Jump to content

بىلىم ئىشقىدا

ئورنى Wikipedia

بىلىم ئىشقىدا

نىمشېھىت


جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،

بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار - يوق.

قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،

ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ،  سېنى تاشلايدۇ. ھېچ ئار يوق.

كىرىڭ  كەينىگە نەپسىڭنىڭ  بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،

بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.

قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى - ئاھىغا،

يۇتۇپ زەرداپ،  پىراقتىن داد دېمەكتىن باشقىچە زار يوق.

تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم،

قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.

يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،

خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.

پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما.

سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.

ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،

قەيەرگە بارسا باش قاتماس، بىلىمدەك ئاڭا غەمكار يوق.

بىلىمسىز ساق تېنىڭ مەجرۇھ، ھەمىشە نالە - پەريادتا،

جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.

بىلىمگە ئاشىنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا  بول بۇلبۇل ،

ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.

بۇ دۇنيانىڭ قانداق   پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،

بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا، ھېچ بىر كىمگە ئەخبار يوق.

بىلىم روھىي ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،

بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس، بۇڭا ئىنكار يوق..

چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،

كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە،  ئەسرار يوق.

چاپان بىرلەن ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن،

بىلىم ئەسىرى بۈگۈن. سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.

بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىنلار  چۈشى ئوخشاش،

خىيالىي بۇ تىلەككە سەن كەبى باخشىغا جىندار يوق.

گۇمان قىلما پەلەكنى ھەرقاچان  بەختىڭگە چۆرگۈلمەس،

بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.

بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،

جاپا قىلماق جېنىغا بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق.

بىلىمدىن ھەممە ئىش مەيدانغا  چىققان   ئەسىردۇر بۇ،

بىلىش لازىمكى بىلىمسىزلەرگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق .

بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،

قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق،

زېمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق، گۇمان قىلما.

ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش، كەمەكتەك جادۇ - ھەييار يوق.

ئەجەبلەنمە  بۇلار كۆڭلى بىلىم  نۇرىدا نۇرلانغان ،

شۇنىڭچۈن كۆكتە ،سۇدا ،تاغ ،دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق .

بىلىمدىن  باغ قىلىشتا تاغنى  ھېچقانداق  جاپا كۆرمەس،

نادامەتتىن  يۇتاردا قان نادانلاردەك جاپاكار يوق .

نادانلار كۆڭلى تۈن ئوخشاش، ئۇنى پەرق ئەتكىلى بولماس،

قارا تۈندە شەپەرەڭدىن بۆلەك ئەسلا تەلەپكار يوق .

ئۆزۈڭ ھەم نىمشېھىت، بۇ پىكىرنىڭ تەستىقى بول قۇربان،

بىلىمدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق .