بۇلاق

ئورنى Wikipedia

<بۇلاق> - ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى پەسىللىك ژۇرنىلى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى <بۇلاق> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تۈزۈپ نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال 1980 - يىل 6 - ئايدىن تارتىپ مەجمۇئە شەكلىدە نەشر قىلىنشقا باشلىغان، شۇنىڭدىن تارتىپ تەخمىنەن يىلىغا تۆت سان نەشر قىلىنغان، 1986 - يىلدىن باشلاپ ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلىپ، بىر تۇتاش تارقىتىلىشقا ھەم چەت ئەللەرگىمۇ چىقىرىلىشقا باشلىغان. بۇ ژۇرنال ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ژۇرنال ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىمۇ خېلى چوڭ تەسىرگە ئىگە. ژۇرنالنىڭ ھازىر <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن>، <شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن>، <ئەدەبىي مۇھاكىمە>، <مەشھۇر ئەسەرلەر>، <خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن> قاتارلىق سەھىپىلىرى بار.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]