扣压的不是《人民日报》,而是其他什么“小报”,我们还能有这样的期待吗?
提出这样的问题绝非吹毛求疵。因为近几年来,由于对报纸的有关报道不满,恶意收购、甚至非法扣压报纸的“封口”事件一再发生,诸如《南方都市报》、《华商报》、《济南时报》等都有过类似的遭遇,但它们似乎都只能是一“怒”了之,并没有下文,大概是觉得被“他们”扣了也就扣了,算不了什么大事。所以,《人民日报》此次如何讨“说法”,就具有了某种标本意义。
冷静地分析这一事件,也许可以将其表述为“一种民事侵权行为”。因为定南县的“扣报”举动,一方面侵犯了报社的发行权,另一方面也侵犯了读者的知情权,更为恶劣的是,它还损害了宪法赋予公民的言论自由权。无论如何,这是一个法律问题。如果《人民日报》仅仅凭借自己的政治优势,通过行政手段就把问题解决了,那其他的报纸恐怕很难援引为例,这对保护舆论监督并没有太大的意义。因为在中国,拥有像《人民日报》那样政治资源的媒体,究竟能有几家呢?
如果《人民日报》能够以此为契机,把定南县有关部门推上被告席,通过法律程序讨个“说法”,那其意义就将远远超过事件本身,而成为改革开放以来舆论监督史上的一个里程碑似的事件,新闻自由的空间和公众知情权的空间,也有可能因此而得以拓展。因为如果《人民日报》胜诉,将对法院今后判决类似的案例产生积极的示范作用,并极大地增强其他媒体的信心,同时也会对那些试图采取类似行动的部门产生强大的威慑力。
基于上述理由,《人民日报》和定南县的这场纠纷,不仅仅是《人民日报》一家的事,在某种意义上也是中国所有媒体的事,中国所有的媒体都太需要一场胜利了。存在的无理规则,只能通过不断的博弈来加以校正。所以,《人民日报》通过什么方式来讨“说法”,实在是干系重大。 -