باش قەھرىمانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈم
باش قەھرىمانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈم
مېنىڭ ئەسەر ئىجاد قىلىشىم تولغاق تۇتۇۋاتقان، يېڭى بىر گۆدەكنى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچۇرۇۋاتقان ئايالنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ. ھاياتتىن ئىلھاملىنىش ئۈچۈن بولسا، ئاۋۋال ئۇنى سۆيۈشۈم كېرەك بولىدۇ.
— پاۋلو كوئېلو
بىرازىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى پاۋلو كوئېلھو 1947- يىلى 24- ئاۋغۇستتا تۇغۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان دۇنياۋىي يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادىكى 70 تىن ئارتۇق تىلدا، 150 تىن ئارتۇق دۆلەتتە، 160 مىليوندىن ئارتۇق تىراژدا نەشىر قىلىنغان. پەقەت «ئەلكىمياگەر»ناملىق ئەسىرىنىڭ تىراژىلا 70 مىليوندىن ئاشقان. ئۇ «ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ سېتىلغان يازغۇچى» سۈپىتىدە دۇنيا جىننىس رېكورتى دۇنيا قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. پاۋلو كوئېلھو كۆپلىگەن دۇنياۋىي مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغان. بۇ يازغۇچى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە «ئەلكىمياگەر» ناملىق رومانى بىلەن تونۇشلۇق.
بەزىبىر ئەدەبىي تەنقىدچىلەر پاۋلو كوئېلھونىڭ رومان ۋە پوۋېستلىرىنى «چۈشىنىش قىيىن بولغان مەۋھۇم پىكىرلەر دۆۋىسى، ئەدەبىيات ئەمەس، بەلكى ئادەمگە بەزىبىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يول كۆرسىتىدىغان ئەسەرلەر» دەپ قارايدۇ. پاولو كوئېلھو بولسا، ئۆزىنى ھېكايىچى، دەپ ئاتايدۇ ۋە كىتابلىرى كىتاب ئىشكابلىرىنىڭ «پەلسەپە» ھەمدە «ئەدەبىيات» بۆلۈملىرىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىدە گىرامماتىك ھەمدە مەنتىقىي چۈشىنىكسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان تەنقىدچىلەرگە ئۇ نەچچە ئەسىردىن بېرى سۆيۈلۈپ ئوقۇلۇپ كېلىنىۋاتقان «دونكىخوت» ئەسىرىدىمۇ بۇنداق چۈشىنىشمەسلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھېچكىم رەت قىلالمايدىغان دەلىل باركى، پاۋلو كوئىلھو بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەسەرلىرى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان ئون يازغۇچىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا قىسقا ۋاقت بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇلۇش كۆرسەتكۈچىسى بىر ئۆمۈر ئىجاد قىلغان، ئاممىغا يېقىن ئەدىب دەپ تەن ئېلىنغان جورجى ئامادوننىڭكىدىنمۇ يوقىرى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەرقانداق ئادەمنى ئىجادىيەتكە ئۈندەيدىغان كۈچ— ھايات ئىشقىدۇر.
— يېزىقچىلىققا بولغان ئېھتىياجىڭىزنى نېمىدىن، دەپ ئويلايسىز؟
— چۈنكى، بىزنىڭ ئۆز مۇھەببىتىمىزنى ئەينەن يېزىش ئارقىلىق ئورتاقلىشىشىمىزنىڭ لازىملىقىغا، شوپۇرنىڭ ئىشى ماشىنا ھەيدەش بولغىنىغا ئوخشاش مېنىڭ ئىشىمنىڭمۇ يېزىقچىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
— سىزنىڭ يېزىقچىلىق ساھەسىگە كىرىش پىلانىڭىز بۇرۇندىن بارمىدى ياكى كېيىنچە نېمىلەرنىڭدۇر تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن كىرىپ قالدىڭىزمۇ؟
— مېنىڭ يېزىقچىلىق ساھەسىنى تاللىغىنىمغا ناھايىتى ئوزاق بولغان، ھەردائىم يازغۇچى بولۇش ئويىدا يۈرەتتىم. بۇ يولدا ئاداشقان پەيتىلىرىممۇ بولدى. ئەمما، ئەدەبىيات ھەردائىم مېنىڭ يولچى يۇلتۇزۇم ئىدى. كۈچلۈك ئىرادە مېنىڭ ئۆز مەقسىتىمگە ئېرىشىشىمگە، بۇ يولدا ئۇتۇق قازىنىشىمغا سەۋەب بولدى.
— سۆھبەتلىرىمىزدىن بېرىدە يېزىقچىلىق ئۈچۈن «قۇۋۋەت مەركىزى» بىلەن ئالاقىگە ئۆتىدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئېيتقانىدىڭىز. بۇ ئاتالمىنى ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرەمسىز؟
— مەن كارل يوڭنىڭ ئىبارىسى بىلەن ئېيتقىنىمدا، «غەيرىي روھىي ھالەت» ياكى خىمىيەدىكى ئىپادىلەردىن پايدىلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن. «قۇۋۋەت مەركىزى»گە ئېرىشكىنىڭىزدە، سىز بارلىق سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب ئالالايسىز، مەسىلىلەرنىڭ يېشىمىنى تاپالايسىز!
— بۇ ھەقتە بورخېسمۇ كۆپ يازغان...
— بورخس بۇنى ئالېف— جىمىكى نەرسىنىڭ مۇجەسسىمى بولغان ماكان، دەپ تەسۋېرلەيدۇ. «ئالېف» چۈشەنچىسى يەھۇدىيلار ئىتىقادىدىكى «قەدىمىي ئۆگۈت» دەپ ئاتالغان تەسەۋۋۇپى قاراشلاردىن ئېلىنغان. جۈملىدىن، بۇ ئېلىپبەنىڭمۇ باشلىنىشىدۇر. بۇ شۇنداق ماكانكى، بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇشبۇ جاي بارچە نەرسىنى ئۆزىدە نامايان قىلىدۇ. بورخېسنىڭ «ئالېف» ناملىق ئەسىرىدىكى قەھرىمان ساياھەتكە چىقىدۇ، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ ۋە تاسادىپىي «ئالېف» قا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەممە نەرسىنى، چاتقاللىق ۋە ئورمانلارنى، دەريالارنى ۋە ئومۇمىي بارلىقنى كۆرىدۇ. بۇنى ئىنسان باشتىن ئۆتكۈزىدىغان غەيرىي روھىي ھالەت، دەپ ئاتىسىمۇ بولىدۇ.
— بۇ سىز يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا ھېس قىلىدىغان ھالەتمۇ؟
— شۇنداق ۋاقت بولىدۇكى، ئىچىڭنى تاتىلاۋاتقان مۇلاھىزە ياكى قاراشلارنى بېرىلىپ يازىسەن. بۇ ۋاقىتتا چارچاپ كەتكىنىڭگە قارىماستىن، سالامەتلىك ئەھۋالىڭدىن ۋاز كېچىپ بولسىمۇ يازغۇڭ كېلىۋېرىدۇ. ئۆزۈڭ ھەققىدە ئويلاشقا چولۇڭ يوق، ئەمما شۇ دەقىقىلەردە ئۆز ئىشىڭدىن لەززەتلىنىش تۇيغۇسى سېنى چۇلغايدۇ. سەن روھىي خاتىرجەملىككە ئېرىشىسەن. بۇ ئاشۇ «قۇۋۋەت مەركىزى»دۇر. بۇنداق ھالەتتە ۋاقت ئىنتايىن تېز ئۆتىدۇ. ھايات مەن ئۈچۈن مۇھىم سىمۋوللۇق ئىشارىلەردىن ئىبارەت. چۈنكى بىز ئىنسانلار ئادەتتىكى مەۋجۇدات ئەمەس، ئىشارىلەردۇرمىز.
— ئەسەرلىرىڭىزدە سۇدا چوڭقۇر سىمۋوللۇق مەنە بارلىقىنى ئىپادىلەيسىز.
— ئېھتىمال بۇ مەن دائىم— دەم ئېلىۋاتقىنىمدىمۇ، يېزىقچىلىق قىلىۋاتقىنىمدىمۇ سۇ ئەتراپىدا تۇرغانلىقىم، سۇدىن ئىلھاملانغانلىقىم سەۋەبىدىن بولسا كىرەك. چەكسىز ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان كوپاكابانا قىرغاقلىرى ئىجادىمدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سۇ يارىلىش ۋە ھاياتنىڭ باش ئامىلى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى سىمۋوللۇق ئوبراز تەرزىدە تەلقىن قىلىش ئاسان ۋە ئاساسقا ئىگە. سۇنى دىققەت بىلەن كۆزەتسەك، دولقۇنلار سەۋەبلىك بارلىققا كەلگەن زىددىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئەڭ خاتىرجەم دەملەرگىمۇ گۇۋاھ بولىمىز. ھاياتىمىزدىكى بارچە ھالەتلەر سۇدا ھەم مەۋجۇت. مەن سىرلىقلىقنى ھۆرمەت قىلىمەن. مېنىڭچە، بىز ئۆزىمىزگە قاراڭغۇ بولغان ماكاننى، سىرلىق ھادىسىلەرنى ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم.
— سىز يازىسىز. بىر مۇددەت ئۆتۈپ يېزىلغان نەرسىنى ئوقۇپ كۆرۈپ، نارازى بولىسىز. كەتكەن ۋاقتىڭىزغا ئېچىنىسىز، كېيىن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىسىز...
— بۇ ھەرقانداق يازغۇچىدا يۈز بېرىدىغان ھالەت. مەن يېزىقچىلىق قىلىۋاتقىنىمدا توغرا ياكى خاتا قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئاۋۋال ئۆزۈم ئۈچۈن يازىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ تۇنجى ئوقۇرمەنى. بۇرۇن ئەسەرلىرىمنى نەشىر قىلىشتىن بۇرۇن باشقىلارغا كۆرسىتەتتىم. ھازىر بۇنداق قىلمايدىغان بولدۇم، چۈنكى مەن بارچە مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممەمگە ئالدىم. يېزىۋاتقان ئەسىرىم ياخشى چىقمايۋاتقانلىقىنى سەزگەن دەقىقىدە شۇ ھامانلا ئۇنى يېزىشتىن ۋاز كېچىمەن. بۇنداق جەرياننىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىغا كۆپ بولغىنى يوق. مەن يېقىندىلا سىگانلار توغرىسىدا يېزىۋاتقان ئەسىرىمنى يازماسلىقنى قارار قىلدىم.
— بۇنى قانداق ئېنىقلايسىز؟
— بۇ ئىچكى بىر سەزگۈ. سەمىمىي بولمىغان ئىش ئوزاققا سوزۇلمايدۇ. ئۆزۈمنى يېزىشقا مەجبۇرلىغان كۈنى يېزىۋاتقان ئەسىرىمنىڭ تېخى خاملىقىنى چۈشىنىمەن.
— يېڭى تېمىلارنى قانداق تاللايسىز؟
— مەن سىياسىي جەھەتتىن ۋاقت دائىرىسىدە ياشاۋاتقان يازغۇچىمەن. ئەمما مېنىڭ ئەڭ بۈيۈك قېدىرىشىم دائىما ساماۋىي دائىرىدە بولۇپ كەلگەن. بۇ ماۋزۇ مېنىڭ ھەربىر ئەسىرىمدە تەلقىن قىلىنىدۇ. مەن بىر چاغلاردا ئۆزۈمنى بارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيمەن، دەپ ئويلغانىدىم. ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە بۇنىڭغا ئىلاجىم يوقلۇقىنى چۈشەندىم. چۈنكى، بۇ سەرگە توختىمايدىغان پىكىر ئىكەن. توغرا، مەن بۈيۈك ئۇستازلاردىن يېتىپ كەلگەن پىكىرلەر ئاساسىدا ھەر نەرسىنى ئىزاھلاپ بېرىشىم مۇمكىن. ئەمما بۇ مېنىڭ جاۋابىم بولالمايدۇ. ھەقىقەت شۇكى، بىز تېپىشماقلىقىمىزچە قالىمىز. مەن بىر نەرسىگە ئىشىنىمەنكى، بىز ئۆزىمىزگە قابىلىيەتنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نامايان قىلىش ئۈچۈن تۇغۇلغانمىز. بۇنى بولسا، ئۆز ئىشىڭدىن قانائەتلەنگىنىڭدىلا ھۆددىسىدىن چىقالايسەن. ئەگەر سەن سەمىمىي بولمىساڭ، ئۆزۈڭنىمۇ، ئەتراپىڭدىكىلەرنىمۇ ئالداپ ياشايسەن. ئەمما بۇ ئوزاق داۋاملاشمايدۇ. سەۋەبى، ئىبلىس سەلتەنىتىنىڭمۇ ئۆز مەنتىقىسى، قانۇن – قائىدىلىرى بار.
— سىزنى يېڭى كىتاب يېزىشقا ئۈندەيدىغان ئىجادچانلىق جەريانى نېمە؟
— مەن سىزگە بىر ياخشى مىسال كەلتۈرەي: مەن يېقىندا ياپۇنىيەدە بولغان كىتاب تەقدىم قىلىش پائالىيىتىدىن قايتىپ كەلدىم. مەن ئۇ يەردە ئىچى كاۋاك بىر خىل دەرەخ غولىدىن ياسىلىدىغان غەلىتە بويۇمنى كۆردۈم. بۇ بۇيۇمنىڭ ۋەزىپىسى بوغىلارنى ئۈركىتىپ، ئېكىنزارلارنى پايخان قىلىشتىن ساقلاش ئىكەن. بويۇمنى ئاستا – ئاستا سۇغا تولدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاۋۇش چىقىدىكەن ۋە بوغىنى ئۈركىتىدىكەن. مەن بۇنى ئىجاتكار بىلەن روي بېرىدىغان جەرياننىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىسى دەپ تەسەۋۋۇر قىلدىم. چۈنكى، بىزمۇ مەلۇم بىر ۋاقت كەلگەندە تولغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز ۋە ئۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئېھتىياج سېزىمىز. بۇنى سۆيگۈ ياكى ھاياتنى باغاشلاش، دەپ ئاتىسمۇ بولىدۇ. گەپ شۇنىڭدىكى، يازغۇچىنى يېزىشقا ئۈندەيدىغان كۈچ — ئۆز بىلگەنلىرىنى ئورتاقلىشىش ئېھتىياجىدۇر.
— شەخسەن سىزدە بۇ «تولۇش» جەريانى قانداق روي بېرىدۇ؟
— مەن تولۇشتىن تەشۋىشلەنمەي تولىمەن. ھەممىسى ھاياتقا بولغان سۆيگۈنىڭ ماھىيىتىگە باغلىق. بىر ئەسەرنى يازغاندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلىغىچە تەنەپپۇس قىلىمەن. ھېچقانداق ئەسەر، ھەتتا بىرەر جۈملە يازماي، پۈتۈنلەي ھاياتنىڭ ئىختىيارىدا بولىمەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نەپەس ئالىمەن، ئۇنىڭغا ماسلىشىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئىچ – ئىچىمدىن نېمىدۇر ھېس قىلىمەن. ئۇ ماڭا ئېغىرلىق قىلىشقا باشلىغاندا يېزىشىم زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمەن.
— سىز بۇنىڭغا تەييار ئىكەنلىكىڭىزنى قانداق ئېنىقلايسىز؟
— پەقەت ھېس قىلىش كېرەك.
— باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىز ھاياتتىن ئالىسىز ۋە بىر مۇددەتلىك پىكىر يۈرگۈزۈشتىن كېيىن ئۇنى نامايان قىلىسىز.
— بۇ خىمىيەدىكى مۇقەررەر فورمۇلا: ئاۋۋال ئېرىتمىگە، ئاندىن تۇيۇنغان قۇيۇق ماددىغا ئايلىنىپ، نىھايەت يەنە ئېرىمەكلىك! بۇ پەقەت يۈرەك مىخانىزىمىغا ئەمەس، بەلكى تەبىئەتتىكى تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە داۋام قىلىش تەرتىپىگىمۇ ئوخشايدۇ.
— ئىجادىيەت ئۈچۈن بەلگىلىگەن مۇئەييەن ۋاقتىڭىز بارمۇ ياكى بۇ مەسىلىدە پىلانسىزمۇ؟
— مەن ئىجادىيەتتىن تاشقىرى بارلىق مەسىلىدە پىلانسىز ئىش تۇتىمەن. مەكتەپتىن ئالغان بىردىنبىر تەربىيەم — تەرتىپ – ئىنتىزام! بەزىدە مېڭەمدە ئاللىقاچان داڭلىق يازغۇچىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىم، يېزىشقا مەجبۇر ئەمەسلىكىم ھەققىدىكى پىكىرلەر باش كۆتۈرۈپ قالىدۇ. بۇ پەقەت ھۇرۇنلۇققا باھانە. باشلىنىش — ھەر ئىشنىڭ ئەڭ مۈشكۈل پەللىسى. مەن قايسىدۇر ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشتىممۇ، ئۇنى يېزىشتىن توختىمايمەن. مەيلى ئايرۇدرۇمدا، مەيلى ئايرۇپىلاندا ياكى مېھمانخانىدا بولسۇن، يېزىۋېرىمەن. مەن پەقەت «ۋېرونىكا ئۆلۈشنى قارار قىلدى» دېگەن ئەسىرىمنى يازغاندىلا بۇ تەرتىپنى بۇزغانىدىم. يەنە بىر قائىدەم باركى، گەرچە ئۇنى كۆپ بوزۇشقا مەجبۇر بولمىساممۇ، مەن مانا مۇشۇ يەردە — بىرازىلىيەدە، كوپاكابانا ساھىللىرىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىمەن.
— ئەمما ئىجادىڭىزنىڭ بىر قىزىق تەرىپى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىڭىز ئىسپان مەدەنىيىتىدىن ئىلھاملىنىش تەسىرىدە يېزىلغان.
— دەل شۇنداق. بۇ ماڭا خاس يەنە بىر زىددىيەتتۇر. بالىلىقىمدا ئىسپان ئېمىكئانام بار ئىدى. ئاشۇ ئېمىكئانا بۇ مەملىكەتكە بولغان تۇيغۇلىرىمنىڭ مۇئەللىپىدۇر. شۇنىڭدىن بويان مېنىڭ بارلىق تەسەۋۋۇرلىرىم ھەمدە قاراشلىرىم ئاشۇ زېمىنغا باغلاندى. ئەمما ئۇلارنى ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلاردىن يىراقتا بولۇشقا مەجبۇرمەن. مەن بىرازىلىيەدە تۇغۇلغىنىم، بىرازىلىيەلىك بولغىنىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن، شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ يەردە يېزىقچىلىق قىلىشقا موھتاجمەن.
— سىز ئۈچۈن بىرازىلىيەلىك بولۇش نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
— بۇ ئۈنۈمدار زېمىندا تۈپ ئاھالىنىڭ، تۈرلۈك مىللەتلەر قۇرشاۋىدا ئىتىقادىىي باغرى كەڭلىكنى تەرغىب قىلغۇچى تەربىيە ئارقىلىق كامال تاپقان كۆڭۈل بىلەن مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە شېئىرىيەت تەسىرىدە نامايان بولىدىغان بارلىق مۆجىزىلەردىن ھەيرەتلىنىپ ياشاش دېگەنلىكتۇر.
— ئەمما بۈگۈنكى ياۋرۇپا بۇنداق كەڭ قۇرساقلىق ۋە قاراشلاردىن ۋاز كەچتى.
— پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى، دېيىش خاتا. ئۇنتۇدى، دېسەك توغرا بولىدۇ.
— ئەسەرلىرىڭىزنى تېنىمسىز تەنقىد قىلىۋاتقانلارغا نېمە دەيسز؟
— مېنىڭ ئىشىم يېزىش بولغىنىغا ئوخشاش، تەنقىدچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ تەنقىد قىلىش. ئۇلار دائىم يازغۇچىلارغا ياردەم بېرىپ كەلگەن. كىمنىڭدۇر بىرەر رومانىم ھەققىدە يېزىلغان تەنقىدىدىن خاپا بولغان ئەمەسمەن. مەن دائىم ئاددىي، ھەممە ئۈچۈن چۈشىنەرلىك تىلدا يازغىنىم ئۈچۈنمۇ كۆپلىگەن تەنقىدچىلەر مېنى يېزىقچىلىقنى بىلمەسلىكتە ئەيىبلەشتى. مەن ئەسەر يېزىشنىڭ مۇئەييەن ئېنىق يولى بار، دەپ ئويلىمايمەن. ھەربىر يازغۇچىنىڭ شەخسىيىتى، ئۆزىگە خاسلىقى ھەمدە ئوقۇرمەنى بولىدۇ. مۇشۇ كۈنگە قەدەر ھېچبىر تەنقىدچىگە گىنە – ئاداۋەت ساقلىمىغانمەن. ئۇلار بىلەن دائىم قەدىردانلاردەك كۈلۈمسىرەپ كۆرۈشىمەن. تونۇلغان يازغۇچى ئىكەنلىكىمدىن گىدەيمەيمەن. مېنىڭ ھېلىھەم ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا سەمىمى ئادەملەرنىڭ دوستىغا ئايلانغۇم كېلىدۇ.
— ئەمما سىزنىڭ نەشرىياتلار بىلەن كېلىشەلمەسلىكلىرىڭىز ھەققىدە كۆپ گەپلەر بار.
— بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشكە ھەرىكەت قىلىمەن. بىر كۈنى تونۇشلىرىمدىن بېرى مېنىڭ كىتابلىرىمنى ھىندىستانغا ئەنگلىيەدىن ئاپىرىپ سېتىۋاتقانلىقى توغرىسدا سۆزلەپ قالدى. قىزىقىپ سۈرۈشتۈرسەم، كىتابلىرىم 15 دوللاردىن سېتىلىۋېتىپتۇ. ۋاھالەنكى، ھىندىستاندا بەدىئىي كىتابلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەرقى 3 دوللار. مەن شۇ سەۋەبتىن پورتۇگالىيەلىك نەشرىيات سودىگىرىم بىلەن تالاش – تارتىشقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئۇنىڭغا كىتابلىرىمنى ئاشۇ دۆلەتتە نەشىر قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتىم. بۇ ۋەقە باشقا بىر قاتار لاتىن ئامېرىكىسى ھەمدە ئافرىقا دۆلەتلىردىمۇ كۆرۈلدى. بىر نەچچە قېتىملىق تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن كىتابخانلارغا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن كىتابلىرىمنى ئاشۇ دۆلەتتە نەشىر قىلىش يولىغا چۈشتى.
— ئۆسمۈرلۈك يىللىرىڭىزدا كىمنى قەھرىمان، دەپ بىلەتتىڭىز؟
— مەن ئۈچۈن ئىككى بۈيۈك ئىنسان بار ئىدى. بىرى ناخشىچى جون لېننون، يەنە بىرى يازغۇچى جورج لۇئىس بورخېس. بالىلىقىمدا بورخېس بىلەن ئۇچرىشىشنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلاتتىمكى، ناھايەت بۇ بۈيۈك ئىنسان بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئابتوبوسقا ئولتۇرۇپ، رېئو دې ژانېرودىن ئارگىنتىناغا يول ئالدىم. ئېنىقلانغان ئادرېس بويىچە ئىزدەپ كەلدىم. ئەدىب ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا، ئۇرۇندۇقتا ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا يېقىنراق باردىم. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئىككى كېچە – كۈندۈز يول بېسىپ بۇ يەرگە كەلگەنىدىم. ئەمما ئۇنىڭ سالاپىتى تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئېغىز ئاچالمىدىم. شۇ چاغدا ئۆز – ئۆزۈمگە: «مەن ئۆزۈمنىڭ يولچى يۇلتۇزۇم بىلەن روبىرو تۇرۇۋاتىمەن، يۇلتۇزلار بولسا ھېچقاچان تېپىلمايدۇ. ئۇلار بىلەن پىنھان سىردىشىش مۇمكىن» دەپ تەسەللى بەرگەنىدىم.
— بۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا چوڭ بۇرۇلۇش ياسىغان بولسا كېرەك...
— توغرا. مېنىڭ ئىجادىمدا بورخېس كاتتا ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ نەسرىي ۋە نەزمىي ئەسەرلىرىنى تەكرار – تەكرار سۆيۈپ ئوقۇيمەن. ھەتتاكى يېشىمىز ئوتتۇرىسدا پەرق چوڭ بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈندە— 24- ئاۋغۇست كۈنى، بىر بۇرۇج ئاستىدا تۇغۇلغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن.
— قەھرىمانلىرىڭىزغا قانچىلىك ئوخشايسىز؟
— ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزۈمنى تەسۋىرلىگەنمەن. ماڭا ئوخشىمايدىغان بىردىنبىر قەھرىمانىم پەقەت ئەلكىمياگەر.
— سەۋەبى؟
— سەۋەبى، ئەلكىمياگەر ھەممە نەرسىنى بېلىدۇ. منىڭ بولسا ئۆگىنىشىم زۆرۈر بولغان نەرسىلەر كۆپ. ئەلۋەتتە، «ئەلكىمياگەر»دىكى چوپان ئوبرازىدىمۇ ئۆزۈمنى تەسۋىرلىگەنمەن. ھەتتا پاتىمەنىمۇ ماڭا قىياسلىسا بولىدۇ. قالغان ئەسەرلىرىمدىكى بارچە باش قەھرىمانلار مېنىڭ ئىچكى ئالىمىمگە تېگىشلىك خاراكتېرلەرنىڭ ئىپادىسىدۇر. مەن بولۇپمۇ ئىككى ئەسىرىم— «بالكىرىيە» ۋە «زىيارەت» تىككى قەھرىمانلارنى پۈتۈنلەي ئۆزۈمدىن ئېلىنغان، دېيىشىم مۇمكىن.
— ئۆزىڭىزنى زىيارەتچى ئىجادكار، دەپ ھېسابلامسىز؟
— ھەربىر يازغۇچى ھەرىكەتتە بولۇشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا، كۆرۈنۈشتە بولىسىمۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ گۈزەل نەمۇنلىرىدىن بولغان «ئىلاھىي كومىدىيە» ھەم «دونكىخوت» ياكى «ئىليادا»مۇ، مۇقەددەس كىتابلارمۇ ئوزاق مۇساپە ۋە زىيارەتلەرنىڭ مېۋىسى بولغان. زىيارەت بىزنى ساپلايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇنى قايتا تۇغۇلۇشقا قىياسلىسىمۇ بولىدۇ.
(زىياكار تەرجىمىسى)