بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

ئورنى Wikipedia
‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

تۈركچە: Birleşmiş Milletler
ئەرەبچە: 'الأمم المتحدة
خەنزۇچە: 联合国
ڧرانسوزچە: Organisation des Nations unies
ئىنگلىزچە: United Nations

ئىسپانچە:Organización de las Naciones Unidas>

رۇسچە: Организация Объединённых Наций>


Flag of the United Nations.svg
د ت نىڭ بايرىقى
قۇرۇلىشى 1945-10-24
مەركىزى نيو يورك، ئا ق ش
رەسمى تىللار
ئەرەبچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، ڧرانسۇزچە، ئىسپانچە، روسچە
باشقۇرۇش

-باش كاتىب

-باش كاتىپ ياردەمچى

-باش كومىتېت باشلىقى

-خەۋپسىلىك ھەيئەت باشلىقى

بان كىمون (كورىيەلىك)

Ban Ki-mun

جان ئېلىئاسسون (شىۋىتسىيە)

Jan Eliasson
موگېنس ليككەتوڧت (دانىيە)

Mogens Lykketoft

ئەلبىئو روسسېللى ڧرىەرى (ئۇرۇگۋاي)

Elbio Rosselli Frieri

قۇرۇلىشى

- ب د ت شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنشى
- شەرتنامىنىڭ ئىجراسى

1945- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى

1945- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى قىسقىچە قىلىپ «ب د ت». 1945- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى قۇرۇلغان دۇنيا تىنچلىقىنى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە خەلقئارادا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي بىر ھەمكارلىق بەرپا قىلماق ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات. ب د ت ئۆزىنى "ئادالەت ۋە بىخەتەرلىكنى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى خەلقئارادا پۈتۈن دۆلەتلەردە بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان دۇنياۋىي بىر تەشكىلات" دەپ تونۇشتۇرىدۇ. خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە، كۈچ قوللىنىشنى تۇنجى بولۇپ دۇنياۋىي خاراكتىردە چەكلىگەن تۇنجى كېلىشىمنامە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلىشىمنامىسىدۇر.

تەشكىلات قۇرۇلغان دەستلەپكى يىللاردا ئەزا سانى 51 بولۇپ، بۇگۈن ئەزالىقتىن چىقىرىلغان ۋاتىكان ۋە ئۆزگەرتىلگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئەڭ كېيىن قوشۇلغان جەنۇبىي سۇداننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 193 ئەزاسى بار.

تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرى نيۇ يوركتىكى باش شىتابىدا يۈرىتىلىدۇ ۋە ئەزا دۆلەتلەرگە ھەر يىل تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان يىغىنلارمۇ مۇشۇ باش شىتابتا ئېچىلىدۇ.

تەشكىلات ئۆز ئىچىدە ئىدارى بۆلۈملەرگە ئايرىلغان بولۇپ: باش كومىتېت، خەۋىپسىزلىك ھەيئىتى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ھەيئىتى، باشقۇرۇش ھەيئىتى، باش كاتىبلىك ۋە خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسى قاتارلىقلار. تەشكىلاتنىڭ ئەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بۆلۈمى باش كاتىبلىك ئېرۇر.

ب د ت پىكرى تۇنجى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تۈگىشى بىلەن ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن، دۆلەتلەرئارا كېلىشەلمەسلىكلەرنى تۈگىتىپ، كېلەچەكتە توغۇلغۇسى ۋە ئۆز بىخەتەرلىكلىرىگە تەھدىد بولغۇسى بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىدىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تەشكىلاتنىڭ بۇگۈنمۇ بۇ مەقسەدنى دەۋام قىلغانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى بولمىش ب د ت خەۋىپسىزلىك ھەيئىتىنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە ئاتقارغان خىزمەتلىرىدۇر.

خەۋىپسىزلىك ھەيئىتى 15 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىن بەشى دائىمىي ئەزا دۆلەت دەرىجىسىدە ۋە مۇتلەق رەد قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگىدۇر. بۇ دۆلەتلەر ئا ق ش، رۇسىيە، ج خ ج، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىقلار. خەۋپسىزلىك ھەيئىتىنىڭ قارار ماقۇللىقى ئۈچۈن 9\15 نىسبىتى كېرەكلىك بولۇپ، دائىمىي ئەزالاردىن قايسى بىرىنىڭ قارشى يۆنىلىشتە ئاۋاز بەرمەسلىكى كېرەك. ب د ت پىرىنسىپلىرىغا كۆرە، خەۋپسىزلىك ھەيئىتى قارار چىقارغاندا رەد قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەردىن بىر ياكى بىر قانچىسىنىڭ ئاۋاز بېرىشكە قاتناشماسلىقى بۇ ئەزالارنىڭ قارارنى رەد قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنداقلا دائىمىي ئەزالارنىڭ قارارسىز قېلىشىمۇ ئوخشاش مەنىگە كەلمەكتە.