باتۇرلۇق ۋە سېسىپ يوقۇلۇش ئارىسىدا تاللاش
باتۇرلۇق ۋە سېسىپ يوقۇلۇش ئارىسىدا تاللاش
«ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە» دېگەن سۆز كۈنىمىزدە «مەزلۇمنڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە» دېگەنگە ئۆزگىرىۋاتقاندەك بىر كەيپىيات شەكىللىنىپ تۇرۇپتۇ. يۇقىرىقى تەمسىل ھەقىقەت سۈيى بىلەن ئېرىغدالمىغان تۇيغۇ ۋە مۇددىئالىرىنى، دۇرۇسلۇق ۋە سەمىمىيەتتىن نېسىۋىلەنمىگەن مەقسەت ۋە ئارزۇلىرىنى رايىشلىق تۈسى بېرىلگەن تاشقى تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشىدىغان، مۇلايىم كۆرۈنۈپ ئەمما پىنھانلىق ئىچىدە ھەقىقىي بەتبەشىرە خاراكتېرى بويىچە ئىش تۇتىدىغان ئالاكۆڭۈل كىشىلەرگە قارىتىلغانلىقى مەلۇم. نە ئاجايىپكى، بۈگۈنكى خېلى كۆرۈنەرلىك سالماقنى ئىگىلىگەن ۋە بىرقانچە يىل مابەينىدە ۋەتەندىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا قارىتا ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقانلار توپىدا بىردىنلا ئۈنى كېسىلىش ياكى پەسىيىش ھالىتى باش كۆتۈرۈپ قالدى. ئالاقە ئۈزۈلۈشى، شۇم خەۋەر تەرزىدە كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق خەۋەرلىرى سەۋەبلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا خاس تۇتۇملار بىلەن مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش لازىملىقىنى، زالىمغا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قوللاپ - قۇۋۋەتلەش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەندەك كۆرۈنگەن بۇ توپ مانا ئەمدى ئالاقىنىڭ قىسمەن ئېچىۋېتىلىشى بەدىلىگە گويا بىرەر ئىچكى توختاملىشىشنىڭ نەتىجىسىدە شۈكلۈككە چۆمۈشۈۋاتقاندەك بىر ھالەتكە قاراپ يۈزلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ تۈردىكى ئەھۋاللار ئەمەلىيەتتە خاراكتېرگە سىڭىپ كەتكەن قۇللۇق زېھنىيەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئالاقە ئۈزگەندە جاھاننى باشقا كەيگۈدەك مەزلۇم قىياپىتىدە ھەرىكەت قىلىش، ئالاقىنى ئېچىۋىتىشىگە ئۈلگۈرۈپ مۇستەملىكىچىنىڭ ئۇشبۇ «رەھىم - شەپقىتى»دىن دەرھال تەسىرلىنىپ پەسكويغا چۈشۈشكە باشلاش، قايتا ئۇنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇپ يەنە قايتا ئالاقە مەھرۇملۇقىدىن نېسىۋىلەنمەسلىكى ئۈچۈن «مەزلۇم (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى)»غا خاس قارشىلىق روھىنى بىردىنلا ياۋاش پۇقراغا ئايلىنىش ۋەزىيىتىگە يەڭگۈشلەش، تاجاۋۇزچىنىڭ پۇقراسىغا ئايلىنىش سالاھىيىتىنى يېڭىلاشقا تۇتۇنۇش قاتارلىقلار دەرۋەقە «مۈڭگۈزى ئىچىگە قاراپ ئۆسۈپ كۆنۈپ قالغان مەزلۇملۇق»نىڭ ئىپادىلىرىدىندۇر.
قەدىمكىلەر ئېيتىدۇكى: «زالىم ئۆز نۆۋىتىدە تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى قامچىسىدۇر». بۇ يەردىكى «قامچا» قانداقتۇر زالىمنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈشكە دالالەت بولماستىن، بەلكى زوراۋانلىق ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپتىدائىي قورالىغا ئىشارەت بولۇپ، قامچا جازالاش ۋاسىتىسى ياكى كۈچ ساھىبىنىڭ ئاجىز ياكى مەھكۇم ئۈستىدىن ئېلىپ بارىدىغان ئەدەپلەش قورالىدۇر. قامچا يەنە ئەقىل ۋە مۇستەقىل غايىدىن يوقسۇنلاشقان، ھۆر ئىرادىسىنى ئىشلىتىشتىن ئاجىز كەلگەن، ئەشرەفلىكتىن «ھەقىر»لىققە چۈشۈپ كېتىۋاتقان كىشى ئۈچۈن ئەقلىنى يىغدۇرۇش، كاللىسىنى سىلكىتىشكىمۇ ئىشلىتىلىپ كەلگەن. قامچا يەنە خوجايىننىڭ قولىغا چىققىنىدا قۇلنى تىزگىنلەشنىڭ، ئۇنى خورلاشنىڭ قورالىمۇ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قامچا غاپىلنىڭ غەپلىتىنى، ئەقىلسىزنىڭ ئەقلىنى قايتۇرۇپ كېلىش، سەگىتىش ئۈچۈن سىمۋول سۈپىتىدە تەمسىللەردىمۇ ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن. بۇ مەنىدىن زالىمنىڭ قامچىسى مەزلۇم ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەقىل كۆزى كور قېلىۋېتىلگەن، قەلب تۇيۇمى سەزمەس قېلىۋېتىلگەن، غەپلەت ئۇيقۇسىنى كەلتۈرگۈچى خۇرۇچلارغا مەست بولۇپ ھەقنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئورنىغا، زالىمنىڭ زۇلمىتى ئارقىسىدىكى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولۇپ ھالاك بولۇشقا قاراپ كېتىۋاتقان توپلۇم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر شەكىلدە چېلىنغان سىگنال، كېلىۋاتقان ھالاكەتكە قارشى ئويغىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتقۇچى ئاچچىق رېئاللىقتۇر.
بىراق، بۇنداق سىگنال ياكى ئاچچىق رېئاللىقلارمۇ كار قىلمايدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. زالىم قاچانكى قامچىسىنى كۆتۈرسە چارىسىزلىكتە ئۇنىڭغا قارشى ئوت بولۇپ يانىدىغان، ئەمما قامچا ئورنىغا زەھەر يالىتىلغان شېكەر سۇنغىنىدا ئۇنىڭغا بولغان ئەسىرلىكنى ئىمتىياز ۋە ئەۋزەللىك جۈملىسىدىن چاغلايدىغان ماڭقۇرت زېھنىيەتلەر ئەنە شۇ كار قىلماس ھالغا كېلىپ قالغانلار بولۇپ، بۇنداقلار نە ئويغىنىشتىن، نە رېئاللىقنى تونۇپ يېتىشتىن مەھرۇمدۇر. بۇنداقلار بۇ خىل ئېغىر تىپتىكى زەربىلەردىن سەگىشنى، سىگنالدىن ئاگاھ بولۇپ يىللاردىن پەپىلەپ، قورقىتىلىپ ياشاشنىڭ بۈگۈنكى زىيانلىرىدىن ئىبرەت - ساۋاق چىقىرىشنى، يەنە كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ سىگنالنىڭ تېخىمۇ ئېغىر شەكىلدە تەكرارلىنىشىنىڭ، ئۈزۈل - كېسىل ھالاكەت بىلەن نەتىجىلىنىپ تەڭرى غەزىپىگە لايىقلاشقان «ھەقىر» ئىنسانلار توپىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشتىن، زالىملىرى بىلەن بىر سەپتە ھەشر قىلىنىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. قىسقىسى، بۇنداق بىر تارىخنىڭ جاۋابكارلىرىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، پىداكار بولۇش لازىملىقىنىمۇ ئاڭقىرىمايدۇ. زۇلۇمنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن مەسىلىنىڭ ئاداققى يېشىمى بولغان قامچىنى ۋە قامچا كۆتۈرگەن قولنى كېسىپ تاشلىماقتىن، قامچا كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈشتىن باشقا چىقىش يولى يوقلۇقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ ياكى چۈشىنىپ يېتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئەكسىچە، بۈگۈنكىدەك ۋاقىتلىق ساق قېلىشنى، ئۆزىگە كەلمىگەن ئائىلىۋى قىرىلىشنى باشقىلارنىڭ چەرخ پەلىكىدىن ئاشماي كېلىۋاتقانلىققا دەڭسەپ بۇنى زالىمنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان بىر تۈرلۈك «رەھىم - شەپقىتى» قاتارىدىن چاغلايدۇ. كۆز ئالدىدا بۇ قىرىلىشنىڭ ئەڭ ئەشەددىي تۈسىنى ياشاۋاتقان، ھەر كۈنى دېگۈدەك مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىش تىراگېدىيەسىنى ياشاۋاتقانلارغا قاراپ بولسىمۇ، ئازغىنە پىداكارلىق كۆرسىتىشكە، قارشىلىق روھىنى كۈچەيتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ۋاقىتلىق ئالاقە راۋانلىقى بەدىلىگە ئالدىنىپ بۇزۇلغان سۈكۈتلىرىنى «رايىشلىق سۈكۈتى»گە ئايلاندۇرۇشنىڭ پەقەتلا نۆۋەتنى كېچىكتۈرۈشتىن باشقىغا كار قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ماھىيەتتە «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش» تىپىدىكى دۈشمەن تاكتىكىسىغا، تاجاۋۇزچىلارنىڭ قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش نەيرەڭلىرىنىڭ ئىشقا يارىشىغا تەڭكەش قىلىش بولىدىغانلىقىدەك نازۇك رېئاللىقنى كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ. مانا بۇ بىرقانچە يىل مابەينىدىكى ئالاقە مەھرۇملۇقى تۈپەيلى بۇزۇلغان سۈكۈتنىڭ، مەۋقە ۋە مەيدان ئايرىشلارنىڭ، نەپرەت ۋە قارشىلىشىش روھىنىڭ قانداقتۇر ئويغانغانلىقتىن، زالىمنىڭ قامچىسىدىن سەگىگەنلىكتىن بولماستىن، ئەسلى روھىيەتتە بار بولغان «زېھنىي قۇللۇق»نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ، ھېلىھەم زالىمىدىن «مېھرى - شەپقەت» كۈتۈشنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. شۇنداقلا، بۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرىقى قارشىلىشىش تۇتۇملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەتلا پىچاق سۆڭەككە يەتكەندىن كېيىنكى تىپىرلاش خاراكتېردىكى ياكى بولمىسا مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقى دەسسەلگەندە كۆرسىتىدىغان تەبىئىي رېفلېكسى تۈرىدىكى ئىنكاس قايتۇرۇش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنىڭ ئەمەلىيەتلىرىدىندۇر. بۇنداق بىر روھىيەت، بۇنداق بىر زېھنىيەتلىك تائىپىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەبىقىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە تېپىلىپ تۇرۇشى بولسا، ئىجتىمائىيلىققا چاپلاشقان ئىللەتنىڭ يامراش ئالدىدىكى سىگنالى، پاجىئە ئۈستىگە تۇغۇلغان ۋابا خاراكتېرلىك پاجىئەلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.
شۈبھىسىزكى، «مەزلۇم» بولۇش (كېلەچەككە دائىر مۇئەييەن پىلان - غايە چىقىش قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا) رايىش پۇقرا بولۇشنىڭ قازىنىنى ئېسىشقا، قانداقتۇر تاجاۋۇزچىنىڭ پۇقرالىقىنىڭ تەمەسىدە ئۇنىڭغا قارشى سۈكۈت يولىنى تاللاشنى يوللۇقلاشتۇرۇشقا باھانە بولالمايدۇ. بەلكى مەزلۇم بولۇش بەزىدە ئۆز ئالدىغا بىر ئىمتىيازدۇركى، ئۇ ئىنسانغا زالىمنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك قارشىلىقنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ھەققىگە ئىگە قىلىدۇ، كوللېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ھەربىر شەخس ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەنە زالىمغا قارشى ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماستىن ھەر تۈرلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشنى مەشرۇئلاشتۇرغۇچى سالاھىيەت ئاتا قىلىدۇ. بۇنداق بىر سالاھىيەت ياكى «ئىمتىياز»نىڭ كىشى ئۈچۈن ئۆتمۈشىدىن دەرس چىقىرىپ بۈگۈنىدە سىلكىنىشكە، كېلەچىكى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەشكە ئۈندەك بولۇشى زۆرۈر، ئەلۋەتتە. ئەكسىچە ھالدا تاجاۋۇزچىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى «دۆلىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۇ زۇلۇم قىلمىسىلا بايرىقى ئاستىدا خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈش تەمەسىدە ئۇنىڭغا بولغان سەمىمىيىتىنى ئاسترىتتىن ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ئىپادىلەپ تۇرۇشقا يارايدىغان تۇتۇملارغا زورۇقۇش بۈگۈنكىدەك قاتمۇقات قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقان تاجاۋۇزچىلارنىڭ تومۇر تۇتۇشلىرىغا بەزلىنىپ بەرگەنلىك، ئويۇنغا دەسسەپ بەرگەنلىك بولىدۇ. بۇزۇلغان سۈكۈتىنى رايىش پۇقرالىق تۇتۇملىرىغا ئالماشتۇرۇشلار بولسا، ماھىيەتتە تاجاۋۇزچى كۈچلەرنىڭ «قىرغىنچىلىق يوق»، «چېگرا تاقىلىش مەۋجۇت ئەمەس»، «ئالاقىدىن مەھرۇم قويۇش» سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزمىدۇق، دەيدىغان پىروپاگاندالىرىنى راستقا چىقىرىپ بېرىشكە خىزمەت قىلىدۇ. شۇنداقلا، بۇنداق رايىش پۇقرالىق تۇتۇملىرى زالىم تاجاۋۇزچىلارغا قارىتا «مەن ۋە ئائىلەم ئارىسىدا ئالاقە ئوچۇقلا بولسا، بىزگە چېقىلمىساڭلارلا زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىڭلارغا قارىتا ئارتۇق سۆزۈم يوق»، مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان كۆز قىسىش ئىشارەتلىرىنى بېرىشتىن باشقا مەنىگە جورالمايدۇ. چۈنكى ۋەزىيەت ئوتتۇرىدا، تۇتۇملارمۇ ئوتتۇرىدا.
خۇلاسە شۇكى، ئوقۇمۇشلۇقلار سېپىدىكى نوپۇزغا تايىنىپ «تاسمىلىق شالغۇتلۇق» تۇتۇمىنى بازار تاپقۇزۇش بىلەن، يوشۇرۇن ھالدىكى «رايىش پۇقرالىق» سېپىگە ئۆتۈش ھادىسىلىرى مىللەت ئىستىقبالى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىچىدىن خوراتقۇچى «ۋابا»لىق جەھەتتىن پەرقسىز تۇتۇم، ئىجتىمائىي ئىللەت ۋە مەرەزلىكلەر جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر بۇ تۈر ئىللەت ۋە زېھنىي مەرەزلىكلەر ئاسارەتلىك دەۋرلەردە نورماللىق بىلىنگەن، ئەمما بۈگۈنكىدەك سۈرگۈندى، قوغلاندى، قاچقۇن ۋە مۇساپىرلىقتا سەرسان ياشاشقا مەجبۇر قېلىش تۈپەيلى مەسىلىنىڭ بىنورماللىقى ئۇقۇلغان تۇرۇپمۇ يۇقىرىقىدەك بىنورماللىققا تولغان ئىللەتلىرىمىز قايتىدىن تىرىلمەيدىغانغا ئۇجۇقۇش ئورنىغا ئەدەشكە قاراپ كېتىۋاتقان بولسا، بۇ بىزنىڭ ھېلىھەم «تەڭرى قامچىسى»دىن سىلكىنىشنى بىلمەستىن، زۇلۇمغا ئاشىنا بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، ئاڭسىزلىقىمىزغا قارىتىپ تەگكۈزۈلگەن ئۇقۇبەت قامچىلىرىنى يەپ تۇرۇپمۇ ئاڭلىقلىشىشنى ئىچىمىزدىن رەت قىلىدىغان خاھىشقا ئىگە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنداقلا مەزلۇملۇقتىن ئىبارەت تاجاۋۇزچى زالىمغا قارشى ھەر تۈرلۈك قارشىلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىمىزنى ھەرىكەتتىن توختىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. ھەمدە مەزلۇملۇق سۈپىتىمىزدە ھەرىكەت ۋە قارشىلىق قىلىشتا ۋاسىتە تاللىماسلىق ئىمتىيازلىرىغا ئىگە بولۇشىمىزغا قارىماي قەھرىمانلارچە ياشاش ئىمتىيازى ۋە سالاھىيىتىنى چۆرۈپ تاشلاۋاتقانلىقىمىزنى، قىسقىسى، زالىمنىڭ قولىدا ھالاك بولۇشقا مايىللىق ئىچىدە كېتىۋاتقانلىقىمىزنى، ھەقكە كەلگەندە بويۇن تولغاشقا، مۇستەملىكىچىگە كەلگەندە ئۇنىڭدىن شەپقەت كۈتۈپ پەردە ئارقىسىدا ناماقۇللۇق كۆزىنى قىسىشقا تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەجەبا، بۇلار زۇلۇمغا ھەقلىقلىشىشنىڭ، قامچىلىنىشمۇ ئازلىق قىلىدىغان ھالاكەتنى ئاڭسىزلارچە تىلەپ تېپىشنىڭ بېشارىتى بولماي نېمە؟! ئەجەبا، بۇ ئەھۋاللار قەيەرگە چاڭگا سالسا، شۇ چاڭگىسىدا ئوۋلىنىشنى كۈتۈپ ياتىدىغان ئولجىغا ئايلىنىپ كۈن كەچۈرۈشنى قۇرتۇلۇش بىلىدىغان، دۈشمىنىگە بولغان قارشىلىقىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشتەك باتۇرانىلىقتىن كۆرە ئۇۋىسىدا كۆپىيىپ سېسىپ يوقۇلۇشنى ئەلا بىلىدىغان ماڭقۇرتلۇقنىڭ ئىپادىلىرى بولماي نېمە؟!
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى