بۇرۇن قاناش
بۇرۇن قاناش كىلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، بۇرۇن كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن، يەنە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. بۇرۇن قاناش كۆپىنچە بۇرۇننىڭ بىر تەرىپىدىن، ئاز ساندىكى ئەھۋالدا ھەر ئىككى تەرەپتىن قاناش پەيدا بولىدۇ ؛
قولاي تىزىملىك قامۇس باشبېتىسۈرەتلەر مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك
ئۆتكۈر كاناي ياللۇغى
بويۇن ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش
كۆز قوتۇرى
تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى غەرب تېبابىتى نامى :بۇرۇن قاناش
ئاساسلىق ئالامىتى :بۇرۇن ئۇشتۇمتۇت قاناپ كېتىش، قان پات توختىماسلىق، بەزىدە باش ئاغرىش، يۈز-كۆزى قىزىرىش، كۆپرەك قان ئاققاندا چىرايى تاتىرىش، يۈرەك سېلىش
كېسەللىك سەۋەبى :قاننىڭ سۇيۇلۇپ يېپىشقاقلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، بۇرۇن ئىچىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى ياكى بۇرۇن ئىچىنىڭ قۇرغاقلىشىشى
تەۋە بۆلۈم :بەش ئەزا بۆلۈمى
يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ
كېسەللىك ئورنى :بۇرۇن
ئىنگلىزچە نامى :Epistaxis
كېسەللىك ھەققىدە
بۇرۇن قاناش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ بوھران مەزگىلىدە ۋە قاننىڭ سۇيۇلۇپ يېپىشقاقلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، بۇرۇن ئىچىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى ياكى بۇرۇن ئىچىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، قان ياسىغۇچى ئورگانلار پائالىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە بۇرۇن كولاش ئادىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مەسىلەن: قارا كېزىك، سەرسام (مېڭە پەردە ياللۇغى)، زاتىررىيە، قىزىل، بوغما، ئېغىر زۇكام قاتارلىق كېسەللەرنىڭ بوھران كۈنلىرىدە تەبىئەت (بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى) كۈچلۈك كېلىپ كېسەلنى يەڭگەنلىكتىن بۇرۇن قانايدۇ. ئىسسىق (ئاپتاپ) ئۆتۈشتىنمۇ بۇرۇن قاناش كېلىپ چىقىدۇ. ئومۇمىي بەدەندە ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن سەپرا ماددىسى غالىب كېلىپ قاننى سۇيۇلدۇرۇپ بۇرۇن ئىچىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن بۇرۇن قانايدۇ. مېڭىنىڭ تېگىدىكى قان تومۇرلىرى چىڭقىلىپ يېرىلىش، ئۈزۈلۈشتىن بۇرۇن قانايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بەزى كىشىلەردە بۇرۇنغا بىرەر نەرسە تېگىش، يىقىلىش تۈپەيلىدىن بۇرۇننىڭ ئىچىدىكى تومۇرلار زەخىملىنىپ بۇرۇن قانايدۇ. زەھەرلىك يىلانلار چاققاندىمۇ قان سۇيۇلۇپ بۇرۇن قاناش كېلىپ چىقىدۇ. جىگەر قاتارلىق قان ھاسىل قىلغۇچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ناچارلاشقاندا، بۆرەك كېسەللىكلىرىدە، قان تومۇرلىرىنىڭ خىزمىتى ناچار كىشىلەر يۈگۈرگەندە ۋە سەكرىگەندىمۇ بۇرۇن قانايدۇ. بۇرۇننى بارماق بىلەن كولاپ ئۇششاق تومۇرلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويسىمۇ بۇرۇن قانايدۇ. پېشانە ئاستىدىكى سۆڭەك سۇنغاندىمۇ بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئالامىتى: بۇرۇن ئۇشتۇمتۇت قاناپ كېتىش، قان پات توختىماسلىق، بەزىدە باش ئاغرىش، يۈز-كۆزى قىزىرىش، كۆپرەك قان ئاققاندا چىرايى تاتىرىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئۆتكۈر يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ بوھران كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن بۇرۇن قاناشتا ئۇشتۇمتۇت قاناپ قويۇق قارامتۇل قان كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىماردا تەرلەش، ئىچى سۈرۈش، قىزىتما چۈشۈشتەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
بۇرۇن قانىغان مەزگىللەردە كېزىك، قاتتىق زۇكام، ئاپتاپ ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر كۆرۈلسە ئۆزىگە خاس بەلگىلىرى كۆرىلىدۇ. مەسىلەن بەدەن قىزىش، باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئىلىشىش قاتارلىقلار. سەپرا ماددىسىنىڭ غالىبلىقىدىن بولغان بۇرۇن قاناشتا سەپرا غالىبلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇرۇندىن چىققان قان سۇيۇق، سۇس قىزىل رەڭدە بولۇپ، قان تەسلىكتە توختايدۇ. قاناش ئۇزۇنغا سوزۇلۇش ياكى ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. چىرايى سارغۇچ، تىل گېزى سېرىق، تومۇرى تېز، ئىنچىكە بولىدۇ. مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يېرىلىشىدىن بولغان بۇرۇن قاناشتا ئاۋۋال باش قاتتىق ئاغرىيدۇ. يۈزى، كۆزى قىزىرىدۇ. بۇرۇندىن چىققان قان جىرتىلداپ چىقىدۇ. چىققان قان سۇيۇق، ساپ قىزىل رەڭدە بولىدۇ. پات-پات قانايدۇ. چىققان قان ئىسسىق بولسا شەريان تومۇرنىڭ يېرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇرۇن قاناش بىرەر ھادىسە سەۋەبىدىن زەخىملەنگەنلىكتىن بولغان بۇرۇن قاناشتا باش ئايلىنىش، سەكتە سۇبات كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش مېڭە چالغۇنۇش، مېڭە خىزمىتى بۇزۇلۇش ئالامەتلىرىمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
زەھەرلىك يىلان چاققاندىن بولغان بۇرۇن قاناشتا زەھەرلىك يىلان چاققانلىق تارىخى بولىدۇ ھەمدە زەھەرلىك يىلان چاققاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
قان ھاسىل قىلغۇچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاشقاندىن بولغان بۇرۇن قاناشتا ئىلگىرى شۇ ئەزالار خىزمىتى ئاجىزلاشقانغا دائىر ئالامەتلەر بولغان بولىدۇ ۋە باشقىلار.
مۇندەرىجە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ئاساسىي ئۇچۇرلىرى كېسەللىك ھەققىدە داۋالاش ئۇسۇلى 1-رېتسېپ 2-رېتسېپ 3-رېتسېپ سۈرەتلەر قامۇس باشبېتى داۋالاش ئۇسۇلى 1-رېتسېپ تەركىبى: ئانار گۈلى، ئانار پوستى، قىزىلگۈل، سېرىقچېچەك 10 گىرامدىن، سەندەل بىر گىرام، گاۋزىبان ئۈچ گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ تەركىبى: ھاك ياكى گەج مەلۇم مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم ھۆللەنگەن پەلكۈچنى سوقۇلغان دورىغا مىلەپ بۇرۇن ئىچىگە تىقىپ قويۇلىدۇ.
3-رېتسېپ تەركىبى: قەغەز كۈلى، تۇخۇم شاكىلىنىڭ كۈلى، ئاقاقىيا، ئانار پوستى ئالتە گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، رەيھان سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىر تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: دورىنى پەلكۈچكە مىلەپ بۇرۇن تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇلىدۇ.
بۆھراننىڭ تەسىرىدىن بۇرۇن قانىغاندا قاننى توختىتىشقا چارە قىلمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ ياكى قايتا تەكرارلانمايدۇ. بۇ خىلدىكى بۇرۇن قاناش بۆھراننى كەلتۈرۈپ كېسەللىكلەرگە كۆپىنچە ھاللاردا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تومۇردىن قان ئېلىشنىڭ رولىنى ئوينىشى مۇمكىن. لېكىن بەك ئېغىر دەرىجىدە بولسا مۇۋاپىق چارە قىلىش لازىم. سەپرا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان بۇرۇن قاناشنى داۋالاشتا قاننىڭ تېزلىكى ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىپ نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن دەرھال باشنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇش، باشمالتاق بىلەن يۇقىرىقى كالچۇكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىنى بېسىش، يۇقىرى بىلەكنى بوغۇش، ئىككى قۇلاقتىن ئۇۋۇلاش، ئىككى پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاش لازىم ھەمدە چىلان شەربىتى، نىيلۇفەر شەربىتى، زىرىشىك شەربىتى، مەتبۇخى ھەلىيلە، مەتبۇخى شاھتەررە، رىباس شەربىتى قاتارلىقلارنى كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەغەزنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى كۆك يۇمغاقسۈت سۈيى ياكى ئاياللارنىڭ سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا سېلىش لازىم.
بۇرۇن قاناش
10گىرام زەمچىنى سوقۇپ 100 گىرام سىركە بىلەن قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ بۇرۇنغا تېمىتىش لازىم.
بادرۇج (تاغ رەيھىنى) نىڭ سۈيىنى بۇرۇنغا تېمىتسىمۇ قاننى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. باش ئارقىسىدىكى چوڭقۇرچاققا لوڭقا قويۇشنىڭمۇ بۇرۇن قاناشنى توختىتىش ئۈچۈن پايدىسى بار. بەزىدە ئوڭ بۇرۇن تۆشۈكى قانىسا جىگەر ساھەسىگە، سول بۇرۇن تۆشۈكى قانىسا تال ساھەسىگە لوڭقا قويسىمۇ بولىدۇ.
كېسەلنىڭ بېشىنى ئېگىزرەك قويۇپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، باش ۋە قاڭشىرىغا سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگە قويۇپ، پات-پات يەڭگۈشلەپ تۇرۇش كېرەك.
ئەگەر بۇرۇن قاناش ياخشى بولماي ئۇزۇنغا سوزۇلسا، قۇرسى كەھرىبا، شەربىتى ئەنجىباھار بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گىلى ئەرمىنى، نىشاستىدىن باراۋەر ئېلىپ بىر ئاز كافور قوشۇپ سىركە بىلەن خېمىر قىلىپ، چېكىگە بىر قانچە قېتىم تېڭىش كېرەك.
1-رېتسېپ
تەركىبى: ئانار گۈلى، ئانار پوستى، قىزىلگۈل، سېرىقچېچەك 10 گىرامدىن، سەندەل بىر گىرام، گاۋزىبان ئۈچ گىرام.

قامۇس asd
تەكلىپ بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ قامۇس ھەققىدە
ئىزدە قامۇسى - ئىزدە تورى
© 2015 IZDA.COM