Jump to content

بىلگە بۇقا

ئورنى Wikipedia

بىلگە بۇقا (خەنچە: 仳理伽普華\Pǐlǐjiā pǔhuá؛ ؟ — 1252) قوچۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ۋەزىرى، موڭغۇل ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر دۆلەت ئەربابى. ئۇنىڭ ئېتى تارىخ كىتابلىرىدا 仳里伽貼木兒 ياكى 仳俚伽帖穆尔 ۋەياكى 仳俚迦(杰)忽底 شەكلىدىمۇ قەيت قىلىنغان.

بىلگە بۇقا ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىننىڭ تارقانلىرىدىن بولۇپ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىنى قارا قىتانلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ، چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىشتا مەسلىھەت كۆرسەتكەن دۆلەت ئادىمىدۇر.

ئۇمۇمىي چۈشەنچە

[تەھرىر]

بىلگە بۇقا ئىككىنچى كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىلتەرىش قاغاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ زور تۆھپە قوشقان داڭلىق ۋەزىر بىلگە تونيۇقۇقنىڭ (كۆكتۈركچە: 𐱃𐰆𐰪𐰸𐰸؛ خىتايچە: 暾欲谷؛ 646 - 724) ئەۋلادلىرىدىن بولغان، قوچۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ كۆپ ۋەزىلىرى يېتىشىپ چىققان ئاقسۆڭەك ئائىلىدە تۇغۇلغان. بىلگە تونيۇقۇقتىن 120 يىل كېيىن ياشىغان تارقان، ئىل ئۆگەسى ۋە ئاتابەگ كېجىپۇر (克直普尔) بىلگە بوقانىڭ ئىككىنچى ئوغلى يوشىمۇدنىڭ ئوغلىدۇر. ئۇ مەشھۇر يارغۇچ يۇلىن تېمۇرنىڭ ئاكىسى.

بىلگە بۇقانىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئ‍اتىسىنىڭ ئ‍ۆلۈمىدىن كېيىن تارقانلىقىغا ۋارىسلىق قىلغاندا تېخى 16 ياشتا ئىدى. بۇ چاغلاردا ئىدىقۇت قاغانلىقى قاراخىتايلارنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىغا چۈشۈپ قالغان، گۈرخان ئىبەرگەن بىر باسقاق (少监) نازارەتچى بولاتتى. تەختتىكى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېگىن گۈرخاننىڭ باسقاق بېگىنىڭ ئاشقۇن تەقىبىدىن جاق تويغان ئىدى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقاندا، 1209-يىلى، تارقان بىلگە بۇقا ئىدىقۇتقا مەسلىھەت بېرىپ، گۈرخاننىڭ باسقاق بېگىنى ئۆلتۈرۈپ، كۈنچىقىش تەرەپتە يېڭى باش كۆتۈرگەن موڭغۇل خانى چىڭگىزخاندىن ھامىيلىق سوراشنى تەكلىپ بەردى. جۇۋەينىي «تارىخى جاھانگۇشا» دا باسقاقنىڭ ھىيلە بىلەن ئوردىغا چاقىرىلىپ، قورشاۋغا ئېلىنىپ، تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەن.

بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن بىلگە بۇقا بىلگە قۇتى (仳俚迦忽底\Bilge Quti)، ئايالى قىز مىڭبىكەگە (明别吉) قىزتارىم (赫思迭林\Qïz-Tärim) ئوتۇغاتى بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، «قوچۇلۇق شيې جەمەتىنىڭ تەرجىمىھالى» دا ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ۋەزىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ شاد (設\šad) ياكى شار (沙爾\šāĺ) دەپ ئاتالغانلىقى بايان قىلىنغان. لېكىن، شاد تۈرك—ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئۇنۋانى بولۇپ، شار موڭغۇل—قىتان دۆلىتىنىڭ ئۇنۋانىدۇر، ئىككىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشىمايدۇ. بەرىلەرنىڭ قارىشىچە، ئوۋياڭ شۈەن شاد (šad) بىلەن شار (šāĺ) نى خاتا چۈشىنىۋالغان.

كېيىنچە بىلگە بۇقاغا كۆز تېگىپ، ئىدىقۇتنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى بەزىلەر ئۇنى ئالدىنى ئىدىقۇتنىڭ قۇلاق شەكىللىك قىممەتلىك مەرۋايىتىنى تىقىۋالغانلىقى بىلەن قارىلايدۇ. ئىدىقۇت قاتتىق ئاچچىقلىنىپ ئۇنى تۇتۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. ناھەقچىلىك ئ‍الدىدا ئۇ يۇرتىنى تاشلاپ چىڭگىزخاننىڭ ھۇزۇرىغا سىغىنىدۇ. چىڭگىزخان بىلگە بۇقانىڭ ئىستىدادىنى تۇنۇپ، ئۇنىڭغا 23 ناھىيەنى تارتۇق (سۇيۇرغال) قىلىپ بېرىپ، ئالتۇن يولۋاس تامغا ۋە ئالتۇن تەخت بېرىپ، كۈمۈش يولۋاس بەلگە تاقاش ئىمتىيازى بېرىدۇ. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئەمما «جامىئ‍ۇتتەۋرىخ\جامع التواريخ» دا ئۇنىڭ كېيىنچە ئۆگەدەي گۇرۇھى بىلەن تولۇي گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى قاغانلىق كۈرىشىگە قاتناشقانلىقى خاتىرىلەنگەن. مۆڭكۈ ھۆكۈمرانلىقنىڭ دەسلىپىدە، ئۆگەدەي گۇرۇھىنىڭ خانلىرىنىڭ چاقرىقى بىلەن، ئىدىقۇت سالىندى تېكىن بىلەن بىللە ئاتاقتا مۇسۇلمانلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش، ئەمەلىيەتتە ئوغۇلقايمىش خاتۇنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 50 ئەسكەرنى بەشبالىق (ھازىرقى جىمسارنىڭ شىمالىدىكى پوچېڭزى) ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولىدۇ. بۇ پىلان ئاشكارلىنىپ قېلىپ 1252 - يىلى ئۆلتۈرۈلىدۇ.

بىلگە بۇقانىڭ ئەۋلادلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق خاتىرە يوق، ئەمما ئۇ چىڭگىزخان تۇرغاق قويغان ئىنىسى يۇلىن تېمۇرنىڭ ئەۋلادلىرى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يېتىشتۈرگەن كۈچلۈك ئائىلىگە ئايلاندى.

ئائىلە: گاۋچاڭ شيې ئۇرۇقى

[تەھرىر]
  • ئاتىسى: يوشمۇت (لاتىن: Yoşmut؛ خەنچە: 堊思弼/èsībì)
  • تاغىسى: توقىش (لاتىن: Toqiš؛ خەنچە:多和思/duōhésī)
    • نەۋرە ئاكىسى: سارغىس (لاتىن: Sargïs؛ خەنچە:撒吉思/sājísī)
      • جىيەن (نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئوغلى): دارما (لاتىن: Dharma؛ خەنچە:答里麻/dālǐmá)

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  • Bahaeddin Ögel. "Sino-Turcica: çingiz han ve çin'deki hanedanĭnĭn türk müşavirleri." (1964).
  • 安部健夫『西ウイグル国史の研究』彙文堂書店、1950年
  • 白玉冬/松井太「フフホト白塔のウイグル語題記銘文」『内陸アジア言語の研究』31巻、2016年
  • 中村健太郎「ウイグル語仏典からモンゴル語仏典へ」『内陸アジア言語の研究』22巻、2007年
  • 松井太「『モンゴル時代の「知」の東西』を読む(二)」『内陸アジア言語の研究』35巻、2020年
  • 劉迎勝『察合台汗国史研究』上海古籍出版社、2006年
  • 『元史』巻124列伝11岳璘帖穆爾伝
  • 『新元史』巻136列伝33岳璘帖木児伝
  • 『蒙兀児史記』巻45列伝27岳璘帖木児伝