بالۇچلار
كۆرۈنۈش
بالوچ مىللىتىنىڭ نوپۇسى 20 مىليون ئەتراپىدا، ئۇلار ئاساسلىقى ئىران، پاكىستان ۋە ئافغانىستان چېگرا بويلىرىدا ياشايدۇ. بالوچلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان، مەزكۇر 3 دۆلەت چېگرىسى ئىچىدىكى رايوننى بالۇچىستان دەپ ئاتايدۇ.
ئۇلار ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە تىلغا ئىگە ئىرانىي خەلق. ئۇلار سىياسىي جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا مىللىي ھوقۇق تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، زېمىنى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا ناھايىتى باي.