Jump to content

بىنورماللىق

ئورنى Wikipedia

بىنورماللىق

تاجاۋۇزچىلار مىللەت گەۋدىسىگە مۇسەللەت بولغاندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا مىللەتنىڭ گەۋدىسىنى خۇددى بۇ مىللەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى بۆلۈپ ئىدارە قىلغىنى كەبى ئىزچىل يىمىرىپ تاشلاش، پارچىلاش ۋە بىر گەۋدە ھالىتىگە قايتىپ كېلىش يولىنى بۇزۇپ تاشلاش قەستىدە بولۇپ كەلدى. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماستىن، ئەسلىگە قايتىش ۋە ئويغىنىش يولىنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئۆزلۈكىنى تېپىش، ئۆزىنى تونۇش، تەۋەلىكىنى ۋە كىملىكىنى تونۇشقا بولغان ئۈمىدىنىمۇ بەربات قىلماقچى بولۇپ تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. بۈگۈن ئەنە شۇ ھەرىكەت ۋە ئەمگەكلەرنىڭ مېۋە بېرىۋاتقانلىقى ئەقىل كۆزى بىلەن كۈزىتىۋاتقانلار ئۈچۈن سىر بولمىسا كېرەك.

نۆۋەتتە ئىززەتنىڭ، شەرەپنىڭ، مەرتلىكنىڭ، جاسارەت ۋە پىداكارلىقنىڭ يارقىن سەھنىسى بولغان مىللىي دەۋا سەھنىسىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىنورماللىقلار يەتكۈچە كۆزگە چىلىقىپ تۇرۇپتۇ. مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ھەرىكەتتىن سۆز ئېچىپ تۇرۇپ ئەمەلىيەتتە شالغۇت ئىدىيەلەرنى بازارغا سېلىش، ئىلمىي پىكىر ۋە سىستېملىق نەزەرىيەۋى ئاساسلارنىڭ رولىنى يوق ساناپ قارىسىغا ھەرىكەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، قاتمال ۋە شاكال مىللەتچىلىكنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق رېلىسنى بۇراش ياكى مەسىلە ئۈستىگە مەسىلە پەيدا قىلىش، ھېچبىر تارىخىي ۋە ئىلمىي ۋە ئەمەلىي رېئالىققا چۈشمەيدىغان سەپسەتىلەر ئوتتۇرىلىقتا يورغىلاپ يۈرۈپتۇ. كۈلكىلىك يېرى، بۇنداق سەپسەتىلەرگە قاتتىق ھىماتچى بولۇپ كۆرۈنۈۋاتقان، تارىخچىلىقتىن، مىللەتچىلىكتىن، دىنچىلىكتىن، تىلچىلىقتىن، ئىشقىلىپ تەبىئىي پەندىن سىرت قانداق ساھە بولسا، نېمە تېما بولسا، ئاشۇنىڭدىن ھېكايە سۆزلەپ، كاپشىپ ئارام بەرمەيدىغان «تەتقىقاتچى»لارمۇ بوي كۆرسىتىپ يۈرۈۋاتىدۇ. نېمىنىڭ خېرىدارى بولسا، شۇنىڭ پېيىدە يۈرىدىغان بۇ بازارچىلار مىللەتنىڭ ئۇيغۇر ئىسمىدىن باشقا ھەممە نەرسىسىگە قوشۇق سېلىپ يۈرۈۋاتقانلىقى، قارا ساۋات سەۋىيەسىدە تۇرۇپ ئارىلىشىۋېلىۋاتقان پەن ۋە ئىلىم ساھەلىرىگە قانداقتۇر تۇتۇمسىز، ئېنىقسىز، شاكال ئىدىيەلەرگە ئورالغان پاخال شۇئارلارنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقىدەك بىر ھالەتنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇنداق بىر ھالەتنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى دەرۋەقە بىر بىنورماللىقنىڭ نورماللىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللىقانداق بىر ئۇرۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش يولى ئىزدەش، كۆنۈكتۈرۈلۈشلەردىن بوشىنىش ۋە ئالدىنئالا ئىدىيەۋى تەييارلىقلار، كېرەكلىك چارە - تەدبىرلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇش مۇھىم بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتلەردە خۇددى ۋەزىپىسىنى كۆز كۆز قىلىۋاتقاندەك، ھەر مەۋسۇمدە ئوخشىمىغان غەۋغالارنىڭ باش كۆتۈرۈشى، قەرەللىك شەكىلدە ئۇقۇم جىدەللىرىنىڭ ئايىنىپ قېلىشى ئەمەلىيەتتە بىنورماللاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىپادىسى.

بىنورماللاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىگە مىللەتنىڭ مەسىلىسىنى ئۇقۇم جىدەللىرىگە قاپساپ قويۇش، ھېچقانداق توقۇنۇشسىز ھەل قىلغىلى بولىدىغان ۋە شۇنداق قىلىنىپ كېلىنگەن مەسىلىلەرنى گويا توقۇنۇشتەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلارنى، ئۇيغۇرلۇق ئىسمىنى سۇيئىستېمالچىلىق ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش، ئۇيغۇرنىڭ دىنى بىلەن مەدەنىيىتىنى رەقىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈش، ئۇيغۇرلۇق بىلەن تۈركپەرۋەرلىكنى زىتلاشتۇرۇش، تۈركىي ئەجداد بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. مىللىي ئىرادىنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ قىلىنىۋاتقان بۇ خىل ئۇرۇنۇش ۋە قايمۇقتۇرۇشلار ئېنىقكى بىزنىڭ نورماللىشىشىمىزنى كۆرەلمەيدىغان، نورماللىقتىن ھالقىپ ساپلىشىشنى، سەۋىيەلىك بىر توپلۇمغا ئايلىنىشىمىزنى، ساپالىق ۋە بىلىملىكلەر قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساستا دەۋانىڭ خاراكتېرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە دەۋا سېپىنى سەرخىللاشتۇرغان ئاساستا قەدەم ئېلىشىمىزنى خالىمايدىغانلارنى خۇش قېلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرگە نورماللىقنىڭ كىملەرنىڭ ئۈمىدى ئىكەنلىكى، بىنورماللىقنىڭ كىملەرنىڭ كۈتۈۋاتقان نەتىجىسى ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن قارىغان چاغدا ئايرىش ئىشىمىزنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

يازار: بۇرھان مۇھەممەد

2019-07-11


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى