Jump to content

بىر مەجرۇھ زېھنىيەتنىڭ «مۇلاھىزىسى»گە...

ئورنى Wikipedia

بىر مەجرۇھ زېھنىيەتنىڭ «مۇلاھىزىسى»گە...

مەلۇم بولغىنىدەك يېقىنقى ۋاقىتلاردا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي سەتچىلىكلەرنىڭ ئاشكارا سازايى بولۇشى، شۇنداقلا بۇنى «غەلىبە»، «مۇۋەپپەقىيەت» دەپ تەنتەنە قىلىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۈستىدە ھەر تۈرلۈك بىلجىرلاشلارنىڭ چىقىشىغا رول ئوينىشى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ تارىخى، سىياسىي پىرىنسىپلىرى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا قەدەرىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك نىشانغا ئېلىنغان ھۇجۇملارغا سەۋەب بولۇشلىرى قاتارلىق رەزالەتلەر مەيدانغا كەلدى. سىياسىي دەۋا تارىخىغا قارا داغ سۈركەۋاتقان سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ  تەپ تارتماستىن «غەلىبە» داۋرىڭىنى سېلىشلىرى مىللەتنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان، يىللاردىن بىرى خەلقنى ئىككى يۈزلىمىلىكلىرى بىلەن ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق پاكىتلىرى ئوتتۇرىدا پۇتلىشىپ تۇردى. بۇنىڭغا بىر تۈركۈم ئويغاق زىيالىيدىن، ئويغاق سىياسىي تەشكىلاتچىدىن، ئويغاق ئاكتىۋىستلاردىن ئىنكاس، سادا كەلدى. يەنى ساختىلىققا، ساختىلىشىشقا قارشى ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ۋە ئەمەلىي تۇتۇملىرىنى ئىپادىلەپ ھەققانىي ھالدا جاۋاب قايتۇردى. قىسقىسى سىياسىي پىرىنسىپنىڭ، مىللىي غايىنىڭ، دەۋا ئەخلاقىنىڭ ھەققىنى بېرەلىگەنلەر بۇنىڭغا ئىنكاسلىرىنى قايتۇردى. شۇنداقلا سىياسىي سەتچىلىكلەرنىڭ ئەپت - بەشىرىسىنى ئاچىدىغان ھەر تۈرلۈك ئوبزورلار مېدىيا سەھنىلىرىدە، ئىجتىمائىي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئىگىلىدى. لېكىن ئىلىمدىن، قۇرئاندىن، سۈننەتتىن ۋەز ئوقۇيدىغان «ئۆلىما» قالپىقىنى كىيىپ يۈرۈۋاتقانلاردىنچۇ؟ قانداق سادا كەلدى؟ ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى بۇ توپتىن ساختىلىقنى پاش قىلىپ ھەققانىيەتنى ياقلاشقا ياتىدىغان بىرەر سىگنالمۇ چىقمىدى. ئەكسىچە ئۇلاردىن سىگنال ئورنىغا ساختىلىققا ۋە ساختىلىشىشقا قارشى ھەققانىي ئىنكاسلارغا قارىتا «كونا پىتنىنى ئۇلغايتىشتى» دېگەنگە ئوخشاش تەتۈر قۇيۇنلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

يېقىندا سەھىپىمىزدە بۇ خىلدىكى ساختىلىشىشقا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقى، ئىلىم ۋە دىننىڭ مەسئۇلىيىتى بۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، «ئۆلىما» ئاتىقى كىيىۋالغان تائىپىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇشى كېرەكلىكى خۇسۇسىدا تەنقىد - ئوبزورلار ئېلان قىلىندى. بىلىندىكى ھەقنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغۇدەك ماجالى بولمىغان بۇ توپنىڭ پەردە ئارقىسى كاتتىباشلىرىدىن ئېغىر دەرىجىدە چىدىماسلىق، ھاقارەت ۋە تۆھمەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ يەردە دىققەت تارتىدىغىنى مەزكۇر چىچاڭشىغۇچى تەرەپنىڭ تەنقىدنى شەخسكە دەپ بىلىپ چالۋاقىشى، ھەر تۈرلۈك تۆھمەت بىلەن ھاقارەت قىلىشىلا ئەمەس، بەلكى تەنقىد - ئوبزورلارغا لايىق سەۋىيەدە جاۋاب قايتۇرالماسلىقى، ھاقارەت ۋە تۆھمەتلىرىنى ئەڭ پەسكەش، ئەڭ بىچارە ۋە ئەڭ نامەرد ئۇسۇلدا ئىپادىلىشى بولدى.

بىرىنچى: قايتۇرۇلغان ھاقارەت ۋە تۆھمەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى نېمە ئۈچۈن ئەڭ پەسكەش دەپ قالدۇق؟ چۈنكى مەزكۇر پەسكەشلىكنىڭ خاراكتېرىنىڭ تەنقىدكە رەددىيە بولماستىن، پەقەتلا تەنقىد قىلغۇچىغا بولغان ئاچچىقىنى چىقىرىش ۋە بۇ ئاچچىقىنى چىقىرىشتا دىننى، قۇرئاننى سۇيىئىستېمال قىلىش بولغانلىقىدۇر. چۈنكى يازمىسىدا كەلتۈرگەن ئايىتى باشقا مەزمۇندا، ئاتالمىش مۇلاھىزە دەپ ئاتىۋالغان شەخسىي غۇملىرى بولسا باشقا پەدىگە چېلىنغان. بەقەرە سۈرىسىدىكى مەزكۇر ئايەت قەلبىگە ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلىپ قويۇپ تۇرۇپ باشقىلارنى ئاغزىغا قاراتقۇدەك سۆزلەرنى قىلىپ ئالدايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئىسلامغا ئەڭ ئۆچمەن، چىش - تىرنىقىغىچە دىن ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆچەكىشىدىغانلارغا قارىتىلغان بولۇپ، مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان ئۇ تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. چۈنكى يېزىلىۋاتقان تەنقىدلەردە ئىسلامىي مەۋقەگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىرەر مۇخالىپىلىق يوق بولۇپلا قالماي، تەنقىدنىڭ مۇددىئاسى مىللىي تەقدىرىمىزنىڭ داۋالغۇش پەيتلىرىدىكى سەتچىلىك ۋە نەيرەڭۋازلىقلارغا قارىتا سىياسەتچىنىڭ بىر مەيدانى بولغىنىدەك، ئىسلامنىڭمۇ قۇرئان ۋە ھەدىس روھىدا بىر مەيدانى بولۇشى كېرەكلىكى، بۇنى تەمسىل قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلىمالار ئىكەنلىكى، مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىمىغانلارغا قۇرئاننىڭ نېمە دەيدىغانلىقى، قۇرئاننىڭ نەزىرىدىن قارىغاندا مەسىلىنىڭ توغرا - خاتاسىغا ئىنكاس بىلدۈرۈشتە ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتى چوڭلۇقى تەكىتلەنگەن. ئەمما مەزكۇر زاتى مۇبارەك يەنە شۇ ئۆزىنى دىنى ئىسلامنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىپ، قارشىسىدىكىنى، يەنى قۇرئان ۋە ئىسلامنىڭ مەنتىقىسىدە مەسىلىلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەكلىكىگە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگۈچىنى مۇناپىقلىق قىلىۋاتقۇچى ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ سوتلاپ چىقىدۇ. ئۆزى ۋە تەمسىل قىلىۋاتقان گۇرۇھنى تەنقىدلەشنى ئىسلامنى، قۇرئاننى تەنقىدلىگۈچىنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئەھكام پىچىدۇ. پاكىتسىز ھالدا تەنقىدلەرنى ئىسلامغا ئۆچلۈك قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنى ئېزىقتۇرۇش سىياقىدا مۇئامىلە قىلىپ تەنقىد قىلغۇچىنى ئاغزىغا كەلگەنچە پىپەن قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. ھالبۇكى تەنقىدتە تۇتقۇ قىلىنىۋاتقىنى بولۇنۇۋاتقان سۈكۈتۋازلىق، ھەقنى ھەق، ناھەقنى ناھەق دېمەسلىك، چېگىشلىك مەسىلىلەرگە ئىسلامىي مەۋقەدىن تۈزەش ياكى مەيدان - مەۋقە ئىپادىلىمەسلىك، ھەتتا نۆۋەتتىكىدەك بولۇۋېلىش تەقەززا بولغان تەقدىردىمۇ سىياسىي سەتچىلىكتىن ئىبارەت سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىق تۇتۇمىغا توغرا كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى ئايرىپ ئىزاھلاپ ھەقنى بايان قىلىش كېرەكلىكى قاتارلىقلار تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئوبرازىغا لايىق ھەققانىي تۇتۇم ۋە ھەق مەيداننىڭ ئۆلىما تەرىپىدىن بىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ مەزكۇر زاتى مۇبارەك ۋەزىيەتكە چۈشمەيدىغان بىر ئايەتنى زورلاپ بۇرمىلاپ بىلجىرلايدۇ ۋە بۇنى بىر ئايەتكە قارىتا ئاتالمىش مۇلاھىزە دەۋالىدۇ. ئەجەبا تەنقىدلىرىدە ئىسلامنىڭ مەيدانىدىن سۆزلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگۈچىگە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ دۈشمەنلىكىنى ياراشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر» دەپ مۇناپىقلىققا جورىلىدىغان قالپاقلارنى تەڭلەش پەسكەشلىك بولماي نېمە؟!

ئىككىنچى: مەزكۇر زېھنىيەتنىڭ ئەڭ بىچارىلىكى، دېيىشىمىزدە، ئۇنىڭ ئۆزى تەمسىل قىلىۋاتقان توپنىڭ، كونترولى ئاستىدىكى تائىپىنىڭ تەنقىدتە دېيىلىۋاتقان نۇقتىلارغا ئىسلامنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارشى جاۋاب بەرگۈدەك سەۋىيە - ساپاسىنىڭ يوقلىقىدا گەۋدىلەنگەن. ئەگەر بۇ زېھنىيەت تەنقىدتە دېيىلىۋاتقاندەك ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا، بۇنىڭ يولى ئايەت يېزىلغان رەختكە كېسەك ئوراپ ئېتىپ ئويناش ئەمەس. بەلكى ئۆزلىرىنىڭ داستىخاندارچىلىقى ۋە مۇناسىۋىتى دائىرىسىدىكى سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ سادىر قىلىۋاتقان سىياسىي سەتچىلىكلىرىنى، خەلقنى قايمۇقتۇرۇشلىرىنى قايسى شەرئىي سىياسەتكە چۈشۈرۈپ تۇرۇپ كۆز يۇمۇشقا بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىش ياكى كۆز يۇمۇشقا بولسا بولىدىغان بولسا، بۇنىڭ جائىزلىقىنىڭ، بولمايدىغان بولسا بۇنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن چۈشەنچىسىنى ۋە ھۆكۈملىرىنى بىلدۈرۈپ خەلقنى ئايدىڭلىتىشتۇر. ئەمما بۇ بىچارە زېھنىيەتنىڭ تەنقىدلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ شەرئىي قىسىمىغا كىرىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغۇدەك، قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئىسلامنىڭ مەۋقەسىنىڭ قانداقلىقىنى دېيەلىگۈدەك ھەم جۈرئەت يوق، ھەم ئىزاھلىغۇدەك ساپا يوقلىقىنى چاندۇرۇپ كېسەك ئېتىپ تۆھمەت ياغدۇرۇشى، ئاغزىغا كەلگەنچە ھېكايە توقۇپ، ۋەزىيەتكە توغرا كەلسۇن - كەلمىسۇن ئايەتنى قالقان قىلىۋېلىپ تامغا ياساپ يۈرۈشى بېرىلگەن ئۇنچە ئىمتىياز ۋە ئىلىمگە كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ.  دىننى يېتەكچى رول قىلىشنى دەۋا قىلىپ قويۇپ ئەمەلىيىتىدە ئۇنى تەرلەيدىغان تونى قىلىۋېلىش، ئارقىسىغا سىغىنىۋېلىپ ئايەتلەرنى چالما - كېسەك ئورنىدا ئېتىپ بولسىمۇ قارشى تەرەپتىن غۇمىنى چىقىرىۋېلىشلىرىدا ئايەتكە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى كىشىنى ئۆرتەندۈرىدۇ. ئىلىم سۆزلىنىۋاتقان، ئىسلامنىڭ سىياسىي قايمۇقتۇرۇشلارغا قارىتا مەۋقەسى بولۇشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، مەسئۇلىيەتنى تونۇش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان تەنقىدلەرنى «ئىسلامغا قارشى ئۆچمەنلىكىنىڭ ئېغىر، ئاغزىدا دىننى قوغدىغاندەك قىلغان بىلەن تىلى باشقا، دىلى باشقا» دېگەن ئىما ئىشارەتلىك تۆھمەتلەرنى توقۇشتىنمۇ ئۆتە بىچارىلىك بولسۇنمۇ؟!

ئۈچىنچى: نامەردلىك دېيىشىمىز شۇنىڭدىنكى، تەنقىدلەردە ئىلگىرى سۈرۈلگىنى تۇتۇم ۋە مەۋقەدىكى پاسسىپلىق، لىللاھ بولالماسلىق، مۇستەقىل پىكىر، ئىسلامىي مەۋقەنىڭ نامايان بولماسلىقى. ئەمما كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، ئىسلامىي مەۋقە ھەققىدە سۆزلەشكە تىلى قىسىق بۇ تەلۋە زېھنىيەت ھەقنى دېيەلمىگەننىڭ خىجالىتى، ئار - نومۇسى يېتىپ ئاشىدىغان تۇرسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك يازما ۋە ئىنكاسلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ تەنقىدكە ھەقلىق ئىكەنلىكلىرىنى تېخىمۇ ئىسپاتلايدىغان گەپلەرنى قىلىپ ئەزۋەيلەيدۇ، ھەمدە بولۇۋاتقان تەنقىدلەرنى خىتايغا خىزمەت قىلىش دەپ تۆھمەت پىچىدۇ. تەنقىدكە جاۋاب قايتۇرغىدەك مېڭە سىغىمى يوقلىقىنىڭ بولۇشى بىرنۆرى، ھەتتا ئىلىم ۋە پىكىر بىلەن جاۋاب قايتۇرالمىغاندا تەنقىتنى تۆھمەت دەپ تۇرۇۋېلىپ رەت قىلىشمۇ بىر نۆرى، تېرىق چىقىرىپ ئەيىبلىسىمۇ بىرنۆرى. ئەمما تۆھمەتنىڭ خاراكتېرىنى ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق تەنقىدلەرنى «مىللىتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىك - باراۋەرلىكىمىزنىڭ بېلىگە ئۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، دۈشمەنگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى روشەن كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە «تىلى باشقا، دىلى باشقا ئىكەنلىكى مىنە مەن دەپ تۇرۇپتۇ» دەپ نىيەت ئوقۇپ دەم سېلىش، قارىسىغا سوتلاپ ھۆكۈم پىچىش ھەققىنى مەزكۇر زېھنىيەتكە كىم بەردى؟  بۇ خىل قارشى تەرەپنىڭ دىيانىتى ۋە نىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ تامغا سېلىشلار نامەردلىكنىڭ، قارىسىغا جۆيلۈشنىڭ چوققىسى بولماي نېمە؟

مەزكۇر زاتى مۇبارەكنىڭ قارىسىغا نىيەت ئوقۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىچارىلىك نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىدا. ئەمما ئۇنىڭ ئاتالمىش «مىللىتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىك - باراۋەرلىكىنىڭ بېلىگە ئۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، دۈشمەنگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى روشەن كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ» دېيىشىدە زېھنىيەتتىكى قاتماللىق ۋە بىمەنىلىكتە چېگرا تونۇماس دەرىجىدە ئۆزىنى تۇتالماي كەتكەنلىكى، پىسخىكىسىنى تەنقىدنىڭ بىئاراملىق دەرىجىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە زىدىپەس ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇنى قانداق بىلىمىز؟ بىز مەزكۇر جۈملىدىكى «دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش» دېگەن سۆزىگە كۆرسەتكەن باھانىسىدىن بىلىمىز، ئەلۋەتتە.

ئالدى بىلەن مەزكۇر بىچارە زېھنىيەت ئاتالمىش مۇلاھىزىسىدە «دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش» دېگەن جۈملىسىگە ئىككى سەۋەبنى، يەنى «مىللىتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقى»، دېگەننى ۋە «بىرلىك - باراۋەرلىكىنىڭ بېلىگە ئۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى»  دېگەننى قەيت قىلىدۇ.

ئۇنداقتا مەزكۇر «مۇلاھىزىچى»نىڭ نەزىرىدىكى دۈشمەن كىم؟

ئەگەر ئۇنىڭ «دۈشمەن» دېگەن سۆزىدىن مەقسەت خىتاي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىقىدىكىلەر بولسا، خۇداغا شۈكرىكى بۇ سەھىپىدە يېزىلغان ۋە يېزىلىۋاتقان ئوبزورلاردا خىتاينىڭ ئەپت -  بەشىرىسى يورۇتۇلۇشقا، مىللىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە قىلغان ۋە قىلىۋاتقان زۇلۇم - سىتەملىرى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدا ياتقان زېھنىيەتنىڭ مەقسەت - مۇددىئالىرىغا كەڭرى يەر بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ رەزىل ۋە پەسكەشلىكلىرى پاش قىلىنغان. سىياسىي تەقدىرىمىز ۋە سوتسىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلىرىمىز، زېھنىي ۋە كۈلتۈرەل خاسلىقلىرىمىزغا قايسى دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە كېلىۋاتقانلىقىغا، قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ىروجىلىرىگە دائىر مەزمۇنلارغا كەڭرى يەر بېرىلگەن. نەچچە يىلدىن بېرى يېزىلىۋاتقان ماقالە - ئوبزورلاردا خىتايغا قارشى قايسى خىل تۇتۇم ۋە روھ بولۇشى كېرەكلىكى، ئاڭ جەھەتتىن ئاقارتىش، ئىدىيە ئىسلاھاتى زۆرۈرلۈكىگە دائىر مەزمۇنلار توشۇق تۇرسىمۇ «مىللىتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارا» دېيىلىۋاتقان بولسا، بۇنداق دېگۈچى بىلمەي دەۋاتقان تەقدىردە «تۆھمەتخور» ، بىلىپ تۇرۇپ دەۋاتقان تەقدىردە نامەرتلىكنىڭ چوققىسىدا ئۈزۈۋاتقان بىرى، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. خىتايغا قارشى ئويغىنىش سادالىرىنى، ئىدىيەۋى زەھەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى خۇلاسىلىرىگە قارشى قاقشاتقۇچ تىرياق خاراكتېرلىك پىكىرلەرنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشتەك خۇپسەنلىكىنىڭ ئۆزىلا مەزكۇر زېھنىيەت ئىگىسى ئۈچۈن بىر يوقىتىش، ئۆزلىرىنى مىللەتكە كاتتىباش چاغلاپ  يۈرۈۋاتقان مەسئۇلىيەتسىز تىپلار ئۈچۈن بىر پاجىئەدۇر.

ئەگەر مەزكۇر مۇلاھىزىچىنىڭ جۈملىسىدە تىلغا ئېلىۋاتقان «دۈشمەن» دېگەن سۆزدىن  خىتاي ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى داستىخاندارچىلىق قىلىپ كەلگەن ۋە يىللاردىن بىر ئۆمەكنىڭ ئانسامبىلچىلىقلىرىنى تەڭ قىلىشىپ يۈرگەنلەرنىڭ سىياسىي سەتچىلىكلىرىنى ئەيىبلەۋاتقان، تەنقىدلەۋاتقان تەرەپنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا مەزكۇر مەجرۇھ زېھنىيەت ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر پەسكەش ئۇسۇلدا، بىچارىلىك ۋە نامەرد ئۇسۇللاردا تۆھمەت ئىجاد قىلىپ ۋايسىغانلىقىنىڭ ھېكمىتىنى ئۆز قولى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن بولىدۇ. چۈنكى، مەزكۇر زېھنىيەتنى چىچاڭشىتىۋاتقان ئىشنىڭ ئەسلىدە قانداقتۇر خىتايغا ئالقىش ياكى ئۇنىڭ دېپىنى چىلىش تىپىدىكى يازمىلار بولماستىن، بەلكى خىتاي بىلەن سەھنىمۇ سەھنە لەپەر ئويناشنى، ئۇلار بىلەن داستىخاندارچىلىقنى، ھەتتا خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن شاخلىنىپ چىققان ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ھۇجۇملارغا سەۋەب بولۇۋاتقان تەخسىكەشلىك ۋە ماڭقۇرتلۇقلارغا، شۇنداقلا بۇنى «غەلىبە» دەپ مىللەتكە يۇتقۇزماقچى بولۇۋاتقانلارغا قارىتا ئىسلامىي مەۋقەنىڭ «ئۆلىما» تائىپىسىدىن چىقمايۋاتقانلىقىنىڭ، ئەگەر بۇنداق ئىشلارنى توغرا چۈشىنىش مۇمكىن بولىدىغان يېرى بولسا بولغانچە، بولمىسا بولمىغانچە ھەق ۋە ھەققانىي مەيداننىڭ بىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكى خۇسۇسىدىكى تەنقىدلەر ئىكەنلىكى مەسىلىنىڭ جەريان ۋە تەرەققىياتىدىن مەلۇم. بۇنداق ئەھۋالدا مەزكۇر مەجرۇھ زېھنىيەتنىڭ «مىللىتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىك - باراۋەرلىكنىڭ بېلىگە ئۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، دۈشمەنگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا» دېگەن بايانلىرىدىن چىقىدىغان مەنتىقە: مەزكۇر سىياسىي لەپەرچىلىكنى تەنقىدلەۋاتقان «دۈشمەن»لىرىمىز ئالدىدا بىزنىڭمۇ مەيدانىمىزنى ئىپادىلەشكە قىستاپ يىللاردىن ئانسامبىلچىلار بىلەن بولغان بىرلىك - باراۋەرلىكىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇندۇڭ، دېگەنگە باراۋەر بولىدۇ. ئۇ چاغدا «دۈشمەننى بىر چەتتە قايرىپ قويۇپ قېرىنداشلىرىغا تىل ھاقارەت ياغدۇرىدىغان، ئۇنىڭدىن باشقىغا تىلى بارمايدىغان زەھەرلىك چايان» دېگەن ھاقارەتلىك تۆھمەت ۋە ئىددىئالىرىنىڭ مەنىسى گويا «سىياسىي ئانسامبىلچىلار»غا قارشى مىللىي ئىرادىنى تەمسىل قىلىدىغان ھەققانىي تۇتۇمدىكىلەرگە دوست تارتىشىپ، بىزگە تىل ھاقارەت ياغدۇردۇڭ» دېگەنگە تەڭ بولىدۇ. بۇ چاغدا مەزكۇر ئاتالمىش مۇلاھىزىچىنىڭ بۇ قەدەر چالۋاقىشى ئارقىسىدا سىياسىي سەتچىلىككە سۈكۈت قىلغىنىمىز رازى بولغىنىمىز ئىدى، سېنىڭ بىزنى زۇۋان سۈرۈش مەسئۇلىيىتىمىز بارلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇشۇڭ بىزگە چېقىلغىنىڭ، بىزگە چېقىلساڭ سەن خىتايغا ئىشلىگەن بولىسەن، بىزنىڭ ئانسامبىلچىلار بىلەن بىرلىك - باراۋەرلىكىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان بولىسەن، دېگەنلىككىمۇ ئىشارەت چىقىدىغانلىقى ئوتتۇرىدا. دېمەك دۈشمەن ئۇقۇمىنى ھەر ئىككى ئېھتىماللىققا تارتقاندا ھەر ئىككى ئېھتىماللىقنىڭ قايسى بىرى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشىدىغان قەتئىينەزەر، مەزكۇر تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەرنىڭ نەقەدەر نامەردلەرچە پوزىتسىيەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن. مانا بۇ مەزكۇر ئاتالمىش مۇلاھىزىدىكى نامەردلىك ئامىلىنىڭ قانداق باھانىلەرگە تايانغانلىقىنىڭ ئانالىتىك يەشمىسى.

يېغىپ ئېيتقاندا «دۈشمەن» ئۇقۇمىدىن ئەكس ئەتكەن يۇقىرىقىدەك ئىككى بىسلىق ئىزاھلاشقا بولىدىغان ئېھتىماللىقلار ۋە ئەمەلىيەتكە قىلچىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەر ئەمەلىيەتتە بۇنى يازغان مەجرۇھ زېھنىيەتنىڭ «تەنقىد»قارىشىنىڭ قايسى دەرىجىدە بىر تەرەپلىمە ۋە تۇتۇق ئىكەنلىكىنى، زېھنىي قاتماللىقنىڭ قايسى دەرىجىدە چىركىن ۋە مۇتەئەسسىپلىقتا ۋايىغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. شۇنداقلا ئىلىم ۋە ئۆلىمالىق سەھنىسىدە بوي كۆرسىتىپ يۈرۈۋاتقانغا تۇشلۇق تەنقىدنى قانداق مېتودتا ئوقۇش ۋە قانداق مېتودتا مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى خۇسۇسىدا خاملىقى، ھەمدە قانداق جاۋاب قايتۇرۇش ياكى رەددىيە بېرىشنىمۇ بىلمەيدىغان، تەنقىدكە قارشى دادىل مۇلاھىزە قايتۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلىشتىن ئايەتكە زۇلۇم قىلىشنى ئەلا بىلىدىغان دەرىجىدە پىكرىي ناتىۋان ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئاغزىغا كەلگەن تۆھمەت ۋە ھاقارەتكىمۇ ئايەت سۇيىئىستېمال قىلىشتىن يانمايدىغان، مۇلاھىزە يازغان بولۇۋېلىپ دىنىي نوپۇز ۋە ئايەتنى سۇيىئىستېمال قىلىشتىن تەپ تارتمايدىغان زېھنىيەتنىڭ ھال - ۋەزىيىتى مانا بۇ. كاتتىۋاشلىرىدىكى ئەھۋال بۇ تۇرسا، قالغانلىرىنىڭ ئەھۋالى نېمە بولماقچى ئىدى، ۋەللاھۇ ئەئلەم!

خاتىمە

مەسىلىنىڭ ئۆزىگە قايتىدىغان بولساق، كۈنىمىزدە «ئۆلىمالىق» تائىپىسىنىڭ ئۆرنەك ئىنسانلار مودېلىنى تەشكىل قىلىشتىن بەكرەك ۋىۋىسكىلاشقان «دىنىي زات» مودېلىنىڭ يېڭى نەشرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىق بېشارەتلىرى كۈنسېرى نامايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر خەلق ئىچىدە مەزكۇر ۋىۋىسكىلاشقان ئۆلىمالىققا بولۇۋاتقان قايىللىق كۈنسېرى ئاجىزلاۋاتقان، مەجرۇھ زېھنىيەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىستۇدىيە ۋە قاناللار ۋەز - تەبلىغگە كۆمۈلۈپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ئىمانىي ئوزۇققا ئېھتىياجلىق قەلبلەر يۇمشاش تۈگۈل قېتىپ كېتىۋاتقان، دىللاردا ئۈمىد، شىجائەت ئۈنمەيۋاتقان، ئىمان چىنارىنىڭ يىلتىزلىرى ۋەھيى بۇلاقلىرىدىن سۇغۇرۇلۇش ئورنىغا قۇرۇۋاتقان، قۇلاقلارغا ھۇزۇرى قەلب تۇيغۇسى يارىتىش تۈگۈل قۇلاقلارغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان خىتاب تىللىرىدىن ئاڭلىغۇچى كۆرۈرمەن بىزار بولۇۋاتقان، يىلىغا نەچچە يۈزمىڭلاپ ئىقتىسادلار سەرپ قىلىنىپ ئىشلىنىۋاتقان پىروگراممىلار تۈزۈكرەكمۇ كۆرۈلمەي تاشلاپ قويۇلۇۋاتقان بولسا، بۇ مەزكۇر زېھنىيەتنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولغان ياكى بولمايۋاتقانلىقىغا سوئال ئىشارىتى قويۇپ، زادى بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، يېتەرسىزلىكلىرى قەيەردە؟ دەپ سوئال قويۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ قانداقتۇر مەجرۇھ زېھنىيەتنىڭ ۋايساشلىرىدا ئەكس ئېتىپ تۇرۇۋاتقىنىدەك: «بىز قىلىۋاتىمىز، ئەمما خەلقىمىز مۇنداق - مۇنداق قىلىشى كېرەك ئىدى، مۇنداق قىلمىدى»، دېگەندەك ئومۇم خەلققە ئارتىپ توختىغىلى بولمايدۇ، بەلكى خەلقنى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن قايىل قىلىش كۈچىدىن مەھرۇم قالغان، تەلىم - تەربىيە ساھەسىدە لاياقىتىنى يوقاتقان، تۇرغان - پۈتكىنىدە مىللەت ئالدىدىكى يېتەكچىلىك ۋە ئۆرنەكلىك رولىغا داغ چۈشۈرۈشتىن باشقىنى قىلمايۋاتقان، كىشىلىك مەيدان ۋە تۇتۇملىرىدا بولسىمۇ ئۆرنەك بولۇشنى جايلاپ ئورۇندىيالمايۋاتقان، پىكىرلىرىدە ئىلىمنىڭ، تەۋھىدىي شۇئۇردىكى مۇستەقىل خاراكتېر ۋە تۇتۇمدىن ئەسەر قالمىغان، ئەكسىچە بۇلارغا قارىتا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تەنقىد - ئوبزورلارنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرۈپ سەكرەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان «ئىلىم ئەھلى» ئاتىقىدىكى تائىپىدە، ئۇلاردا مەيدانغا كەلگەن ئىلىم ۋە ئەمەل كىرىزىسلىرىدا بولغان بولىدۇ. چۈنكى رېئال ھەقىقەت شۇ: قازاندا بارى چۆمۈچكە چىقىدۇ. سىز تىلغا تېتىغۇدەك ئوزۇق تۈلۈكنى ئىخلاس خۇرۇچلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ تەييارلاپ سۇنالمىسىڭىز، ئوزۇقلۇق سۈپىتىنى سىزدىن ياخشى قىلىدىغانلار ھامان چىقىدۇ. سىزدىن ياخشى ئېتىپ تەييارلاپ كېلىۋاتقان، ئىخلاسىنى تەرك ئەتمەي كېلىۋاتقان باشقا جەمئىيەت، باشقا مىللەت ۋە باشقا مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇپلىرى ئالدىدا سىز ھامان چانىسىز. بۇنداق چاغدا بىراۋنى سىز ۋە ئەزالىرىڭىزغا بولغان ناقايىللىقىنى، تەنقىد ۋە ئېتىرازلىرىنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرۈپ قارشى تەرەپنىڭ دىنىنى، ئىمانىنى زېدىلەيدىغان تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ، ئۇنىڭ نىيىتىگە ھۆكۈم پىچىپ ئوينىسىڭىز، ئايەت سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىسىدىكى مەجرۇھ زېھنىيىتىڭىز ۋە ھەقنى سۆزلەۋاتقانلارغا تۇتقان بەغەرەزلىكىڭىز ئىجابىي تەسىر تۈگۈل ئۆزىڭىزنىڭ ۋە تونىدا تەرلەۋاتقان دىنىيلىق ئوبرازىڭىزنىڭ ساختا قىياپىتىنى، بۇلغانغان سۈرىتىنى ئۆز قولىڭىزدا خەلققە سىزىپ بېرىشتىن باشقىنى قىلمىغان بولىسىز.  مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقان ئويغاق سەركىلەر، ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقىتىنى كۆرۈپ يېتىدىغان ئەقىل ساھىبلىرى ئالدىدا سەمىمىيەتسىزلىكىڭىزنى چاندۇرىسىز، تەمسىل قىلىۋاتقان ئورۇن ياكى توپنىڭ ئوبرازىنى ئۆز قولىڭىزدا تۆكۈۋالغىنىڭىز قالىدۇ، خالاس!

ئۇنتۇماڭكى بۇ مىللەت ۋە بۇ خەلق قانداقتۇر بىرىلىرىنىڭ پوڭ - پوڭ ۋەزىگە ئالدىنىپ، ياكى بىرىلىرىنىڭ سىياسىي تاكتىكىلىرىغا، ئىقتىسادىي ئالداشلىرىغا ئالدىنىپ، ياكى نۇتۇقلىرىدىكى پۈۋلەشلەرگە ھاياجانلىنىپ ۋەياكى فانتازىيەلىك قورقۇتۇشلىرىدىن چۆچۈپ كېتىپ بۇ دىننى تاللىغان ئەمەس. دىن ۋە ئۇنىڭ تەڭرى، تەبىئەت ۋە ئىنسان بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى، دۇنيا تەسەۋۋۇرىنى، ئەخلاق مىزانى، ئادىمىيلىك قىممەتلىرىنى ئۆز ھەقىقىتى بويىچە تونۇشۇپ ۋە ئۇنى ئەقىل سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ ئاندىن تاللىغان، ھەمدە نەچچە مىڭ يىللىق كۈلتۈرەل جۇغلانمىسى ۋە دۇنيا تەسەۋۋۇرى ئاساسىدا يىلتىزىنى پۇختىلىغان، ئەقلىي ۋە روھىي قايىللىق ئاساسىدا بۇ دىننى ھايات تەرزىگە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ۋە بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر خەلق. يەنى بۇ مىللەت ئۆزىگە سەمىمىي بولغانلارنى، كۈتكەنلىرى ئۈچۈن ئەجىر قىلغان ۋە قىلىپ كېتىۋاتقانلارنى پەرق قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە، سىز ۋە سىز كەبىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك سۇيىئىستېماللىقلىرىڭىزغا ھېچبىر ئويلانماستىن ئەگىشىۋېرىدىغان ياكى سىزنىڭ تارازىڭىزنىڭ قانچىلىك شاشىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى دەڭسىمەيلا گېپىڭىزگە گول بولۇپ ئولتۇرۇپ ئۆمرىنى ۋە دۇنيا - ئاخىرەتلىكىنى دوغا تىكىدىغان مىللەت ياكى خەلق ئەمەس. ناۋادا سىز تامغىسىنى كۆتۈرۈۋالغان قىياپەتتە كۆرۈنۈۋاتقان دىننى تەرلەيدىغان تونىڭىزغا ئايلاندۇرۇۋالسىڭىز، ئۇنىڭ سىزدىن كۈتكەن تەلىپىنى لايىقىدا ئورۇنداشتىن، ئۇنىڭ تەقەززاسى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى دادىل ۋە ئىمكانىيىتىڭىزچە ئادا قىلىشتىن باش تارتسىڭىز، ئاغزىڭىزدىكى ئىددىئالار بىلەن تۇتۇم ۋە مەۋقەلىرىڭىز ئۇيۇشمىسا، ئۇ چاغدا سىز دىنغا خىزمەت قىلغۇچى ئەمەس، ئەكسىچە دىننى ئوينىغۇچى بولىسىز. خەلققە دىننىڭ روھىنى ۋە ھەق - ناھەق، توغرا ۋە خاتانى يەتكۈزۈشتىن، ئۇلارنى تەربىيەلەشنىڭ يولىنى قىلماستىن، ئۇلارنى ئۇنداق قىلمىسا دوزاخقا، بۇنداق دېسە مۇناپىققا چىقىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ دىنغا يېپىشىدىغان قىلىمەن دېسىڭىز ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك. ئۇلارمۇ ئىدېئولوگلاشقان دىن بىلەن ھەقىقىي دىننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغانلارنى پەرقلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى، بىرىلىرىنىڭ غەرىزى ئۈچۈن سايرايدىغان مائاشلىق شاتۇتى زېھنىيەت بىلەن ھەقنى ۋە ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ كەلگەن، ئىلىمنىڭ ھەققىنى بېرىدىغان، زۆرۈر تېپىلغاندا سۈكۈتۋازلىقتا ئەمەس، دادىللىقتا، مەيدان ۋە مەۋقەدە ئۆرنەك بولىدىغان  ھەقىقىي ئۆلىما - ئالىملارنىڭ پەرقى بارلىقىنى كۆرۈپ يەتمەي قالمايدۇ. بۇ ۋەزىيەتتە سىزگە تېگىل بولىدىغىنى دىننى ۋە ئايەتلەرنى ھەر تۈرلۈك غەرەزلىرىڭىزگە بويسۇندۇرۇپ تەۋىل قىلىش سايىسىدە ئۆمۈر ھاياتىڭىزغا نېمىلەرنى قاتتىڭىز، ئاخىرەتلىكىڭىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالىدىڭىز، بۇنىڭ ھېسابىنى ۋىجدان ئالدىدا، ئاخىرەتكە بارغاندا، يەنە جانابى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغان تەقدىردە ئاشۇ يۈزىڭىزنى كۆتۈرۈپ قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىڭىز قاتارلىق ھايات خۇلاسىسى قالىدۇ، خالاس! «قل هل ننبئكم بالأخسرين أعمالا، الذين ضل سعيهم في الحياة الدنيا، وهم يحسبون أنهم يحسنون صنعا» (سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ ئېغىر زىيان تارتىپ كېتىدىغان كىشىلەرنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟ ئۇلار ھاياتى دۇنيادىكى قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، شۇنداق تۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ يۈرىدىغان كىشىلەردۇر.) – سۈرە كەھف 103-104- ئايەتلەر.


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى