بىر تېجىمەلنىڭ چاقىرىقىغا
بىر تېجىمەلنىڭ چاقىرىقىغا
تېخى بۇ ئەخمەق تېجىمەلنىڭ ئىمام قەرداۋىي توغرىلىق چىقارغان ۋىدىيوسى ھەققىدىكى ھارامزەدە گەپلىرىگە ئايرىم كېلىشنى ئويلاۋاتقان. توردا ئومۇمغا چىقىرىلغان نەرسىنى ئومۇم ئالدىدا تەنقىدلەش نورمال ئەقەللىي ئىش. بىۋاسىتە تەنقىد چىقماستا يۇقىرىقى يازمىدىكى گەپلەرنى ئۆزىگە دەرھال ئېلىپ تېجىمەللىكىنى بازارغا سېلىپ بوپتۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالىم - ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇرۇقى تېخى قۇرۇپ كەتكىنى يوق. قەرداۋىينىڭ دۆلەت فىقھىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى «ئېغىر خاتا» دەپ جار سالىدىغان ئادەم ئاۋال ئاشۇ دۆلەت فىقھىسى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتىغا گەپ ئاتالىغۇدەك، بىرەر ئەسەر يېزىپ (ئەمەلىيەتتە ئۈچ ۋاخ ناشتىلىققا سىياھ ۋە قەغەز قاينىتىپ ئىچسىمۇ كىتاب يازالىغۇدەك دەسمايە يوق) ياكى شۇ ھەقتە تەنقىد يازالايدىغان بولغاندا بىر نەرسە دېگىنى تۈزۈك. قەرداۋىي نېمە دەۋاتىدۇ، قايسى ئاتالغۇنى قانداق ئىشلەتتى، ھېچبىرىدىن خەۋىرى يوق، لۇغەت مەنىسى بويىچە يامىداپ ئوقۇپ بىر تۈركۈم قاتمال سۈننەت جوداسى قىلىدىغان ئەرەبلەرنىڭ كورراڭشىپ يازغان بىرنېمىلىرىنى يادلىۋېلىپ كېلىپ مىللەتكە داموللىلىق قىلىمەن دېسە، دەۋاغا ئارىلاشقىلى تۆت كۈن بولا - بولماي ۋىدىيو ئېلىپ تارقىتىشنى سىياسەتتىن گەپ سېتىشقا سالاھىيەت دەپ ئويلاپ سىياسەت پەلسەپەسىدىن، دۆلەتچىلىك فىقھىسىدىن گەپ ساتىمەن دېسە ئالىدىغان جاۋابى تەييار. ئالدىدىكى خەلقنى «يىۋۇ شەھىرى»دىكى تۇڭگان جامائەتلىرىگە ئوخشاش نېمە دېسە «شىڭ» دەپ ئولتۇرىدىغان شاپاق دوپپىلىقلار تائىپىسى چاغلايدىغان زامانلار كەلمەسكە كەتتى. كالىدەك ئىككى مېنۇتتا بىر پۇشۇلدىۋېتىپ يوغان گەپ قىلغان بىلەن دەسمايە ئاشۇنداق تايىنلىق. گەپ دۆۋىسىنى ئىنجىقلاپ قاينىغان بىلەن سېسىق ئامۇتتەك بىر لىڭشىتسا تۆكۈلۈپ مىجىقى چىقىدۇ. مۇشۇنداق ئىپتىدائىي چۈشەنچىلەر بىلەن تېخى سىياسەت سەھنىلىرىگە چىقىۋېلىپ دېموكراتىيە دىنى ئانداق، دېموكراتىيە مانداق، دەپ قىلچە سىياسەت ئىلمىدىن گىرام خەۋىرى يوقلۇقىنى چاندۇرۇپ ئۆلىمانىڭ يۈزىنى تۆكۈپلا ئۆتكىنى ئۆتكەن. بۇ تېجىمەلنىڭ بايلاردىن پۇل يىغىپ تاغارلاپ باستۇرۇپ بىكارلاپ تارقاتقان ئاتالمىش «كىتىپى»دىكى ئىلىم ساھەسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىنىي كىتاب - ئەسەرچىلىكنىڭ يۈزىگە چۈشۈرگە داغ ھەققىدىمۇ ئالدىرىماي كېلىمىز. بۈگۈنكى جىددىي كۈنتەرتىپلەرنىڭ دۆۋىلىنىۋېلىشى ئىلىم ھايانكەشلىرىنىڭ ئىلىمگە، دىنغا قىلغان شۇملۇقلىرىنى، مىللەتنىڭ تىلىنى، دىنىنى، كىتاب ئەسەرچىلىك كۈلتۈرىنى ئەخلەتلەشتۈرۈشلىرىنى ئۇنتۇيدىغان ئىش بولمايدۇ. ئەخلەتنى ئەخلەت، جەۋھەرنى جەۋھەر دېيىش ئەيىب بولىدىغان ئىش بولسا، بۇ ئەيىب مۇشۇ سەھىپە ئۈچۈن شەرەپتۇر.
ئېكرانغا بۇقىدەك ھۆركىرەپ چىقىپ، مۈشۈكتەك تايتاڭلاپ ئەتىسى بىر داستىخان چاي بىلەن دىن ھاقارەتچىلىرى بىلەن قول باغلىشىپ دىننىڭمۇ، ئىلىمنىڭمۇ شەنىنى خار قىلغانلىقنى كۆرگەنمىز. نەچچە يىلدىن مىللەتنى ئانداق ماڭساق قۇتۇلىمىز، مانداق دىندار بولساق غەلىبە قىلىمىز، ئۆيگە قۇم خالتىسى ئېسىپ مۇشتلاشنى ئۈگەنمىسەك مەغلۇپ بولىمىز دېگەندەك ئۆزىگە زور تەمەننا قويۇپ يول باشلاپ ئەمدىلىكتە «نامايىش قىلمىساق قانداق بولا» دەپ پۇشۇلدىغاننىمۇ كۆرگەنبىز، كۆرۈۋاتىمىز. نېمە قىلىشنى بىلمەيدىغان، نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى پىكىرگە تېخى قۇلاق سالمايدىغان، مىللەتنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغانلارغا، ئەجداد ۋە تارىخىنى ئىندىجىنىسلار كاتېگورىيەسىگە تىزغانلارغا ئادەمدەك تۆت ئېغىز سۆزلەپ سالمايدىغان، ئەمما مۇجتەھىد، ئۆلىمالارنىڭ ئىلمىي دەلىللىك قاراش ۋە نەزەرىيەلىرىگە ئاتىكارچىلارچە باھا بېرىپ زۇۋاندارازلىق قىلىدىغان تىپلارنىڭ قانچىلىك تىرناققا توختايدىغان ياكى ئەرزىيدىغانلىقىمۇ بەش قولدەك ئايان. چىچاڭشىسىمۇ، ئولتۇرالماي كەتسىمۇ ئەمەلىيەت بۇ. تەنقىدكە تەنقىدچە جاۋاب قايتۇرۇشنىمۇ قاملاشتۇرالماي ئېكران جېدىلى قىلىپ تىكو ئوينايمەن دەپ قالغان بولسا، ئۇنداق تىكونى شاپتۇللۇق باغدا قول بېرىشكەنلەردەك ئاغا – ئىنىلىشىپ يۈرۈشكەن ئابدۇۋەلى داپشاق ئالدىن سىناپ تويغان. يېڭىچە يول بىلەن كەلسۇن، بولمىسا ئومۇمغا چىقىرىۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ تەنقىدىگە چىداشنى بىلسۇن، چىداشنى بىلمىسە، چىدىمايدىغان يېرىگە لازا باسقاي. ۋەسسالام.
-بۇرھان مۇھەممەد
---
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Aliekber Muhammed كە:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىرىنچىدىن سالام بىلەن كەلگەيلا تەقسىر. قالپاقتا داموللا تۇرۇپ ئانچىكى ئەدەپنى بىسمىللاسىدا يوقاتقىلى تۇرسىلا ياخشى تەسىر بولمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، مەن بىر يازما يازدىم، سىلىنىڭ قىلمىشلىىرى يازمىدىكى تەنقىدكە ئۇدۇل كەلگەچ ئېتىلغان توپنى ئۆزلىرى تۇتۇۋېلىپ قايسى گارغا ئېتىشتا ئاڭقىرىمايلا مۇشۇ سەھىپىنى تىلغا ئېلىپ چاكىنىلارچە مەيدان ئوقۇپ ھەشتەگ بىلەن چاقىرىق يېزىپلا. كەمىنىمۇ چاقىرىقنىڭ خاراكتېرىگە باب كەلتۈرۈپ جاۋاب بەردىم. مەن ئوبزور يازغاندا ياكى ئىنكاس يازغان تورداشلارغا جاۋاب قايتۇرغاندا پىكىرى ۋە ئادابىغا قاراپ جاۋاب قايتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. سىلى ئىسىملىرى بىلەن يازماي، فامىلىلىرىنى ھوشۇقپىچاق، ئىسىملىرىنى تاغار - چىپتە قويۇۋالسىلىرىمۇ پىكىرلىرىگە قاراپ ياكى ۋەزنىگە قاراپ پىكىر قىلىشقا ياكى جاۋاب قايتۇرۇشقا ئەرزىتسەم قايتۇرىمەن ياكى قايتۇرمايمەن. ئۆزلىرى تامدىن ھوشۇر چىققاندەك ھەشتەگلىك چاقىرىپلا، جاۋاب قايتۇردۇم. ئەمدى بولغاندا سالام سائەتسىز كىرىپ «شاللاقلىق قىلماي ئۆزىڭىزنى ئاشكارىلاڭ» دەپ چۈشسىلە ئاغزىمغا ئوبدان كەلگەن گەپنى دېيىشكە قىستاپ قويىدىلا. سىلى كىمۇ، ماڭا بۇنداق يوسۇندا بۇيرۇق سوقىدىغان؟ ئالدى بىلەن سالام - سەھەت ئادابى بىلەن كىرىپ سۆز باشلىسىلا، مېنىڭ تەنقىدىمگە قارىتا پىكىرلىرى بولسا، ھەشتەگ چىقىرىپ ھاقارەتلىك ئىبارىلەر بىلەن چاكىنىلاشماي كىرىپ يازسىلا تېگىپ كەتكەن ياكى پەرقلىق كۆز قاراشلىرىنى. ئايرىم - ئايرىم يەردە گەپ ئېتىشىش باشقا ئىش، روبىرو كەلگەندە ئىشنى سالام - سەھەت بىلەن باشلاش ئەقەللىي قائىدە. سىياسەتتىمۇ شۇ. بىر - بىرىگە ئوت بىلەن سۇ بولۇپ كەتكەن مۇخالىپەتچىلەر روبىرولاشقاندا سىياسىي نازاكەتنى يوقاتمايدۇ. شۇنچىلىك ئەقەللىيلىكنىمۇ قىلالماي كىرىپ ئۆزەڭنى ئاشكارىلا، دېسىلە شاللاقلىقنى بىلىش ئۈچۈن تېلېفونلىرىنىڭ كامېراسىنى ئېچىپ self قىسمىنى چېكىپ قاراپ باقسىلا، دېيشكە توغرا كېلىدۇ.
مەن يەنە تەنقىد يېزىپ قالىمەن، سىلىنىڭ جۆيلىمىلىرى ھەققىدە توختىلىپ قالسام، تىتەنپەتىلىك قىلماي، سەھىپىلىرىگە چىقىپ رەددىيە بەرسىلە، ياكى كىرىپ يازسىلا بولىدۇ. ئىلىمنى، پىكىرنى ئىلىمىي ئۇسۇلدا مۇنازىرىلىشىش مەردنىڭ ئىشى. يازما ئىگىسى نائېنىق ئەمەس، ھەر ۋاقىت تۇرۇپتۇ ئىمزاسى ۋە يازمىسى بىلەن. دەپ قاچىدىغان، يۇيۇپ ئېغىز - بۇرۇنىنى سۈرتۈۋېلىپ باشقا سەھىپىلەردە تىللايدىغان نامەردلىك بۇ سەھىپىنىڭ ئەنئەنىسىدە كۆرۈلگەن ئىش ئەمەس. ھەم ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇنداق قىلالمىسىلا يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنسىلامۇ شۇنىڭ ئۆزى بىر ئەدەپ. قالدى گەپ بولسا يەنە ئوبزور چىققاندا قارشىلىقلى ئوبزورلىرى بولسا پىكىرگە پىكىر بىلەن ھەمھال بولۇشقا ھەر زامان كەمىنە تەييار.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
باربا روسسا غا:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام باربا روسسا قېرىندىشىم. مەسىلە دەل شۇ يەردە. ئۆزىڭىز گۇۋاھ بولۇپ تۇرغاندەك سەۋىيە - ساپا شۇنچىلىك. بىر كىتاب چىقىدۇ، دېيىلسە ئۇنىڭغا مۇھەررىر، كوررېكتور كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان قارا قۇرساق، ھەتتا ماۋۇ كىتابنى تەھرىرلەيلى، ئىملا، كوررېكتور قىلساق دېيىلسە، ياق بۇ دېگەن دىنىي كىتابقا چېقىلمايمىز دەپ شۇ پېتى چۇۋالچاق ھالدا نەشرگە بېرىدىغان دەرىجىدە ئىلمىي خىزمەت سىستېمىسىدىن بىخەۋەر قاتمال بىرى. شۇنداق ئەھۋالدا تۇرۇپ 300 پارچىدىن ئارتۇق ھەجىملىك ۋە تۈرلۈك تېمىلاردا كىتاب يازغان، تارىختا تۇنجى دېگۈدەك يىرىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان چوڭ بىر ئالىمغا، بىر پارچە رىسالىنىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان، قەلەمدە يوق، گەپتىلا، زۇۋاندارازلىقتىلا بار بىرى چىقىپ شىلتىڭ ئاتماسلىقى، مېيىتى دەپنە قىلىنغان كۈنى چىقىپ «ئېغىر خاتا» قىلغان، «ئەقىدىۋى خاتالىقلىرى بار» دەپ كوتۇلدىماسلىقى لازىم. قەلەمدە يوق ئادەم ھەددىمىزنى بىلىپ زۇۋانىمىزنى يىغىشنى، ئىلمىي باھانى شۇنىڭغا چامى يېتىدىغان، ئەسەرلىرىگە ئىلمىي باھا بېرەلەيدىغانلارغا قويۇپ قويۇش كېرەك. شۇنچىۋالا سۈپەتسىز تۇرۇپ ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ جۆيلىگەنكىن يازە سەنمۇ ئۇنداقتا دېيىش كېرەك بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭغىمۇ ئىچ ئاغىرغاننى قىلىپ، يازاممايدىغان ئادەمنى زورلاپ دېيىشنىڭ ئورنىغا، سەنمۇ جېنىڭغا تۇشلۇق ئىش قىل ياكى سۆزلە، دەپ ئاۋۇ ئۆزىنى بىلەلمەيۋاتقانغا نەسىھەت قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئاددىي زاكون: غەززالىي يازغان تاھافۇتۇلفەلاسىفىگە ئىبنى رۇشد رەددىيە يازىدۇ، ئۇلارغا ئىبنى تەيمىيە يازىدۇ، يۈگۈرۈپ چىقىپ ئىبنى رەجەب ھەنبەلىي تەنقىد يېزىۋالمايدۇ. چۈنكى كىتاب يازالىسىمۇ كىمگە قانداق ۋەزنىدىكى ئادەم يازسا، بىر نېمە دېسە بولىدىغانلىقىنى ئىبنى رەجەب بىلىدۇ. دىكارتقا كانت يازىدۇ، جون لوكقا روسسو يازىدۇ، گېگىلغا شوبىنھاۋىر يازىدۇ. سۆزلىسىمۇ شۇلار سەۋىيەسىدە سۆزلەيدۇ. ئارىدا لەيلەپ يۈرگەنلەر ئاتىكارچىلىق قىلىۋالمايدۇ. ھەر ئىش يولى بىلەن. يولسىزلىق قىلدىڭمۇ، ئۇنداقتا قائىدىسى بويىچە ئىش قىل. بۇ تولىمۇ ئەقەللىي زاكون. شۇڭا نەسىھەتنى ئىگىسىگە تېپىپ قىلىنغىنى يەنىلا ئاقىلانىلىق. قالدىسىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز دەپ ئويلايمەن.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
بۇ ھەقىقەت كە:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قۇش ئۇۋىسىدا كۆرگەننى قىلار دەپ، سىزمۇ ئاۋۇ موللىڭىزدەك سالام - سەھەتسىزلىكتىن گەپ باشلاپسىز. ئەدەپ دەرسىنى ئەدەپسىزلىكتىن باشلاش سىلەرنىڭ جەمەت ئادىتىمۇ ياكى مەن ھەقلىق بولغانكىن خەقنى نېمە چاغلاپ توڭ تەگسەم بولۇۋېرىدۇ دەيدىغان خاپانباش سەلەپىيچاقلاردىكى ئورتاق خۇيمۇ بىلىپ بولمىدى. بوپتۇ ئادەم ئېتىپ جاۋاب بېرىشنى داۋام قىلاي. قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ:
1. ھەقىقەتنى بايان قىلىش ئۇنى تەرەپبازلىق، تۆھمەتخورلۇقتىن خالىي ھالدا ئەينەن پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن روياپقا چىقىدۇ. سىز باشتىلا ماڭا بىر قاتار تۆھمەتنى تۆشەپ ئەكېلىۋېلىپ، كەينىدىن ئۆچەرسەڭ نامەرد دەپ چۈشۈۋاپسىز. ئاياللىق مەردلىكتىن ئايرىلمىغاندا ئاياللىق ئوبراز جۇلالىنىدىغان نەرسە. بولمىسا خوتۇنچە ئىش بولۇپ قالىدۇ. بۇنى مەن ئالدىنقى يازمىلىرىمدىمۇ يېشىپ ئىزاھلىغانمەن. سىز مېنىڭ قايسى يازمامدىن قەرداۋىينى «خاتالاشمايدىغان مىسلىسىز ئالىم»، دېگىنىمنى، ياكى شۇنداق قارىغىنىمنى ئىستىنبات قىلىپ چىقاردىڭىز تېپىپ بەرسىڭىز دەيمەن. تاپالمىسىڭىز سىزمۇ بىر كاززابە. مەن قەرداۋىينىڭ ۋاپاتى ھەققىدە توختالغىنىمدا ئۇنى خاتالاشمايدىغان، ياكى مسىلىسىز دېگىنىم يوق، ئۇنى بىر ئىجتىھاد ئىگىسى، مۇجەددىد دېدىم. سەھۋەنلىك ۋە خاتالىقلىرىنى ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى، خاتالىق ۋە سەھۋەنلىكنى ئىجتىھاد ئەھلىگە تۇتۇلىدىغان ماقامدا مۇئامىلە قىلىشىنى تىلىدىم. قەرداۋىينىڭ ئەقىدە ۋە فىقھىي مەسىلىلەردە باشقا ئېقىمدىكى ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىدىن خەۋرىم بار. ئەمما بۇ قەرداۋىي ئېيتقاندەك ئۇسۇلۇلئەقىدە مەسىلىلىرى ئەمەس، تارىختىن بىرى شۇنداق ئىختىلاپى قاراشلاردا مۇئامىلە قىلىنىپ كەلگەن مەسىلىلەر. ھەركىم شۇ نۇقتىدىكى تەرجىھ قىلغان قارىشى بويىچە ماڭسا كېرەك يوق مەسىلە. مېنىڭ قەرداۋىينى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىم ئۇنىڭ ھەممە قارىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىم بولمايدۇ. مەنمۇ نۇرغۇن قاراشلىرىغا قوشۇلۇپ كېتەلمەيمەن. يەنە باشقا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى راجىھ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن دەرھال يەڭ تۇرۇپ قەرداۋىي «ئېغىر خاتا»لىق قىلغان، «ئەقىدىۋى خاتالىقلىرى» بار دەپ مېيىتى دەپنە قىلىنىدىغان كۈندە سىز چاپانچىلىقىنى قىلىۋاتقان ئاۋۇ بومبا ساقالدەك كوتۇلدىمايمەن. قەرداۋىيغا قارشى پىكىر قىلغان ئالىملار كىتاب يېزىپتۇ، رەددىيە بېرىپتۇ. ئىش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئاۋۇ قازىكالان بومبا ساقالدەك ئەخمەقلەرچە چىقىپ كوتۇلدىماپتۇ.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
2. دىققەتنى ئۇيغۇرغا قارىتىش گېپىنى قىلدى دەپ ئاقلىسىڭىز، بۇمۇ سىزنىڭ ئاددىي ئويلىشىڭىز. ھەم قەرداۋىيغا تون پىچىپ، ھەم دىقىتىمىزنى ئۇيغۇرغا قارىتىلى دەپ تىتەنپەتىلىك قىلسا، بۇ بىر تاناقۇزلۇق بولىدۇ. ئۇستاتلىق قىلىپ قاملاشتۇرالمىغانلىق بولىدۇ. دىققەتنى خىتايغا قاراتقان ئادەم مېيىتى دەپنە قىلىنىۋاتقان ئادەمگە تون پىچىپ كاپىشمايدۇ. جىنايەتچىگە خىتاب قىلىۋاتقاندەك قوپال ئىپادە بىلەن يوغان گەپ قىلمايدۇ. ھەققىگە چىرايلىق دۇئا قىلىپ بۇ ھەقتىكى تالاش تارتىشنى ئىلىم - ئەھلىلىرىگە قالدۇرۇپ نۆۋەتتە دىققەتنى خىتايغا قاراتساق دەپ تۈگىتىدۇ.
سىزنىڭ بۇ تېجىمەل موللىڭىز ئادەم بولسا، ئەقەللىي تەقدىردە مىسىرلىق مۇھەددىس ۋە سەلەپىي شەيخلەردىن ئەبۇ ئىسھاق ئەلھۇۋەينىدىن ئادەمىيلىكنى ئۆرنەك ئېلىشى لازىم ئىدى. ئەبۇ ئىسھاق ھۇۋەينىمۇ زامانىدا كامېراغا چىقىۋېلىپ ئۇنىڭ پەتىۋاسى ئەمەل قىلىنمايدۇ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىق كېرەك. قەرداۋىي مۇنداق دېگىنى ئازغۇنلىقى دېگەندەك تۈرلۈك ئىختىلاپلاردا مەيدانىنى بىلدۈرگەن شەيخلەردىن بىرى. ئەمما ئۇنىڭ ئاغرىپ يېتىپ قالغىنىدا قەرداۋىي ئادەمىيلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ دوختۇرخانىغا يوقلاپ بېرىپ، پىكىر ئوخشىماسلىقى بىلەن قېرىنداشلىق باشقا بولىدىغانلىقىنى ئەمەلىي كۆرسىتىپ قويغان. مانا دەل سىزنىڭ موللىڭىز خىتايغا دىققەت قارىتىلى دېگەن بولۇپ قەرداۋىي ئۈستىدىن كوتۇلداۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، شەيخ ھۇۋەينىي مىسىرنىڭ مۇستەبىت زالىم ھۆكىمىتىنىڭ «قەرداۋىيغا ھەرقانداق يېپىق ياكى ئاشكارا نامىزىنى چۈشۈرۈش مەنئىي قىلىنىدۇ» دېگەن زالىمچە چەكلىمسىگە پىسەنت قىلماي، ئاغرىقلىقى، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغۇدەك ماجالسىز ھالىغا قارىماي مىسىردىن قاتارغا بېرىپ جىنازىسىغا ئۈلگۈرۈپ ، يەرلىكىدە قويۇشقا قاتنىشىپ، ھەققىگە دۇئا قىلىپ قايتتى. مانا بۇ سەلەپىي شەيخنىڭ ئادەمىيلىكى، ئەخلاقى، نوچىلىقى دەيمىز. مۇشۇنچىلىك ئەخلاقتىنمۇ بىر نەرسە ھېس قىلالمىغان ئۇ موللىڭىزنى ھەرقانچە ئاقلىسىڭىزمۇ دەيدىغاننى دېدى، شۇنىڭغا لايىق جاۋاب بېرىش، چاكىلىنىق ۋە ھارامزادىلىكلەرگە ھاي دېيىش ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. سىز ئالدىنقى نۆۋەت ئارتىس كۈسەننىڭ ئىككى ئىسىمدا كىرىپ مايمۇنلۇق قىلغىنىنى، ناچارلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئايەت ھەدىسنى تىغ قىلىپ كىرىپتىكەنسىز، ھەمشىرىلىكىڭىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئىنكاسىڭىزنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭغا چىدىماي سەھىپىڭىزدە ئىششەك تىللىۋاپتىكەنسىز. بۇدا تۆھمەت ۋە ناچار گەپلەرنى قىلىپ قىلىۋېلىپ ئىنكاسىمنى ئۆچەرسەڭ نامەردلىك قىلغان بولىسەن دەپ ئۆزىڭىزگە ئالدىن تۇغان سېلىۋاپسىز. بولسا چالا موللىلارنىڭ دېپىنى قارىسىغا چالدىغان ئازازۇل تالىبە بولۇۋالماي، بولسا سەلەپىيلىكنى ياقتۇرسىڭىز ھۇۋەينىدىن، نۇرغۇن ئىختىلاپلىشىپ تۇرۇپ يەنە ئۆلىمالىقى ۋە پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلىپ سالام -سەھەتلىشىپ، كۆرۈشكەندە ھال - ئەھۋاللىشىپ تۇرالايدىغان ئەلبانىي، ئۇسەيمىينلەردىنمۇ ئۈگىنىپ قويۇڭ. كىتابلارغا، پەتىۋالىرىغا يېزىلىپ بولالمىغان پەزىلەتكە ئەرزىيدىغان ئىش - ئىزلىرىدىنمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ. بولمىسا، بۇنداق قارىسىغا چاپانچىلىق قىلىپ ئۆگىنىپ قالسىڭىز قارىلىق كۆڭۈلگىمۇ يۇقۇپ ئەدىسە تۈزىمەك تەس بولىدۇ. ئاللاھ ھەربىر ئىلىم ئۆگۈنگۈچىنى كۆڭلى قارىلىقتىن ساقلىسۇن، ئىلىمگە ئەگىشىپ ئاق - قارىنى دەڭسەيدىغان دىتتىن ئايرىمىسۇن.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى