بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر

ئورنى Wikipedia

ئەركىن ئالىپتىكىن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيانقى سىياسىي بېسىم، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە، ئىقتىسادىي سۈمۈرگۈچىلىك، سېلىنغان ئېكولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىق، ئىرقى كەمسىتىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن – قىستاققا ئېلىش ۋە خالىغانچە ھۆكۈم ئېلان قىلىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق ب د ت دىكى باشقا ئالىي كېڭەش، ئالاھىدە ئورگان، ھەرقايسى كومىتېتلار ۋە ئىدارە – ئورگانلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، 1973– يىلدىن بىرى كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار بارغانسېرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقى ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96- نۆۋەتلىك يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپىقىيەتتۇر. بۇ يىغىندا تەرەپسىز مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى، خىتاي ۋەكىللىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى سىياسىي ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا قاماش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ ئېيتقان يالغانلىرىنى بىرمۇبىر پاش قىلدى. بۇ ئىش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. تارىختا خىتاي ۋەكىللىرى تۇنجى قېتىم ب د ت ئىرقى ئايرىمچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىدا ھېساب بېرىشكە مەجبۇر بولغان ۋاقىتنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ب د ت دىكى تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان، خىتاينىڭ تەسىر كۈچى بولسا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان چاغقا توغرا كېلىشىمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بەلكىم بۇ باشلىنىش بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىندىمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن.

بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق قۇرۇلتاينىڭ بارلىق ھەيئەت ئەزالىرىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا كېچىسى پىززا توشۇپ، كۈندۈزى ئىشخانىغا كېلىپ ئىشلەپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان دولقۇن ئەيسانىڭ يېشىل كارتىغا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، يېشىل كارتىغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ب د ت غا كىرگۈزمەسلىككە تىرىشقانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە سۆزلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قېيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغانلىقىنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز. ئۇ، خىتاينىڭ شۇنچىۋالا توسقۇنلىقلىرىغا قارىماي كۆرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 2000- يىلى ئېستونىيەدە چاقىرىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ۋەكىل سۋېن جېرگىنسوننىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدىكى سۆزى جەريانىدا «تىبەت» ۋە «شىنجاڭ» ئىسىملارنى تىلغا ئېلىشى بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگەندى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشىدا دوكتور لىننىر مېئىل بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس ئېلۋېس كۈچلۈك رول ئوينىغانىدى. چۈنكى، تىبەت مۇتەخەسسىسى بولغان دوكتور لىننىر مېئىل خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان 4 شەخسنىڭ بىرى ئىدى. توماس ئېلىۋېس بىلەن ئازادلىق رادىيوسىدا بىللە ئىشلىگەنىدۇق، يېقىن دوستۇم ئىدى. 2000- يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماررى روبىنسون، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە توختالغاندا فالۇنگۇڭ، تىبەت ۋە شىنجاڭ ھەققىدە سۆز قىلىپ، بىزنى يەنە بىر قېتىم ھاياجانلاندۇرغاندى. 2002- يىلى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاسچىكا فىشېر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى ئەسناسىدا، تىبەت ۋە شىنجاڭ ھەققىدە بىرەر جۈملە بولسىمۇ توختالغانلىقى بىزنى سۆيۈندۈرگەندى. چۈنكى بۇ سىياسەتچىلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ» ھەققىدە توختىلىپ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن سۆز قىلغانلار ئىدى. جاسچىكا فشېر گېرمانىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەمدىلىكتە ئىنتايىن قىيىن شارائىتلارغا قارىماي شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ب د ت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقان دولقۇن ئەيسا ۋە سەپداشلىرىدىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈچۈن پەخىرلىنىمىز. ھەركىمگە ئۆزىنىڭ ھەققىنى بېرىش لازىم.

لېكىن، ب د ت نىڭ قانداق بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ب د ت ئىچىدىكى نەچچە ئون ئالىي كېڭەش، مۇدىرىيەت، كومىتېت ۋە باشقا ئىدارە – ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى، خىزمەت تەقسىماتىنى، پىرىنسىپلىرىنى، خىزمەتتىكى قائىدە – نىزاملىرىنى يېتەرلىك بىلمەيدىغان بەزى ۋەتەنداشلىرىمىز، ب د ت ئىرقى ئايرىمچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ 96- نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى «خىتاينىڭ يالغانلىرىغا رەددىيە بەرمىدى، ئىنكاس قايتۇرمىدى، دەل ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرمىدى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئەيىبلىدى. بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسىمۇ كارغا كەلمىدى. بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر يازما ئارقىلىق بۇلارنى توغرا چۈشەندۈرۈشنى لايىق كۆردۈم.

ب د ت 1945– يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات پۈتۈن دۇنيانى سۆيۈندۈرگەندى. قانلىق ئۇرۇشلاردىن بىزار بولغان خەلقلەر «تىنچلىق ۋە ھۇزۇر ئېلىپ كېلىدۇ، مەزلۇم مىللەتلەر ئىنساندەك ياشايدۇ، ئەر – ئاياللار باراۋەر بولىدۇ.» دەپ سۆيۈنگەندى. ھەقىقەتەنمۇ ب د ت يېڭى قۇرۇلغان ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇرۇشلار ئازايدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن «سوغۇق ئۇرۇش» مۇ تۈگىدى. يېڭى بىر دۇنيا سىستېمىسى قۇرۇلدى. سەنئەت، بىلىم، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقى، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىكى ئاچلىق، يوقسۇللۇق، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە ئۇنى داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلدى.

لېكىن، 60 يىل مابەينىدە ب د ت بارغانسېرى بۇزۇلۇشقا باشلىدى. تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماس ھالغا چۈشۈپ قالدى. سوغۇق ئۇرۇش تۈگىدى، لېكىن دۆلەت ئىچى ۋە رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قارشى قوللىنىلغان ئاۋازلار ب د ت نىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. شىكايەتلەر، خۇسۇمەتلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۈمىدلىرىنى ب د ت غا باغلىغان مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئۈمىدلىرىمۇ سۇغا چىلاشتى. پۈتۈن تىراگېدىيەلەر؛ ئادالەت، تەڭسىزلىك ۋە ئىنسان غۇرۇرى ئۈستىگە قۇرۇلغان ب د ت نىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قارىماي، مەزلۇم مىللەتلەر ھازىرغىچە سىياسىي بېسىم، مەدەنىىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، ئىقتىسادى سۈمۈرگۈچىلىك، ئېكولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىق، ئىرقى كەمسىتىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق ۋە ناھەق ھۆكۈم، ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقاندەك مىللەت سۈپىتىدە يوق بولۇش تەھدىتىگە دۇچار بولماقتا. بۇلارنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولسىمۇ ب د ت ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارىغانلىرىم ھەققىدە بىر ئاز توختالماقچىمەن.

ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا تەخمىنەن 7000 ئەتراپىدا مىللەت ياكى ئاز سانلىق خەلقنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ سەۋەبتىن بىز بۇلارنى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر» يەنى (TEM) دەپ ئاتايمىز. بۇلاردىن پەقەت 200 دىن ئازاراقى ب د ت غا ئەزادۇر. گەرچە پۈتۈن دۇنيا ب د ت نى «بىرلەشكەن مىللەتلەر» (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە تىللاردا ئەسلى مەنىسى بويىچە <بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى> دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرچىغا خىتايچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە سۈپىتىدە <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى> دەپ قوبۇل قىلىنغان. شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ يەردىكى ئۇقۇملارنى توغرا پەرىقلەندۈرۈشىنى سورايمىز – تەرجىماندىن) دەپ بىلسىمۇ، ب د ت «مىللەت» نى ئەمەس «دۆلەت» لەرنىڭ بىرلەشكەن بىر تەشكىلاتىدۇر. قالغان قىسمى يەنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر مەۋجۇت دۆلەتلەرنىڭ تەۋەلىكىدە ئىختىيارى ياكى مەجبۇرى ھالدا ئورۇن ئالماقتا.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ 7000 ئەتراپىدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ پەقەتلا بىرى خالاس. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ب د ت دىكى ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولسا خىتايدۇر.

ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بۇ ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى قوغدايدىغان ھېچقانداق بىر مېخانىزم يوقتۇر. مەسىلىلىرىنى، ئىستەكلىرىنى ۋە شىكايەتلىرىنى ئاڭلايدىغان خەلقئارالىق بىرەر تەشكىلاتمۇ يوق. شۇنداقلا ب د ت دا ئاۋازىنى ب د ت نىڭ رەسمىي خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى (NGO) نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ۋەكىل بولۇش بولغان دۆلەتلەر، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە دۈشمەنلىك قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپىنچە ئەزالىرى ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ زوراۋان دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى ئەمەس، دەپ قارىماقتا. شۇلارنىڭ قاتارىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىكىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى بۇ مىللەتلەرگە زۇلۇم قىلىشتا ئىنسانىي ۋىجدانىغا قىلچىلىكمۇ قارىماستىن قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالماقتا. ب د ت نىڭ كارى بولماسلىقى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقى، ئەسلىدە دەل ۋاقتىدا توسۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش كېرەك بولغان بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ب د ت ۋە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (AGIT) ئىچىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مېخانىزملار، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۈچۈن يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللىي ھاكىمىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە دۆلەتنىڭ تەدبىركارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان سىياسىي ئىرادىنىڭ كەملىكىمۇ ب د ت نىڭ كۈچىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. مىللىي ھاكىمىيەت – كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توساقلاردىن بىرىدۇر. مىللىي ھاكىمىيەتنىڭ پىرىنسىپ ۋە ئىجرا قىلىنىشى خەلقئارا ھوقۇقنىڭ مەركىزى نۇقتىسىلا بولىدىكەن، ھېچبىر خەلقئارالىق ئورگان ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى تەۋەلىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى توغرا بىر شەكىلدە بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.

ب د ت نىڭ ئەھدىنامىسىدىمۇ مىللىي ھاكىمىيەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن. ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھەق- ھوقۇقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىسى بولغان بىر دۆلەت، پۇقرالىرىنىڭ ھۇزۇرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى دېيەلەيدۇ. بۇنى قالقان قىلىۋالغان بىر دۆلەت، ھەر دائىمقىدەكلا ب د ت نىڭ ئەھدىنامىسىغا سىغىنالايدۇ. كېيىنكى 60 يىلدىن بىرى چوڭ – كىچىك ۋە پەرقلىق ئىدېئولوگىيەلەرگە ئىگە بولغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن مىللىي ھاكىمىيەتنىڭ ب د ت ئەھدىنامىسىدىكى نىزامنامىلرىنى قالقان قىلىۋېلىپ كەلمەكتە.

ھەتتا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىنىڭ ئەسلىدە غەربكە ئائىت بىر باياناتنامە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ شەرق مەدەنىيىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق ھالدا ماس ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەسلىدە شەرقلىقلەرنىڭ غەربلىكلەر بىلەن ئوخشاش ئىنسانىي ھەق – ھوقۇققا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشنىڭ ئۆزىلا ئىنساننى پەس كۆرىدىغان بىر خىل قاراشتۇر. پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ پەرقلىق سىياسىي قاراشنى يېتىلدۈرىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. لېكىن، يۈز يىللاردىن بىرى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملاشقان ۋە ھەممە ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنغان قىممەت – قاراشلار مەۋجۇتتۇر.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ. ماركسىزمنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان كوممۇنىست بىر دۆلەتنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا جازا لاگىرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىقنى سۇلاپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانچە ياشاش ھەق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشى ئۆز پىرىنسىپلىرىغا خىلاپتۇر. بۇ ئەھۋال ب د ت نىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئۆزى قول قويغان ئەھدىنامىگە رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتقان خىتاي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياننامسىدە كۆرسىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇققا قانداقمۇ رىئايە قىلسۇن؟

بىرىنچىسى، ب د ت نىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىككىنچىسى، قوبۇل قىلىشى كېرەك بولغان بىر رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان، ئىراق، لىۋىيە ۋە سۈرىيەدىكى رولى مىللىي ھاكىمىيەتنىڭ، كۆرۈلگىنىدەك بىر باشقا چىققىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ب د ت گە ئائىت بىر قارار ماقۇللاش جەريانىدا تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئاساسىي كۈچلەر، مەلۇم بىر دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى زۆرۈر دەپ قارىسا، دۇنيادىكى ھېچبىر كۈچ ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندۇرغانمۇ، بەزى چاغلاردا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمدۇرغانمۇ بۇ قارارلاردۇر. ۋە بۇ قارارلار مەسىلىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغىنى كىچىك، تىجارەت ۋە خەلقئارادىكى ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەسى ئانچە مۇھىم بولمىغان بىر دۆلەت بولسا، چوڭ دۆلەتلەر بۇ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئۈستىگە قۇزغۇندەك چۈشىدۇ. توختىماي ئەيىبلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمايدۇ. لېكىن خىتايدەك تەسىرى چوڭ دۆلەتلەر كۈچلۈك ئەيىبلەشلەرگە، بېسىم ۋە باشقا مەجبۇرلىنىشلارغا ئۇچرىمايدۇ. ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە دېگەننى باھانە قىلىپ ئىراقنى ئىشغال قىلغانىدى. ئەمما بۇنىڭ يالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكا ئىران بىلەن تۈزگەن يادرو كېلىشىمىنى ئۆزى بۇزدى، ئۈستىلەپ بىرمۇنچە ئېمبارگو يۈرگۈزدى. ئەلۋەتتە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قىرغۇچى قوراللارنى يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. چۈنكى، قىرغۇچى قوراللار ھەممىدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ۋە بۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىدا كۆرسىتىلگەن «ياشاش ھوقۇقى» غىمۇ خىلاپ. لېكىن، خىتاي، ئامېرىكا، رۇسىيە، پاكىستان، ھىندىستان، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاتوم بومبىسى بار. بۇ دۆلەتلەرنىڭ قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا نېمىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ؟

بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر تۈرلۈك ئاتوم سىناقلىرىغا پۈتۈنلەي قارشى تۇرىمەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 46 قېتىم ئاتوم بومبىسى سىنىقى قىلدى. بۇنىڭ بىر دانىسى پاكىستانغا ئائىت ئىدى. نەتىجىدە، ئەتراپقا تارالغان رادىياتسىيەلىك ماددىلار يالغۇز ئىچىملىك سۇ، زىرائەت، مېۋە – چېۋە ۋە ھايۋانلارغىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماي، ھازىرغىچە ئون مىڭلارچە ئىنساننىڭ ئۆلۈشىگە، راك كېسەللىكلىرى ۋە مېيىپ تۇغۇلغان بالىلار سانىنىڭ نەچچە ھەسسە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇنلىغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر (TEM) ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىزمەتلىرىنى ئادىل ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلەيدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى بارغانسېرى يوقىتىپ قويماقتا. كىشىلىك ھوقۇقتا دۇنياۋى ئىجرائىيە بىردەكلىكىنىڭ بولماسلىقى، ب د ت نىڭ ئايرىمىچىلىق قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا تەرەپ تۇتۇشى ئۇنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە دۇرۇسلۇقىنى يوقىتىپ قويۇشىغا ئېلىپ باردى. پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن ئالدانغان، تاشلىۋېتىلگەن، ئىستەكلىرى بەربات قىلىنغان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن كۆپلىگەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن تەدرىجىي ھالدا زوراۋانلىق يوللىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولماقتا. چۈنكى، دۇنيا جامائەتچىلىكى پەقەت بىرەر زوراۋانلىق ھەرىكىتى ۋەياكى توقۇنۇش بولغاندىلا ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە. بۇ سەۋەبتىن ھازىر دۇنيادىكى 65 دۆلەتتە ئىچكى توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.

كېيىنكى 60 يىلدىن بىرى سىياسىي بېسىم، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، ئىقتىسادىي سۈمۈرگۈچىلىك، ئېكولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىق، ئىرقى كەمسىتىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن -قىستاق، سوئال – سوراقسىز جازا، ئېتنىك قىرغىنچىلىق… ئەمدىلىكتە بولسا، كەڭ كۆلەملىك يوقىتىش ئۈچۈن جازا لاگىرلىرىغا سولىنىپ تارىخنىڭ بەتلىرىدىن يوقىتىۋىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ بۇ ئەھۋاللاردىن مۇستەسنا ئەمەس. تىنچلىق يولى بىلەن دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى 1990- يىللاردىن باشلاپ، تەدرىجىي قوراللىق ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. لېكىن، دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ پۈتكۈل تىرىشچانلىقىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ «تېررورىست» ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىدى. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولسا، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت ئىرقى ئايرىمچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلىشىدۇر.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى رولى كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان، خىتاينىڭ رولى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ب د ت ئىرقى ئايرىمچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ خىتاينى سوئال – سوراققا تارتىشىنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟ ئەجەبا ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ب د ت دىكى كۈچىنى ھازىرمۇ ساقلاپ قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتىگە كۆرسىتىپ قويۇشمۇ؟ ياكى ھەر قايسى ساھەلەردە بارغانسېرى خىتاي بىلەن كېلىشەلمەيۋاتقان غەرب دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مايىللىقىغا ھازىردىن باشلاپ ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ؟ ۋەياكى غەرب ئەللىرىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلامدىن قورقۇش پىسخىكىسىغا قارشى مۇسۇلمان بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللىغاندەك كۆرۈنۈش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى بولمىسا غەرب ئەللىرىدە بارغانسېرى قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان ئىرقچى سىياسىي پارتىيەلەر تەرىپىدىن ئاياق – ئاستى قىلىنىشقا باشلىغان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى قاتارلىق «غەرب قىممەت قارىشى» نىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ؟ بىلمەيمىز. لېكىن بىز ھەرقانداق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلگۈسىدە نېمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنىمۇ دىققەت نەزىرىمىزگە ئېلىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.

كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ 500 يىللىق يۈكسىلىشىنىڭ تەدرىجىي چېكىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچنىڭ بارغانسېرى شەرققە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە، خىتاي باشچىلىقىدىكى خىتاي گەۋدىسىدە ۋەياكى خىتاي گەۋدىسىگە كىرمەكچى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى تەسىرى تېخىمۇ زورىيىشى مۇمكىن. ب د ت ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گومىنداڭ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلدى. ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى ئامېرىكا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلاردىن چېكىنىپ چىقتى. پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىنمۇ چېكىندى. ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشمىنىمۇ بىر تەرەپلىمە ھالدا بىكار قىلدى. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئەڭ يېقىن شېرىكى بولغان ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە بىلەنمۇ كېلىشەلمەسلىك بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتا ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزدى. ئەڭ يېقىن شېرىكلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيەگىمۇ دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىدە بولدى. ئامېرىكىدىمۇ قاتتىق تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان ترامپ، تەڭپۇڭسىز ھەرىكىتى، تۇترۇقسىز گەپ – سۆزلىرى ۋە قالايمىقان قارارلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىناۋىتىنىمۇ دەخلىگە ئۇچراتتى. ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى بوشىتىپ قويغان ئورنىنى خىتاي تېزلىك بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي، ب د ت نىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈۋاتقان ئۈچىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. ب د ت نىڭ تىنچلىق ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېلىنىدىغان قارارلاردا رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشمەكتە. بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇنلىغان مىساللارنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيمىز. ئەمما ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە سانى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ب د ت دا مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋېلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ب د ت دىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىشى شۇنداقلا تەشكىلاتلارنى سۆز قىلدۇرماسلىقى ھەتتا ئۇلارنىڭ ب د ت دىكى ئورنىنى يوق قىلىۋېتىشىدۇر.

ھالبۇكى، بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باياننامىسىدىكى پىرىنسىپلارنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېنىقلاپ دوكلات تەييارلاش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاش ب د ت دىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنىڭ چەكلىنىشى، باستۇرۇلۇشى ۋەياكى ب د ت دىكى رەسمىي ئورگانلىق سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى دېمەك، دۇنيادىكى 7000 دىن ئارتۇق ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ جىمىقتۇرۇلۇشى دېمەكتۇر. شۇڭلاشقا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ب د ت دىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

1979-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇرغان ئەركىن ياۋروپا ۋە ئازادلىق رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمنىڭ تاقىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، مىللىي شائىرىمىز ساتتار ماقچوبان مۇنداق بىر شېئىر يازغانىدى:

ئۇيغۇر ئۈنى گەر چىقمىسا بۈگۈنلۈك،

دېمەيلىكى ئاغزى باغلىق تۈگۈگلۈك.

ئۇيغۇر ئۈنى مىڭلارچە يىل ياڭرىغان،

يەنە ياڭرار تىندۇرالماس شىۋىرغان.

تىنامدۇ ھېچ ئۇنىڭ ئەكسى ساداسى؟

ئۇ مەزلۇمنىڭ يىغىسى ۋە نىداسى.

باغلىلىق باغ ۋە سەستە ئەمەس كۆڭۈلدە،

ئۇنىڭ ئۈچۈن بولماس كۆڭۈل ھېچبىر ۋاخ قەپەزدە.

مىللىي شائىرىمىز ساتتار ئاكىنىڭ يازغىنىدەك، كىم نېمە قىلسا قىلسۇن بۇ يىلدىن باشلاپ گۈركىرىگەن ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ھېچبىر كۈچ جىمىقتۇرالمايدۇ!

سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت بىلەن: ئەركىن ئالىپتېكىن

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى