بىسمىللاھ

ئورنى Wikipedia

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بىسمىللاھ ھەر ئىشنىڭ بېشىدۇر. ئەركىنلىك ئىماندۇر. جاھالەتنى ئىلىم بىلەن، يوقسۇللۇقنى ھۈنەر مەرىپەت بىلەن، ئىختىلاپنى بولسا بىرلىك باراۋەرلىك بىلەن تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئۇلۇغلۇق ۋە كۈچ-قۇدرەت ئاللاھقا خاستۇر، بىر ئاللاھقىلا بويسۇنىمىز. بىسمىللاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر.

بىسمىللاھ ھەر ياخشى ئىشنىڭ بېشىدۇر، بىز ئىشىمىزنى بىسمىللاھ دەپ باشلايمىز. بىسمىللاھ تۈگىمەس پۈتمەس قۇۋۋەت، تۈگىمەيدىغان بەرىكەت. قورقماڭلار، بىسمىللاھ دەڭلار. بىسمىللاھ ھەرقانداق ياخشى ئىشنىڭ باشلىنىشى. ئاللاھ ھەممە ئىشنى ئەڭ ياخشى قىلىدۇ، ھەممە ئىشنى گۈزەل قىلىدۇ. پۈتكۈل مەخلۇقات ئۆز تىلى بىلەن ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ. پۈتۈن مەۋجۇدات ئۆز تىلى بىلەن بىسمىللاھ دەيدۇ.

( بىسمىللاھ— ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھۇ ئەكبەر— ئاللاھ ئۇلۇغدۇر. ئىنشاء ئاللاھ— ئاللاھ بۇيرۇسا. ئەلىھەمدۇلىللاھ—جىمىكى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. سۇبخانە ئاللاھ—ئاللاھ شان-شەرەپتۇر. )