بارچۇق ئارت تېكىن
بارچۇق ئارت تېكىن (؟-؟؛ خەنچە: 巴而·阿而忒·的斤\bāérzhú āértè dejīn؛ لاتىن: Barčuq-art-tigin)، 13 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ھۆكۈمدار، قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىدىقۇتى (1208 - 1235). خىتايچە تارىخلاردا 巴剌术黑 ياكى 八儿出阿儿忒 شەكلىدىمۇ ئۇچرايدۇ. «جامىئۇتتەۋارىخ» تا فارسچە بارجق دەپ خاتىرلەنگەن. 1211 - يىلىدىن كېيىن موڭغۇل قاغانلىقىنىڭ 5 - ئۇلۇسىنىڭ باشغانى.
ئۇمۇمىي چۈشەنچە
[تەھرىرلەش]بارچۇق ئارت تېكىن قوچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتى يۈسۈن تۆمۈرنىڭ ئوغلىدۇر. ئىدىقۇت — بەخت ئىگىسى دېمەكتۇر. قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇنۋانىدۇر. بارچۇق ئارت تېكىن تەختكە چىققاندا دۆلەت 1125 - يىلىدىن بېرى دېيەرلىك 80 يىلدىن بېرى قاراخىتايلارنىڭ قارام ئېلى بولۇپ قالغان ئىدى. قاراخىتايلار يېڭى ئىدىقۇتنى كۆزگە ئىلماي، مەشھۇر بۇيرۇق (ۋەزىر) قارايىغاچنى ئۇزاقلاشتۇرۇپ، قاراخىتايلاردىن بۇددا دىنى مۇخلىسى ئۇستاز راھىب شاۋكام\شاۋكېمنى (少監) قوچۇ ئېلىگە نازارەتچى باسقاق قىلىپ ئىبەردى. بارچۇق ئارت تېكىن ئەلبەتتە بۇ ئەھۋالدىن خاپا ئىدى.
موڭغۇل قەبىلە - ئۇرۇقلىرىنى ئۆز بايرىقى ئاستىغا توپلاپ قايتىدىن تەشكىللەپ، يېرىم كۆچمەن موڭغۇل دۆلىتىنى تەشكىل قىلغان تېمۇچىن 1206 - يىلى بۈيۈك قۇرۇلتاي چاقىرىپ «چىڭگىزخان» ئاتالدى. 1209 - يىلىدىن ئېتىبارەن تاشقى كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا تۇتۇش قىلغان چىڭگىزخان دەسلەپ تاڭغۇتلارغا كىچىك كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ مول غەنىيمەت ئالدى ۋە تاڭغۇت ۋە ئالتۇن خانلىقىنىڭ يەر شارائىتى ۋە يوللىرىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ غەلبىدىن كېيىن موڭغۇللارنىڭ نامى تېزلا ئەتراپقا تارالدى. شۇ قاتاردا ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىنمۇ بۇ يېڭى كۈچتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئۆز ئېلىنىڭ ئەمىنلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئويلاپ،[1] قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بىلگە بۇقا تارقان بىلەن پىلان قۇرۇپ گۈرخاننىڭ باسقاق بېگى شاۋكام (少监)[2] نى ئۆلتۈردى ۋە 1209 - يىلى ئەتىيازدا[3] ئەلچى ئەۋەتىپ چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلدى. 1210 - يىلى موڭغۇللارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى مەركىت قەبىلىسىنىڭ رەھبىرى توقتابېك (脱黑脱阿) نىڭ ئوغلى قۇتۇ (忽都) نى جەنخې دەرياسىدا (بۈگۈنكى سانجى دەرياسى) بويىدا مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئەلچىلەر ئىبەرىپ چىڭگىزخانغا بىلدۈردى. چىڭگىزخان بارچۇق ئارت تېكىنگە قىممەتلىك تارتۇقلار بەردى ۋە قىزى ئىل ئالتۇن بېكىنى[4] ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدىغانلىقى جاكارلاپ، جۇچى، چاغاتاي، ئۆگەدەي ۋە تولىغا قوشۇپ بەشىنچى ئوغلى ئولاراق ئۇتۇغات بەردى.
«ئۇلۇغ ئاتىلارنىڭ ئۇرۇشلىرى» (元聖武親征錄) 73a بېتىدە مۇنداق كېلىدۇ:
يىلان يىلى (1209) ئەتىيازدا( 己巳春 ) ئۇيغۇر خانى (畏吾兒 ) ئىدىقۇت (亦都護 ) (چىڭگىزخاننىڭ) شىجائەتىنىڭ داڭقىنى ئېشىتىپ، (قارا) قىتانلار (契丹 ) نائىبى ھۆكۈمەت (監國 ) ئولاراق تەيىنلىگەن باسقاق شاۋكېمنى (少監 ) ئۆلتۈردىلەر ۋە (چىڭگىزخان بىلە) كېلىشمەك يولىنى ئىزدەدىلەر. (ئول چىڭگىزخان) ئۇلاردىن بۇرۇن ئالپ ئۇتۇق (按力也不奴 ) ۋە تارباي (答兒拜 ) ئىككەۋىنى ئەلچى ئولاراق ئۇلارنىڭ دۆلىتىگە ئىبەردى. ئىدۇىقۇت بەك سۆيۈندى ۋە ئەلچىلەرىمىزنى بەك ئېزگۈ ئاغىرلادى. شۇنداقلا ئۆز بەگلىرىدىن بۆكۈش (別吉思 ) ۋە ئالانتېمۇر (阿隣帖木兒 ) ئىككەۋىنى ئەلچى ئولاراق ئىبەرىپ بۇنداغ مەلۇماتتا بولدى:
„”— بىزلەر، پادىشاھنىڭ شىجائەتىنى ئېشىتقاندىن كېيىن قىتانلار بىلەن بولغان ئەسكى دوستلۇقىمىزنى ئۈزدۇق. سىزگە خىزمەت ئەتمەك ئىستەپ تۇرغان بىر ئاندا، پادىشاھنىڭ ئەلچىسى كىچىككىنە ئېلىمىزگە تەشرىپ قىلدى ۋە بىزلەر تولۇق ھۆرمەت كۆرسىتەلمىدۇق. بەجايىكى بۇلۇت تارقاپ، قۇياش يۈزىن كۆرگەن كەبى، مۇزلار ئېرىپ، زىلال سۇنى تاپقان كەبى، سۆيۈندۇق داغى ئېسىمىزنى يوقاتتۇق. ئەمدى ۋە بۇندىن كېيىن، ئوردۇم بىلەن بىرگە بىر چاكارىڭىز ۋە ئوغلىڭىز ياڭلىغ، خۇددى بىر ئىت ياكى بىر ئات ئۆز ئىگىسىگە بار كۈچى بىلەن خىزمەت قىلغاندەك (خىزمەت قىلۇرمەن).„” بۇ ۋاقىتتا مەركىت ( „“— ئىدىقۇتنىڭ قەلبى ھەقىقەتەن سەمىمىيدۇر ۋە بىزلەر ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن خىزمەت قىلماقتا.„” (ئۇيغۇرلارنىڭ) ئاۋۋال بۇ يەرگە ھەدىيە سۇنماق ئۈچۈن كەلگەن ۋاقتىدا، (چىڭگىزخان) ئالپ تۇتۇق ۋە تارباي ئىككەۋىنى قايتا (ئۇيغۇر) دۆلىتىگە ئىبەردى. ئىدىقۇتمۇ ئىنجۇلار ۋە ئېلىنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى سۇندى ۋە مۇنداق مەرۇزات قىلدى: „”— جانابىي ئالىيلىرى پېقىرىڭىزنى ھىمايە قىلغايسىز، يىراقتىكىلەر بۇنى بىردەك ئېشىتكەيلەر؛ ياقىندىكىلەر بولسا كۆرگەيلەر. ئىگىنىڭىزدىن ئارتۇق بىر پارچە، ئالتۇن بەلباغىڭىزدىن بىر يىپچە سۇغۇرۇۋېلىشنى ئۆتۈنىمەن. مەن سىزگە سادىقلىق بىلەن تۆرت ئوغلىڭىزنىڭ كەينىدىن بەجانىدىل خىزمەت قىلغايمەن.„” پادىشاھ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن سۆيۈندى. ئۇنىڭغا قۇنچۇي (مەلىكەسى) ىنى بېرىپ بەشىنچى ئوغلى قىلدى.» |
بارچۇق ئارت تېكىن داۋاملىق ئىدىقۇت سۈپىتىدە ئۇيغۇر زېمىنىنى باشقۇردى. دىۋان ۋازارەتى ۋە دارۇغاچى بېشبالىقتا قۇرۇلدى. 1219 - يىلى ئۆزى 10 مىڭ ئۇيغۇر ئەسكىرىنى باشلاپ موڭغۇل قوشۇنى تەركىبىدە خارەزم ۋە ئىران يۈرۈشلىرىگە قېتىلدى ۋە ئوترار، نىشاپۇر شەھرىنى ئىشغال قىلدى. يەنە 1226 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى يۈرۈشى بولغان غەربىي شيا — تاڭغۇت يۈرۈشىگە قاتنىشىپ ھەربىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بارچۇق ئارت تېكىننىڭ بۇ قېتىمقى تاڭغۇت جازا يۈرۈشىگە قاتنىشىشى پەقەتلا چىڭگىزخاننىڭ بەشىنچى ئۇلۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئىككى ئەسىر ئىلگىرى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن 1028 — 1036 - يىللىرى ۋەيران قىلىنغان دىنداش ۋە قانداش قېرىنداشلىرى بولمىش كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ (848 - 1036) ئەنتىنى ئېلىشمۇ ئۇنى بۇ ئۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا تۈرتكە بولغان ئامىللاردىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ. تاڭغۇت جازا يۈرۈشى ئەسناسىدا، 1227 - يىلى كۈزدە چىڭگىزخان ئۆلدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى تاڭغۇتلارنىڭ شۇملۇقىدىن دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن، دېيەرلىك 3 مىليون كىشىلىك تاڭغۇت خەلقى قىرغىنغا ئۇچراپ 100 مىڭدەك كىشى ھايات قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن تارىخ سەھنىسىگە قايتا چىقالمىغان تاڭغۇتلار كۈنىمىزدە موڭغۇل، تىبەت ۋە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى. بۈگۈنكى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئاتى بولغان نىڭشيا (宁夏) «تىنجىتىلغان شىيا» دېگەن مەنىدىدۇر.
چىڭگىزخاننىڭ قىزى ئىل ئالتۇن بېكى بىلەن بولغۇسى توي بىر جەھەتتىن مەلىكىنىڭ يېشىنىڭ كىچىك ئىكەنلىكى بولۇشى مۇمكىن، يەنە بىر جەھەتتىن ئىدىقۇتنىڭ خاتۇنى تېخى ھايات بولۇپ، بۇ تويغا قەتئىي قارشى چىقىشى بىلەن كېچىكتۈرۈلگەن، ئىدىقۇتنىڭ خاتۇنى ئۆلگەندىن كېيىن تويغا تۇتۇش قىلىش ھارپىسىدا چىڭگىزخان ئۆلۈپ، ئىككى يىل قارىلىق تۇتۇلغان، ئاقىبەتتە بۇ توي ئىزچىل ئەمەلىيلەشمىگەن. 1229 - يىلى ئۆگەدەي قاغان تەختىكە چىققاندىن كېيىن، بۇ توينى تەشكىللىمەكچى بولغان، لېكىن ئىدىقۇت كېلىننى كۆچۈرۈشكە كېلىشتىن بۇرۇن مەلىكە ئۆلۈپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆگەدەي قاغان ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىنگە ئالاچى بېكى ئاتلىق قىزىنى بەرگەن. بۇ قېتىم كېلىن كۆچۈرۈلۈپ بەشبالىققا يېتىپ كەلمەي تۇرۇپ بارچۇق ئارت تېكىن يولدا قازا قىلغان. يېڭى ئىدىقۇت بارچۇق ئوغلى كىشمايىن ئۆزى ئۆگەدەي قاغان ھۇزۇرىغا بېرىپ كۆراگانلىق تەلىپىدە بولغان ۋە ئۆگەدەي ئالاچى بېكىنى ئۇنىڭغا بەرگەن. كېلىن كۆچۈرۈش تاماملانماي تۇرۇپ ئىدىقۇت كىشمايىن ھەم ئۆلۈپ قالغان. بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن بەشبالىققا كېلىپ بولغان ئالاچى بېكى كىشمايىننىڭ ئىنىسى سالندى تېكىنگە ياتلىق قىلىندى.
پايدىلانمىلار
[تەھرىرلەش]- ↑ مەركىزىي ئاسيا تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار، ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى، رۇسچىدىن تەرجىمە: ئۇيغۇر سايرانى، ش ج خەلق نەشرىياتى، 2000، ئۈرۈمچى، 342 - بەت.
- ↑ 1. «يۈەن تارىخى» (124، 7a)، «يېڭى يۈەن تارىخى» (116، 6a) ۋە باشقا بىر نەچچە خەنچە مەنبەلەردە راھىب شاۋجيەن (少監) شەكلىدە كەلگەن بۇ ئىسىم بارتولد تەرىپىدىن شاۋكام (Şāwkam) شەكلىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
- ↑ «يۈەن تارىخى»دا ئەتىياز دېگەن قىسىم كەلمىگەن.
- ↑ Broadbridge, Anne F. (2018). Women and the Making of the Mongol Empire. Cambridge Studies in Islamic Civilization. Great Barrington: Cambridge University Press. p. 119; ISBN 978-1-1086-3662-9.