بۇلغارىيە

ئورنى Wikipedia


row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى

بولغارىيە جۇمھۇرىيىتى Republic of Bulgaria پايتەخت: سوفىيە، ئاھالىسى 1مىلىيۇن 173مىڭ زىمىنى 110مىڭ910 كۇۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى: بېلارۇسىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 7مىلىيۇن 385مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 80%نى سلاۋيان تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان بۇلغارلار، 10%نى تۈركلەر، 5%نى سىگانلار،3%نى پوماكلار(مۇسۇلمان بۇلغارلار)، 2%نى ماكىدون، ئەرمەن ۋە باشقىلار ئىگەللەيدۇ.بۇلغار تىلى دۆلەت تىلى. دىنى : بۇلغارلار پراۋىسلاۋ دىنىغا ئىشىنىدۇ. تۈركلەر ۋە پوماكلار ھەمدە سىگانلارنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. پۇلى:لېۋ. 2006-يىلى 1.5576لېۋ=بىر دوللار، 2004-يىلى 1.575لېۋ= بىر دوللار، 2002-يىلى 2.077لېۋ= بىر دوللار ئىقتىسادى: 2006 -يىلى بۇلغارىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 27مىليارت850مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا3773دوللار توغرا كەلگەن. بۇلغارىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 5%-6% بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمى:( 1878-يىلى)3 -ئاينىڭ 3-كۈنى، بۇلغارىيەنىڭ تۈركىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان كۈنى ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(2- ۋاقىت رايونى)

قىسقىچە تارىخى:[تەھرىرلەش]

بۇلغارىيە زىمىنى ھىتىتلارنىڭ(مۇستەقىل تىل ئائىلىسىدىكى ياۋروپا تىلى) ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنلا يۇنانلىقلار ۋە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا زىمىنى بولغان. 2-ئەسىردىن كېيىن ۋولگا ۋادىسىدىن كەلگەن بۇلغار تۈركلىرى ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان، مىلادى 395-يىلدىن باشلاپ شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 6-ئەسىردىن كېيىن جەنۇپقا كۆچكەن سلاۋيانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ قالغان ۋە 681-يىلى تۇنجى بۇلغار پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، مىلادى 1018-يىلى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى بۇلغارىيىنى يەنە بىر قېتىم بېسىۋالغان. 1185-يىلى بۇلغارىيە يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن.1396-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1877-يىلى تۈركىيە-روسىيە ئۇرۇشىدا تۈركىيە مەغلۇپ بولۇپ ئىككىنچى يىلى بۇلغارىيە يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. ئىككى قرتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ككپ قىسىم زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ،1990-يىلى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. بۇلغارىيە -2008 يىلى ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا رەسمى ئەزا بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

بۇلغارىيە تېرىلغۇ يېرى ۋە كان بايلىغى قىس بولسىمۇ، دۇنيا بويىچە ئەتىرگۈل ئىكىسپورتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، مەملىكەت زىمىنىنىڭ 35%نى ئورمانلىق ئىگەللىگەچكە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ سابىق سوتسىيالىستىك ئەللەر ئىچىدىكى باي دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئاھالىدە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى 1978-يىلىلا ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ 11.8% ئالى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە. 2006-يىلى بۇلغارىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %13.6، سانائەت %32.1، مۇلازىمەت %54.3نى ئىگەللىگەن بولۇپ . -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 2مىلىيۇن483مىڭ، يانپون ئابونتى 6 مىليۇن245مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 2مىلىيۇن 200مىڭ بولغان.