Jump to content

بىر دادىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى

ئورنى Wikipedia

بىر دادىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى


قەدىرلىك ئوغلۇم:

بۇ خەتنى كۆرگەن چاغلىرىڭدا ئېھتىمال مەن ئاللىقاچان قېرىپ كەتكەن، پۇت – قوللىرىم ماغدۇرىدىن قالغان، جىسمانىي قۇۋۋىتىم ئاجىزلىغان، ھەتتا كاللام بەزىدە سەگەك، بەزىدە گالۋاڭ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا تېخى قېرىپ كەتمىگەن ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ بۇ خەتنى ساڭا يازدىم. خەتنى ئوقۇغىنىڭدا مېنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشىنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەگەر مەن شۇ چاغدا يەۋاتقان تامىقىمنى چېچىۋەتسەم، ھەركۈنى ئەتىگەندە كىيىمىمنى ئوڭلاپ كىيەلمەي قالسام، ماڭا سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن. چۈنكى، بۇرۇن ساڭا بۇ ئىشلارنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئۆگەتكەنلىكىم ھېلىھەم ئېسىڭدە بولۇشى مۇمكىن. كىچىك ۋاقتىڭدا شۇنچىلىك ئۇماق ئىدىڭ، ھەر قېتىم بۇدرۇققىنا قوللىرىڭ بىلەن قوشۇقنى ئېلىپ، قاچىغا ئۇرۇپ، ئۈستەل ۋە يۈز – كۆزلىرىڭنى تاماق يۇقى قىلىۋەتكىنىڭدە سەۋرچانلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ، يۈز -كۆزلىرىڭنى يۇيۇپ، پاكىز كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ قۇياتتىم. خۇددى مەن ساڭا سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاندەك، ماڭىمۇ سەۋرچان مۇئامىلىدە بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن سېنى يۆلەپ، پەپىلەپ، ھاياتىڭنى تۇنجى قەدىمىنى ئالدۇرغانغا ئوخشاش سەنمۇ پۇت – قولۇم ماغدۇرىدىن قالغاندا، مېنى يۈلۈۋېلىشنى ئۇنتۇما...

ئەگەر مەن بىر ئىشنى قايتا – ئايتا سۆزلەپ سالسام، ھەرگىز مەندىن بىزار بولما، سۆزۈمنىڭ بىلىگە تېپىۋەتمەستىن گېپىمنى ئوبدان ئاڭلىغىن. خۇددى مەنمۇ كىچىك ۋاقتىڭدا سەن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوخشاش بىر ھېكايىنى تاكا سەن ئۇخلاپ قالغانغا قەدەر قايتا – قايتا سۆزلەپ بەرگەنگە ئوخشاش...

مۇنچىغا چۈشكۈم كەلمىگەن ۋاقىتتا ھەرگىز مېنى مەسخىرە قىلما، تىللىما ھەم كەمسىتمە. چۈنكى، كىچىك ۋاقتىڭىدا سېنى يۇيۇپ قۇيۇش ئۈچۈن قانچىلىغان باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىم ئېسىڭدە باردۇر، بەلكىم...

سەن مېنىڭ پەن – تېخنىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىمنى كۆرگىنىڭدە مېنى كەمسىتمەستىن، بىرئاز ۋاقت بەرگىن. خۇددى مەنمۇ كىچىك ۋاقتىڭدا ساڭا گەپ قىلىشنى، خەت ئوقۇشنى، كىتاب كۆرۈشنى، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن رەزىللىكنى ئايرىشنى، تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، قىيىنچىلىقنى قانداق يېڭىشنى ئۆگەتكەنگە ئوخشاش.

ئەگەر سەن بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ، تۇيۇقسىز بىر ئىشلارنى ئېسىمگە ئالالمىسام ۋە ياكى ئۆيدە ئۆزۈم قويغان بىرەر نەرسىنى تاپالماي قالسام،  ماڭا ئويلىنىدىغان ۋاقت بېرىشىڭنى، يەنە ئەسلىيەلمىسەم ھەرگىز چېچىلماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن...

خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ماڭا كۆپرەك ۋاقت ئاجرىتىپ، ھەمراھ بولۇشۇڭنى، مەن بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى سەن بىلەن پاراڭلىشىش بولماستىن، بەلكى سېنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشۇڭ ۋە گىپىمنى زەن سېلىپ ئاڭلىشىڭدۇر. بۇ خۇددى كىچىكىڭدە ساڭا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن ھەمىشە ئىشتىن بالدۇر قايتىپ، سەن بىلەن بىللە بولغىنىمغا ئوخشاش. مەنمۇ يالغۇزلۇقتىن قورقىمەن، ئوغلۇم.

تاماق يىگۈم كەلمىگەندە مېنى مەجبۇرلىمىغىن، مەن قانداق ۋاقىتتا تاماق يېيىشىم كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. كۈنلەرنىڭ بېرىدە ساڭا ياشىغۇم كەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتسام، ھەرگىزمۇ ئاچچىقلانمىغىن. سەنمۇ ھامان بىر كۈنى ئايرىلىشنىڭ بىرخىل قۇتۇلۇش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن.

شۇ چاغلاردا بەلكىم ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، چېچىلىدىغان، رەنجىيدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمنى، مىجەزىمنىڭ ئوساللىشىپ، تولا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمنى ھەمدە تۇرمۇشۇمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىشىڭ مۇمكىن. قەدىرلىك ئوغلۇم، سېنىڭ شۇنداق چاغلاردىكى روھى ھالىتىم بىلەن تەسىراتىمنى چۈشىنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، شۇ چاغلاردا بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلاپ، ساناقلىق كۈنۈم قالغان بولىدۇ. مېنىڭ ساڭا پەقەت ئاۋارىچىلىك سالغۇم يوق. بىراق، مەن ئۇ چاغدا ئۆزۈمگىمۇ ئىگە بولماي قالىمەن.

ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ماڭا كۆپرەك ھەمراھ بولۇشۇڭنى، مېنى يۆلىشىڭنى ھەمدە مۇھەببىتىڭ ۋە سەۋر – تاقىتىڭ بىلەن خۇددى مەن كىچىكلىكىڭدە ھاياتىڭنى قاناتلاندۇرغانغا ئوخشاش، مېنىڭ ئاخىرقى ئۆمرۈمنى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشۈمگە ياردەم بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سەمىمىي كۈلكەم ۋە مەڭگۈ ئاياغلاشمايدىغان چەكسىز مۇھەبىتىم بىلەن ساڭا جاۋاب قايتۇرىمەن!

ئوغلۇم، سېنى ياخشى كۆرۈپ:

                         داداڭدىن