Jump to content

باش تېما ۋە تېما

ئورنى Wikipedia

باش تېما ۋە تېما

ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەرنى يېزىشتىن ئاۋۋال يازغۇچىدا مەلۇم بىر ئوي - پىكىر ھاسىل بولغان بولىدۇ. بۇ ئىجاد قىلىشنىڭ، يەنى ئەسەر يېزىشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ. يازغۇچىدىكى ئوي - پىكىر ئاساسسىز مەيدانغا كەلمەيدۇ. ئۇ كەڭ، رېئال تۇرمۇشتا ھەر خىل، ھەر رەڭدىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى نەرسىلەر يازغۇچىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ، كۈچلۈك مۇھەببەت ياكى نەپرەت تۇيغۇسى قوزغايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر خىل مۇددىئا پەيدا بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوي - پىكىر، مۇددىئا مەقسەتنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ مەقسەتنى ئاساس قىلىپ، يازغۇچى ئۆزىدە ئالاھىدە تەسىرات قالدۇرغان ماتىرىياللارنى تاللاش، تاۋلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئىدىيىسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈشكە مۇۋاپىق جانلىق تۇرمۇش كۆرۈنۈشى قىلىپ قۇراشتۇرىدۇ، بۇ تۇرمۇش كۆرۈنۈشىنى ماختاپ گۈزەللەشتۈرىدۇ ياكى ئۇنى پاش قىلىپ خۇنۈكلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭدا يازغۇچىنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان مۇھىم بىر مەقسىتى بولىدۇ، باشقىلارغا بىلدۈرمەكچى بولغان بىر مۇددىئاسى بولىدۇ. ھەرقانداق يازغۇچى تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ئەسەردە مەقسەتسىز تەسۋىرلىمەيدۇ. ئۇ ھامان مەلۇم بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۆزىنىڭ شۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشى بىلەن پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ، ئوبراز تەسۋىرى ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىدۇ ياكى مەلۇم بىر ئىدىيىنى پاش قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. دېمەك، ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەر ياكى ماقالىدە مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر مەسىلە ياكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە ھەل قىلىنىدۇ.

ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ھەل قىلىنغان پىكىر ياكى مەركىزىي مەسىلە ئەسەرنىڭ باش تېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، شۇ ئەدەبىي ئەسەر ئارقىلىق يازغۇچىنىڭ كىتابخانلارغا بىلدۈرمەكچى بولغان ئاساسىي مەقسىتى ئەسەرنىڭ باش تېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

ئاپتور ئۆز ئەسىرىدە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش جەريانىدا، مۇقەررەر يوسۇندا ئۆزىنىڭ مەيدانى، كۆز قارىشى، خاھىشى، پوزىتسىيىسى ۋە ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇلار يەككە - يېگانە، ئوچۇق - ئاشكارا ئىپادىلەنمەي، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ۋەقە، پېرسوناژلىرىغا، ئومۇمەن، پۈتۈن گەۋدىسىگە سىڭدۈرۈۋېتىلگەن بولىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى باش تېما ئىدىيىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.

مەسىلەن، ئالدىمىزدا ئوقۇتۇلىدىغان «ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى» دېگەن ئەسەردە ئىلىم - پەننى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىلىم بىلەن قوراللىنىش لازىملىقى، بىلىم بىلەن قوراللانغاندا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلە، قىيىنچىلىق ۋە زىددىيەتلەرنى بىلىمگە تايىنىپ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ۋە ھەرقانداق ساھەدە، ھەرقانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىدەك مۇھىم مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مانا بۇ «ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى» دېگەن ئەسەرنىڭ باش تېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باش تېما ئەسەرنىڭ تۇتقۇسى ھەم جېنى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ئەسەرگە قوماندانلىق قىلغۇچى، ئەسەر ۋەقەلىكىنى تەشكىللىگۈچى ھەم ئەسەر پېرسوناژلىرى ۋە ۋەقەلەرنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى ئاساسىي ھالقىدۇر. ماتېرىيال تاللاش، ئەسەرنىڭ قۇرۇلۇشى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە تىلدىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسى باش تېمىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنىدۇ ۋە باش تېما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. باش تېما خۇددى بىر تال يىپقا ئوخشاش پۈتۈن ئەسەر ياكى ماقالىنىڭ ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، بىر پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. باش تېمىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىش - چىقماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەڭ مۇھىم ھالقا. شۇڭا ئەسەر ياكى ماقالە يازغاندا باش تېمىنى ياخشى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، ئەدەبىي ئەسەر ئۈچۈن باش تېمىنىڭ مۇھىملىقى شۇنداقكى، باش تېمىسىز ئەسەر مەۋجۇت بولالمايدۇ.

باش تېما قەيەردىن كېلىدۇ؟ باش تېما ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. يازغۇچى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا خىلمۇخىل ۋەقە، ھادىسىلەرگە دۇچ كېلىدۇ، ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ، نەتىجىدە، تونۇش، تەسىرات، چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ، بۇلار توپلىنىپ، تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىدۇ - دە، ئىجادىيەت مۇددىئاسى، مەقسەت شەكىللىنىدۇ. مانا بۇ باش تېمىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدۇر. تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، كۆپلىگەن خام ماتېرىياللارنى ئىگىلەش بىلەنلا ساغلام باش تېما شەكىللەنمەيدۇ. تۇرمۇشنى، خام ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك، چوڭقۇر چۈشىنىش لازىم.

تېما گرېكچە سۆز بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات ئاتالغۇسى. لىرىك ئەسەرلەردىن باشقا تۈردىكى بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوبيېكتىپ رېئاللىق ۋە رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش ماتېرىياللىرى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەلۇم ساھەسى، قاتلىمى ياكى كەسپىي ساھەلەردىن ئېلىنىدۇ. دېمەك، بۇ ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ئاساسەن تېما ئاتالغۇسى ھەم كەڭ، ھەم تار مەنىدە ئىككى خىل قوللىنىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

تېمىنىڭ كەڭ مەنىسى ئەدەبىي ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش، كەسىپ ساھەسى ۋە قاتلىمىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، يېزا تېمىسى، شەھەر تېمىسى، سانائەت تېمىسى، دېھقان تېمىسى، زىيالىيلار تېمىسى... قاتارلىقلار.

بۇ دەرسىمىزدە تېمىنىڭ تار مەنىسى ئۈستىدە توختىلىمىز. رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئېلىنىپ، يازغۇچىنىڭ تاللىشى، پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن ئۆتۈپ ئەدەبىي ئەسەردە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېما دەپ ئاتىلىدۇ. تېما ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىپتىدائىي مول خام ماتېرىياللاردىن تاللاش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا تېما بىلەن خام ماتېرىيالنى تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ. خام ماتېرىيال تۇرمۇشتىكى ئىپتىدائىي، چېچىلاڭغۇ ماتېرىيال. تېما بولسا ئاپتورنىڭ تاللىشىدىن، پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن ئۆتكەن، ئەسەردە ئىشلىتىلگەن ماتېرىيالدىن ئىبارەت.

مەسىلەن، «ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى» دېگەن ھېكايىدە كەچ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگىنى ئەخمەتجاننىڭ چېيىنى ئىچىپ، گالستۇكىنى باغلاپ، بوغچىسىنى ئېسىپ ئىشىكتىن چىققىنىدا، دادىسى ساۋۇت قارىينىڭ «يەنە مەكتەپكە ماڭدىڭمۇ، ئاخشام قىلغان گەپلىرىم بۇ قۇلىقىڭدىن كىرىپ ئۇ قۇلىقىڭدىن چىقىپ كەتتىمۇ؟» دەپ جىمىلىگەنلىكى، ئەخمەتجاننىڭ دادىسىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە مەكتەپكە بارماي، ئوتالغۇ ئىشىغا ياردەملىشىش ھەققىدە خېلى قاتتىق جېكىلىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالغانلىقى؛ ئەخمەتجاننىڭ دەرستىن قالماسلىق ئۈچۈن، دادىسىنىڭ گېپىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ مەكتەپكە بارغانلىقى، ئاخشاملا كۆڭلىگە پۈككەن پىلانى بويىچە، دەرستىن چۈشۈپ، ئۈچ - تۆت دوستىنى ياردەمگە چاقىرىپ دادىسىغا قول - قانات بولماقچى بولۇپ ئۆيىگە قايتقىنىدا، دادىسىنىڭ ھاۋا رايى پونكىتى تارقاتقان بۈگۈن كېچىدە سوغۇق ئېقىم كىرىدىغانلىقى، مەزگىلسىز قىرو ئۈششۈكى پەيدا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قىرو ئۈششۈكى پەيدا بولسا، چەككەن جاپالىرى بىكار كېتىدىغانلىقى ۋە ئون نەچچە مو يەردىكى كەنجى قونىقىنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ پەرىشان ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىكى؛ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئەخمەتجاننىڭ باش قاتۇرۇپ ئويلىنىپ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ چارە - ئامال تېپىپ، ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە دەرھال ئىشقا كىرىشىپ، تاشلاندۇق قوناق شاخلىرىنى ئارغامچا - تانىلار بىلەن باغلاپ ئېتىزغا ئون نەچچە قېتىم توشۇپ، قۇياش ئولتۇراي دەپ قالغان چاغدا قىر - قىرلادا قوناق شاخلىرىغا ئوت يېقىپ ئىس قويۇپ، كەنجى قوناقنى قىرو ئۈششۈكى ئاپىتىدىن ساقلاپ قالغانلىقى، دادىسىنىڭ ئوغلىغا ئەقىل كىرىپ قالغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقى ۋە ئوغلىدىن پەخىرلەنگەنلىكى، باشقا دېھقانلارنىڭمۇ بارىكاللا ئوقۇغانلىقى، ئاخىرىدا دادىسىنىڭ ئەخمەتجاننى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنى: «... چېيىڭلارنى ئىچىپ بولۇپ مەكتەپكە مېڭىڭلار، بىلىم ئالىدىغان ئىش بولسا كېچىسىمۇ ئوقۇڭلار!» دەپ تىرىشىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر رېئال تۇرمۇشتىن ئېلىنىپ، ئاپتورنىڭ تاللىشى ۋە پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن ئۆتۈپ، ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي تەسۋىرلىنىپ، تۇرمۇشنىڭ بىر بۆلىكى، يەنى بىر تۇرمۇش مەنزىرىسى يارىتىلغان ۋە يورۇتۇپ بېرىلگەن، مانا بۇ «ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى» ناملىق ھېكايىنىڭ تېمىسىدۇر.

باش تېما بىلەن تېمىنىڭ مۇناسىۋىتى

باش تېما بىلەن تېما ئايرىلماس زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. باش تېما ئەدەبىي ئەسەر مەزمۇنىنىڭ گەۋدىسى ۋە يادروسى بولۇپ، تېما ئاشۇ ئاساسىي گەۋدىنى روشەن ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، باش تېما ئەسەرنىڭ تېمىسى ئارقىلىق كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ، تېما بولسا باش تېمىنىڭ قوماندانلىقىدا تەشكىللىنىدۇ، باش تېمىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تاللىنىدۇ، تېما بولمىسا باش تېمىمۇ بولمايدۇ، باش تېمىنى ئىپادىلەش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. باش تېما بىلەن تېمىنىڭ مۇناسىۋىتى بىر - بىرىگە قايتىش مۇناسىۋىتى بولۇپ، بىرى بولمىسا، يەنە بىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى مۇمكىن ئەمەس. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ جېنى ۋە تۇتقۇسى بولغان باش تېما ھەر قاچان تېمىغا قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، تېما باش تېمىنىڭ ئېھتىياجىغا ھەر دائىم بويسۇنىدۇ. باش تېما بىلەن تېما ئوخشاشلا ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تەۋە بولغان مۇھىم ئامىل.


تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى يىللىق «ئەدەبىيات» دەرسلىك كىتابىدىن ئېلىندى.