بەششار ئەسەد

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى باشار ئەسەد)

بەششار ئەسەد (ئەرەبچە: بشّار الأسد) 1965-يىلى 9-ئايدا سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە تۇغۇلغان بولۇپ، سۈرىيەنىڭ ۋاپات بولغان پىرېزىدېنتى ھافىز ئەسەدنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. بەششار 1982-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دەمەشق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، ھەمدە ئوقۇش مەزگىلىدە ھەربىي بولغان. 1988-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، لاياقەتلىك كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولغان، كېيىن دوختۇرلۇقنى تاشلاپ، سىياسىيغا قەدەم قويغان. 1994-يىلى سۇرىيە ھىمس ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مايورلۇققا ئۆسكەن. 1996-يىلى 1-ئايدا مەسلىھەتچىلىك قوماندانلىق ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان، 1998-يىلى پودپولكوۋنىكلىققا، 1999-يىلى 1-ئايدا پودپولكوۋنىكلىققا ئۆسكەن. ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تېببىي پەنلەر بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان. بەششار ئىلگىرى سۇرىيە ئۇچۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قوشۇمچە 105-برونىك برىگادىسىنىڭ كوماندىرى بولغان. 2000-يىلى 6-ئايدا ھافىز ئەسەد قازا قىلغاندىن كېيىن، بەششار سۇرىيە ئەرەب گۈللىنىش بەئس پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان، ھەمدە گېنېراللىققا ئۆسكەن قوشۇمچە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 7-ئايدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن سۈرىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولغان. 2005-يىلى 6-ئايدا ئەرەب گۈللىنىش سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغان. 2007-يىلى 5-ئايدا، سۈرىيەدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلۇپ ئۇدا پىرېزىدېنت بولغان، شۇ يىلى 7-ئايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. بەششارنىڭ سۈرىيەدىكى ياشلارنىڭ ئارىسىدا تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك. ئۇ پەن-تېخنىكىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدىكى رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىنى پائال تەشەببۇس قىلغان. ئۇ كەمتەر، خوش پېئىل بولۇپ، چىرىكلىككە ئىچ تىرنىقىدىن ئۆچ. رەھبەرلەر ئائىلىسىدە چوڭ بولغان دەپ تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ. چەتئەل تىلىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئەرەب تىلىدىن باشقا، ئىنگلىز تىلى ۋە فىرانسۇز تىلىغىمۇ ناھايىتى پىشىشىق. پىرېزىدېنت بەششار توي قىلغان، بىر ئوغۇل، بىر قىزى بار. ئايالى ئەسما ئەخرەس ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان سۈرىيەلىك ئەرەب بولۇپ، بىر يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ قىزى. ئۇ ئەنگلىيەدە ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا كومپيۇتېر باكالاۋۇرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەب تىلىگە پىششىق. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىنى تەھلىل قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.