Jump to content

بازىرى چىققان سۈنئىيلىك ۋە غايىب بولغان روھ

ئورنى Wikipedia

بازىرى چىققان سۈنئىيلىك ۋە غايىب بولغان روھ

خەلقىنىڭ دەردىنى ئۆز دەردى بىلىدىغان، ئۆزىگە پىچقان يول بىلەن مىللىتىنىڭ تۇتقان يولى كېسىشكەن چاغدا ئىككىلەنمەي مىللىتىنىڭ يېنىدا بولىدىغان، مىللىتىدە تەپرىقىچىلىككە، بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولۇۋاتقان مەسىلىلەردە دادىل قەلەم تەۋرىتىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ زېھىن ئۇپۇقىنى ئېچىشقا، ئىنقىلاب يۆنىلىشىنىڭ ساغلام مېڭىشىغا، بىرلىك ۋە ئىناقلىقنىڭ توغرا چۈشەنچ ۋە ساغلام ئىدىيە بىلەن مېڭىشىغا كۈچ قوشقان زىيالىي بۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىي ئۆز زىيالىيسىدۇر. مەشھۇر پەيلاسۇپ سارتىرى زىيالىيلىقنىڭ خاسلىقلىرى ھەققىدىكى بايانىدا مۇنداق بىر سۆزنى قىلىدۇ: سۈنئىي زىيالىي ھەقىقىي زىيالىيدەك، ياق، دېگەن سۆزنى قىلالمايدۇ. سۈنئىي زىيالىينىڭ دەيدىغىنى: ياق، ئەمما...

شۇنداق، بىز مەۋقەسى يۇملاقتاۋۇزلىشىپ كەتكەن، قەدەمدە بىر رەڭ يەڭگۈشلەپ تۇرىدىغان، تۇراقسىز، خامېلېئون زىيالىيلىقنىلا كۆرۈپ ياشىدۇق. بۇنداق زىيالىيلىق بىزگە زۇلۇم ئالدىدا «ياق» دېگەن مەۋقەگە يېتەكلىمىدى، ھەرقاچان «ياق» دەيدىغان بىر زىيالىينىڭ ئىدىيەسى بىلەن ئۇچراشساق، ئۇنىڭ ئارقىسىغا: «ياق، ئەمما...»، «ياق، لېكىن...» دېگەندەكلەرنى ئۇچراتتۇق. بىزنىڭ دىققىتىمىز «ياق» دېگەنگە مەركەزلىشەلمەيدۇ. ئىزچىل ھالدا «ياق، لېكىن ۋە ئەمما»لارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قىزىقىش، ھاياجانغا جور بولۇش، گويا بىرەر خەزىنە يوشۇرۇنغان سىرلىق ساندۇقنىڭ شىفرىسىنى ئېچىۋېلىۋاتقاندەك ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ كەتتۇق. قوي پادىسىدەك بۇنداق ئىز بويلاپ مېڭىشلار بىزگە زالىمنىڭ زۇلۇملىرىغا، باستۇرۇشلىرىغا، ئالداشلىرىغا، نەيرەڭلىرىگە، يېتەكلەشلىرىگە، ئۇنىڭ مېڭىمىزنى يۇيۇشلىرىغا، ئۇنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىشلىرىگە، قۇللاشتۇرۇشىغا، ماڭقۇرتلاشتۇرۇشىغا، خورلۇقلىرىغا تەۋرەنمەس باش ئەگمەيدىغان روھنى، تەۋرەنمەس، يېمىرىلمەس، پۈكۈلمەس ئىرادىنى، «ياق، ياق، ياق ۋە مەڭگۇ ياق» دەيدىغان روھنى ھېچ ۋە ھېچ ئاتا قىلالمىدى. ھېلىھەم بىز ئاشۇ «ياق، لېكىن» لەرنىڭ بۇرنىمىزدىن يېتىلەشلىرىگە، ئىرادىمىزنى ئەۋرىشىملەشتۈرگۈچى ھاياجان سۆزلىرىگە، خىزمەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقان تۇرقى-سىياقلىرىغا ئالدانماقتىمىز. ھەتتا بىزدە، بۇنداقلارغىمۇ «ياق» دەيدىغان قەتئىيلىك بارلىققا كېلەلمىدى. ھەر قېتىم ئورنىمىزدىن قوپاي دېگەندە يەلكىمىزدىن يېنىك ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىغان بۇ قوللارنىڭ قەيەرگە ئىشارەت قىلىشىنى كۈتۈپ، كۆزىمىزنى ۋىجدانىمىزنىڭ خىتابى چاقىرغان نۇقتىغا ئەمەس، قوللاردا ئىشارەت قىلىپ بېرىلىۋاتقان نۇقتىلاغا تېكىپ ئۆتمەكتىمىز. شۇڭا بىزدە كۆزىمىزگە ئوقۇلغان ئەپسۇنلارنى يېشىدىغان تىرياقلار بازار تاپمايدۇ، كۆزىمىزنىڭ پەردىسىنى ئاچقۇچى مەلھەملەر نەزەردىن قالىدۇ. چۈنكى، نەزەرلەر ھېلىھەم ئىشارەت قىلىنغان نۇقىتىدىن بۇرالغان ئەمەس.

بۇلارنى تىلغا ئالغان ئىكەنمىز، ئەلۋەتتە، سۈنئىيلىكتىن خالىي كىشىلىرىمىزگىمۇ ئىشارەت قىلماي بولمايدۇ. بۇ خىل زىيالىيلىرىمىزنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى تەمكىن، ئاز سۆزلەيدۇ، سۆزلىگەندە ھەقنى سۆزلەشكە تىرىشىدۇ. بىزگە «ياق، ئەمما...»نى ئەمەس، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىدا چوڭقۇر ئورنىغان «ياق» نى بىزگە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە ئۇرىنىدۇ. ئۇ قەدەر لايىقىدا قەدىرلىنىپ كەتمىسىمۇ، ماڭدامدا بىر ئىش ئۆگىتىش ۋەزىپىسى بار سۈنئىي زىيالىيلاردەك توپلۇمنىڭ دىققەت نەزەرىگە، ئېلىنىشكە نائىل بولالمىسىمۇ، ھەتتا ھەر بىر مىللەت ئەزاسى قەدىرلەپ ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان پىكىرلىرى ئوقۇلماي، مۇلاھىزە قىلىنماي كەتسىمۇ ئۆزىدىكى بىر كىشلىك ئۇيغۇرلۇق روھىنى نامايەن قىلىشتىن توختاپ قالماي، «ياق» روھىنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئورۇنداپ ياشاشتىن ھارماي كېلىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر زىيالىيلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. ئەگەر مۇشۇنداق بىر زىيالىيىمىز بولۇپ، ئۆرنەك كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە بۇنىڭغا يازغۇچىمىز ۋە مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا پىداكار جەڭچىلىرىمىزدىن بىرى بولغان رۇقىيە تۇردۇش خانىمنى كۆرسىتىش مۇناسىپ بولسا كېرەك. زىيالىيلىرىمىز ئىچىدە ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلەر تىلغا ئېلىنسا، مەن يەنىلا بۇ روھقا ئىگە كىشىلەردىن رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ ئەسەرلىرىگە دىققەت بىرىش كېرەك دېگەننى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەسەرلىرى ئىچىدە «قايتا شەكىللەندۈرۈلۈشتىن قايتا شەكىللەندۈرۈشكە» ناملىق ئەسەر ھەقىقىي زىيالىيلىق ئوبرازىنى نامايەن قىلغان، سۈنئىيلىكتىن يىراق ئەسەرلەردىن دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بۇ مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى ئىچىدە، مىللىتىنىڭ دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلگەن، ئىدىيە نۇقتىسىدىن شالغۇت ئىدىيەلەردىن خالىي بولۇشقا تىرىشقان، ھەتتا ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مەپكۇرەگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نەزەرىيەلەرگە قارىتا «تۇتىيا بىلىپ قوبۇل قىلىپ ئەكىرىش» تەك سۈنئىي زىيالىيلىق يولىنى ئەمەس، تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتۇشتەك جاسارەتنى كۆرسەتكەن ئەسەرلەر بار دېسەك، رۇقىيە خانىمنىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىشكە مۇناسىپ بولۇشى مۇمكىن.

توپلۇمىمىز قوچۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق پەيتتە توپلۇم ئەزالىرىنىڭ كۆزىنى ئوچۇق تۇتۇشى، زېھنىنى سەگەك تۇتۇشى زۆرۈر. دېمەكچىمىزكى، مىللەتنىڭ قەلەم ۋە پىكىر ئەربابلىرىنىڭ مىللەتنىڭ زېھنىنى ئىچىش خىزمىتىدە ئاكتىپ بولۇشى، قايمۇقتۇرۇش كۆزلىنىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتلەرگە تىرياق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ساغلام پىكىرلەرنىڭ قانات يېيىشىغا خىزمەت قىلىشى مىللىي ۋە ۋىجدانىي بۇرچ بولۇپ قالدى. شۇنىڭدەك توپلۇمنىڭمۇ سىلكىنىدىغان، ئۆزىنىڭ ساغلام كىشلىرىنى تونۇيدىغان، پەرق ئېتىدىغان ۋە پەرقىگە بېقىپ سەھنىدىن ئورۇن بېرىدىغان ساپا يېتىلدۈرىدىغان ۋاقتى كېلىپ ئۆتۈپ كەتتى. بار بولۇش ياكى يوق بولۇش كۈرىشى بېرىۋاتقان بولساق، ئۈمىدىمىزنى قۇرۇپ چىقىش يولىدا ھەمكارلىشىش، سەپسەتە ئۈستىدە مەيداننى ئېنىق ئايرىش ۋە ھەممە ئۆزىنىڭ ئىمانىنىڭ، ۋىجدانىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ ھەرىكەت قىلىش بۇ مەۋجۇتلۇق كۆرىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق قەدەملىرىدىن بىرى بولغۇسى.

دىققەت! سۈنئىيلىكنى پاچاقلاپ تاشلاش، ھەقىقەتكە ۋە ھەقىقىيلىققا قاراپ ئىلگىرىلەش يولى ئۆز كارۋىنىنى سەرۋانلىرى بىلەن قوشۇپ كۈتمەكتە.

يازار: بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى