ئەۋلاد مەھرەمىيىتىگە سوزۇلغان قارا قول
ئەۋلاد مەھرەمىيىتىگە سوزۇلغان قارا قول
(كىرىش سۆز ئورنىدا)
ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇش زوق ئىشى بولسا، تەنقىدچىلىك ئايرىش، سۈزۈش، پەرق ئېتىش ئىشىدۇر. مەززىلىك تائام گويا ئىنسان جىسمىنىڭ ئوزۇقى بولغىنىدەك، ئېسىل كىتاب ئىنسان روھىنىڭ ئوزۇقىدۇر. تائام ئىستېمال قىلغان كىشى كۆپىنچە تائامنىڭ تەملىك ياكى تەمسىزلىكىگە بەكرەك دىققەت قىلىدۇ. ئەمما بۇ تائامدا ئىنسان مىزاجىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ مىزاجى بىلەن تېپىشىدىغان ۋە ياكى ئۇيۇشمايدىغان قانداق بىرىكمىلەر ۋە قانداق خۇرۇچلار بار، ئالدىغا قويۇلغان تائامغا جىسمىگە زەرەر قىلىدىغان ياكى ئەقىلنى بۇلغايدىغان نەرسىلەر قوشۇلغانمۇ يوق، دېگەنلەرگە دىققەت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. پىشقان تائام ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى يېسە بولىدىغان بىر ئوبيېكتىپ خالاس. ئوقۇرمەننىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇ پىشقان غىزا بىلەن غىزالانغۇچىغا، بىر ئىستېمالچىغا ئوخشايدۇ. ئەمما تەنقىدچىنىڭ ئەھۋالى ئۇنداق ئەمەس. ھەقىقىي مەنىدىكى تەنقىدچىنىڭ مىسالى گويا دىققەت ئوبيېكتىنى تائامنىڭ تەمىگە، پىشقان ياكى پىشمىغانلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىرىكمىلىرىدە غىزالانغۇچىغا ئوزۇق بولىدىغان قانداق نەرسىلەر بار، مىزاجنى بۇزىدىغان نەرسىلەر بارمۇ يوق، ئىستېمالچى بىرلەشتۈرۈپ يېسە بولمايدىغان نەرسىلەر قوشۇلغانمۇ يوق، دېگەنلەرگە قاراتقان، شۇنداقلا قايسى خۇرۇچلار تاماققا قوشۇلسا قۇۋۋەتكە، قانداق خۇرۇچلار قوشۇلسا زەھەرگە ئايلىنىدۇ، دېگەنلەرنى ئانالىز قىلىش، ئايرىۋاشلاش، بېكىتىش سەۋىيەسىنى ھازىرلىغان ھەمدە ئىستېمالچىنىڭ تەبىئىيىتىگە ۋە تائامنىڭ خۇرۇچلىرىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا قابىل كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق قابىلىيەتكە ئىگە كىشى ئەنئەنىمىزدە «ھەكىم» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەنئەنىمىزدىكى ھەكىملەر، ئىستېمالچىنىڭ مىزاجىغىلا ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يېمەكلىكلەرنىڭمۇ تەبىئىتىگە ھۆكۈم قىلغۇچى، ئىنسان جىسمىنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ روھىيىتىنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدىمۇ ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەر بولغانىدى. ئوقۇرمەن بىلەن تەنقىدچىنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇ ئىستېمالچى بىلەن ھەكىمنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. تەنقىدچى خۇددى ھەكىم مىسالى ئاپتورنىڭ كىتابقا سەرپ قىلغان خۇرۇچلىرىنى پەرق ئېتەلەيدىغان، ئۇنىڭ تۈزۈلمىسى، ئىدىيەسى ۋە ئوقۇرمەننىڭ روھىغا سۇنماقچى بولغان مەنىۋى غىزاسىنىڭ تەركىبلىرىنى ئايرىپ چىقىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ۋە شۇ ھەقتە «ھەكىم»لىك رولىنى ئۆتەيدىغان كىشىدۇر. ئوقۇرمەننى باغ سەيلىسىدىن ھۇزۇر ئالغۇچىغا ئوخشاتساق، تەنقىدچىنى ئۆز نۆۋىتىدە ھەم سەيلى قىلىپ ھۇزۇر ئالغۇچى، ھەمدە ئۆز ئالدىغا باغۋەن، دېيىشكە بولىدۇ. ئوقۇرمەن زوق ئالغۇچى بولسا، تەنقىدچى ئوپېراتسىيەگە ماھىر جەرراھتۇر. دېمەك تەنقىد ئىشى بىر قەدەر كەسپىيلىككە، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ساھە. گويا ئۇستا جەرراھنىڭ قولىدا بىمار ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلغىنىغا ئوخشاش، نەزىرى ئۆتكۈر تەنقىدچىمۇ ئۆز ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىش ئارقىلىق تەنقىد ئېلىپ بارغان ساھەنىڭ ھاياتلىقىنى قوغداپ قالىدۇ. تەنقىد بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نەزىرىدىكى ئوبيېكتىنىڭ جانسىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، ھاياتىيلىقىنى يوقىتىپ ۋاقىتسىز ئۆلۈك ھالغا كېلىپ قېلىشىنىڭ يولىنى توسۇغۇچى ئىكسىردۇر. ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ماھىرلىق كېرەك بولغىنىدەك، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەنقىد ئۈچۈنمۇ ئۆتكۈر نەزەر، پاراسەت كېرەك. نەزەردىن ئايرىلغان تەنقىدچى ئىستېمالچىدىن پەرقى بولمىغان ئوقۇرمەندۇركى، جەرراھ ياكى ھەكىم بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، تەنقىدتە ھاياتلىق بار. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە پىكىرلەر تۇرغۇن، تەپەككۇرلار تېيىز، ھەرىكەتلەر ئۈنۈمسىزلىشىۋاتقان بولسا، مۇقەررەركى، ئۇ جەمئىيەتتە تەنقىدىي نەزەرنىڭ ئورنى بولمىغان، جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدە تەنقىد روھىغا باي كىشىلەر يېتىم قالغان، يېڭىلىنىشكە ئىنتىلىدىغان ئىستەك ئىگىلىرى مۇنقەرز بولغان ياكى ئالقىشلانمىغان، دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق جەمئىيەت توپىنىڭ ھاياتىيلىقىمۇ تۈگەل سۈنئىي ھاياتلىق بولۇپ، بۇ خىل جەمئىيەتنى ئىستەكلەردىن ئەسەر قالمىغان بىر ئۆلۈك جەمئىيەت، دېيىشكە بولىدۇ. تەلەپ بولمىغان يەرگە تەقدىم بولمايدۇ. ئىستەك ئۆچسە تەڭرىمۇ تاشلىۋېتىدۇ. ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ياراتقۇچىنىڭ ئۆزگەرتىپ بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى قانۇنىيەتنىڭ بىرىنچى قەدىمىمۇ يارالغۇچىدا ئەنە شۇ ئىستەكنىڭ بولۇشى بولۇپ، تەنقىد مەزكۇر ئىستەكنىڭ، ئۆزگىرىش، ئىسلاھ بولۇش ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ كاتالىزاتورلىرىدىندۇر. ئاسارەتلىك دەۋرنىڭ بىزگە بەخشەندە قىلغان ئەڭ يامان ئىللەتلىرىدىن بىرىمۇ دەل ئىستەكسىزلەشتۈرۈش بولۇپ، مانا بۇ بوشلۇق بىزدە ئەجدادتىن ئەۋلاتقا قەدەر يېتىپ كەلگەن تەنقىد روھىنىڭ سۇسلىشىشىغا، نەزەر سېلىش قابىلىيەتلىرىمىزنىڭ زەئىپلىشىشىگە يول ئاچتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوپانلىق روھىي ئۇنتۇلۇپ پادىلىق خاراكتېر ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئۆز ئىچىمىزدىن كۆپلەپ چوپانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمىغانچە، ئاسارەت تۈپەيلى ياۋنىڭ ياكى ياتنىڭ يېتىشتۈرگەن چوپانلىرىنىڭ قولىغا قېلىشتەك قىسمەتتىن قاچالمىدۇق. نەتىجىدە پادا چوپانغا، چوپان پادىغا ئارىلىشىپ كەتتى. ھەقىقىي چوپان بىلەن چوپان سۆرەتلىك پاسىق سۆڭەكلەر ئارىسىنى پەرقلەندۈرگۈچى «نەزەر» قابىلىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق.
نۆۋەتتىكى سەرسانە ھاياتىمىز ئەنە شۇ پادىلىق ھاياتقا خاتىمە بېرىش، ئۆز چوپانلىرىمىزنى تېپىش، بايقاش ياكى يېتىشتۈرۈشنىڭ مەلۇم چەكتە پۇرسىتىنى يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، پۇرسەتنى ھېس قىلىپ يېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا يەنە شۇ يېتىشتۈرۈلگەن سۈنئىي چوپانلارنىڭ دەردىنى تارتىشقا، يولىمىزغا تاشلاۋاتقان گۈل سۈرەتلىك تىكەنلىرىنى تازىلاشقا مەجبۇر قېلىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر ئەنە شۇ يېتىشتۈرۈلگەن سۈنئىي چوپانلارنىڭ بىزگىلا ئەمەس، ئەۋلادلىرىمىزغا قەدەر قارا قولىنى قانداق سوزۇۋاتقانلىقىنى، شالغۇت زېھنىيەت ئىشلەپچىقىرىشتا ۋاسىتىلىرىنىڭ قانداقلىقىنى، مىللىي خاتىرىمىزنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئەقىل مەھرەمىيىتىمىزنى بۇلغاپ كاردىن چىقىرىش ئۈچۈن قايسى خىل نەيرەڭ ۋە رەڭۋازلىقلارغا قول ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، قىسقىسى شالغۇتلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاسارەت دەۋرىدىن بىرى زېھنىمىزگە قانداق تەرزدە ئەپسۇن ئوقۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يورۇتۇش يۈزىسىدىن ئۆرنەك سۈپىتىدە قەلەمگە ئېلىنغاندۇر. ئۈمىدىمىز شالغۇتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت قارا كۆلەڭگىنىڭ ئاسارەت دەۋرىمىزدىلا ئەمەس، مۇھاجىرەت ۋە سەرسانچىلىق ھاياتىمىزدىمۇ بىزنى قويۇپ بەرمەسلىككە، بولدى قىلماسلىققا بەل باغلاۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش، بۇنىڭغا قارىتا ئويغاقلىقنى، سەگەكلىكنى ئاشۇرۇشنىڭ، بىزگە قەدەر ئۇزاپ كەلگەن قارا كۈلەڭگىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ سايە تاشلىشىغا يول قويماسلىق ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىكىگە قارىتا مەسئۇلىيەتكارلىق رولىنى ئۆتىگۈچى ھەربىر ئويغاق ئاتا، ئويغاق ئانا، ئويغاق مۇئەللىم ۋە ئويغاق ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇنىڭ نەقەدەر زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: ئاپتورنىڭ «ئەۋلاد مەھرەمىيىتىگە سوزۇلغان قارا قول» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى