بىر پارچە خىشنىڭ سىرى
بىر پارچە خىشنىڭ سىرى
يالقۇن روزى
بۇ يىل ئاپرىلدا غۇلجا شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پارچە ئاق رەڭلىك خىشنى تاپشۇرىۋالدىم. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر پارچە خىش تىلغا ئالغۇچىلىغى يوق تولىمۇ ئاددىي نەرسە، ئەمما ماڭا ئەۋەتكەن بۇ بىر پارچە ئاق خىش ئاجايىپ زور تارىخىي كەچۈرمىشلەرنىڭ شاھىدى بولۇپ، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاز ئۇچرايدىغان بېباھا مىراس. چۈنكى بۇ سۆزلىيەلەيدىغان ھەم يىغلىيالايدىغان بىر پارچە خىش!
ئۇ گويا بېشىدىن تالاي قىسمەت ئۆتكەن، كۆپنى كۆرگەن زېرەك بوۋايدەك سۆزلەيتتى. ئۈرۈمچىنىڭ كۈندۈزدىكى قۇلاق-مېڭىنى زىڭىلدىتىدىغان شاۋقۇن-سۆرەنلىرى جىمىقىپ، پۈتكۈل شەھەر تۈن جىملىقىغا چۆمگەندە بۇ ئالاھىدە خىش بىلەن ئىككىمىز كۇسۇرلىشىپ، تۈگىمەس سۆھبەتلەرنى قۇراتتۇق. بۇ چاغدا ۋۇجۇدۇم ھاياجان ئىلكىدە تىترەپ، ئوي-پىكرىم مەغرىپتىن-مەشرىققىچە كېزەتتى. ھېلى قەۋەتمۇ-قەۋەت سىر-ھېكمەتلەرگە تولغان ئۆتمۈش ھەققىدە ئويلانسام، ھېلى ئېزىتقۇدەك ئۆزگىرىشچان بۈگۈن ھەققىدە ئويلىناتتىم. ئۇ ئالاھىدە خىشنى ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارغا بىر-ئىككى قېتىم كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئائىت ھېكايىلەرنى ئانچە-مۇنچە سۆزلەپ بەرگەنىدىم، ئۇلار ئېرەنشىپ كەتمىدى. مەن بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە قىممەت ئۆلچىمىدىكى پەرقتە بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ئەلۋەتتە، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى، ئادەت-ئېھتىياجلىرى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرى، غايە-ئەقىدىلىرىگە ئاساسەن قىممەت ئۆلچەملىرىمۇ پەرقلىنىدۇ. بۇنداق پەرقلىق ھالەتنى بىز جىبران خەلىل جىبراننىڭ تۆۋەندىكى نەسرىدىن كۆرۈۋالالايمىز:
«كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان دېھقان ناھايىتى ئېسىل بىر مەرمەر ھەيكەلنى قېزىۋاپتۇ-دە، ئۇنى ئاپىرىپ ئەتىۋارلىق سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچىغا سېتىپتۇ. يىغىپ ساقلىغۇچى بۇ ئېسىل ھەيكەلنى يۇقۇرى باھادا سېتىۋاپتۇ. دېھقان قايتىپ كېتىۋېتىپ قولىدىكى پۇلغا قاراپ ئويلىغىنىچە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ: بۇ پۇل ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئويلاپ باقمىغان ھۇزۇر-ھالاۋەتكە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ھەيكەل ئۆلۈك نەرسە، ئۇ توپا ئاستىدا مىڭ يىللاپ ياتقان، ئۇنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان. نېمە ئۈچۈن بىراۋلار ئاشۇنداق سوغۇق تاشنى جىق پۇلغا سېتىۋالىدىغاندۇ؟ شۇ چاغدا يىغىپ ساقلىغۇچى ئالدىدىكى مەرمەر ھەيكەلگە زوقلانغىنىچە قاراپ، ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ: نېمىدېگەن گۈزەل، نېمىدېگەن جانلىق، نېمىدېگەن ئۇلۇغ ھەم ئېسىل بۇيۇم بۇ-ھە؟ ئەپسۇس ئۇ، ئۇزاق يىللىق شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئەمدىلا ئويغاندى! نېمە ئۈچۈن خەق مۇشۇنداق ئېسىل نەرسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى ئۆلۈك، ھىس- تۇيغۇسىز پۇلغا ئاتىغاندۇ؟»
دېمەك، قىممەت قارىشىدىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلى، ھەركىم ھەر بىر نەرسىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەپتۇن بولىدۇ ھەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. مەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدىغان بۇ بىر پارچە ئاق خىشقا بۆلەكچىلا مەپتۇن ئىدىم. ھاۋارەڭ دۇخاۋا پارچىسىغا يۆگەپ قويۇلغان ئۇ ئاددىي خىش كۈرەش، تەۋەككۈلچىلىك، باتۇرلۇق، ئەقىل-پاراسەت، ھاياجان، سىقىلىش، خورلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەسرەت- نادامەتنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىدى. ئېنىقراق ئېيتقاندا ئۇ، قەدىمىي ئانا ماكانلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ئىلى ۋادىسىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەگرى-توقاي مۇھاپىسىنىڭ شاھىدى ئىدى! ئىلى ۋادىسى، ئاممىباپلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا غۇلجا يېقىنقى ئىككى ئەسىر مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا ئاجايىپ زور ۋەقەلەر گە سەھنە بولغان خىسلەتكە باي زېمىن! بۇ تەڭدىشى يوق تۇپراققا ئىلى پەرزەنتلىرى يۈرەكنى لەززىگە سالغۇدەك قىممەت بېغىشلىغان. گەرچە ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى ئۇنچىۋالا كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ روياپقا چىقارغان نەتىجە-ئۇتۇقلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۆپ. ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىلى ۋادىسىدا 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار. سېلىشتۇرۇپ باقساق، بۇنچىلىك نوپۇس جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ناھىيىدىمۇ بار. ئەمما، مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ كۆپلۈكى، تۆھپىكار ئەزىمەتلىرىنىڭ جىقلىقى بىلەن ئىلى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە يېتىشىپ چىققان خاس ئىجتىمائىي توپلار بۇ نۇقتىنى سۆزسىز ئىسپاتلايدۇ. بىز پۈتكۈل ئانا دىيارىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتىدىغان بولساق، ئىلى باتۇرلىرى، ئىلى ئىنقىلابچىلىرى، ئىلى بايلىرى، ئىلى ئەدىبلىرى، ئىلى سەنئەتكارلىرى، ئىلى چاقچاقلىرى، قىسقىسى، ئىلى ئۇيغۇرلىرى ياراتقان ئىلى روھى ھەر تەرەپكە يورۇق سېپىپ، يېلىنجاپ تۇرغان بىر گۈلخان! ئىلى ۋادىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىككى ئەسىردىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بېشىغا خىلمۇ-خىل ئېغىر كۈن كېلىپ، چىقىش يولى ئىزدىگەن ئۆلىما، زىيالىي، باي، ھۈنەرۋەن، سەنئەتكەر، ئىنقىلابچى، ئاشىق، ئىشلەمچىلەر پاناھگاھى بولغان. ئاچ-زېرىن خەلقنىڭ ھاياتلىق ئۈمىدى بولغان. بۇنى دەلىل بىلەن ئىسپاتلايدىغان بولساق، 1858- يىلى قەشقەردە خۇپىيانە تەكشۈرۈشكە كەلگەن رۇسىيىلىق مەشھۇر قازاق ئالىم چۇقان ۋەلىخانوف «ئالتە شەھەر خاتىرلىرى» دە: «ئالتە شەھەردە سودىگەرلەر ۋە ھۈنەرۋەنلەردىن ئېلىنىدىغان باج-سېلىق ۋە ئۆشرە-زاكاتلار ئېغىر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىلىرى ئۆز يۇرتىنى تەرك ئېتىپ غۇلجا، ئۈرۈمچىگە چىقىپ كېتىدۇ» دەپ يازغان. چوقان ۋەلىخانوفنىڭ يېرىم ئەسىردىن كېيىن، 1915-يىلى ئۇفلىق تاتار زىيالىي، «ۋاقىت» گېزىتى مۇخبىرى نۇشېرۋان يائۇشېف «ئالتە شەھەرگە ساياھەت» دېگەن ماقالىسىدە ئۈرۈمچى تەرەپتىن كېلىۋېتىپ ئاقسۇدا ئۇچراتقان بىر ئەھۋالنى مۇنداق يازغان: «جام يېزىسىغا كېلىپ ئىشلەمچىلەر چۈشىدىغان سارايغا چۈشتۈم. بۇ ساراي يالاڭ ئاياغ ۋە جۇلجۇل كىيىملىك ئادەملەر بىلەن تولغانىدى. ئەمدىگىنە چاي ئىچىشكە باشلىغانىدىم، ھەسەلگە ئولاشقان چىۋىندەك ئولىشىۋالدى. بۇ بىچارىلەر ئاچ-يالىڭاچ، ئارىسىدا قېرىلىرىمۇ بار ئىدى.
- نەگە بارىسىزلەر؟
- ئىلىغا چىقىمىز.
- نېمە ئۈچۈن؟
- ئاش ئىزدەپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن.
- قەيەرلىكسىزلەر؟
- قەشقەرلىك، ئارىمىزدا يارىكەنت، خوتەنلىكلەرمۇ بار.
ئەتىسى سەھەردە قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتىم. يولدا توپ-توپ كىشى ئۇچرىدى. ئۇلار جامغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئىشەكلەرگە خۇرجۇن، ئوزۇق-تۈلۈك ئارتىشقان بولۇپ، ئۆزلىرى پىيادە يۈرەتتى. ئارىسىدا ئەمچەكتىكى بالىلىرىنى كۆتۈرگەن ياش خوتۇن-قىزلارمۇ بار ئىدى. ئاپئاق ساقاللىق قېرىلارمۇ بار ئىدى. ئاياغلىرى يالاڭ، ئۇچىسىنى ئىللىتقۇدەك كىيمىمۇ يوق ئىدى.
كۆزلىرى كۆكەرگەن، يۈزلىرى سارغايغان، ئېغىزلىرى ئېچىلغان، پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئۈمىدسىزلىك باسقانىدى. بۇ بىچارىلەرمۇ ئاچلىقتىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئىزدەپ ئىلىغا سەپەر قىلغانىدى.» نوشېرۋان يائۇشېفتىن كېيىن يەنە يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە، يەنى 1968-يىلى داڭلىق مىللىي شائىر قۇربان بارات ئۆزىنىڭ «شىمال يۇلتۇزلىرىغا تەلمۈرۈپ…» دېگەن نادىر شېئىرىدا مۇنداق چىن مىسرالارنى يازغان:
«يول بېسىپ ئۇزاق كۈنلەر چارچىغان يولۇچىلار،
بېكەتنىڭ تېمى بويلاپ ياتىدۇ قاتارلىشىپ.
توپ بولۇپ كەلگەن ئۇلار نان ئىزدەپ، بەخت ئىزدەپ،
قەدىمي كۆچمەنلەردەك سۇ كېچىپ، تاغلار ئېشىپ.
ھېچ كىشى ئۇخلىمايدۇ، سۈكۈتتە ياتار تېنچ،
ناخشىدىن خالىي ياشلار، قېرىلار سالماق پاراڭ.
ئوت يانغان سانسىز كۆزلەر شىمالغا تەلمۈرىدۇ،
ئۇلاردىن سوغۇق ياشلار تۆكۈلەر تارام- تارام.»
دېمەك، ئىلى ۋادىسى – ئۈمىد ۋادىسى! ئىلى تۇپرىقى – سېخىي تۇپراق! ئىلى خەلقى – مەردانە خەلق! ئىلى پەرزەنتلىرى – كۈرەشچان ئەۋلاد! ئالقىنىمدىك بۇ بىر پارچە ئاق خىش ئىلى ئاسمىنىدا 100 يىل چاقناپ، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ۋە ئۆكۈندۈرىدىغان تالاي ۋەقە-ھادىسىنى كۆرگەن ئالاھىدە خىش! ئۇ خىش مىللىي سانائەت تارىخىمىزنىڭ يادىكارى بولغان بىباھا سانائەت مىراسى! مىللىي سانائەت مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ يول! ئەينى يىللىرى ئامېرىكا ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. شۇ چاغدا ئەنگىلىيە ئۆز مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ شىمالي ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاشڭتون ئامېرىكىنىڭ سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ۋاشڭتون ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈنى ئامېرىكىدا تىكىلگەن كىيىمنى كىيىپ ئامېرىكىلىقلارغا : ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ جاكارلىغان. ئۇ ھەتتا دۆلەت خىراجىتى ئارقىلىق ياساش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، ۋاشڭتون مىللىي سانائەتنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى مۇھىملىقىنى ھەقىقىي تونۇغان.
19-ئەسىرنىڭ باشلىرى گېرمانىيە مىللىي سانائەتنى بەرپا قىلىشقا سەل قاراپ، دۆلەتنى ئىقتىسادنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۈتكەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ئاخىرى ئەركىن سودا ئەندىزىسىنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى تونۇپ يېتىپ، سىرتقا قارىتا يۇقىرى تامۇژنا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ئىچكى قىسىمدا مىللىي سانائەتنى قوغدىغان.
1900- يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيە پولات-تۆمۈر، تۆمۈريول قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيادىكى سانائەت ئاساسى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئەنگىلىيىگە ئاساسەن يېتىشىۋالغان. 1850- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە غەرب جاھانگىر دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىز ئارقىلىق كېلىپ قىلغان ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاھانەتلىك شەرتلىرىگە غىڭ قىلماي كۆنۈشكە مەجبۇر بولغان. چىڭ سۇلالىسى بۇ جاھانگىرلارنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنىڭ سىرىنى بىلەلمەي، تېڭىرقاپ كەتكەن. كېيىن ئوقۇمۇشلۇقلار قاتلىمىدىكىلەر دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئىككى تۈرلۈك تەرەققىيات پىكىر يولىنى تېپىپ چىققان. ئۇلار «سودا-سانائەت ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش» تەرەپدارلىرى بىلەن «مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش» تەرەپدارلىرى ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، 1900- يىلغىچە بۇ تەشەببۇس ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. ئەينى چاغدا گەرچە ياپونىيە جۇڭگوغا ئوخشاشلا قالاق دۆلەت بولسىمۇ، 1868-يىلى «مىيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» نى قوزغاش ئارقىلىق ناھايىتى تېز گۈللىنىش يولىغا ماڭغان. ئارىدىن 26 يىل ئۆتۈپ 1894- يىلىغا كەلگەندە جياۋۇ ئۇرۇشى ئارقىلىق جۇڭگونى تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىللىق ئاھانەت ئىچىدە جۇڭگولۇقلار دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇزۇش ھەققىدىكى شوئارلارنى ھۆكۈمەت ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتقان خانئانىسى، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ خانلىقنىڭ ئەمىلىي ھوقۇقىنى تۇتۇۋاتقان جاھىل سىشىتەيخۇ (يېخىنارا) 1901-يىلى نائىلاج «يېڭى سىياسەت» نى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ يېڭى سىياسەت ئالتە تۈرلۈك مەمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «سودا-سانائەتنى رىغبەتلەندۈرۈش» بىلەن «يېڭىچە مەكتەپلەرنى تەستىق قىلىش» بار ئىدى. بۇ «يېڭى سىياسەت» تە مىللىي سودا- سانائەتنىڭ قانۇنىي ئورنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىنغان. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ سودا-سانائەتچىلەرگە ھۆكۈمەتتىن مەبلەغ ياردىمى بېرىلدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى سودىگەرلەرنى ۋە سودا-تىجارەتنى كەمسىتىدىغان جۇڭگو مەدىنىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، ئىنقىلاب خارەكتېرلىك يېڭلىق ھىساپلىناتتى. لېكىن ھۆكۈمەت ياردىمى ئېغىزغا ئېلىغان بىلەن، ئەمىنلەشمىگى تەس ئىدى. 1907-يىلى ئۈرۈمچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان فىن مىللىتىدىن بولغان رۇسىيىلىك ئوفىتسېر مانتېرھېيم ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە: «چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۆلكىسىدە 30 يېڭىچە مەكتەپ تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلغان پەرمان چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مالىيە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن پىلان تولۇق ئەمىنلەشمىگەن» دەپ يازغان. سودا- تىجارەت ساھەسىدە ئىلىنىڭ «يېڭى سىياسەت» نى يولغا قويۇش قىزغىنلىقى يۇقۇرى گېنىرالى چاڭ گېڭ 1906-يىلى غۇلجىدا يۇڭ-تېرە سودىسى قىلىدىغان بىر شىركەت قۇرغان بولسىمۇ، ئەمما، روناق تاپقۇزالمىغان. چىڭ سۇلاسىنىڭ چىرىك سىياسىتى ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سودا ئىشلىرىدىكى زومىگەرلىگى سەۋەبىدىن مەۋجۇدلىقىنى مىڭ تەستە ساقلاپ، ئاران-ئاران راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىچىدە ئىدىيىسى ئىلغار، تىجارەتكە ماھىر، يىراقنى كۆرەر ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار يۇقىرىقىدەك تارىخىي پۇرسەتتە سودا كاپىتالىنى سانائەت كاپىتالىغا ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلىپ، دادىسى مۇسابايدىن قالغان ئىلى كۈرەدىكى تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىنى زامانىۋى تېرە زاۋۇتىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا ئىزدەنگەن.
ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ دادىسى مۇساباي ھاجىم بىلىمى مول، كۆپنى كۆرگەن، زېھنى ئۆتكۈر، ئىرادىسى مۇستەھكەم، سودا- تىجارەتتە پىشقان كىشى ئىدى. ئۇ، 1858-يىلى چۇقان ۋالىخانوفنىڭ قەشقەرگە يوشۇرۇن كېلىپ يېرىم يىلچە تۇرۇپ، ئەتراپلىق تەكشۈرۈشتە بولۇشىغا زۆرۈر ياردەم قىلغان. مۇساباي ھاجىمنىڭ پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە ھەيران قالغان چۇقان ۋالىخانوف: «مۇسا ئاغا، چارچاپ كەتتىم، ئۆزەمنى دائىم قىلنىڭ ئۈستىدە قالغاندەك سېزىمەن. مەن سىزنىڭ تەمكىن مىجەزىڭىزگە، قالتىس تۈزلىكىڭىزگە، قىلنى قىرىق يارىدىغان چارە-تەدبىرىڭىزگە ھەيران قېلىپ، زەن سالىمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز كارامەت دىپلوماتسىز» [2] دېگەن. ئەنە شۇ قىلنىڭ ئۈستىدە تۇرغاندەك كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرگەن چۇقان ۋەلىخانوف «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى» نى يېزىپ چىقىپ، ماركوپولودىن كېيىن ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان ياۋرۇپالىقلارنى قەشقەرىيە ھەققىدە تۇنجى قېتىم چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋرۇپالىق تەكشۈرگۈچى ۋە ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى «تارىم قوۋۇقى» نى چەككەن. مۇساباي ھاجىم 1866- يىلىدىن كېيىن غۇلجىنى بازا قىلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1881-يىلى «جۇڭگو- روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، رۇسىيە تەرىپىدىن 11يىل ئېگىلىنىۋېلىنغان ئىلى قايتۇرىۋېلىنىدۇ. چىڭ سۇلالىسى رۇسىيىگە تۆلەم بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. تۆلەم پۇلى يېتىشمىگەندە، مۇساباي ھاجىم شەرتلىك ياردەم قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ زات سودا ئىشلىرىدا ئىمتىيازغا ئېرىشىدۇ. 1885-يىلى كۈرە شەھىرىدە 200 ئىشچى ئىشلەيدىغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىنى قۇرىدۇ. بۇ، جۇڭگو بويىچە تۇنجى تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى ئىدى. 1898-يىلى تيەنجىنلىك ۋۇ ماۋرېن قۇرغان «بېيجىڭ تېرە ئەيلەش شىركىتى» بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا ۋەيران بولغان. مۇساباي ھاجىم قۇرغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بارغانسىرى گۈللەنگەن. مۇساباي ھاجىمنىڭ ئوغۇللىرى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي يەرلىك ئۇسۇلدا قول ھۈنىرى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى رۇسىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساتقان. بۇ ئىككى ئوغۇل رۇسلار بىلەن كۆپ سودا قىلىش جەريانىدا داڭق چىقارغان ھەمدە «مۇسابايوفلار» دەپ مەشھۇر بولغان.
1895- يىلى مۇساباي ھاجىم قازا قىلغاندىن كېيىن، ئوغۇللىرى «مۇسابايوف بۇرادەرلەر شىركىتى» نى قۇرغان، بىر-بىرىدىن قابىلىيەتلىك بۇ ئوغۇللار بۇ چاغدا ئوتتۇرا ياشلىق، پىشقان، ئۆزىنى توختاتقان خەلقئارالىق سودىگەرلەردىن بوپقالغان. ئۇلار شىنجاڭدا باج تۆلىمەي سودا قىلغاننىڭ ئۈستىگە، زومىگەرلىك بىلەن خام ئەشيا مەنبەسىنى مونوپول قىلىۋالغان رۇسىيە سودىگەرلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ تۇتۇپ سودا جېڭى قىلغان. بۇ توغۇرلۇق «غۇلجىنىڭ سودا تارىخىدىن قىسقىچە بايان» دېگەن ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان:
«1851-يىلىدىن كېيىن چاررۇسىيە جاھانگىرلىكى بىر قاتار تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق ئىلى رايۇنىدا سودا ئىشلىرى بىلەن خالىغانچە شۇغۇللانغان. رۇسىيە سودىگەرلىرى جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايتتى. ئۇلار ئىلىنىڭ سودىسىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، رۇسىيە ماللىرىنى تۈركۈملەپ ئېلىپ كىرگەن.
يەرلىك مەھسۇلاتلار ۋە خام ئەشيالارنى ئەرزان باھادا تالان-تاراج قىلغان. 1890- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىلىنىڭ مىللىي سودىسى رۇسىيە سودىگەرلىرى ۋە رۇسىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھەر مىللەت خەلقى ئىمپورت- ئېكىسپورت شىركەتلىرى ۋە ۋاستىچىلەر ئارقىلىق ئۆزىگە خوجا ھالدا چېگرا سودىسى يولىنى ئېچىپ رۇسىيە سودىگەرلىرى بىلەن تىركەشكەن. بۇنىڭدا ھۈسەنباي باشلامچى بولغان. ئۇ، تۈرلۈك تېرە، خۇرۇم، يۇڭ، پاختا قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىپ باش كۆتۈرگەن. رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىمپورت-ئېكىسپورت سودىسىنى يولغا قويغان.» ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار سودا ئىشلىرىدىلا باشلامچى بوپقالماستىن، يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش جەھەتتىمۇ باشلامچى بولغان. ئۇلار قىرىم تاتارلىرىدىن چىققان مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپپەككۇر ئىسمائىل غاسپىرالىي (1851-1914) نىڭ جەدىتىزملىق تەشەببۇسلىرىغا، بۇ تەشەببۇسلەرنىڭ تۈركىيە، قازان، ئۇفا، ئۇرىنبۇرگلاردا ۋە شەمەرقەنت، تاشكەنت قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە پەىدا قىلغان يېڭى مائارىپ، يېڭى مەدەنىيەت دولقۇنىغا يېقىندىن دىققەت قىلغان. ئۇلار ئىسمائىل غاسىپىرالىي يۇرتى باغچا ساراي شەھىرىدە تۇنجى «ئۇسۇلى جەدىت» مەكتىپىنى ئېچىپ 16 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئانا يۇرتى ئۈستۈنئاتۇشتا دىننىي دەرسلەرگە پەننىي دەرسلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئاچقان. بۇ يېڭىلىق ئەينى يىلى قىرىمدا چىقىدىغان «تەرجۇمەن» گېزىتىدە خەۋەر قىلىنغان.
1905- يىلى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ئىشلىرى ۋازارىتى «‹چەت ئەللەرگە چىقىپ رىقابەتكە قاتنىشىش نىزامنامىسى›نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى خەلقئارالىق تاۋار يەرمەنكىلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ۋە كۆرسەتمە بەرگەن. بۇ ئارقىلىق تاشقى سودىنى كېڭەيتىپ، ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈپ، جۇڭگونىڭ سودا- سانائەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان» بولسا، ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار ئۇنىڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرىلا تاشقى سودىنى يولغا قويۇپ، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىپ، خەلقئارالىق رىقابەتكە چۈشۈپ، سودىدا مول تەجرىبە ۋە خەلقئارالىق نەزەرگە ئىگە بولغان. ئۇلار بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن رۇسىينىڭ ھەر قايسى جايىدىكى تىجارەتخانىلىرىنى تالۇنلۇق ھېسابات ئىشلىتىش ئارقىلىق سودا قىلىدىغان يولغا كىرگۈزۈپ بولغان. رۇسىينىڭ بانكىلىرىدا ھېسابات نۇمۇرى ئاچقان. ۋۇشاۋلىننىڭ «شىنجاڭغا نەزەر» دېگەن ئەسىرىدە ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تيەنجىن ۋە شاڭخەيدىكى بانكىلار بىلەنمۇ ئالاقىسى بارلىقى ئېيتىلغان. ئۇلارنىڭ سودا –تىجارەتتىكى تەسىرىنى 1905- يىلى چار پادىشاھقا يازغان مۇنۇ مەكتۇبىدىنمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ.
جانابى ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي، كەمىنلىرى ھۈسەيىن ھەم باھاۋۇدۇن مۇسابايېفلار بۇ ۋاقىتقىچە ھۈسەين مۇسابايېف نامىدە بولۇپ كېلىنگەن سودىمىزنىڭ 1323- يىل ھىجىرىيە تومۇز ئېيىدىن باشلاپ ھەر ئىككىمىز شېرىك بولۇشۇپ، ئەھدە ۋە شەرتلەر باغلاپ تىجارەت ۋە سانائەت كارخانا ئىشلىرىنى كامىل ئازادىلىك ئىلە يۈرگۈزمەك بولۇپ، سودىمىزنىڭ نامىنى «تىجارەتخانا ھۈسەيىن مۇسابايېف ۋە بۇرادىرى» قويۇپ، ئەھدە ۋە شارائىت كاغدىلىرىمىزنى پادىشاھلىقنى گۇۋاھلاندۇرۇش ئىشىمىزنى بىر داۋام قىلدۇق. ھەر ئىشنىڭ بېشىدا مۇدىر سۈسەيىن مۇسابايېف بولۇپ، ھەم ئۇنىڭ ئورنىدا بۇرادىرى ھەم شېرىكى باھاۋۇدۇن مۇسابايېف قول قويغانلىرىگە (ئىمزالىرىنى) ئىلتىپات قىلماقلىرىڭىزنى راجا قىلىپ، تەۋەججۇھاتىڭىزنىڭ داۋامىنى تەمەننى قىلىمىز.
بۇنداق يۈكسەك پاراسەت ۋە دادىللىق ئەۋلادلارنى سۆيۈندۈرمەي، ئىپتىخارلاندۇرماي قالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئەجدادلارنىڭ ئەجرى، ئەۋلادلارنىڭ غورۇر بايلىقى. مەيلى سودا-سانائەتنى گۈللەندۈرۈش، مەيلى يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش، مەيلى چەت ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش جەھەتتە 1990- يىلدىن ئىلگىرىلا باشلامچىلىق رول ئوينىغان ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلار 1901-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى «يېڭى سىياسەت» نى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ قەدەمنى تېخىمۇ چوڭ ئېلىپ، نەزىرىنى ياۋرۇپانىڭ ئىلغار سانائىتىگە تىككەن. 1906- يىلى ياپونىيە بىلەن جۇڭگو شېرىكلىشىپ، ياپونىيە مەبلەغ چىقىرىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى زامانىۋى «جاڭنەن كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى» نى قۇرۇۋاتقاندا، ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن توختام تۈزۈشۈپ بولغان. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى ۋە زوراۋانلىقى خەلقنى قورقۇنچاق، ئېھتىياتچان، چۈشكۈن، نادان، گۇمانخور ۋە قۇلچىلىق خاراكتېرىگە گىرىپتار قىلىۋەتكەن شارائىتتا، ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەغرۇر ۋە قاقۋاش ياۋرۇپا كاپىتالىستلىرى بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ سۆھبەت قۇرۇپ توختاملىشىشى ھەر قانداق كىشىنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ. ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مىللىي بۇرژۇئازىيىگە ئۆتۈش يولىغا قەدەم قويغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار گېرمانىيىنىڭ رېين دەرياسى بويىغا جايلاشقان فرانكفورت شەھرىدىكى MOENUS توقۇمچىلىق، كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى، A.E.G ئېلېكتىر ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە فرانسىيىنىڭ Tounee ئىستانوك شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، كېرەكلىك بولغان ماشىنا، ئىستانوك، پارا قازان، گېنېراتور، ئېلىكتر ماتور، مېتال قىرىش، رەندىلەش، دەزمانلاش، چاقلاش، كەپشەرلەش ئۈسكۈنىلىرىنى زور مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغان. جيا ئىخې بىلەن جياڭ جىباڭ بىرلىكتە يازغان «مۇسابايېفلار تېرە زاۋۇتى ھەققىدە سۆز» دېگەن ماقالىسىدە:
«1913-يىلى جۇڭگو ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قۇرغان 11 ئورۇندىكى تېرە زاۋۇتىنىڭ ئومومىي كاپىتالى تۆت مىليۇن 600 مىڭ يۈەن بولۇپ، مۇسابايېفلار تېرە زاۋۇتىنىڭ مەبلىغىدىن ئاران بىر مىليون يۈەن ئارتۇق ئىدى» دەپ يازغان.
ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار بىر تالاي ئۈسكۈنىنى رۇسىيە تەرەپنىڭ قاتتىق شەرتلەرنى قويۇشى ۋە تۈرلۈك توسالغۇ پەيدا قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە غۇلجا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىپ «زاۋۇت قورۇ» غا جايلاشتۇرغان. رۇسىيىدىن ئوتقا چىداملىق خىشلارنى سېتىۋېلىپ، زور غەيرەت بىلەن زاۋۇت قۇرۇلىشىنى پۈتتۈرگەن. 25 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تۇرخۇننى قوپۇرۇپ، يۇقۇرى قىسمىغا 1909 دېگەن ساننى ئاق خىش بىلەن نەقىشلەپ چىقارغان. چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنلىرى كەڭساي ئارقىلىق غۇلجىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن 48 ئورۇنغا كۆۋرۈك سالغان بولسا، ئاكا-ئۇكا مۇسابايىفلار ياركەنت-قورغاس-غۇلجا ئارىلىقىدا 200 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك كۆۋرۈك ياساپ زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى غۇلجا شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەن. شۇنداق قىلىپ 1909- يىلى دېكابىردا زاۋۇتنىڭ «ۋۇت! ۋۇت! …» قىلىپ ياڭرىغان گۈدۈك ئاۋازى ئىلى ئاسمىنىنى لەرزىگە سېلىپ، شىنجاڭ مىللىي سانائىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان. بۇ زاۋۇت شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىشىگە تاشلىغان تۇنجى زور قەدىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن 20- ئەسىر شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەھمىيىتى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى ئانا دىيارىمىز شىنجاڭغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ھەيران قالارلىق بىر زور يېڭىلىق ئىدى. بۇ يېڭىلىقنى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز جاسارەت ۋە مىڭلارچە ئاپىرىن ئوقۇغۇدەك پاراسەت بىلەن تالاي مۇشەققەتنى يېڭىپ، تۈرلۈك دۆلەتتىكى نۇرغۇن سودا، دىپلوماتىيە ئورنىغا قاتراپ، يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلپ قۇرۇپ چىققانىدى. بۇ زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى ئانا دىيارىمىزدا مىللىي كاپىتالنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىدىن، تۇنجى ئەۋلاد مىللىي كاپىتالىستلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن. كارل ماركىس «تۈگمەننىڭ بېشىدا پومېشچىك ئولتۇرىدۇ، زاۋۇتنىڭ بېشىدا كاپىتالىست ئولتۇرىدۇ» دېگەنىدى. پۇشۇلداپ ئولتۇرۇپ پولو يېيىشنى چوڭ بىلىدىغان غايىسى نامرات پومېشچىك بىلەن خام ئەشيا، رىقابەت، پۇرسەت، مەۋجۇدلۇق، تەرەققىيات، يېڭىلىق، ئۇچۇر، تېخنىكا، سان-سۈپەت، كاپىتال ھەققىدە تىنىمسىز تەپەككۇر قىلىپ ئىزدىنىدىغان كاپىتالىستنىڭ ئاسمان-زىمىن پەرقى بارلىقى ئۆز-ئۆزىدىن ئايان. بىر مىللىي كاپىتالىست ئەڭ ئاز بولغاندا بىر مىللىي كارخانىدىن دېرەك بېرىدۇ. مىللىي كارخانىلار كۆپلەپ قۇرۇلغانسېرى تەبىئىي ھالدا ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇش ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان مىللىي بۇرژۇئازىيە قاتلىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، مىللىي بۇرژۇئازىيە قاتلىمى بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي قاتلاملىرى ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى چۈشىنىدىغان ھەم ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان قاتلام. مىللي بۇرژۇئازىيە قاتلىمى شەكىللەنمىگەن مىللەتنىڭ سىياسىي تەپەككۇرى ھەرگىز يېتىلمەيدۇ، ئىقتىسادىي ئېڭى ھەقىقىي مەنىدە ئويغانمايدۇ. شۇڭا كارخانىنىڭ قىممىتى، كارخانىچىلارنىڭ رولى ھەققىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ياپونلار «100 پروفېسسور تەربىيىلىگەندىن بىر كارخانىچى يېتىشتۈرگەن ئەلا» دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ مىللىي كارخانىچىلار مىللەتنىڭ زور بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. بىر جەمئىيەتتە بىر كارخانا قۇرۇلىدىكەن، تەبىئىي ھالدا مىللىي كاپىتالنىڭ جۇغلىنىشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلىنىدۇ، ئۇ كارخانىدا ئىشلەيدىغان مەخسۇسلاشقان مەلىكىلىك ئىشچىلار قوشۇنى بارلىققا كېلىدۇ. ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ناتۇرال ئىگىلىك ۋە ئىپتىدائىي ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنى قامداپ كېلىۋاتقان، قالاق، نامرات، چېچىلاڭغۇ بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا قائىدە-تۈزۈم قارىشىغا ئىگە، ۋاقىت، ئۈنۈم بىلەن ھېسابلىشىدىغان مەلىكىلىك ئىشچىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى سەل چاغلايدىغان يېڭىلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە.
پاراسەتلىك ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار زاۋۇتنىڭ تەرەققىياتىنى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، زاۋۇتتا گۈدۈك ياڭرىتىشتىن ئاۋال گېرمانىيىلىك تېخنىكلارنى، رۇسىيىلىك تاتار ئوقۇغۇچىلارنى، بۇخارادا ئوقۇپ كەلگەن داموللىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھازىرقى ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنىدا «تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى» نى قۇرۇپ، تەربىيىلەشنى باشلىغان. ئادەتتە «مەكتەپ قورۇ» دەپ ئاتالغان بۇ ئورۇندا بىر نەچچە قاراردا 400-500 دەك ئىشچى تەربىيىلەنگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا ئىش ئىزدەپ چىققان مۇساپىر، يېتىم-يېسىرلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بوغالتىر، ھېسابچى، ستاتىستىكىچى، كاسسىر، مېخاينىك، پارقازان باشقۇرغۇچى، شورنىك، تېخنىك، ماستېر، توكار، سىلسار، كەپشەرچى، پرىيومچىك، تېلېفونىست قاتارلىقلار يېتىشىپ چىققان. ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار يەنە زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ 3-يىلى رۇسىيىنىڭ قازان شەھىرىدىن خەلىچە ئابىستەي قاتارلىق ئۈچ-تۆت تاتار ئايال ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ، ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس «ئاياللار ھۈنەر مەكتىپى» نى ئېچىپ، ئۇلارغا ساۋات چىقىرىش تەربىيىسى بەرگەندىن سىرت، كىيىم تىكىش، يۇڭدىن شارپا، پوپايكا، پەلەي، پايپاق قاتارلىقلارنى توقۇشنى، رېشىلىيە، گلادىيە، شىتيە، كانۋا قاتارلىقلارنى ئىشلەشنى ئۆگەتكەن. 1907-1909-يىللىرى ئەتراپىدا يېتىم-يېسىر بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان «دارىلشەپقەت» مەكتىپىدە «تۈركىيىدە ئوقۇغان ئوقۇتقۇچىلار ئىستانبۇلدىكى مەكتەپلەرنىڭ پروگراممىلىرى بويىچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان ھەم رۇس تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ئۆگەتكەن. ئۇلار ئوقۇتىدىغان دەرسلەرنىڭ دائىرىسى تار، تىجارەت ۋە زاۋۇتقا كېرەكلىك بىلىملەر كۆپرەك ئىدى. بۇنىڭدىن مۇساباي جەمەتىنىڭ سودا-سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇنەۋۋەر ئەمگەكچىلارنى تەربىيىلەشنى مەقسەد قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»[7] بۇ مەزگىلدە يەنە غۇلجا بايلىرى بىرلىشىپ ئۇيغۇر مائارىپ تارىىدىىكى تۇنجى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ «رۇشتىيە مەكتەپ» نى قۇرغان. ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار تېخىمۇ مەردانىلىك كۆرسىتىپ «چەت ئەللەردە ئوقۇشنى خالايدىغانلار ئۆزىنى مەلۇم قىلسا، ئوقۇش خىراجىتىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.»[8]
زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. ئەينى چاغدا ياپونىيىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان داڭلىق مۇتەپەككۇر كاڭ يۇۋېي 1910-يىلى 28-ئاپرېل خانغا سۇنغان شىكايەتنامىسىدە «ئىلىدا قۇرۇلغان كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى ئەسلىدە رۇسىيە ماللىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ قۇرۇلغانىدى. ھالبۇكى، شىنجاڭدىكى سودىدا جوڭگۇ سودىگەرلىرى باج تۆلەيدۇ، رۇسىيە سودىگەرلىرى باج تۆلىمەيدۇ، بۇنداق بولسا تاقابىل تۇرۇش دېگەن بىر قۇرۇق گەپ بولۇپ قالمىدىمۇ. بۇ ھال ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەرنى مۈشكۈل ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. سودىگەرلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۇلار سېتىۋالغان ۋە ساتقان تېرىلەردىن باج ئېلىپ، ئىشلەپچىقارغان پىششىق مەھسۇلاتلىرىدىن باج ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ داۋاملىق تىجارەت قىلىشىغا مەدەت بېرىلسە بولاتتى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇنىڭدىن، بۇ ئوتتۇرا تىپتىكى زاۋۇتنىڭ ئەينى چاغدا داغدۇغىسىنىڭ نەلەرگىچە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن چارۋىچىلاردىن كۆپلەپ تېرە-يۇڭ سېتىۋالغان. ئىلى خەلقى خېلى ئوبدانلا مەنپەئەتلەنگەن. جۈملىدىن، ئەينى ۋاقىتتا ئىلى تاغلىرىدا ياشاۋاتقان 50مىڭ قازاق خەلقىمۇ مەنپەئەتلەنگەن. خام ئەشيا سېتىۋېلىش، مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىش جەريانىدا ئىلىدا سودا-تىجارەت ئاجايىپ جانلانغان. ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ «كانتور قورۇ» دەپ ئاتىلىدىغان، ھازىرقى غۇلجا شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى خەلق مەيدانىغا توغرا كېلىدىغان ھەشەمەتلىك باش تىجارەتخانىسى باس-باس بوپكەتكەن. زاۋۇتتا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ 60پىرسەنتى رۇسىيىگە، 40پىرسەنتى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلغان. سىلىق، سىپتا ھەم پۇختا بولغان بۇ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ئەينى ۋاقىتتا ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، ئۈرۈمچى، شىخو، ماناس قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەمدە سېتىلغان. كۆن، خۇرۇم، شاۋرۇن، چەم، رەڭلىك كاژۇل، چىگرىن، بۇلغارى، پالۋال، مەسكاپ، مەيسە، ئۆتۈك، كەمەر، باجىنگىر، نۇختا، ئېگەر قاتارلىق مەھسۇلاتلار كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قامدىغان. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى مەلۇم دەرىجىدە ئۆسكەن. 1912-يىلى يانۋاردا ئىلىدىكى ھەربىي قوشۇن ئىچىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنى ھىمايە قىلىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا خاتىمە بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياڭ زەنشۈ، فېڭ تېمىن قاتارلىقلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، «ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتى»نىڭ زور ماددىي ياردىمىگە ئېرىشكەن. 1914-يىلى پارتلىغان 1-دۇنيا ئۇرۇشى «ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتى»نىڭ سودىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتكەن. ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن ئېگەر، ئۆتۈك چىگرىن، نۇختا ۋە كۆن-خۇرۇمغا بولغان ئېھتىياجى جىددىي ئاشقان چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى كەينى-كەينىدىن مال زاكاز قىلغان.
ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ بۇ زاۋۇتى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي غۇلجا شەھىرى شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاۋات، مەدەنىي، ھەرخىل يېڭىچە مەكتەپ ئېچىلغان، سودا-تىجارەت جانلانغان جەلپكار شەھەرگە ئايلانغان. نۇشېرۋان يائۇشېف 1915-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىپ كېتىۋېتىپ «ۋاقىت» گېزىتىگە ئەۋەتكەن ماقالىسىدە: «ئالتە شەھەر مۇسۇلمانلىرى تېخى تەرەققىي قىلغىنى يوق. ئىلىم ۋە مائارىپ، زىرائەت، تىجارەت ۋە سانائەت ئىشلىرى بىر ياقتا تۇرسۇن، بۇ يەردە تېخى ئىپتىدائىي مەكتەپلەرمۇ يوق. خەلق بەك نامرات. بۇلار غۇلجا مۇسۇلمانلىرىدىنلا ئىبرەت ئالسىمۇ ياخشى بولاتتى.» دەپ يازغان. غۇلجىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى قويۇقلاشقانسېرى رۇسىيىلىك بىر قىسىم تاتار زىيالىيلار، تاشكەنت، ئەنجانلىق بىر قىسىم ئۆزبېك سودىگەرلەر، ئوقۇمۇشلۇق زاتلار كەينى كەينىدىن غۇلجىغا كېلىپ ماكانلاشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق مىللىي گۈللىنىش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈككەن زاتلارمۇ، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن ئابدۇللا بوبىيدەك داڭلىق مائارىپچىلارمۇ، رۇسىيىدىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن خەۋپ ھېس قىلىپ قېچىپ كەلگەن باي سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار غۇلجىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ھاۋاسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئاشۇ يىللاردا يەنە قەشقەر، ئاتۇش تەۋەسىدىكى بىر قىسىم بايلار ۋە ئۆلىمالار، شۇنداقلا، تىرىكچىلىك يوللىرىنى ئىزدىگەن نامرات ئاۋام غۇلجىغا زور قىزغىنلىق بىلەن كۆچۈپ چىقىپ يېڭى-يېڭى مەھەللىلەرنى شەكىلەندۈرگەن.
قىسقىسى، غۇلجا شەھىرى مەزكۇر زاۋۇتنىڭ شاراپىتى بىلەن زەنجىرسىمان ھالدا بارلىققا كەلگەن تەرەققىيات مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان باشقا شەھەرلەردىن پەرقلىق ھالدا زامانىۋى دۇنياغا دادىللىق بىلەن يۈزلەنگەن مەدەنىي شەھەر بولقالغان. 1916-يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن ئىقتىسادشۇناس شيې بىن «شىنجاڭدىكى ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن ئەسىرىدە غۇلجىنى تەرەققى قىلدۇرسا شياڭگاڭ ھەم شاڭخەيدەك قىلغىلى بولىدۇ، دەپ يازغان. مەشھۇر شەرقشۇناس ۋ.ۋ.بارتولد «غۇلجا» ناملىق ئەسىرىدە 1910-يىللاردىكى غۇلجىنى «شىنجاڭنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى بىر ئىدىيىۋى ئېقىم مەركىزىگە ئايلانغانىدى»[9] دەپ يازغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتى»نىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ مىللىي سانائىتىنىڭ پەردىسىنى ئېچىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ پەردىسىنىمۇ ئاچقان. شۇنىڭدىن كېيىن، نەچچە ئەسىردىن بېرى قالاق، تۇرغۇن، ئاڭقاۋ ھالەتتە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي ھاياتىمىزدا يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل بولغان.
ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ چاررۇسىيىنى ئاساسىي ئوبيكېت قىلغان ئېكىسپورت-ئىمپورت سودىسى 1917-يىلى رۇسىيىدە يۈز بەرگەن «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى»نىڭ تەسىرى بىلەن بىر نەچچە يىل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان. «مۇسابايېف بۇرادەرلەر شىركىتى»نىڭ رۇسىيىنىڭ ياركەنت، ئالما-ئاتا، بېشكەك، سىمپىلانتىنىسكىي، نىژنىي، تاشكەنت، ئورىنبۇرگ، ئەنجان، ئوش، جالالئاباد، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى تىجارەتخانىلىرى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. چوڭ-چوڭ مۇئامىلىدارلىرى تىرىپىرەن بوپكەتكەن. نەتىجىدە، ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ئىلىكىدىكى نەچچە مىليون سوم چاررۇسىيە پۇلى قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان. سودا-تىجارەت تارىخىدا مىسلىسىز كرىزىسقا دۇچ كەلگەن ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار بۇ چاغدا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ، پاراسەت بىلەن ئىش كۆرۈپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ياش سوۋېتلەر ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.
1923-يىلى ھۈسەنباينىڭ 72 ياشقا كىرگەن ئىنىسى باھاۋۇدۇنباي موسكۋاغا بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كالىنىن (1875-1946) بىلەن كۆرۈشۈپ، سودا ئالاقىسىنى يولغا قويۇش ھەققىدە پۈتۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تاشقى سودىسى قايتىدىن گۈللەنگەن. بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى 1924-يىلى گېرمانىينىڭ لېپزىگ شەھىرىدىكى خەلقئارالىق تاۋار يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرۇلغان.
ھۈسەنباي 1926-يىلى، باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى قازا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتى» ھەركۈنى نەچچە قېتىم گۈدۈك ياڭرىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى نورمال داۋاملاشتۇرغان. يىراق-يىراقلاردىن كۆزگە چېلىقىدىغان، غۇلجا شەھىرىدىكى بىردىنبىر بەلگە خارەكتېرلىك قۇرۇلۇش بولغان زاۋۇت تۇرخۇنى ئىلى ئاسمىنىدا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان. تارىخي تۆھپىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان. 1944-يىلى كۈزدە مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا بۇ زاۋۇت مىللىي ئارمىيىنى ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگەن. 1949-يىلى يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندا، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. چۈنكى، دۆلەت خەزىنىسىنى گومېنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە ئېلىپ كەتكەن. 1949-يىلى 2-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى يولداش چېن يۈەن مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 4-سانلىق يىغىنىدا «زايوم تارقىتىپ، مالىيىدىكى قىزىل رەقەمنىڭ ئورنىنى تولدۇرايلى»[10] دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. شۇنداق قىلىپ يېڭى ھۆكۈمەت مالىيىدىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن 1950-يىلى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە زايوم تارقاتقان. «شۇ چاغدا ئىلى ۋىلايىتىگە 20 مىليون يۈەن زايوم تەقسىم قىلىنغان. <مۇسابايېف بۇرادەرلەر شىركىتى> تەشەببۇسكارلىق بىلەن 344سەر نەق ئالتۇن تاپشۇرۇپ، 27 مىليون يۈەنلىك زايوم سېتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئىلى ۋىلايىتى زايوم سېتىۋېلىشتا مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولۇپ تەقدىرلەنگەن.»[11] 1954-يىلى بۇ زاۋۇتنىڭ مال-مۈلكى باھالىنىپ، ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شىرىكچىلىكىدىكى زاۋۇتقا ئۆزگەرتىلگەن. 1958-يىلى 10-سىنتەبىر جۇدې ۋېييۈەنجاڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بۇ زاۋۇتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، «مىلللىي سانائەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. بىر ئەسىر مابەينىدە خەلق ئۈچۈن توختىماي خىزمەت قىلىپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بۇ زاۋۇت 21-ئەسىرنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن كونىراپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان. 2004-يىل 9-مايدا ۋەيران بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. ئۇقتۇرۇشنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبىسى شۇ كۈنى زاۋۇت رەھبەرلىكىگە يەتكەزگەن. ئارقىدىنلار 130 مو كۆلەمدىكى زاۋۇت ئورنى «كىمئاشتى» قىلىش ئۇسۇلىدا «يىڭجيەن» ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە 30مىليون يۈەنگە سېتىلغان. زاۋۇت ئورنى سېتىلغاندىن كېيىن «ئىلى ئوبلاستى ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتىنىڭ ۋەيران بولۇش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھېساب ئېنىقلاش خىزمەت گۇرۇپپىسى» زاۋۇتنىڭ ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلىرىنى بىراك مال يىغىۋالغۇچىلارغا سېتىۋەتكەن. سېتىۋالغۇچىلار ئۈسكۈنىلەرنى ئۇرۇپ، چېقىپ، پارچىلاپ ئېلىپ كەتكەن. پەقەت تۆت تۈرلۈك ئەسلىھە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ قويۇپ قويۇلغان. زاۋۇت ئورنىدىكى قۇرۇلۇشلار 2004-يىل ئىيۇندىن باشلاپ چېقىلغان. «شىنجاڭدا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان مىللىي سانائەت كارخانىسى»[12] بولغان بۇ زور مىراسنى، ھېچبولمىغاندا خاتىرە ئەھمىيەتكە ئىگە مەلۇم قىسمىنى قوغداپ قېلىپ ساياھەت بايلىقى قىلىش ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن.
بۇ زاۋۇت ۋەيران قىلىنىشتىن بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 2003-يىلى خەلقئارا قەدىمكى يادىكارلىقلار مۇدىرىيىتى سانائەت مىراسلىرىغا بولغان تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ سىۋېردىلوۋىسكىي ئوبلاستىدىكى نىژنىي تاغىل شەھىرىدە «نىژنىي تاغىل نىزامنامىسى» نى ماقۇللىغانىدى. بۇ، سانائەت مىراسلىرى توغرىسىدىكى تۇنجى خەلقئارالىق نىزامنامە ئىدى، شۇنداقلا سانائەت مىراسلىرى ئۇقۇمىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ، سانائەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىدىيىسىنىڭ غەلبىسى ئىدى! سانائەت مىراسلىرى ئۇقۇمى مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇقۇمى دائىرىسىگە كېڭەيتىلگەنلىكنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ئۇقۇم 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 1973-يىلى ئەنگىلىيىدە «خەلقئارا سانائەت مىراسلىرىنى قوغداش كومىتېتى» (TICCIH) قۇرۇلغان. بۇ كومىتېتنىڭ 2003-يىلى ئىيۇلدا رۇسىيىدە ئېچىلغان 12- قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا ماقۇللانغان يۇقىرىقى نىزامنامىسىنىڭ 1-بۆلىكىدە سانائەت مىراسلىرى ئۇقۇمىغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن: «سانائەت مىراسلىرى تارىخ، تېخنىكا، ئالاقىلىشىش، بىناكارلىق ياكى ئىلىم-پەن جەھەتتىكى قىممىتى بولغان سانائەت مەدەنىيىتى يادىكارلىقلىرى، خارابىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، قۇرۇلۇش، ئۈسكۈنە، سېخ، تۈگمەن، زاۋۇت، كان، پېچ، ئامبار، دۇكان ،ئېنېرگىيىنى يىغىش ۋە يەتكۈزۈش مۇئەسسەسەلىرى، قاتناش مۇئەسسەسەلىرى ھەم سانائەتكە ئالاقىدار بولغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان (مىسالەن، زاۋۇت تەمىنلىگەن ياكى ياخشىلاپ بەرگەن تۇرالغۇلار، ئىبادەتخانىلار، تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى) سورۇنلاردۇر.»
سانائەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق نىزامنامىنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا، شىنجاڭدىكى تىپىك سانائەت مىراسى بولغان «ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتى» يوق قىلىنغان. زاۋۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىشچىلارغا تەسەللىي ئورنىدا پەقەت ئىككىلا قۇرۇلۇش قالغان. ئۇنىڭ بىرى، زاۋۇتنىڭ مەسچىتى، يەنە بىرى، ئېگىز تۇرخۇنىدۇر. 2005-يىلى 22-يانۋار _ قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى مەسچىت جامائىتى پېشىن نامىزىدىن قايتىشىدا زىمىستان قىشنىڭ كۆكنى قاپلاپ لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى ئىچىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تۇرخۇننىڭ ئالدىدا «1909» دېگەن سان بار يۆلىنىشتە تۇرۇپ خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشكەن.
چېقىۋېتىلگەندىن كېيىنكى زاۋۇت خارابىسىگە قاراپ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىشقان. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ئەن يىڭشىن ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتى ئىسمى-جىسمىغا لايىق سانائەت مىراسى بولۇپ، ئۇنىڭ چېقىۋېتىلىشى ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلى مۇنداق دېگەن: «سانائەت مىراسى دېگەن بۇ ئۇقۇمنى قويۇپ تۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى تارمىقى بولۇش سۈپىتىدە ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتىنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى توك ئېقىمى ئېلىپ كېلىشىدەك مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ، بۇ كونا ئورۇننى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك ئىدى.»[13]
تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2005-يىلى 20-نويابىر زاۋۇت ئورنىغا ئولتۇراق رايون سېلىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان ئۆي-مۈلۈك شىركىتى «قۇرۇلۇش پىلانىغا تەسىر يەتكۈزدى»، «خەتەرلىك قۇرۇلۇش» دېگەننى باھانە قىلىپ، مىللىي سانائەت تارىخىمىزنىڭ بىردىنبىر يادىكارى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تۇرخۇننى چېقىۋېتىشكە تۇتۇش قىلغان. بۇنى ئۇققان زاۋۇتنىڭ پېشقەدەم ئىشچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن بالىلىرى پەرىشان ھالدا ئالدىراپ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ تۇرخۇننى چاقماسلىقنى ئۆتۈنگەن. پۇلدىن باشقا ھېچنىمىنى چوڭ بىلمەيدىغان يېڭى خوجايىن توختىماي چېقىشقا بۇيرىغان. زاۋۇتتا بىر ئۆمۈر ئىشچى بولۇپ، پىنسىيىگە چىققان مۇھەممەت سەلەي ئىسىملىك كېسەلچان بوۋاي چاقلىق ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىر-بىرلەپ قومۇرۇپ تاشلىنىۋاتقان تۇرخۇننىڭ خىشلىرىغا قاراپ مۇزدەك كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن. گەرچە بۇ بوۋاي سانائەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۇقۇمى توغرۇلۇق ھىچنېمە بىلمىسىمۇ، ئەمما ئالىيجاناپ ئەخلاق، يۇرتنى سۆيۈش ھېسسىياتى، تۆھپىكار ئەجدادلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قاتتىق نادامەت چەككەن. شۇ چاغدا ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىسى ئاسىم مەسۇم (1926-2007) ئەپەندى 1984-يىلىدىن بېرى مەزكۇر زاۋۇتتا تەرجىمان ۋە ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن ئوغلى ئىمىنجاننى چاقىرىپ: «ئوغلۇم، بۇ بىر چوڭ يوقىتىش! ئەجدادلارغا قىلىنغان قارا يۈزلۈك! مەدەنىيەتكە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق! تارىخقا قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك! 1989-يىلى بېرلىن تېمى ئۆرۈۋېتىلگەندە، بېرلىن شەھىرىنىڭ پۇقرالىرى 40 يىللىق مىللىي ئازابنى ئەسلىتىدىغان بۇ تامنىڭ خىشلىرىنى خاتىرە ئۈچۈن بىر-ئىككىدىن ئېلىپ كېتىشكەن. سەن چېقىلىۋاتقان تۇرخۇن خىشلىرىدىن بىر نەچچىنى ساقلاپ قويغىن. نادان كىشىلەر ئەينەكە قاراپ كۆرەلمىگەننى، دانا كىشىلەر كېسەككە قاراپ كۆرەلەيدۇ، دېگەن گەپ بار، ئۇ دېگەن مىللىي سانائەت تارىخىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى» دېگەن.
ئىمىنجان ئاسىم تۇرخۇندىكى «1909» دېگەن سان ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئاق خىشتىن بىر نەچچىنى ئېلىۋالغان. باشقا كىشىلەرمۇ ئىلھاملىنىپ بىر-ئىككىدىن خىشنى ئېلىپ كېتىشكەن. شۇنداق قىلىپ، يول ئېچىش جاسارىتىگە ئىگە مەشھۇر كارخانىچى، مەرىپەتپەرۋەر ئوغلانلار ئاكا-ئۇكا ماسابايېفلارنىڭ يىڭنىدە قۇدۇق قازغاندەك مۇشەققەت ئىچىدە قۇرۇپ چىققان «ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتى» غۇلجا خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن تەلتۆكۈس غايىب بولغان.
بۇ يىل ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ غۇلجىدا زاۋۇت قۇرغىنىغا توپتوغرا 100 يىل بولدى. مىللىي سانائەتنىڭ بايرىقىنى ئانا ۋەتەن ئاسمىنىدا تۇنجى بولۇپ لەپىلدەتكەن بۇ ئىككى ئەزىمەتنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى قانداق ئۇسۇلدا خاتىرىلەش بىز ئەۋلادلارنىڭ ئەقەللىي ئەخلاقىي بۇرچى! 1985-يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئاتۇش ئىكساقتا بۇ ئىككى ئەزىمەتنىڭ يېڭى مائارىپ مەشئىلىنى تۇنجى بولۇپ ياندۇرغانلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. بىر مۇتەپەككۇر: «خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان تارىخىي پائالىيەتلىرى، ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك مەشھۇر شەخسلىرى يوق خەلق بىچارە خەلقتۇر، خاتىرىلەشكە ئەرزىگۈدەك شانلىق پائالىيەتلىرى، تىللاردا داستان بولغۇدەك مەشھۇر شەخسلىرى تۇرۇپ، خاتىرىلەشنى، ئەسلەشنى بىلمىگەن خەلق ھاماقەت خەلقتۇر!» دېگەنىكەن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر قولىدا مىللىي سانائەتنىڭ بايرىقىنى، يەنە بىرقولىدا يېڭى مائارىپنىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرگەن بۇ بۈيۈك ئەزىمەتلەرنى ياد ئېتىپ خاتىرىلەش تامامەن زۆرۈر.
مەن بۇ يىل «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 1-سانىدا «ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ سەككىز تۆھپىسى» دېگەن بىر ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ زاۋۇت قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەنىدىم. ماقالەم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىمىنجان ئاسىم غۇلجا شەھىرى 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دوستۇم غەيرەت ئەركىن ئارقىلىق ماڭا يادىكار بولسۇن ئۈچۈن ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان مەخسۇس «1909» دېگەن سانغا ئىشلىتىلگەن ئاق خىشتىن بىرنى ئەۋەتىپتۇ. مەن ئاپرېلدا بۇ خىشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بىر ئەسىردىن بۇيان ئىلى ئاسمىنىدا چاقناپ، غۇلجا خەلقىنىڭ غۇرۇر ۋە ئىپتىخار نەزىرىدە قارىشىغا مۇيەسسەر بوپكەلگەن بۇ بىر پارچە خىش بىلەن تەكرار سۆزلىشىپ، سىردىشىپ، بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. مانا بۇ مېنى ھاياجانغا سالغان بىر پارچە خىشنىڭ سىرى!
2009-يىل 21-ئىيۇن، شەھىرى ئۈرۈمچى