Jump to content

بىردىنبىر قورالىمىز

ئورنى Wikipedia

بىردىنبىر قورالىمىز

بۈگۈن ئىقتىدار (ھاكىمىيەت) بىزدە، دېيەلمەيمىز. تولۇق ھوقۇق ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، دەپمۇ ھۆكىرەلمەيمىز. جاھالەتنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇ مىللىتىمىزنى كىم ئوتتۇرىغا چىقىپ «خەلقىمىز ئويغاندى، ئىلىمنىڭ، ئېرفاننىڭ قەدرىگە يەتتى» دەپ جار سالالايدۇ؟ بىر مۇنچىلىغان مۇتەئەسسىپ ئۇنسۇرلار، مەنپەئەتپەرەسلەر، بىغەرەزلەر سەۋەبىدىن مىللىتىمىزنى بۇ خىل چۈشكۈنلۈككە پاتقان ھالىتىدىمۇ پايدىلانماقچى بولسا، (بىلىنسۇنكى)، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن يۇرتسۆيەرلەر ۋە مىللەت خادىملىرى ھەرىكەتتە.

كۈنىمىزدە مىللىتىمىزنىڭ قولىدا بىردىنبىر قورال سۈپىتىدە نېمە قالغانلىقىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرسەك، سىنچىلاپ قارىساقلا كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ بولسىمۇ «خەلقچىلىك دەۋرى» دىن كېيىن قولغا كەلگەن مىللىي مەتبۇئاتىمىزدۇر.

مىللىي مەتبۇئاتىمىز ھەر تۈرلۈك ئېغىرچىلىقلار قارىماي ئۆزىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىگە ئەمەل قىلىپ خەلقىنى ئويغىتىش، مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن تەھلىكىنى ھەمدە چىقىش يولىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا كېلەچەكتە كۈتىدىغان ھەدەف - نىشانلارنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىش خۇسۇسىدا خېلى بەك تىرىشتى ۋە تىرمىشىپ كەلمەكتە. شۇنداقتىمۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ مەنىۋى قورالغا بولغان ئېھتىياجى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بارغانلىقتىن، (چاتاق يېرى) ئىستىقبالىمىزنىڭ ئۇپۇقلىرى تۇمان ئىچىدە قالغانلىقتىن مىللىي مەتبۇئاتىمىزنىڭ ئۆتىمەكچى بولغان ۋەزىپىلىرى قاتمۇقات ئېشىپ بارماقتا ۋە بارچىمىز بۇ مۇھىم قورالغا تايىنىشتىكى زۆرۈر ئېھتىياجنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتمەكتىمىز.

مىللىي مەتبۇئاتنى تېخى يېقىندىلا ئېلان قىلىنغان «خەلقچىلىك»نىڭ بىر سەمەرىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بىز بارچە ئېغىر ۋەزىيىتىمىزنى، تەۋرىنىشكە دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، مەتبۇئاتىمىزدىن باشقا ھېچبىر قورالىمىزنىڭ يوقلىقىنى ئوپئوچۇق كۆرەلەيمىز. شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى جىددىي مەنىدە سېزىلمەكتە.

بۇ خۇسۇستا تۈرك مۇتەپەككۇرى زىيا گۆكئالپقا ۋە باشقا پۈتكۈل يېڭىلىق تەرەپدارى تۈرك ياشلىرىغا تۈركىيەدە مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ياشقا چوڭ بىر ئىنقىلابچىنىڭ بەرگەن مۇنۇ ۋەسىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىشىمىز مۇمكىن:

«مەن ۋەتىنىمدە مەشرۇتىيەتنىڭ بىر كۈنى چوقۇم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. گەرچە قېرىپ قالغان ۋە ئۇ كۈنلەرگىچە ياشاپ بولالمايدىغىنىمنى بىلسەممۇ، ئەمما ئىشىنىمەنكى، سىزلەر ئۇ كۈنلەرگە يېتىشىسىزلەر. بىلىشىڭلار كېرەككى، دەسلەپ ئېلان قىلىنغان بۇ مەشرۇتىيەت قانداق قولغا كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنى ھەقىقىي مەنىدە بىر مەشرۇتىيەت دېگىلى بولمايدۇ. بەش - ئون كىشىنىڭ مەشرۇتىيەتنى چۈشىنىشى، تەلەپ قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس. پۈتكۈل مىللەت بۇنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. ھالبۇكى مىللىتىمىز ھازىر ئېغىر ئۇيقۇدا. ئۇيقۇدىكى بىر مىللەت مەشرۇتىيەتنىڭ قىممىتىنى قانداقمۇ قەدىرلىيەلىسۇن؟! شۇڭىمۇ بۇ بىرىنچى مەشرۇتىيەت ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇشبۇ بىرىنچى مەشرۇتىيەتنىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقىغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ كەتمىگەيسىلەر. بۇ مەشرۇتىيەت داۋام قىلالىغان مۇددەت ئىچىدە قىلىشقا تېگىشلىك بىرلا ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ مەتبۇئات ئەركىنلىكىدۇر. مىللەت ئېغىر ئۇيقۇدا، دېگەن بولسام، ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان نەرسە مىللەتكە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى تونۇتۇش، ھاياتلىقى ئۈچۈن خەتەرنىڭ قەيەردە ۋە چىقىش يولىنىڭمۇ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، كېلەچەكتىكى نىشانى ۋە غايىلىرىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈشتۇر. ھۆر ۋە ئەركىن مەتبۇئات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇلارنى مىللەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىغا قانداقمۇ يەتكۈزۈپ بولغىلى بولسۇن؟! ئەمما بۇ نىشان - غايىلەرنى يېزىش كېرەك. يازالايدىغان بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال مۇتەپەككۇرلىرىمىزنىڭ بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىشى زۆرۈر».

شۇنداق، ئىستىقبالى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بىر مىللەتنىڭ چوقۇم بىر قورالى بولۇشى كېرەك. ماددىي توسالغۇلارغا قارشى مەنىۋى كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەن بىزدەك بىر مىللەت ئۈچۈن مەتبۇئاتتىن ئارتۇق ھېچبىر قورالىنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.

بىز مۇشۇ نۇقتىلارنى دىققەتكە ئالىدىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈننىڭ بىز ئۈچۈن نە قەدەر غەنىيمەت - پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، مەتبۇئاتىمىز زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنىڭ ئۇھدەسىدىن (ھۆددىسىدىن) چىقىشتا بىزدىن مۇنداق ئىككى نۇقتىنى تەلەپ قىلىدۇ:

بىرىنچىدىن، غايىمىزگە خىزمەت قىلغۇچى قەلىمى كۈچلۈك يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقىشى كېرەك.

ئەگەر بۇ نۇقتا ئەمەلىيلەشمىگەن تەقدىردە، مىللىي مەتبۇئاتىمىزدىن ئەسلا پايدىلىنالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلىرىمىز كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئوقۇپ يېتىشىپ چىقىشى، مىللەتنىڭ تەھلىكىسىنى ۋە سالامەت قېلىش يوللىرىنى بەلگىلەپ چىقىشى لازىم. ئەڭ مۇھىمى بۇ مىللەتكە قايسى خىل پىكىرلەرنى، قايسى خىل تۇيغۇلارنى ۋە قايسى خىل ئىدىيەلەرنى ئۆگىتىش پايدىلىق؛ قايسى خىل پىكىرلەر بۇ مىللەتنى سىرلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىتالايدۇ، قايسى خىل تۇيغۇلار مىللەتنى مەدەنىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىتەلەيدۇ؟! مانا بۇ نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىشى لازىم.

ئىككىنچىدىن، قانچىلىك ئۇزۇن داۋام قىلالىشىنى بىلگىلى بولمىغان بۇ مۇددەت ئىچىدە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ھىمايە قىلىش لازىم.

چۈنكى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەركىنلىكى بولمىغان مەتبۇئات ھېچقاچان ئۇلۇغۋار غايىلەر ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتەلمەيدۇ.

ئاپتورى: ئ‍. چ. (ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان)

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 225 - سان، 1948 - يىل، 5 - دېكابىر.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى