ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئ.ئ.ۇ.ق)
ئا ق ش دوللىرى بىلەن مىللىي دارامەت مىقدارىغا قاراپ دۇنيا ئىقتىسادى خەرىتىسى، دۇنيا بانكىسى، 2014
ئا ق ش دوللىرى بىلەن مىللىي دارامەت مىقدارىغا قاراپ دۇنيا ئىقتىسادى خەرىتىسى، دۇنيا بانكىسى، 2014

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى (ئىنگ: gross domestic product) ياكى مىللىي دارامەت ۋەياكى مىللىي كىرىم - مەلۇم بىر ۋاقىت ئارىلىقىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پۈتۈن پىششىق مەھسۇلاتلارنىڭ بازار قىممىتىدىكى ئىقتىسادىي ئۆلچىمى ياكى بىر دۆلەتنىڭ بىر يىللىق ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىدا بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچى شۇ دۆلەتنىڭ بىر يىللىق مىللى دارامىتى، يىللىق دارامەت ئېشىشى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامەت قىممىتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مىللى دارامەت - شۇ دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ياشاش ئۆلچىمىنى كۆرسىتىدىغان بىر قىممەت بولۇپمۇۇ ھېسابلىنىدۇ.

مىللى دارامەتنىڭ ھېسابلىنىش ئۇسۇلى

ئادەتتە مىللى دارامەت تۆۋەندىكى ڧورمۇلا ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ:

مىللى دارامەت = شەخسى ئىستىمال + سېلىنغان ئىچكى مەبلەغ + ھۆكۈمەت خىراجىتى + (ئېكسپورت - ئىمپورت)

ۋە ياكى


دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مىللى دارامەت بويىچە رەت تەرتىۋى[تەھرىرلەش]

قاراڭ: مىللى دارامەت بويىچە دۆلەت تەرتىپى